چىكىنىڭ
ئىمانى تەربىيەنىڭ تۇنجى باسقۇچتىكى نىشانى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن»[1] دەپ ئۆزىنىڭ بەندىلەرگە تولىمۇ يىقىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇرسا، ئۇنداقتا قەلبلەرنى ئاللاھقا يېتىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان ۋە ئاللاھ بىلەن قەلب ئارىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ رەببىمىز بىلەن بولغان ئالاقىدە بىز نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر ئۇزاقلىشىش، مەھرۇملۇق ۋە يىراقلىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىمىز؟

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن.»[2] قەلب بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى يولنى ئېتىۋالغان نەرسە دىللارنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان كىر-داغلاردۇر.

قەلب بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىشتا قەلبنى قاپلىۋالغان غەپلەت ۋە قاراڭغۇلۇقلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ ھەر بىر شەخستىن تەلەپ قىلىنىدىغان تېرىشچانلىقلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

مەسىلەن، تىرىك قەلبنى بىز گويا يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن خەزىنىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. بەزىلەر بۇ بايلىقنى ئۆزىگە يېقىنلا يەردىن تاپسا، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇنى تېپىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىنقىلاردىنمۇ بەكرەك تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ۋە ئاز بولمىغان ۋاقىتلىرىنى سەرپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

 بەلكىم بەزىلەر مۇنداق سورىشى مۇمكىن: «ئارىمىزدىن بىرى ئاللاھقا يېتىدىغان ئاشۇ تاقاق يولنى ئاچتىمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يولدا قەلب بايلىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟»

قۇرئان كەرىم بۇ خىل سوئاللارغا بىر قانچە ئورۇندا جاۋاب بەرگەن ۋە قەلبنىڭ جانلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەرنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى، كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى، ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى، كۇپرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟»[3]

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟» [4] دېگەن سۆزى توغرىسىدا، «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قانداق بولغاندا قەلب ئېچىلغان بولىدۇ؟» دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئىمان نۇرى قەلبكە كىرسە قەلب كېڭىيىدۇ ۋە ئېچىلىدۇ» دېدى. بىز: «قەلب ئېچىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى نېمە؟» دېۋېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئالامىتى ئەبەدىيلىك ماكانىغا يۈزلىنىش، ئۆتكۈنچى دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەسلىك ۋە ئەجەل كېلىشتىن ئاۋۋال ئۆلۈمگە تەييارلىق كۆرۈشتۇر» دەپ جاۋاب بەردى.»[5]

 ئالامەتلەردىن يەنە بىرى، ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغاندا قەلبنىڭ لەرزىگە كېلىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر.»[6]

دېمەك، ئاللاھنىڭ زىكرى بولغاندا قەلبتە قورقۇنچ بولۇشى ھاياتلىقنىڭ قەلبكە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئايەتتىكى «ۋەجل» سۆزى قورقۇش، تەۋرىنىش، چۆچۈش ۋە قەلبنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دۈپۈلدىشى ۋە يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە.

 ئۇممۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «قەلبتىكى ئۇ قورقۇنچ گويا خورما يوپۇرمىقىنىڭ كۆيۈشىگە ئوخشايدۇ.»[7]

 ئالامەتلەردىن يەنە بىرى، ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا قەلبتە ئەيمىنىشنىڭ ھاسىل بولۇشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى، قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.»[8]

قەلبتىكى ئەيمىنىش قەلبنىڭ ئاللاھقا بوي سۇنۇشى، تېۋىنىشى، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشى ۋە بويسۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ.»[9] يەنى بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بوي ئېگىدۇ.

ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: زىكىر ۋە نامازلاردا ھۇزۇرى قەلب بولۇشى ۋە تىل بىلەن قەلب ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل بولۇشىدۇر.

