چىكىنىڭ
ئائىلە قۇرۇش ۋە ئەۋلاد تەربىيلەشنىڭ مۇھىملىقى

ئائىلە قۇرۇش ۋە ئەۋلاد تەربىيلەشنىڭ مۇھىملىقى

ئائىلە كىچىك جەمىيەتتۇر. جەمىيەتنى چوڭ بىنا دېسەك، ئائىلە شۇ بىنانىڭ ئاساسى، شەخسلەر ئاساسنىڭ بىرلەشمىلىرىدۇر. ئائىلە قارشى ئەر كىشى بىلەن ئايال كىشىنىڭ ھاياتلىق ئۆمرىنى بىرگە ئۆتكۈزۈشنى نىيەت قىلىپ نىكاھلىنىشى بىلەن قۇرۇلىدۇ.  نەپسىنى ھارامدىن ساقلاپ، بەختلىك ھايات ياشاش، پەقەت ئائىلە قۇرۇش ۋە ياراملىق بىر نەسىل يېتىلدۈرۈش بىلەن ئەمىلىلىشىدۇ.

تۇنجى پەيغەمبەر ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەر  نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق}[1].

 نىكاھلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  {ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھ نىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر}[2].

{﴿ ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار }[3].

نىكاھلىنىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نىكاھ مېنىڭ سۈننىتىم، كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس»[4].

يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار جامەسى! سىلەردىن قادىر بولغانلىرىڭلار توي قىلسۇن! توي قىلىش كۆزنى ۋە جىنسىي ئەزانى ھارامدىن ساقلاپ قالىدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن! روزا تۇتۇش ئۇنىڭ ئىشقى ھەۋىسىنى پەسەيتىدۇ»[5].

ئەقلى نورمال، بالاغەتكە يەتكەن، توي قىلىش شارائىتى بارلار توي قىلىشى كېرەك، سەۋەپسىز توي قىلمىغان كىشى يوقرىدىكى ھەدىسكە ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيىھىسسلامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. خاتا ئەقىدىگە ئىخلاس قىلىپ، بارلىق مەنىۋى-ماددىي مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىپ، تەركى دۇنيا بولۇپ، ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشنى بانا قىلىپ توي قىلىشنى رەت قىلىشى بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە: ”ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز، دەپ قارىغانلىقلىرىدىن ” بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرىۋەتكەن تۇرسا دېيىشىدۇ “ يەنى ئونداق بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز ئىبادەت قىلسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېگەن چۈشەنچىگە كېلىدۇ ـ دە، ئۇلاردىن بىرى: ”مەن يىل بويى كۈندە روزا تۇتىمەن“ دەيدۇ. يەنە بىرى:  ”مەن ئايال كىشىدىن يىراق تۇرىمەن، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەيمەن“ دەيدۇ، ئۈچىنچىسى ”مەن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن “ دەيدۇ، بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنى، بۇنى دېيىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئاراڭلاردا، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھ دىن ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ تەقۋا كىشىڭلارمەن. لېكىن مەن كېچىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيمەن، بەزى ۋاقىتلىرىدا بولسا ئۇخلايمەن، (رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە) گاھىدا روزا تۇتىمەن، گاھىدا تۇتمايمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ بۇ يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس»[6] دەيدۇ.

ئىسلام دىنى توي قىلىپ ئائىلىلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئائىلىلىك بولغاندىلا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئائىلىدە، جەمىيەتتە ھوقۇق، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ، توي قىلىش جەمىيەت ئۈچۈن ياخشى ئىز باسار يېتىشتۇرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بالىلارنىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئاتا-ئانىلاردا. ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۇستازى، تەربىيىچىسى، يېتەكچىسىدۇر. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيىلەپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ، ئىلكىدە بارىنى بالىلارغا ئاتىغاندىلا سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەپ چىقالايدۇ.

