چىكىنىڭ
بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئىماننىڭ نېگىزى

بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئىماننىڭ نېگىزى

ئىماننىڭ مەنىسى ئىشىنىش دېمەكتۇر. كىشىلەر «ئىشىنىش» دېگەن بۇ سۆزگە ھەرخىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئىشلەتمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز بۈگۈنكى كۈندە «كوممۇنىزمغا ئىشىنىش»، «مەۋجۇدىيەتكە ئىشىنىش»، «خەلققە ئىشىنىش»، «مۇھەببەتكە ئىشىنىش»، «مىللەتكە ئىشىنىش»، «ئىنقىلابقا ئىشىنىش» دېگەندەك سۆزلەرنى كەڭ تۈردە ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھالدا كىشىلەر ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان ھەر خىل ئىشىنىش تىپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

كىشىلەر خالىغىنىنى دەۋەرسۇن. بىز پەقەت ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئىشىنىشنى تونۇۋالساقلا بولغىنى. بىز دېمەكچى بولغان ئىشىنىش شۇنداق بىر ئىشىنىشكى، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ سەبىيلىكىدە بولسۇن، ياشلىق ھەم قېرىلىق دۋردە بولسۇن ئۇنىڭدىن ئايرىلماي كەلگەن ھەم شۇنداقلا ئىنساننىڭ كۆپىنچە ئىش – ھەرىكىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش رولىنى ئۆتەيدىغان دىنىي ئىشىنىشتۇر. ئۇ ساماۋى ئەقىدىلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان ئىسلام ئەقىدىسىدە گەۋدىلەنگەن ئىشىنىشتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەر سۆزى بايان قىلغاندەك، ئاللاھقا، قىيامەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتە گەۋدىلەنگەن ئىشىنىشتۇر. مانا بۇ ئەقىدە تەبىئەتنىڭ تېپىشماقلىرىنى يېشىپ، ئىنسانغا ھايات ۋە ماماتنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان، ئىنساننىڭ نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ … قاتارلىق ئۈزۈلمەس سوئاللىرىغا ئەڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدىغان ئەقىدە. بۇ ئەقىدە ئىسلامنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېڭى تەلىماتىمۇ ئەمەس. ئۇ ئۆزگەرتىش ۋە يەڭگۈشلىنىشكە ئۇچرىمىغان ساپ ئەقىدە بولۇپ، ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى شۇ ئەقىدە بىلەن ئەۋەتىلگەن ھەم ئاللاھنىڭ بارلىق كىتابلىرى پۈتۈنسۈرۈك شۇ ئەقىدە بىلەن چۈشكەن. ئۇ ئەقىدە ئاللاھنىڭ كۆز كۆرىدىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان پۈتكۈل ئالەمگە بولغان ئالاقىسى ھەققىدىكى ھەمدە ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى ۋە ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىكى نىشانى شۇنداقلا ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ھېچ قانداق ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرتىشلەرگە ئۇچرىمىغان مۇقىم ۋە مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەر ئەقىدىسىدۇر. بۇ ئەقىدىنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆز بالىلىرىغا ئۆگەتتى، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز خەلقى ئىچىدە جاكارلىدى، ھۇد ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالاملار ئۇنىڭغا چاقىردى، ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەر شۇ ئەقىدىنى تارقاتتى. ئىسلامنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئەقىدىنى ھەرخىل ئەپسانە، خۇراپاتلاردىن تازىلاش، زامانلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەقىدىگە سىڭىپ قالغان، ئۇنىڭ ساپلىقىنى بۇلغىۋەتكەن يات تەركىبلەردىن، ئۇنىڭ بىر خۇدالق ماھىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئۈچ خۇداچىلىق ۋە شاپائەتچىلىك ئىدىيىلىرىدىن، ئۆزىگە ئاللاھتىن باشقا نەرسىنى خۇدا تىكلەش ئىشلىرىدىن ھەمدە ئاللاھنىڭ ساپلىقىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ئوخشاتما ۋە ماددىيلاشتۇرۇشلاردىن ئايرىپ ساپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام دىنى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن تا قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەس غايە بولۇش، ئىلاھىي ئەلچىلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئەقىدىنى ئاللاھنىڭ ھېكمەت تەلىپىگە لايىق ھالدا، خۇددى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغاندەك بولدى.

