چىكىنىڭ
ئىماننىڭ «ئېھتىياج» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىماننىڭ «ئېھتىياج» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي مەنىدە ئىمان كەلتۈرمىگەن بولغاچقا ئۈستىدىكى بەندىلىك مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئورۇندىمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شەك-شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ.»[1]

ئۇلار ئۆزلىرىدە ئاللاھقا ئېھتىياج چۈشمەيدىغان كۈچ-قۇۋۋەت بار دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئاسانلىقتىن قىيىنلىققا، باياشاتلىقتىن يوقسۇزلۇققا، ئەمىنلىكتىن خېيىم-خەتەرگە، ھەمدە ئېغىر قىسمەتكە ئۆزگەرگۈدەك بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئۆتكۈنچى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرگەن، ھەمدە موھتاجلىق ۋە ئاجىزلىقنى ھەقىقى ھېس قىلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تەرەپكە پۈتۈنلەي يۈزلىنىشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا سىز ئۇلارنىڭ زارلانغان، قەددى پۈكۈلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا ئىخلاس قىلغان ھالدا ئاللاھ تەرەپكە قايتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى، ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى، كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى، ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) ‹ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى، بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىمىز› دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.»[2]

شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە ئېلىپ بارغان دەۋىتىدە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا موھتاج ئىكەنلىكلىرىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئاساسى نىشان قىلغان ئىدى. ئۇلار ئاللاھ ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلەرنى قەۋمىگە ئەسلەتكەن، شۇنداقلا ناۋادا ئۇلار ئاسىيلىق قىلىشقا ۋە كاپىر بولۇپ نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغىنىدەك بولسا، ئاقىۋەتلىرىنىڭ يامان بولىدىغانلىقى بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە قىلغان خىتابىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن.»[3]

شۇڭلاشقا، ھەرقانداق كۆرسەتمە ياكى نەسىھەتتە ئۇنىڭ شۇ نەرسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھېس قىلدۇرۇلسا، ئاندىن ئۇ ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلىدىكى تېگىشلىك جايغا يېتىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ.»[4]

[1] (ئەلەق سۈرىسى 6-7-ئايەت)

[2] (يۇنۇس سۈرىسى 22-ئايەت)

[3] (شۇئەرا سۈرىسى 132-135-ئايەتلەر)

[4] (يۇنۇس سۈرىسى 101-ئايەت)

بۇ تېما 83قېتىم كۆرۈلدى