چىكىنىڭ
ئىبادەت مۇشەققەت ئەمەس بەلكى مۇھەببەتتۇر

ئىبادەت مۇشەققەت ئەمەس بەلكى مۇھەببەتتۇر

مىنەۋۋەر بىنتى نىئمەتۇللاھ

     بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز، يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ پاك ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابە كىراملار ۋە ياخشىلىقتا ئۇلارنىڭ يوللىرىغا ئەگەشكەن بارلىق مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن.

     ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھ يەر يۈزىدە ئۆزىنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن باسار خەلىپە يارىتىشنى ئىرادە قىلىپ، ئىنسانلاردىن تۇنجى بولۇپ ئادەم ئاتىمىزنى ياراتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً﴾ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن، دېدى.» [سۈرە بەقەرە 30-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

     ئۇنىڭدىن كىيىن ئادەم ئاتىمىزنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن ھالال جۈپتى ھەۋۋا ئانىمىزنى يارىتىپ، ئۇلار ئارقىلىق يەر يۈزىدە ئىنسان ئەۋلادىنىڭ قىيامەتكىچە ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۇلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا چاقىردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ﴾ تەرجىمىسى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» [سۈرە زارىيات 56-ئايەت].

     ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرۇش بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھ تائالا ئاقىل-بالىغ بولغان ئىنسانلارنى بىر تۈرلۈك شەرئى پرىنسىپلارنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەندىلەر ئۈستىگە يۈكلەنگەن شەرئى ئىبادەتلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادە قىلىشى بىلەن بىكىتىلگەنمۇ؟ ياكى مەزكۇر ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغانلارغا ساۋاپ ۋە ئەجىر بېرىش ئۈچۈن، ئادا قىلمىغانلارنى جازالاش ئۈچۈنمۇ؟.

     يەر يۈزىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ پاك ئۈممەت، پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدۇر. بۇ بەخىتلىك ئۈممەت ئاللاھ تائالانىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ياخشى ئۈممەت دەپ تەرىپلەنگەنلىكى تۈپەيلى، ئۇ ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن قايغۇغا چۆممەستىن بەلكى بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈپ، جانابى ئاللاھنىڭ مەدھىيەسىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە شەرەپلىك ياشىشى كېرەك. بۇ تەرىپلەش شەرىق ياكى غەربنىڭ، پادىشاھ ياكى بىرەر شەخسنىڭ مەدھىيەسى بولماستىن بەلكى پاك يەككە-يېگانە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە بەرگەن گۇۋاھلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر.» [سۈرە ئال-ئىمران 110- ئايەت].

     ئىسلام ئۈممىتى دەسلەپتە ياخشىلىق ئۈستىدە ئىدى، ھازىرمۇ ياخشىلىق ئۈستىدىدۇر، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تا قىيامەتكە قەدەر ياخشىلىق ئۈستىدە بولىدۇ. ئۈممەتنىڭ ياخشىلىق ئۈستىدە بولىشى ياكى ئەمەسلىكى، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ياشىشى ياكى ياشىماسلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

     ئىسلام ئۈممىتىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلگىرى ۋە ھازىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تولىمۇ ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتنى يارىتىشتىكى مەقسىتىنى ئەمەلىلەشتۇرىۋاتقان بىردىن-بىر ئۈممەت پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ باشقا دىندىكىلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِينَ كَالْمُجْرِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟.» [سۈرە قەلەم 35-ئايەت].

     ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئىبادەتلەرنى ئۈستىمىزگە پەرز قىلىش بىلەن روشەن نامايەن قىلىندى. شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ بىزنى ئىبادەتكە تەكلىپ قىلغىنى بىز ئۇچۇن رەھمەتتۇر. چۈنكى بىزگە تەكلىپ بېرىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا تۇرۇش شەرىپىگە لايىق بولۇشتىن ئىلگىرى تىلغا ئىلىشقا ئەرزىگۈدەك بىر ھالەتتە ئەمەس ئىدۇق.

     راستچىل مۆمىنلەر ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى، ئۇ زاتنىڭ ئۇلارغا نامازنى پەرز قىلىپ ئۆز ئالدىدا تۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلغىنىنىڭ نۇرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بىز كىم ئىدۇق، بۇنچە كاتتا ھۆرمەتكە مۇيەسسەر بولغۇدەك!؟. مىسالغا ئالساق: بىرەرسىمىز پادىشاھنىڭ ياكى رەئىسنىڭ ۋەياكى ۋەزىرنىڭ ھوزۇرىغا چاقىرىلىپ قالساق، بۇ سورۇنغا قاتناشماقنى نەقەدەر شەرەپلىك ھېس قىلىمىز-ھە!، بۇ شەرەپتىن بۇقەدەر پەخىرلىنىمىزيۇ، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان بۈيۈك ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بىزلەرگە مەخسۇس ۋاقىت ۋە ھالەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىزنى ھوزۇرىغا چاقىرسا قانداقمۇ بىز بۇ چاقىرىقتىن پەخىرلەنمەي تۇرالايمىز!.