تۆۋەندە بۇ ئەقىدىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى سۈپىتىدە ئاللاھقا ئىشىنىش بىلەن قىيامەتكە ئىشىنىش ئۈستىدە توختىلىمىز.

ئاللاھنىڭ بارلىقى

تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى باشقۇرۇۋاتقان كۈچ چەكسىز بىر سىرتقى كۈچ بولۇپ، ئۇ كۈچنى بەزىلەر «دۇنيا مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى» دەپ ئاتىسا، بەزىلەر «بىرىنچى ئەقىل» دەپ ئاتىدى. يەنە بەزىلەر «تۇنجى تۈرتكە» دەپ ئاتاشتى. قۇرئان كەرىم ۋە ساماۋى كىتابلار بولسا، ئۇ كۈچنى بارلىق گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان «ئاللاھ» دېگەن ئەرەبچە نام بىلەن ئاتىدى. بۇ چەكسىز ئۇلۇغ ئىلاھىي كۈچنىڭ ماھىيىتى ۋە زاتى ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ بىلىش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىدۇر. ھالبۇكى ئىنسان ئۆز جېنى ۋە ئۆز روھىنىڭ ماھىيىتىنى، ماددىي ئالەم ئەمەلىيەتلىرىدىن توك، ماگنىتقا ئوخشاش نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ تاشقى تەسىرىنى بىلسىمۇ ماھىيەتتە ئۇلارنى بىۋاسىتە بىلەلمىگەن تۇرسا، ھەممىدىن يۇقىرى، كاتتا ئاللاھنىڭ زاتى ۋە ماھىيىتىنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟ «ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. ئۇ ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر. كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.»[1] بۇ ئىلاھ بەلگىلىك بىر گۇرۇھنىڭ ئىلاھى ئەمەس، شۇنداقلا خاس بىر مىللەتنىڭ ياكى مۇئەييەن بىر رايوننىڭ ئىلاھىمۇ ئەمەس. ھەقىقەتەن ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى»[2]، «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.»[3]، «مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[4]، «(ئى مۇھەممەد) ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟»[5]– دېگەن ئىلاھتۇر.

بىز ئاللاھنىڭ ئىلاھىيىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان بىزگە ھېكايە قىلىپ بەرگەن مۇسا ۋە پىرئەۋننىڭ سۆھبىتىگە قۇلاق سالايلى: «پىرئەۋن ئېيتتى: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟ مۇسا ئېيتتى: ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئەگەر سىلەر ھەقىقىي  ئىشىنىدىغان بولساڭلار. پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: (ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟ دېدى. مۇسا ئېيتتى: (ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. پىرئەۋن ئېيتتى: سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى مەجنۇندۇر، مۇسا ئېيتتى: (ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار.»[6]

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ بارلىقىغا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دەلىل كەلتۈرىدۇ. شۇ يوللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئۇ، ئىنسانلارنىڭ دىققەت – نەزىرىنى كائىناتتىكى كائىنات كەينىدە تۇرۇپ ئۇنى ئىدارە قىلىۋاتقان بىر ھېكمەتلىك ياراتقۇچىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان ئالامەتلەرگە قارىتىدۇ. ئۇ ئالامەتلەر بولسا «سەبەب – نەتىجە» پىرىنسىپىغا ئىشىنىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئارتۇقچە پاكىت تەلەپ قىلدۇرمىغان ھالدا يېگانە بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى تەن ئېلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئاپ– ئايدىڭ قانۇنىيەتلەردۇر: «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۇزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلاردا، شامال يۆنىلىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشلىرىدا، ئاسمان – زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر.»[7]

