چىكىنىڭ
ئىسلامىي قېرىنداشلىق روھىنى چىڭىتىدىغان ۋاستىلار

ئىسلامىي قېرىنداشلىق روھىنى چىڭىتىدىغان ۋاستىلار

ئىسلام دىنى قېرىنداشلىق روھىنى مۇستەھكەملەيدىغان، مۇھەببەت رىشتىلىرىنى كۈچەيتىدىغان نۇرغۇن ئىجابىي ۋاسىتىلەر ۋە ئەمەلىي پرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ناۋادا قېرىنداش بولغۇچىلار بۇ ۋاسىتە، پرىنسىپلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىدىغانلا بولسا ئۇلارنىڭ دوستلۇقى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىدۇ ۋە مۇستەھكەملىنىدۇ.

قېرىنداشلار، تۆۋەندەك مەن قېرىنداشلىق روھىنى چىڭىتىدىغان ئامىللارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن:

(1) بىر – بىرىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قارشى تەرەپكە ئىزھار قىلىش

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ياخشى كۆرسە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتسۇن». [1]

ئىمام ئەبۇ داۋۇد سەھىھ ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېىنىدا تۇرغاندا، بىر ئادەم ئۇلارنىڭ قېشىدىن ئۆتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا تۇرغان ئادەم: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن ھەقىقەتەن بۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىمەن دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىدىن سەن ئۆزەڭنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئۇ ئادەمگە ئېيتتىڭمۇ دەپ سورىدى، ئۇ كىشى: ياق، دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئۇ ئادەمگە ئېيتقىن دېدى، ئۇ كىشى شۇ زامان ئۇ ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ ئۇنىڭغا: مەن سېنى ئاللاھ ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن دېگەندە، ئۇ ئادەم: سەن مېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەندەك سېنىمۇ ئاللاھ ياخشى كۆرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى».[2]

 (2) بىر-بىرىدىن غايىبانە دۇئا سوراش

ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆمرىگە رۇخسەت سورىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا رۇخسەت بېرىپ: «ئى قېرىندىشىم! بىزنى دۇئايىڭدا ئۇنتۇپ قالمىغىن» دېدى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇ سۆزىنى پۈتۈن دۇنياغا تەڭ قىلمايمەن». [3]

يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى قېرىندىشىم! بىزنى دۇئايىڭغا قۇشۇۋالغىن» دېگەن.[4] ئىمام مۇسلىم سەھىھىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

 «قانداق بىر مۇسۇلمان قېرىندىشغا غايىبانە دۇئا قىلسا ئاللاھ تەرىپىدىن بىر پەرىشتە: ساڭىمۇ شۇنداق بولسۇن، دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ».[5]

 (3) قېرىنداشلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن (خۇش-چىراي ئۇچرىشىش).

ئىمام مۇسلىم ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چىراي ئۇچراشقانچىلىك بىر ياخشىلىقنىمۇ ئاددى سانىمىغىن».[6]

 (4) قېرىندىشى بىلەن ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىشىپ كۆرۈشۈشكە ئالدىراش.

ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەقتە بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىككى مۇسۇلمان قول تۇتۇشۇپ كۆرۈشكەن ھامان ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».[7]

 (5) قېرىنداشلار پات-پات يوقلىشىپ تۇرۇش

ئىمام مالىك (مۇئەتتا) دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھ ھەدىس قۇدۇسىيدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مېنىڭ مۇھەببىتىم بىر-بىرىنى مەن ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشكەن، مەن ئۈچۈن بىر سورۇندا ئولتۇرۇشقان، مەن ئۈچۈن بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقان ۋە مەن ئۈچۈن بىر-بىرىگە پۇل-مال سەرپ قىلىشقان كىشىلەرگە خاستۇر».[8]

 (6) مۇناسىۋەتلىك پەيتلەردە بىر-بىرىنى تەبرىكلەپ خۇشاللىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش

ئىمام تەبرانى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمىكى دوستى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تەقدىم قىلسا ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى خۇرسەن قىلىدۇ». [9]

ئىسلامىي قېرىنداشلار مۇناسىۋەتلىك پەيتلەردە بىر-بىرىنى تەبرىكلىگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ۋە ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشى ئەۋزەلراق ھېسابلىنىدۇ.

مەسىلەن: پەرزەنت كۆرگەن قېرىندىشىغا (ئاللاھ ساڭا بۇ پەرزەنتىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ئاللاھ سىنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن، ئاللاھ بۇ پەرزەنتنى ساڭا (دىنىغا ۋە مىللىتىگە) ياخشلىق قىلىدىغان سالىھ پەرزەنتلەردىن قىلىپ بەرسۇن، ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزسۇن).

سەپەردىن قايتقان قېرىندىشىغا (سېنى سالامەت قىلغان، سېنى ئەھلىڭ بىلەن ئۈچراشتۈرغان ۋە سېنى ئەزىز قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بۇلسۇن».