بالا ئائىلىنىڭ بەختى، زىننىتى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، ئامانىتى، بىزگە ئاتا قىلغان چوڭ ئىنئامى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:«ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر»[7].

شۇڭا، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى قەدىرلەپ، ئاسراپ، بالىنى ياخشى تەربىيىلەش بىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز، بۇ مەسئۇلىيەتتىن قىيامەت كۈنى چوقۇم ھېساب بېرىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ھەممىڭلار پادىچى، پادىچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ پادىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئىماممۇ (يەنى دۆلەت رەئىسىمۇ) ئۆز قەۋمىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشايدۇ، ئۇمۇ ئۆز پادىسى بولغان قەۋمىدىن سوئال قىلىنىدۇ. ئەر كىشىمۇ ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئائىلىسىدىن ئىبارەت بولغان بىر بۆلەك پادىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ“ دېگەن ئىدى.

جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلىملىك، تالانتلىق، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك، ئالىم، ئىنژېنېر، سىياسىئون ۋە قوماندانلارغا باغلىق. جەمىيەت تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدىغان بىلىملىك، تالانتلىق، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك، ئالىم، ئىنژېنېر، سىياسىئون ۋە قوماندانلار دەسلەپتە ئائىلىلەردىن تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلارنى جەمىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلماسلىق، جەمىيەتتە يەرگە قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش، زېھىن ئىشلىتىش، مەبلەغ سېلىش كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈنگەنلەر پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ياخشىلىق قىلغانلاردۇر»[8].

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: {ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ}[9].

ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋىردە بەزى ئاتا-ئانىلار ئىمانى سۇسلىشىپ، ئاللاھ نىڭ ئەمرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۇنتۇپ، بۇ دۇنيالىققا بەك ھېرىس بولۇپ پۇلپەرەسلىك، ئابرۇيپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك، راھەتپەرەسلىك، ئىشقۋازلىق، قىمارۋازلىق، مەيخورلۇققا بېرىلىپ ئائىلىسىنى، خوتۇن-بالىلىرىنى، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى، پەرزلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ؛ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىشى، تەربىيىلىنىشى، تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. پۇلنى كۆرۈپ كۆزى قىزىرىپ، ھالال-ھارام دەپ ئايرىماي ئەسەبىيلەرچە پۇلخۇمار چاكىنىلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بەزىلەر پۇل تېپىپ بېلىنى توم قىلىپ كوچا ئايلىنىپ قىز-چوكانلارغا پوخۇرلۇق قىلىپ، سۆيۈملۈك ئايالىنى تاشلاپ، ئۇچرىغان شاللاق ئاياللار بىلەن زىناخورلۇق قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر كېچە-كېچىلەردە قىمار ئويناپ، بىر يىل ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى بىر كېچىدە دوغا تىكىپ، ئۇتۇلغانچە ئويناپ قەرزگە بوغۇلۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. بەزىلىرى زەھەر سېتىپ، پايدىنى كۆزلەپ باشقىلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ دوزاخ ئازابىغا تاشلاۋاتىدۇ.

مۇھىت-شارائىت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئائىلە مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ھالەتتە بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟

ئاللاھ تائالا بىزنى:{ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بۇلۇڭلار}[10]، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «زىنا قىلغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا زىنا قىلمايدۇ. ھاراق ئىچكۈچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ھاراق ئىچمەيدۇ. ئوغرىلىق قىلغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ئوغرىلىق قىلمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى بۇلىغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ ماللىرىنى بۇلىمايدۇ»[11]، دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى.