بۇ كەڭ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولماي مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدىكى سىستېمىلارنىڭ ئەتراپلىق بىر لايىھەلىگۈچىسى بولماي مۇمكىن ئەمەس: «ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟»[8] «پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە ئۆزىگە مۇناسىپ شەكىل ئاتا قىلدى. (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسەتتى.»[9]

قۇرئان ئىنساننىڭ ساغلام تەبىئىي ئاڭنى قوزغىتىدۇ، ئىنسان شۇ ئاڭ بىلەن بىۋاسىتە ئۆزىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان، ھەممىدىن ئۇلۇغ، ئەڭ كۈچلۈك بىر پەرۋەردىگارى بارلىقىنى سېزىدۇ: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ.»[10]

بۇ ئاڭ كەڭ – كۇشادىلىك، ئويۇن – تاماشا ۋاقىتلىرىدا بىلىنمىسىمۇ، قىيىنچىلىق، بەختسىزلىك ۋاقىتلىرىدا تېزلا ئاشكارا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ئىنساننىڭ يالغان پەردازلىرى تارقاپ، ئۇنىڭدىكى ساپ ۋە چىن بولغان روھىي ھالەت ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشقا باشلايدۇ: «ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كىمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ – تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كىمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) ‹ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇ بالادىن قۇتۇلدۇرساڭ بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز› دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.»[11]

بۇ ئاڭ ئىنسان بۇ ئالەمنىڭ مەنبىئى ۋە ياراتقۇچىسى توغرۇلۇق سوئالغا دۇچ كەلگەندە ئاشكارا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ئىنساننىڭ ئېڭى بۇ سوئالغا «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىشتىن باشقىغا پېتىنالمايدۇ: «ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ!»[12]، «(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى) كىم ئىدارە قىلىدۇ؟ ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى ئاللاھتىن غەيرىگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسلەر؟ (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي  پەرۋەردىگارىڭلار ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا گۇمراھلىقتىن غەيرىي ھېچ نەرسە مەۋجۇد ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»[13]

قۇرئان كەرىم ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشنىڭ ئىنسانلارغا نىجاتلىق كىمىسى، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىشەنمەسلىكىنىڭ ئۇلارغا ھالاكەت ۋە يوقىلىش جىلغىسى بولىدىغانلىقىنى ئىنسانىيەتنىڭ بىر قېتىملىق تارىخى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاپ، نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى.»[14] سالىھ ۋەئۇنىڭ قەۋمى سەمۇدلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شۇ ئۆيلىرى (ئادىمىزاتتىن) خالى بولۇپ قالدى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا چوڭ ئىبرەت بار. (سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق.»[15]

ئاللاھ ئۆزىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى توغرۇلۇق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى.»[16]

ئاللاھ تائالا پەقەت بىر ئىلاھتۇر

ھەقىقەتەن ئاللاھ يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنىڭ شېرىكى يوق. ماھىيەت، سۈپەت جەھەتتە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق: «ئېيتقىنكى ئۇ ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر، ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.»[17] «سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.»[18] ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر ۋە پۇختىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈزۈملەر ئۇنىڭ ئىجادچىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭ ئىجادچىسى بىرقانچە بولغان بولسا، ئالەم تۈزۈلمىسىدە بىردەكلىك بولمىغان، بۈگۈنكى تەرتىب – ئىنتىزامدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىغان بولاتتى. ئاللاھ راست ئېيتىدۇر: «ئەگەر ئاسماندا – زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى (كائىناتنىڭ تەرتىبى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى. ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.»[19]

ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى جانلىق – جانسىز پۈتكۈل نەرسىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىنسانغا — ئۇ پىر – ئەۋلىيا، پەيغەمبەر، خانزادە، پادىشاھ بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ — چوقۇنۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلار تۈگۈل ئۆزلىرىگە كەلگەن پايدا – زىياننىمۇ چىكىندۈرەلمەيدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇ بىر ئىسلام پەيغەمبىرىلا خالاس. قۇرئان ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر،  ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى.»[20] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى توغرۇلۇق پەقەت «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دېدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ يەككە – يېگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكنى، ئۆزىدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھتىن ئوچۇق، روشەن دەلىللەر بىلەن ۋەھىي كەلگەندىن كېيىن، بىرەرسىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىنى ئۇلۇغلاشقا، ئۆزىنى ئىلاھ تىكلەشكە بۇيرىغىنى يوق. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تۈپ مەزمۇنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «تەۋھىد»، «ئىخلاس»، «تەقۋا» كەلىمىسى دەپ تونۇلغان «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەن مۇشۇ ئۇلۇغ شوئارغا يىغىنچاقلانغان.

بۇ شوئار يەرشارى زومىگەرلىرى ۋە جاھالەت پىرلىرىغا قارشى ئىنقىلاب شوئارى، تاش يا دەرەخ يا ئىنسان بولسۇن، قىسقىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ھەرقانداق بۇت – سەنەم ۋە ئاتالمىش ئىلاھلارغا قارشى ئىنقىلاب شوئارىدۇر. «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» بۇ شوئار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىنسان قۇلچىلىقى، تەبىئەت قۇلچىلىقىدىن ئومۇميۈزلۈك ئازات قىلىدىغان دۇنياۋىي چاقىرىق. بۇ يېڭى بىر يولنىڭ سەرلەۋھىسى. بۇ بىر ھەكىم ياكى پەيلاسوپنىڭ ئىجاد قىلغان يولى ئەمەس، بەلكى قەلبلەر ھۆكمى ۋە قانۇنىغا  مۇتلەق بويسۇنۇشقا تېگىشلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ يولىدۇر.

«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» بۇ شوئار جاھالەت جەمئىيەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان، ئۆز ئەقىدىسى ۋە قانۇنى بىلەن ھەممىدىن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان، ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللەتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق، يۇرتۋازلىققا ئورۇن بولمىغان، پەقەت ئاللاھقا، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا قاراشلىق بولغان يېڭى بىر جەمئىيەتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان ئالەمشۇمۇل خىتابنامە.

جاھالەت باشلامچىلىرى ۋە ئازغۇنلۇق ھامىيلىرى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەن چاقىرىقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاجۇ – تەختىنى گۇمران قىلىش، زۇلۇم – ياۋۇزلۇقىغا خاتىمە بېرىش، ئۆزلىرىگە قۇل بولۇپ ياشاۋاتقان خەلقلەرگە ئىلھام، ياردەم بەرگۈچى تايانچ ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش يولىدا ھېچ نېمىسىنى ئاياشمىدى. ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇپ، ئۇلارغا ھەرخىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى. بۇ چاقىرىقنى ئۆزگەرتىۋىتش ئۈچۈن بىر مۇنچىلىغان ساختا ئىلاھلارنى پەيدا قىلىپ، ئادەملەرنى ئۇ نەرسىلەرگە باش ئېگىدىغان، تەزىم – سەجدە قىلىدىغان قىلىپ قويۇشتى. ئەمما تەۋھىد ئەقىدىسى مۆمىنلەرنىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرگەچكە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئىلاھ، يېرىم ئىلاھ، ئۈچ ئىلاھ، ئىلاھنىڭ ئوغلى بار ياكى زېمىندا ئىلاھ چۈشكەن ئورۇن بار دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ئورۇن يوق.