     ئاللاھ تائالا بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۇچۇن، بىزنى ئۆزىگە يىقىنلاشتۇرغىلى ئۈستىمىزگە پەرز ئىبادەتلەرنى ۋاجىپ قىلدى.

     تائەت-ئىبادەتكە ھېرىسمەن مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولغانلىقى ئۇچۇن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ئىشلەشكە مۇيەسسەر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. گۇناھ-مەسىيەتكە چۆككۈچىلەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا خار بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۇلارنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.     ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ھېچ ئېھتىياجى يوقتۇر، بەلكى بارلىق مەخلۇقاتلار ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىقتۇر. شۇنداقلا يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلسا، ئۇ زاتنىڭ شانۇ-شەۋكىتى زىيادە بولۇپ كەتمەيدۇ. كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا كۇپرى قىلسا، ئۇنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە ھېچتەسىر كۆرسىتىلمەيدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممىدىن بۈيۈك ۋە ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّـهِ ۖ وَاللَّـهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ ، إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى اللَّـهِ بِعَزِيزٍ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر . ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس.» [سۈرە پاتىر 15-16-17-ئايەت]

     ئەگەردە ئاللاھ تائالا ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئبادەتتىن خالى قالغان ھالەتتىمۇ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىشتىن غاپىل قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّـهَ يَسْجُدُ لَهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَمَن فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِّنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ﴾ تەرجىمىسى: «بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى.» [سۇرە ھەج 18-ئايەت].

     بەندىنىڭ يەككە-يېگانە ئاللاھقا سەجدە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغىنى بولسا، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىنلىقىنىڭ ئالامىتىندۇر. بەزى كىشىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ياراتقۇچى زاتقا سەجدە قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۇچۇن دۇنيادا خار ئاخىرەتتە جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يُهِنِ اللَّـهُ فَمَا لَهُ مِن مُّكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)» [سۈرە ھەج 18-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿تُسَبِّحُ لَهُ السَّمَاوَاتُ السَّبْعُ وَالْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ ۚ وَإِن مِّن شَيْءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ وَلَـٰكِن لَّا تَفْقَهُونَ تَسْبِيحَهُمْ ۗ إِنَّهُ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا﴾ تەرجىمىسى: «يەتتە ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» [سۈرە ئىسرا 44-ئايەت].

     دېمەك؛ كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ياراتقۇچى زات ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىش بىلەن مەشغۇل ئىكەن، بىزچۇ؟، قىنى بىزدىكى قەلب؟، قىنى بىزدىكى ئەقىل؟، يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ باقتۇقمۇ؟، نۇرغۇنلىرىمىز ئىبادەت ئاللاھ تەرىپىدىن ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن مۇشەققەتلىك بىر ۋەزىپە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز، ئەمما بىز ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ھېچبىرىگە ھاجىتى يوقلىقىغا چىن قەلبىمىزدىن ئىشەنگىنىمىزدە، ئىبادەتنىڭ بەندە ئۈچۈن ھۆرمەت ۋە شەرەپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، كېيىن كېلىدىغان، ئىنسان ۋە جىن ﮬەممىڭلار ئەڭ تەقۋادار بىر ئادەمدەك بولغان تەقدىردىمۇ، مېنىڭ پادىشاﮬلىقىمغا ﮬېچنەرسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، كېيىن كېلىدىغان، ئىنسان ۋە جىن ﮬەممىڭلار ئەڭ گۇناﮬكار بىر ئادەمدەك بولغان تەقدىردىمۇ، مېنىڭ پادىشاﮬلىقىمدىن ﮬېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، كېيىن كېلىدىغان، ئىنسان ۋە جىن ﮬەممىڭلار بىر تۈزلەڭلىككە چىقىپ مەندىن تىلەكلىرىڭلارنى سورىساڭلار، مەن ﮬەر بىرىڭلارنىڭ سورىغىنىنى بەرسەممۇ، بۇ خۇددى بىر يىڭنىنى دېڭىزغا تىقىپ تارتسا، دېڭىز سۈيىدىن ﮬېچنەرسىنى كېمەيتمىگەندەك، مېنىڭ خەزىنەمدىن ﮬېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىرمۇ بىر ﮬېسابلاپ قويىمەن، كېيىن شۇنىڭغا يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىقنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولسا، ئاللاھقا ﮬەمدۇ-سانا ئېيتسۇن. يامان بىر ئىشنى قىلغان بولسا، ئۆزىدىن باشقا ﮬېچكىمگە مالامەت قىلمىسۇن.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2577-ھەدىس].