دېمەك، بۇ ئايەت-ھەدىسلەردە، ھاراق ئىچكەن، قىمار ئوينىغان، پال سالغانلار بۇتپەرەسلەر بىلەن قاتار قويۇلۇپ، ئۇ ئىشلار شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىق دېيىلىش ئارقىلىق، بۇ ئىشلارنىڭ سۈپىتى، شۇ ئىشنى قىلغۇچىلارنىڭ خاراكتېرى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن، ھەمدە زىناخور، قىمارۋاز، ھاراقكەش، ئوغرى، بۇلاڭچىلارنىڭ كامىل مۆئمىن ئەمەسلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئېزىزى قېرىنداشلار! پۇل تېپىش، پۇل ساناشنىلا ئويلىماي قىيامەتنىمۇ، قىيامەتتىكى سوئال-سوراق، جازا-مۇكاپاتنىمۇ ئويلاپ قويايلى. بۇ دۇنيا پانىيدۇر، پانىي  يوقىلىدۇ، تۈگەيدۇ. ئاخىرەت مەڭگۈ باقىيدۇر، ئاخىرەتتە ئۆلۈش يوق.

بەزى ئائىلىلەر ھۇرۇنلۇق، قاشاڭلىق قىلىپ ئىشلەشتىن، جاپادىن قېچىپ، تەييارنى كۆرسە جىقراق يەپ كېكىرىپ، يوق بولۇپ قالسا قىسىلىپ كۈن ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھ رىزىق تېپىپ يېيىش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلىمەيدۇ ياكى ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن سودا سېتىق كەسىپىنى قىلمايدۇ. ئۆزى ھەرىكەت قىلماي بالىلىرىنى پۇل تېپىشقا مەجبۇرلايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار كىرىمى ياخشى بولسىمۇ يەنىمۇ جىقراق پۇل تېپىش ئۈچۈن بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتماي، تىجارەت قىلىشقا زورلايدۇ. نەتىجىدە مەكتەپ تەربىيىسىدىن، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان سەبىيلەرنىڭ بەزىلىرى دىلى يارا، قولى قارا ئەمگەكچى، بەزىلىرى دىلى قارا ئالدامچى، ساختىپەز، يانچۇقچى، ئوغرى، بۇلاڭچىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى ياشلىرىمىز غەرب مەدەنىيىتى-جىنسىي ئەركىنلىكىنى مودا بىلىپ، ھېسسىياتىنى يالىڭاچلاپ، كېچىلەردە تانسىخانا، مەيخانا، ئىشرەتخانىلاردا، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، ھارامدىن تويۇنۇپ، ئۆتكەن كۈنىگە خۇش بولۇپ ئائىلىلىك بولماي(توي قىلماي) يۈرۈۋاتىدۇ. بەزىلىرى زەھەر چېكىپ تىرىك ئەرۋاھ بولۇپ ھالىدىن كېتىپ يارىماس لەقۋالارغا ئايلىنىۋاتىدۇ. بەزى چىرايلىق، نازاكەتلىك قىزلىرىمىز نازۇ-كەرەشمىسىنى بازارغا سېلىپ، شەھۋەتخورلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ، تاپ قۇشلىرىدەك ھارامدىن تويۇپ، ئەۋرەزدە بۇلغىنىپ يۈرۈۋاتىدۇ.

بۇ خىل بىنورمال ئەھۋال ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى، يۇرت-مەھەللىنىڭ ئامانلىقى، جەمىيەتنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى بۇزۇپ بالايىئاپەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئويلىسىڭىز يۈرىكىڭىز ئېچىشىدۇ، كۆرسىڭىز ئىچىڭىز ئېچىشىدۇ. مۇنداق يىرگىنىچلىك، ھالاكەتلىك گۇناھلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش توغرا ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى: {سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر}[12].

بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلار، ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارمۇ بالىلىرىمىزغا، دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى تەربىيە قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۆپرەك سۆزلەپ ئۇلارنى قايىل قىلساق ئاللاھ بىزگە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ. ناشايان ئىشلارنى كۆرگەندە قول بىلەن توسۇپ، تىل بىلەن چەكلەپ، دىل بىلەن غەزەپ قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ غەزەپ سۆزلىرىدىن ھەزەر ئەيلەيلى:

}ئۇنداق ئەمەس(سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ}[13].

}كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر}[14].

}ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ}[15].

ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئويلىساق، ئۈمىد مائارىپتا. مائارىپ دېگىنىمىزگە، ئىنسان بالىسىنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان، ئاڭ-پىكىر، ئەخلاق-پەزىلىتى، مىجەز-خاراكتېرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارغا ئائىلىدە، مەكتەپتە، جەمىيەتتە نىشانلىق، پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا بىلىم بېرىش، ماھارەت، ئىقتىدار، ھۈنەر ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئۇلارنى تېنى ساغلام، ئىدىيە، ئەخلاقى گۈزەل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشمىز كېرەك:

بىرىنجى: غايە ئۆگۈتۈش.

غايە – ئىنسانلارنىڭ ھايات ياشاشتىكى مەقسەت نىشانى. بالا ئەقلى يېتىلىپ، يېشى توشۇپ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئۆتكەندە مەن كىم بولىمەن؟ قانداق ياشايمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلايدۇ. بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى مەقسىتىگە پۈكىدۇ. مانا بۇ غايە. ئادەم غايىدىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ھايات مەنزىلىنى نىشانلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ. غايىلىك، ئىرادىلىك ئادەم ئىزچىل تىرىشسا مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە چوقۇم يېتەلەيدۇ.

ئىككىنجى: ئوقۇتۇش.

ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ كىتابى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغاندا تۇنجى قىلىپ: {ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى}[16]، دېگەن ئايەتلىرىنى نازىل قىلىپ ئوقۇش، يېزىش ۋە ئۆگىنىشنىڭ ئىنسان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ۋە زۈرۈر ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

كۆپ ئوقۇپ، كۆپ يېزىپ، كۆپ ئۆگەنگەندىلا بىلىم شەربىتى دىلىمىزغا سىڭىدۇ. جىسمىمىزغا كۈچ، كاللىمىزغا ئەقىل تولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمىكى ئىلىم ئىزدەش يولىغا كىرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغان كىشىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قاناتلىرىنى ئېچىپ بېرىۇد. ئالىم كىشىگە ئاسمانلاردىكى، زېمىنكى بارلىق مەخلۇقلار، ھەتتا سۇدىكى لەھەڭلەرمۇ مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئالىمنىڭ ئابىدقا بولغان پەزلى ئاينىڭ بارلىق يۇلتۇزلارغا پەزلىگە ئوخشاش. ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى، پەيغەمبەرلەر دىنار ياكى دىرھەمنى مىراس قالدۇرمايدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلىمنى مىراس قالدۇرىدۇ، ئىلىم ئالغان ئادەم چوڭ نېسىۋە ئالغان بولىدۇ»[17]، دېگەن.

بالىلىرىمىزنى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ”ئوقۇ”دەيلى، قولىغا شوكۇلات ئەمەس، يەنە قەلەم تۇتقۇزۇپ ”ياز“، ”ئۆگەن“دەيلى. ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىشنى ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ۋەزىپە قىلايلى.

ئۈچۈنجى: بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇشقا مەبلەغ سېلىش.