ئىنسانغا سەجدە قىلىدىغان، چوقۇنىدىغان باش ئېگىدىغان ياكى ئىنسان ئالدىدا يەر سۆيىدىغان ئادەم ئىنسان قاتارىدا سانالمايدۇ. مانا بۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي  باراۋەرلىك ئاساسى، ھەقىقىي  ئەركىنلىك مەنبىئى، ئىنساننىڭ ھەقىقىي  ھۆرمەت يىلتىزى. چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچى بىلەن مەبۇد ئارىسىدا قېرىنداشلىق، ئورتاقلىق بولمايدۇ.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەبەش (بۈگۈنكى ئىفوپىيە) پادىشاھى نەجاشىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگەندە ئۇ تەختىدە ئولتۇراتتى، ۋەزىر – ۋۇزەرالىرى ۋە پوپلىرى ئۆز ئورنىدا جىمجىت تۇرۇشاتتى. قۇرەيىشلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەمر ئىبنى ئاس ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، ئەممار ئۇنىڭ سول تەرىپىدە تۇراتتى، ئۇلار بىز كىرىشتىن ئىلگىرى نەجاشىغا: ئۇلار ساڭا تەزىم قىلمايدۇ دېگەن ئىكەن. بىز بۇنداق قىلمىغاندىن كېيىن ۋەزىر – ۋۇزەرالار بىزنى: شاھقا سەجدە قىلىڭلار، دەپ ئالدىراتقىلى تۇردى.

جەئپەر ئىبنى ئەبۇ تالىب قوپۇپ: «ئاللاھتىن باشقىغا سەجدە قىلمايمىز» دېدى.

قاراڭ! بۇ مۇسۇلمانلار قۇرەيىشلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ، ئۇشبۇ پادىشاھنىڭ زېمىنىغا كېلىپ ئۇنىڭ قانات ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مۇھاجىرلار بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئاللاھتىن باشقىغا باش ئۇرۇشتەك ئۆز ئەقىدىسىگە خىلاپ ئىشنى قىلىشقا ئۇنىمىدى. جەئپەر ھەربىر مۇسۇلماننىڭ شوئارى بولغان «ئاللاھتىن باشقىغا سەجدە قىلمايمىز!» دېگەن سۆزنى قىلچە قورقماستىن جاكارلىدى.

ئاللاھنىڭ تەڭداشسىزلىقى ۋە ھەممە جەھەتتە مۇكەممەللىكى

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئۆز زاتىغا لايىق رەۋىشتە پۈتكۈل كامالەت بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىش لازىم. ئاللاھ ھەر قانداق كەمچىلىكتىن پاكتۇر، «ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدۇ.»[21] «(ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟»[22]

بۇ ئەجىب ئالەم ۋە ئۇنىڭدىكى پۇختا لايىھە، سىستېمىلار ئاللاھنىڭ تەڭداشسىزلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ئېڭىمۇ ئاللاھنىڭ تەڭداشسىزلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە دوستلىرى (مۆمىنلەر) ۋە باشقا ئەقىل ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ مۇكەممەل، ھەر تەرەپتىىن تەڭداشسىز ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى: «ئۇلار ئولتۇرغاندىمۇ ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن.»[23]

ئىسلامدىكى ئىلاھ ئارسىتوتىل دەۋالغان «تۇنجى تۈرتكە» ۋە «تۇنجى ئامىل» ئىلاھىدەك، بۇ ئالەمدىن ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق، جانسىز نەرسىلەردىن ئايرىۋىتىلگەن ئەمەس. ئارسىتوتىل ئۆز قارىشىدىكى ئىلاھنى ئۇنىڭ پائالىيىتى يوق، تەسىرىمۇ يوق، ئۇ، دۇنيانى باشقۇرمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، دېگەندەك بارلىق سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن ئىدى. ئارستوتىل پەلسەپىسى تەسۋىرلىگەن بۇ ئاتالمىش ئىلاھ ئەمەلىيەتتە ئۆزىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان، ئالەمدە بولمىش ئىشلار بىلەن چاتىقى يوق بىر ئىلاھتۇر. ئارسىتوتىل ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىلاھ توغرۇلۇق دەيدىغان گەپلىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: «بۇ ئىلاھ سۇبستانسىيە (جەۋھەر – تۈپ مەنبە) مۇ ئەمەس، ئاكسىدىنسىيە (ھادىسە) مۇ ئەمەس، ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ، ئاخىرلىشىش نۇقتىسىمۇ يوق. ئۇ بىر پۈتۈن گەۋدىمۇ ئەمەس ياكى گەۋدىنىڭ بىر بۆلىكىمۇ ئەمەس، ئۇ ئالەمنىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەس، تېشىدىمۇ ئەمەس، ئالەم بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس، مۇناسىۋەتسىزمۇ ئەمەس…» بۇنداق تۇتۇرۇقسىز سۈپەتلەر ئىلاھنى ئۇنىڭدىن قورقۇلىدىغان ۋە ئارزۇلىنىدىغان قىلمايدۇ ھەم ئىنسانلارنى ئۆز ئىلاھىغا ئۇنىڭ نازارىتىدىن ھېيىقىدىغان، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە تەۋەككۈل قىلىدىغان، جازاسىدىن قورقۇپ مۇھەببەت باغلايدىغان مۇستەھكەم بىر رەۋىشتە باغلىيالمايدۇ.