شۇنىڭدەك ئالامەتلەردىن يەنە بىرى: قەلب ئىگىسىنىڭ ئەنە شۇ ھۇزۇرى قەلبنى ئۆزى خالىغان ۋە ئىستىگەن چىغىدا ھېس قىلىپ تۇرالىشى بولۇپ، بۇ پەقەت نامازغا ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا ياكى زىكىرگە ۋە ياكى دۇئاغىلا خاس ئەھۋال ئەمەس، بەلكى قاچان ئۆزى خىلۋەت ھالەتلىرىدە قەلبىنىڭ تېتىكلىكىنى، خوشلۇقىنى ۋە ئېرىشىنى ئىستىسە، شۇ ھامان قەلب ھۇزۇرىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئالامەتلەردىن يەنە بىرى، خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقىنىدەك، ھەر قېتىملىق ئىبادەتتىن كېيىن قەلبىدە ئالدىنقىدىنمۇ بەكرەك ئەيمىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىپ يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ.»[10]

ئالامەتلەردىن يەنە بىرى، ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىشتۇر. ئىمان ھالاۋىتى ئىنسان ھاياتىدا ھېس قىلىپ باقمىغان بىر ھالاۋەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمدە ئۈچ تۈرلۈك ئىش تېپىلسا ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ. ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ھەممە نەرسىدىن ئارتۇق سۆيۈش، بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، ئۇنى پەقەت خۇدالىق ئۈچۈن دوست تۇتۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كۇپرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، قايتا كۇپرىغا قايتىپ قېلىشنى تىرىك پېتى ئوتقا تاشلانغاندىمۇ يامان كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.»[11]

ھەسەن بەسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ھالاۋىتىنى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن ئىزدەڭلار! ناماز ئوقۇۋاتقاندا، زىكىر قىلغاندا ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا. ئەگەر سىلەر بۇ ئۈچ نەرسىدىن ئىمان ھالاۋىتىنى ھېس قىلالىساڭلار قىلدىڭلار. ئەمما ھېچبىرىدىن ھالاۋەت ئالالمىساڭلار، ئۇ چاغدا ماڭا رەھمەت ئىشىكلىرى تاقاقكەن، دەپ بىلسەڭلار بولىدۇ.»[12]

ئالامەتلەردىن يەنە بىرى، بەندە ئۆزىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشى بولۇپ، بۇ خىل تۇيغۇ رەببىگە دۇئا قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناجات قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا قەلبىگە ئايان بولىدۇ ۋە بۇ يېقىنلىق تۇيغۇسى تاكى ئۇ ئاللاھ بىلەن ئۈلپەت قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناجاتلاردىن لەززەتلىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىلۋەتتە مۇلاقات بولۇشنى كۈتۈپ ئۆتۈش دەرىجىسىگە يەتكەنگە قەدەر ئارتىپ ماڭىدۇ.

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ناۋادا قەلب دۇنياغا كۆڭۈل قويۇشتىن ۋە دۇنياغا ئائىت بولغان مال-مۈلۈك، مەنسەپ ۋە شۆھرەت كەبى نەرسىلەرگە باغلىنىپ ياشاشتىن خالى بولالىسا، ئاخىرەتكە باغلانسا، ئاخىرەت ھازىرلىقلىرىنى كۆرۈشنى مۇھىم بىلسە ۋە ئاللاھ تائالا تەرەپكە ئاتلىنىشقا تەييارلىق كۆرسە، بۇ قەلبنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقى ۋە قەلب تېڭىنىڭ يورۇۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. مۇئمىننىڭ قەلبى ئەنە شۇ چاغدا رەببىنىڭ نېمە ئەمەل قىلسا رازى بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىدۇ-دە، بىلگەنلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە نېمىنىڭ رەببىنى نارازى قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ ۋە رەببىنى نارازى قىلىدىغان ئەمەللەردىن يىراق بولىدۇ. مانا بۇ قەلبنىڭ چىن ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

