چىكىنىڭ
ئەمەلگە تۈرتكە بولغۇچى ئامىللار

ئەمەلگە تۈرتكە بولغۇچى ئامىللار

كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشىغا مۇئەييەن بىر ئامىل سەۋەب بولىدۇ. ھەمدە بۇ ئامىل دائىم شۇ كىشىنى سۆيگۈ ياكى نەپرەت تۇيغۇسى ئاساسىدا ھەرىكەتكە ئۈندەيدۇ.

مەسىلەن: مەلۇم بىر كىشىنىڭ بىراۋغا بولغان سۆيگۈسى تەبىئىيلا ئۇنى سۆيگىنىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنى خاپا قىلىدىغان ۋە ئەزىيەت بېرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئۈندەيدۇ.

ئانىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئانا پەرزەنتىنى تەربىيىلەش يولىدا كېچىلىرىنى بىدار ئۆتكۈزىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيقۇسى، راھىتىدىن كېچىدۇ. ئانىنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن بۇ خىل قۇربانلىقنى بېرەلىشى پەقەت ئۇنىڭ پەرزەنتىگە بولغان كۈچلۈك سۆيگۈسىدىن ۋە پەرزەنتىنىڭ شۇنداق پەرۋىشلەشكە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىدىن بولغان.

بىمارنىڭ ئاچچىق دورىنى چىداپ يېيىشىگە تۈرتكە بولغان نەرسە زادى نېمە؟

شۈبھىسىزكى، بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان نەرسە بىمارنىڭ ساقلىقنى سۆيۈشى ۋە كېسەللىكتىن نەپرەتلىنىشىدۇر.

 دېمەك، بەندىلەرنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى مۇھەببەت ياكى نەپرەت ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان ئىكەن، تائەت-ئىبادەت قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىشتە بەندە ئەنە شۇ تۇيغۇلار بويىچە ئىش كۆرگەندىلا، ئاندىن ئەمەللەرنى ئاسان ۋە قۇلاي ھالدا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇپرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»[1]

ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈش ۋە يامان كۆرگەننى يامان كۆرۈش نۇقتىسىدىن قىلىنغىنىدا، ئىمان مۇكەممەللىك تاپىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى بارلىق تۈرتكىلەر ئۇنىڭغا ھېچبىر ئۈلۈش ۋە ياكى نېسىۋە قالدۇرماستىن، ئاللاھنىڭ مۇرادىغا ئايلىنىپ بولغاندۇر.

ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرگەن، ئاللاھ ئۈچۈن خەير-ئېھسان قىلغان ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆزىنى چەكلىگەن كىشى ئىمانى كامىل بولغان كىشىدۇر.»[2]

ناۋادا بىر كىشى پەرقلىق ئىككى نەرسىنىڭ سۆيگۈسى ئارىسىدا قالسا، چوقۇم ئاخىرىدا غەلىبە قىلىدىغىنى ئۇنىڭغا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر.»[3]

ئۆگىنىشتە ئەلاچى بولۇشنى ئىستىگەن ئوقۇغۇچىمۇ شۆھرەت قازىنىدىغانلىقى ۋە تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغىتىنى ۋە بىر تالاي لەززەتلىرىنى قۇربان قىلىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭ ئەلاچى بولۇش ئىمتىيازىغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ ئاشۇ لەززەت ئالىدىغان نەرسىلەرگە بولغان سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن كەلگەنلىكىدىن بولىدۇ.

مۇنداقچە ئېيتساق، ئۇنىڭ ئەلاچىلىققا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجى ئۇنىڭ ئۆز نىشانىدىن مەھرۇم قىلىدىغان جىمى نەرسىلەرنى قۇربان قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

دېمەك، ئىنسانغا غەيرەت ۋە ئىرادە بېغىشلايدىغان، ھەمدە ئۇنى مەقسەت-نىشانىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ۋاسىتىنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئامىل دەل ئۇنىڭ ئاشۇ نەرسىگە بولغان ئېھتىياجىدۇر. كىشىنىڭ شەيئىگە بولغان ئېھتىياجى قايسى دەرىجىدە بولسا، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان قىزغىنلىقىمۇ شۇ دەرىجىدە بولىدۇ.

يازغۇچى: دوكتور مەجدى ھىلالى

                                                                                                         تەرجىمە قىلغۇچىلار:

مەمەتجان ئابدىقادىر

مۇھەممەد خالىس

[1] (ھۇجۇرات سۈرىسى 7-ئايەت)

[2] (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

[3] (بەقەرە سۈرىسى 165-ئايەت)

بۇ تېما 560قېتىم كۆرۈلدى