بىر چاغلاردا  يۇنان پەلسەپىسىدىن ئورۇن ئالغان، ھازىر غەرب پەلسەپىسى تەركىبىگە كىرگەن، ئالەمدىن چەتنىتىلگەن بۇ ئىلاھنى ئىسلام تونۇمايدۇ. ئىسلام تونۇيدىغان ئىلاھ بولسا ھەممە نەرسىنى ياراتقاندۇر، ھەممە جانلىققا رىزىق بەرگۈچىدۇر، ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى تەلتۆكۈس بىلگۈچىدۇر، ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ رەھمىتى ھەممە شەيئىگە ئورتاقتۇر، ھەممىنى يارىتىپ بېجىرىم قىلغان ۋە ئۇلارغا پايدىلىق نەرسىلەرنى تەقدىر قىلغان، پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسەتكەندۇر. ئۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاڭلاپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.»[24] ئاللاھنىڭ بىلىشى ۋە بارچىدىن خەۋەردارلىقى ھەر قاچان بەندىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.»[25]

[1]  ئەنئام سۈرىسى 102-، 103- ئايەتلەر.

[2]  فاتىھە سۈرىسى 2 – ئايەت.

[3]  كەھف سۈرىسى 14- ئايەت.

[4]  شۇئەرا سۈرىسى 28 – ئايەت.

[5]  ئەنئام سۈرىسى 164- ئايەت.

[6]  شۇئەرا سۈرىسى 23 – 28 ئايەت.

[7]  بەقەرە سۈرىسى 164- ئايەت.

[8] تۇر سۈرىسى 35-، 36- ئايەت.

[9] تاھا سۈرىسى 49-، 50- ئايەت.

[10] رۇم سۈرىسى 30 – ئايەت.

[11] يۇنۇس سۈرىسى 22- ئايەت.

[12]  ئەنكەبۇت سۈرىسى 61- ئايەت.

[13]  يۈنۈس سۈرىسى 31- 32 – ئايەت.

[14]  ئەئراف سۈرىسى 64 – ئايەت.

[15]  نەمل سۈرىسى 52- 53 – ئايەت.

[16]  رۇم سۈرىسى 47 – ئايەت.

[17]  ئىخلاس سۈرىسى 1- 4 ئايەت.

[18]  بەقەرە سۈرىسى 163- ئايەت.

[19]  ئەنبىيا سۈرىسى 22 – ئايەت.

[20]  ئال ئىمران سۈرىسى 144- ئايەت.

[21]  ئىخلاس سۈرىسى  3- 4- ئايەت.

[22]  شۇرا سۈرىسى11- ئايەت.

[23]  ئال ئىمران سۈرىسى  191- ئايەت.

[24]  مۇجادىلە سۈرىسى 7- ئايەت.

[25]  ھەدىد سۈرىسى 4- ئايەت.

يازغۇچى: دوكتور يۇسۇف قەرەداۋىي

تەرجىمە قىلغۇچى: خالىس ھەق قۇلى

 

بۇ تېما 80قېتىم كۆرۈلدى