قەلب يۇقىرىقى ھالەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەندە ئۇنىڭغا خىلۋەت ۋە يالغۇزلۇق ھالەتلىرىدە ئاللاھ بىلەن ئۈلپەت قىلىش ئىشىكى ئېچىلىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا قەلبنىڭ ئاللاھتىن باشقا سېغىنىدىغان نەرسىسى بولمايدۇ. چۈنكى بۇلار ئۇنىڭغا قەلبنىڭ ۋە ئىرادىنىڭ بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققىتىنى چاچىدىغان، قەلبىنى بۆلىدىغان بارلىق ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ ئاشۇ ئىشىكلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ-دە، ئاخىرىدا خەلقى ئالەمدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئۈلپەت ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىبادەتتىن لەززەتلىنىش ئىشىكى ئېچىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ھالاۋەت شۇنداق نەرسىكى، ئىبادەت قىلغانسېرى قەلب ئىبادەتكە تويمايدۇ ۋە ئىبادەتتىن ئويۇن-تاماشىدا، شەھۋەت-پاراغەتتە ئالغان ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھۇزۇر ۋە لەززەتنى ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ لەززەت شۇ دەرىجىدىكى، كىشى نامازغا تۇرغان بولسا، نامازنىڭ مەڭگۈ تۈگىمەي داۋام قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ لەززەتلىنىش ئىشىكى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ قانمايدۇ. قۇرئان ئاڭلىغان زامان گويا كىچىك بالىغا ئامراق نەرسىسىنى تۇتقۇزسا جىم بولغىنىدەك قەلبى شۈكلەپ كېتىدۇ.»[13]

 مانا بۇلار ھاياتلىقنىڭ قەلبكە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»لەردە كۆرسىتىلگەن بىر قاتار ئالامەتلىرىدۇر.

مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بىزنىڭ يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئالامەتلەرنى ھېس قىلالمىغىنىمىز بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى ئىمان ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قەلبلىرىمىزدە مەۋجۇتتۇر. بەزىدە شۇنداق پەيتلەر بولىدۇكى، بۇ پەيتلەردە ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھقا يېقىنلىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ.

مانا بۇ ئىمان تەربىيىسىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلايدىغان ئامىللاردىندۇر. بەلكىم بىز ئىمان تەربىيىسى ئارقىلىق قەلبلىرىمىزنى مەڭگۈ ئويغاقلىققا ئېرىشتۈرۈپ قالساق ئەجەب ئەمەس.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى، ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى، كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.»[14]

بەزىدە ئويغاق ۋە تىرىك قەلبكە ئىگە بولالمىغان كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك ئەمەللىرى ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ مۇئەييەن مەزگىللەردە ئادا قىلىنىدىغان رامزان روزىسى تۇتۇش، ئۆمرە قىلىش ۋە پەرز ھەج قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغان مەزگىللىرىدە شۇنداق. بەلكىم ئۇ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاشۇ پەيتلەردە لەززەت، راھەت ۋە بەختىيارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى تەسىرلىنىشلەر ۋاقىتلىق بولۇپ، تىرىكچىلىكنىڭ داۋام قىلىشىغا ئەگىشىپ تېزلا غايىب بولىدۇ.

بىز بۇلارنى ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن ئادەمگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇ سىرتقى تەسىرنىڭ سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئويغانغاندا دەرھال ئۇيقۇسىنى ئېچىشى ۋە ئازراق ۋاقىت ئويغاق تۇرۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئۇيقۇسىغا قايتىۋالىدۇ… ئەمما قەلبى تىرىك ئادەملەر دائىم ئويغاق ۋە سەگەك تۇرىدۇ.

مانا بۇ ئىمان تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ تۇنجى نىشانىدۇر.

يازغۇچى: مەجدى ھىلالى.

تەرجىمە قىلغۇچىلار: 

مەمەتجان ئابدىقادىر

مۇھەممەد خالىس

 

[1] (بەقەرە سۈرىسى 186-ئايەت)

[2] (مۇتەففىفىن سۈرىسى 14-ئايەت)

[3] (ئەنئام سۈرىسى 122-ئايەت)

[4] (زۇمەر سۈرىسى 22-ئايەت)

[5] (ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان)

[6] (ئەنفال سۈرىسى 2-ئايەت)

[7] (ئەھكامى قۇرئان، 15)

[8] (ھەدىد سۈرىسى 16-ئايەت)

[9] (تاھا سۈرىسى 108-ئايەت)

[10] (ئىسرا سۈرىسى 109-ئايەت)

[11] (بۇخارى، مۇسلىملار ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان)

[12] (تەھزىبۇ مەدارىجۇس سالىكىن 463-بەت)

[13] (تەھزىبۇ مەدارىجۇس سالىكىن 631-632-بەت)

[14] (ئەنفال سۈرىسى 24-ئايەت)

بۇ تېما 80قېتىم كۆرۈلدى