     جانابى ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بىزنى كائىناتتىكى ئىبادەت قىلغۇچى مەخلۇقاتلار قاتارىدىن قىلغانلىقى بىزنى شەرەپلەندۇرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن شەرئى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىشلا ئەمەس، بەلكى بۈيۈك بىر يەككە-يىگانە چەكسىز قۇدرەتلىك زاتنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىنى ھېس قىلغان ھالەتتە نامازنى بەرپا قىلىشى، مەزكۇر نامازخان ئۈچۈن نېمە دېگەن بۈيۈك بەخت ۋە سائادەت!. ئاددي بىر ئىنساننىڭ پادىشاھلارنىڭ-پادىشاھى بولغان بۈيۈك پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىدىنمۇ كاتتا بەخت بارمۇ؟!.

     ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ئۆزىگە يىقىنلاشقۇچىلار قاتارىدىن قىلىپ، ئۈستىمىزگە ئىبادەتلەرنى پەرز قىلدى. مانا بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغانلىقى بەندىچىلىكتىكى دەسلەپكى باسقۇچ بولسا، كەسكىن قىلىپ ئېيتالايمىزكى، بىزنىڭ يەككە-يېگانە ئاللاھقا ساغلام ئەقىدىنى ئاساس، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىپ ئىبادەت قىلىشىمىز، ئۈستىمىزدىكى ئۇنىڭ ھەققىدۇر.

     ئەگەر بىز پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە يۈكلىگەن ئىلاھى مەجبۇرىيەتنى ئىجرا قىلىشنى دۇنيا-ئاخىرەتتىكى سائادىتىمىزنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىساق، ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئىبادەتلەرنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، مۇھەببەت بىلەن ئادا قىلىشىمىز لازىم بولىدۇ.

     مۇھەببەت ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدۇر. ئىبادەت بولسا؛ ئاللاھقا مۇھەببەت قىلىشنى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقان، كۆڭلى سۇنغان ھالدا تۇرۇشنى، بارلىق بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر.

     ئىنساننىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈمەن دېيىشى، ئۇنى مەزكۇر مۇھەببەت تەقەززا قىلغان ئەمەلنى قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىتالمىسا، ئۇنىڭغا ساغلام رەۋىشتە قۇلچىلىق قىلغان ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەن بولمايدۇ.

     ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىمەن دېگۈچى؛ ئۇنىڭ بارلىق بۇيرۇق ۋە چەكلىمىسىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردىمۇ، تائەت-ئىبادەتنى ياقتۇرماسلىق بىلەن ياكى مۇئەييەن ئىبادەتنى يامان كۆرگەن ھالەتتە ئادا قىلسىمۇ، مانا بۇمۇ ئاللاھقا توغرا يول بىلەن ئىتائەت ۋە قۇلچىلىق قىلغانلىق بولمايدۇ.

     بەندىچىلىك بولسا؛ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىدا تۆۋەن تۇتۇش، بارلىق شەرئى پرىنسىپلارنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا، ھاياتتا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىش تاكامۇللىشىدۇ.

     كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا نەچچە ئون مىنۇتمۇ ۋاقىت ئالمايدىغان ئىبادەتلىرىمىز بىزگە خۇددى مۇشەققەت بىر ۋەزىپىدەك بىسىم بولغىنىدا، قېنى قانچە بىرىمىز ئاللاھ تائالا ئۈستىمىزگە پەرز قىلىپ بېكىتكەن ئىبادەتلەرنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتۇق ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى چۈشىنىشكە تىرىشتۇق؟!.

     ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! جانابى ئاللاھ سىز ۋە بىزنى ئۆزىنىڭ ئىبادىتىگە مۇيەسسەر قىلىش ئارقىلىق بۈيۈك شەرەپكە ئىگە قىلدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئىبادەتنى مۇشەققەت ھېس قىلامسىز؟!

     ئۇلۇغ رەببىم ھەممىمىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. ئامىن....