جىھاتتىن قايتقان قېرىندىشىغا «ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلغان، سېنى ئېزىز ۋە ھۆرمەتلىك قىلغان ئاللاھ غا ھەمدۇ-سانالار بۇلسۇن». [10]

ھەجدىن قايتقان قېرىندىشىغا «ئاللاھ ھەجىڭنى قوبۇل قىلسۇن، گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلسۇن، چىقىملىرىڭنىڭ ئورنىنى تولدۇرسۇن». [11]

يېڭى توي قىلغان قېرىندىشىغا «ئاللاھ ساڭا جۆرەڭدە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ساڭا جۆرەڭنىڭ چىقىملىرىدا بەرىكەت بەرسۇن، سىلەرنى ياخشىلىق بىلەن بىريەرگە جەم قىلسۇن». [12]

ھېيىت نامىزىدىن يانغاندا «ئاللاھ سالىھ ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن». [13]

ياخشلىق قىلغان كىشىگە «ئاللاھ ساڭا، ئەھلىڭگە ۋە مېلىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، سېنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن»[14] دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشى ئەۋزەلراقتۇر.

 (7) ھەرخىل مۇناسىۋەتلەردە ئۆز-ئارا سوۋغات بېرىشىش

ئىمام دەيلەمى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆز ئارا سوۋغا قىلىشىڭلار، سوۋغا قىلىشىش دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ».

ئىمام تەبەرانى ئائىشە رەزىيە للاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆز ئارا ھەدىيە قىلىشڭلار، ھەدىيە ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت، ئۈنسى-ئۈلپەت پەيدا قىلىدۇ». [15]

 (8) قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش

ئىمام مۇسلىم ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بىر قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشىگە ياردەم قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەم قىلىدۇ، كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبنى ياپىدۇ، قانداق بىر كىشى قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولسا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ». [16]

 (9) ئىسلامىي قېرىنداشلار ئۆزئارا قېرىنداشلىق ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم

ئىسلامىي قېرىنداشلار ئاغرىپ قالسا يوقلاش، چاقىرسا بېرىش، چۈشكۈرۈپ (ئەلھەمدۇلىللاھ) دېسە ساڭا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن دېيىش، زۇلۇمغا ئۇچرىسا ياردەم قىلىش قاتارلىق قېرىنداشلىق ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم.

بىز يۇقىرىدا ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ 9 چوڭ شەرتىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈق، قېرىنداشلار يۇقىرىقى شەرتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلاپ، قېرىنداشلىق ھەق–ھوقۇقلىرىغا تولۇق رېئايە قىلسا، ئېنىقكى، قېرىنداشلىق رىشتىلىرى چېڭىپ، مېھىر-مۇھەببەت مەنالىرى تېخىمۇ ئۆز ئورنىنى تېپىپ، بۇلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا شەك يوق، ئىنشائاللاھ.

بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن قېرىنداشلىق شەرتلىرىنى ئورۇنداش، قېرىنداشلىق كۈچەيتىدىغان ئامىللارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئادەتتىكى دوست-بۇرادەرلەرگە زۆرۈر ئىشلار، مۇنداقچە ئىپادىلىگەندە مۇستەھەب دەرىجىسىدىكى ئىشلار دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئىسلامىي قېرىنداشلارغا قارىتا كەسكىن ۋاجىپ، باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس مەجبۇرىيەتتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ئادەتتىكى ئاۋام مۇسۇلمانلارغا ئىسلامىي قېرىنداشلاردىن ئىبارەت دەۋەتنىڭ ئىغىر مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئاۋانگارتلارغا قويۇلغان يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەلەپلەر قويۇلمايدۇ.

ناۋادا ئىسلامىي قېرىنداشلار ئىسلامىي كۆرسەتمىلەردە تەلەپ قىلىنغاندەك توغرا پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋام مۇسۇلمانلارغا ئۆلگىلىك رولىنىى ياخشى جارىي قىلدۇرسا، شەكسىزكى، ئاۋام مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

پروفېسسور ئابدۇللاھ ناسىھ ئۇلۋان

تەرجىمە قىلغۇچى:   م. قەشقەرى

[1] سۈنەن ئەبۇ داۋود 4-توم 332-بەت

[2] ئەلمۇستەدراك 4-توم 189-بەت

[3] سۈنەن ئەبۇ داۋود 1-توم 294-بەت

[4] سۈنەن ئەبۇ داۋود 2-توم 80-بەت

[5] سەھىھ مۇسلىم 4-توم 2094-بەت

[6] سەھىھ مۇسلىم 4-توم 2026-بەت

[7] فەتھۇل بارى 11-توم 55-بەت

[8] ئەلمۇستەدراك 4-توم 186-بەت

[9] ئەلمۇئجەم ئەسساغىير 2-توم 288-بەت

[10] مۇسنەد ئەبى يەئلا3-توم 22-بەت

[11] كەنزۇل ئۇممال6-توم 299-بەت

[12] ئەلمۇستەدراك 2-توم 199-بەت

[13] فەتھۇلبارى 2-توم 446-بەت

[14] سەھىھۇل بۇخارى 2-توم 722-بەت

[15] ئەمۇئجەمۇلئەۋسەت 6-توم 169-بەت

[16] سەھىھ مۇسلىم 4-توم 2074-بەت

بۇ تېما 494قېتىم كۆرۈلدى