بالىلىرىمىزغا ئۈچ يېشىدىن باشلاپ ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. مەيلى يەسلىدە، باغچىدا، مەكتەپتە ياكى ئائىلىدە ئوقۇسۇن، ئۇلارغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەيلى. بەزىلىرىمىز بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىدۇ، لېكىن نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقى، قانداق ئۆگىنىۋاتقانلىقى، قانچىلىك ئۆگەنگەنلىكى، پىسخېكى ئاھۋالى قانداقلىقى، سىنىپداشلىرى بىلەن قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئوقۇش شارائىتى قاندالىقى بىلەن كارى بولمايدۇ، كۆرمەيدۇ، سورىمايدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلمايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزى كۈنىگە بىر قاپ تاماكا چېكىشىگە پۇلى كەم ئەمەس. ئەمما بالىسى دەپتەر ئالىمەن دېسە ئىككى سوم بەرمەيدۇ. نەچچە مىڭ، نەچچە تۈمەن خىراجەت قىلىپ، ”بۆشۈك توي“، ”تۇغۇلغان كۈن“، ”نەزىر“، ”خەتنە توي“ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن كومپيۇتېر ئېلىشقا زادى قوشۇلمايدۇ. بەزى ئانىلار بىر كۆڭلەك، بىر پەلتوغا نەچچە يۈز سوم، نەچچە مىڭ سومنى ئايىماي خەجلەيدۇ. بالىسى بىرەر كۇرستا ئوقۇيمەن، چەتئەل تىلى، كومپيۇتېر ئۆگىنىمەن، دېسە پۇلى يوق. پەرۋىشسىز مايسا، تاشلىۋېتىلگەن كۆچەت مېۋە بەرمەيدۇ. بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كۆپرەك مەبلەغ سالغاندىلا ئۇلار كۆپرەك بىلىم ئالالايدۇ. ئەقىل كۈچىكە سالغان مەبلەغ ھەسسىلەپ ئۆزىڭىزگە يانىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلىم بىر خەزىنىدۇر»[18].

مائارىپقا، بىلىم ئېلىشقا مەبلەغ سېلىش ئەڭ كاتتا سەدىقە ھېسابلىنىدۇ. سەدىقىنىڭ بەرىكىتىنى ئاللاھ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، سەدىقە جارىيە يەنى ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد-جامە، مەكتەپ- مەدرىسە… سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»[19].

تۆتۈنجى: ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش.

ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۆگەنگەن بىلىمنى تەھلىل قىلىپ، چۈشىنىپ، دىلغا مەھكەم ئورنىتىش ھەم شۇ ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش. ئاللاھ تائالا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا ئاۋۋال ئەقىل ئاتا قىلغان. ئىنسان ئەقىل ئىشلىتىشنى بىلگىنى ئۈچۈن ھەممە مەخلۇقتىن ئۇلۇغ. ئۆگەنگەننى چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەقىلنى تولۇقلىغىلى، كامالەتكە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئىنسان ئەقىل بىلەن قىلغان ئىشىدىن چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بالىلىرىمىز كىچىكىدىنلا كۆپرەك كۆزىتىشى، كۆرۈشى، كۆپرەك ئوقۇپ، كۆپرەك ئويلىنىشى كېرەك. كىچىك چېغىدا يېتىلەپ يۈرۈپ شەيئىلەرنى كۆرسىتىپ تونۇتۇش، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، سوئال سورىسا ئېرىنمەي جاۋاب بېرىش، رەسىملىك كىتاب، زېھىن سىنايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئوينىتىش، ئاخشاملىرى چۆچەك، قوشاق، تېپىشماقلارنى ئېيتىپ بېرىش، يەسلىدىن، مەكتەپتىن كەلگەندە چامىسى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىش، تاپشۇرۇقىنى مۇستەقىل ئىشلەتكۈزۈش، دەرستىن، كىتابلاردىن سوئال سوراپ بېقىش، ئەقىل سىناش ئېلىپ بېرىش كېرەك. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كۇرسلارغا قاتناشتۇرۇش، مۇستەقىل ئويلاپ، مۇستەقىل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش، ئىجادىيەچانلىق روھىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئائىلىدە ياخشى-ياماننى، پايدا-زىياننى، ھالال-ھارامنى تونۇتۇپ ياخشىلارنى ئۈلگە قىلىش، يامانلاردىن ئىبرەت ئېلىش، پايدىلىق ئىش بولسا كىچىك كۆرمەي قىلىش، زىيانلىق ئىشنى كىچىك بولسىمۇ قىلماسلىققا تەربىيىلەش كېرەك. ئەقىل توغرىسىدا «قۇرئان كەرىم»دە 49 ئايەت كەرىم بار. ئىسلام دىنى ئەقىلگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. بىزمۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك.

بەشىنجى: بالىلارنى ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق تەربىيىلەش.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەتتە بىزنىڭ ئەڭ كاتتا ئۈلگىمىز.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:

}ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر}[20].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەتلا  گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەۋەتىلدىم»[21] دېگەنىدى. مۇقەددەس دەستۇرىمىز «قۇرئان كەرىم» ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە ياخشىلىقنى قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان ھەممە يامان ئىشنى چەكلەيدۇ. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلارمۇ ھەر دائىم بالىلارغا ئەخلاقىي تەربىيىنى مەركەز قىلىپ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزنى: {(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر}[22] (سۈرە ئال ئىمران، 110-ئايەت) دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىن ئوبدانراق نەرسىە، يەنى ئوزۇق بېرەلمەيدۇ»[23]، دېگەن.

دېمەك، بالىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق تەربىيىلەش، ئۇلارغا ياخشى ئىش، ياخشى خۇلقنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى خاتا ئىش، گۇناھتىن توسۇش ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. ئىنسان ئېسىل پەزىلىتى، ياخشى ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن گۈزەل. ياخشى تەربىيە كۆرگەن بالىلارنىڭ دىلى گۈزەل، تىلى گۈزەل، ھەرىكىتى گۈزەل بولىدۇ. دىلى، تىلى، قولى گۈزەل بولغاندا ھەممە يەردە گۈزەل مۇھىت يارىتالايدۇ. بالىلار ئەخلاقلىق بولسا كۆڭۈللەر خاتىرجەم بولىدۇ. ئۈمىد – ئىشەنچىمىز ئارتىدۇ. ياخشى تەربىيە كۆرگەن بالىلار ياخشىلاردىن ئۈلگە، يامانلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ. ساپ ئالتۇن ئەخلەتكە كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ دات باسمىغاندەك، ئۇلار ھەر قانچە بۇزۇقلارنىڭ ئىچىدە تۇرسىمۇ ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ. بۇنداق گۈزەل ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىلار ئىلىمنىمۇ تىرىشىپ ئىگىلەپ تېز ئالغا باسىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەخلاق دەرەخ، ئىلىم مېۋە، دەرەخ بولمىسا، نەدىمۇ مېۋە بولسۇن»، دەپ ئىلىم بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن توغرا شەرھلەپ بەرگەن. ھازىر بالىلارنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلۇشى ئېغىر بولۇپ، بۇ مەسىلە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بېشى قېتىۋاتقان قىزىق نۇقتا. نوتا ئاجىز بولسا كۈچ بەرسەك، سولاشسا سۇغارساق، ئىگىلسە يۆلەپ قويساق، ئارتۇقچە شاخ-پۇتاق چىقارسا چاتاپ تۇرساق، مەزمۇت، تۈز، چىرايلىق ئۆسىدۇ. بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن ئائىلىدە گۈزەل مۇھىت يارىتىپ بەرسەك، ياخشى ئىشنى تەرىپلىسەك، يامان ئىشنى سەتلىسەك، بالىلىرىمىز ياخشى ئىش قىلسا قوللىساق، يامان ئىش قىلسا تەربىيە بەرسەك، ھەمىشە بالىلارنى كۆزىتىپ يامان خۇلقنى تۈزىتىشكە ياردەم قىلىپ ھەم قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياخشىلىققا ئىلھام بېرىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەربىيە بەرسەك، تەربىيىلەپ كېتەلەيمىز.

بالىلىرىمىز بار يەردە ھەرگىز تىل-ھاقارەت، ئۇرۇش-تالاش قىلماسلىق، تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچمەسلىك، ئۇرۇشۇپ جېدەللەشمەسلىك كېرەك. بالىلارغا قوپاللىق قىلماسلىق، يالغان سۆزلىمەسلىك كېرەك. سۆزلەشنىڭ ئەدەپلىرى، ئۆي ئىچىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەپلىرى، تائام يېيىش ئەدەپلىرى، كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش ئەدەپلىرى، كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئەدەپلىرى، مېڭىش-تۇرۇش، بەدەن ھەرىكىتىنىڭ ئەدەپلىرى…مىللىتىمىزنىڭ ھەممە ياخشى ئۆرپ-ئادەت، ئەدەپ-ئەخلاقلىرىدىن ئىزچىل، ئەستايىدىل تەربىيىلىشىمىز كېرەك.

بىر ئائىلەنىڭ ئەخلاقىدىن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى بىلگىلى بولىدۇ. بالىلىرىمىزنى يۇقىرى سەۋىيىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق تەربىيىلىسەك ئۆزىمىزگىمۇ، ئائىلىمىزگىمۇ، جەمىيتىمىزكىمۇ، ئىنسانىيەتكىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىنسانلارنىڭ بىلىمىدىن، تېخنىكىسىدىن، پەزىلىتىدىن بولىدۇ.

ئائىلە جەمىيەتنىڭ كۆزنىكى، بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە مۇھىتى، بالىلارنى تەربىيىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرسەك شۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ يېتىشىپ چىققان ئالىملىرىنى تەكشۈرسەك، شۇ مىللەتنىڭ ساپاسىنى بىلگىلى بولىدۇ.

”ھوسۇل بېرىدىغان زىرائەت مايسىسىدىن ئايان“ ئەمەسمۇ؟! ”ئۇستازى قانداق بولسا، شاگىرتى شۇنداق بولىدۇ“ . شۇڭلاشقا، بالىلارغا ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا تەربىيىسىنىڭ يېتەكچىلىك، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى شەكسىز.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتى، ۋەتەننىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارغا بولغان تەلىم-تەربىيىنى چىڭ تۇتايلى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، دەۋرنىڭ ساداسى، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز، مەسئۇلىيىتىمىز، قەرزىمىز. ئۈمىد بالىلاردا، بالىلار كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى. ھازىر بىز 21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز.

21-ئەسىر كۈچلۈكلەرنى، ئىلىم-پەندە يۈكسەلگەنلەرنى تاللايدۇ. ئاجىزلارنى، بىلىمسىز، مەدەنىيەتسىز، قابىلىيەتسىزلەرنى شاللايدۇ. ھازىر بىر قەۋم، بىر ئائىلە، بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى بىلىم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىز چوقۇم بالىلىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئالىم بولۇشلىرىغا، يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە يار-يۆلەك بولساق، بالىلىرىمىز ئۆگەنگەن بىلىمىدىن خەلققە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان بىرەر ئۈنۈم ياراتسا، بالىلىرىمىز كۈلىدۇ، بەختتىن كۈلىدۇ؛ بىزمۇ كۈلىمىز ، پەخىرلىنىپ كۈلىمىز؛ خەلقىمىز كۈلىدۇ، نەپ ئېلىپ كۈلىدۇ.

مەۋلەۋى

[1] رەئد سۈرىسى 38- ئايەت

[2] نۇر سۈرىسى 32- ئايەت

[3] رۇم سۈرىسى 21- ئايەت

[4] بۇخارى

[5] بۇخارى

[6] بۇخارى

[7] كەھف سۈرىسى 46- ئايەت

[8] بەيھەقى

[9] تەھرىم سۈرىسى 5- ئايەت

[10] مائىدە سۈرىسى 90- ئايەت

[11] بۇخارى ۋە مۇسلىم

[12] ئالى ئىمران سۈرىسى 104- ئايەت

[13] بەقەرە سۈرىسى 81-ئايەت.

[14] بەنى ئىسرئىل سۈرىسى 15- ئايەت

[15] بەقەرە سۈرىسى 222- ئايەت

[16] ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەت

[17] تىرمىزى

[18] ئەبۇ نەئىم

[19] مۇسلىم، تىرمىزى، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد.

[20] ئەھزاب سۈرىسى 21- ئايەت

[21] ئىمام ئەھمەد

[22] ئالى ئىمران سۈرىسى 110- ئايەت

[23] تىرمىزى

بۇ تېما 377قېتىم كۆرۈلدى