چىكىنىڭ
بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئىمان

 

بىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئىمان ھەققىدە چۈشەنچە

 بىز نۆۋەتتە كۆزدە تۇتۇۋاتقان ۋە ئىنسان روھىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئېنىقلىماقچى بولۇۋاتقان بۇ ئىمان زادى قانداق نەرسە؟

 بۇ سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋاب ئىماننىڭ مەزمۇن – ماھىيىتى ۋە بىر قىسىم ئالاقىدار چۈشەنچلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقمىغۇچە تازا ئېنىق بولماي قالىدۇ.

 بىز ئىماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە ماھىيىتىگە كەلسەك، ئىمان بىر ئىنساننىڭ    ئۆزىنى «مەن مۆمىن»، دەپ بىلدۈرۈپ يا جاكارلاپ قويۇشىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ھالبۇكى ئېغىزلىرىدا ئىشەندۇق دەپ قويۇپ، دىللىرىدا ئىشەنمەيدىغانلار مۇناپىقلاردۇر. «كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ) ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.»[1] ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئىمان بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنى مۆمىنلەر ھەمىشە ئىجرا قىلىدىغان پائالىيەتلەر ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىپ قويۇشىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ھالبۇكى كۆرۈنۈشتە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان، ئىبادەت ئىشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇندايدىغان، ئەمما قەلبىدە بولسا، شۇنىڭغا يارىشا ئىخلاس، سەمىمىيەت، ساداقەت بولمىغانلار دەل شۇنداق رىياخور كاززاپلاردۇر. «شۈبھىسىزكى مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ. ئۇلار ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغاندا خوش ياقماسلق بىلەن تۇرىدۇ. (ساۋاپ ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنە ياد ئېتىدۇ.»[2]

ئىمان بىر ئىنساننىڭ ئىمان ماھىيەتلىرىنى ئەقىل – ئىدرىكى بىلەن تونۇپ قويۇشىلا ئەمەس. ھالبۇكى ئىماننىڭ ماھىيەتلىرىنى تونىغان ئەمما ئىمان ئېيتمىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. «ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.»[3] ئۇلار نېمىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى چوڭچىلىق ياكى ھەسەت ۋە ياكى دۇنيا ئىستەكلىرىدىن كېچەلمەسلىك ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە دادىل ھالدا يۈزلىنىشىگە يول قويمىغان. «بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالار) ئۇنى (پەيغەمبەرنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى شۈبھىسىزكى ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ.»[4]

ماھىيەتتە، ئىمان پەقەت تىل ياكى بەدەن ھەرىكىتى ۋە ياكى زېھنىي مەشغۇلاتلا بولماستىن، بەلكى بۇ ئۈچىنىڭ بىرلەشمىسىدۇر.

ئىمان ئۆز ماھىيىتىدە قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئادەمنىڭ ئەقىل – ئىدراك، ئىرادە، ۋىجدان قاتارلىق ھەممە تەرەپلىرىنى ئېگىلەپ ئالىدىغان روھىي پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى رېئاللىقنىڭ ئەمەلىي ماھىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرەلەيدىغان زېھنىي ئىدراك ياكى ئەقلىي ئىدراك دېمەكتۇر. بۇ خىل ئىدراك پەقەت ساغلام ئىلاھىي ۋەھىيگە تايانغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ۋە تولۇق بولىدۇ. ئىمان سەزگۈسى شەك – شۈبھە تەۋرىتەلمەيدىغان دەرىجىدە ئۆتكۈر بولۇشى، قەتئىي ئىشىنىش، ھەقىقىي چىن پۈتۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يىتىپ بېرىشى لازىم. «ئەئرابىلار: ‹ئىمان ئېيتتۇق› دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، (تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر بويسۇندۇق، دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمىلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كىمەيتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرنى) بەك مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) بەكمۇ مېھرىباندۇر.»[5]

بۇ ھەقىقىي ئىشىنىشكە قەلبنىڭ بويسۇنۇشى، ئىرادە ئىتائەتكارلىقى ياندىشىپ كېلىشى كېرەك. بۇ خىل بويسۇنۇش ۋە ئىتائەتكارلىق ئۆزى مەمنۇن بولۇپ ئىشەنگەن زاتنىڭ ھۆكمىگە باش ئېگىش ۋە ئىتائەت قىلىشتا گەۋدىلەنگەن بولىدۇ. «(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دە – تالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە قارىتا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قىلچىلىك غۇم قالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي ساڭا بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.»[6]

«(پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرغان چاغدا ئۇلار: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەرلا مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.»[7] «ئاللاھ  ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر – ئايال مۆمىنلەرنىڭ بىر ئىشتا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھ  ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.»[8]

بۇ ئىشىنىش ۋە بويسۇنۇشقا ئەقىدە تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش، ئۆز ئەقىدىسىنىڭ ئەخلاق ۋە تۇرمۇش يولىدىكى پىرىنسىپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەقىدە يولىدا جېنى، ئىسسىق قېنى، پۇلى، مېلى بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدىغان روھىي قىزغىنلىق ۋە ساپ ۋىجدان بىرلىشىپ كېلىشى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەلەپتۇر. بىز قۇرئان كەرىمنىڭ مۆمىنلەرنى مۇنداق سۈپەتلىگەنلىكىنى كۆرىمىز: «پەقەت ئاللاھ  ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر. ئۇلار مۇكەممەل رەۋىشتە ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل – مالدىن (خۇدا يولىدا) سەرپ قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشدۇ.»[9] قۇرئان كەرىم ئىماننى دائىم ئۇلۇغۋار ئەخلاق ئۆلچەملىرى ۋە ئېزگۈ پەزىلەتلەرگە يانداشتۇرۇپ تىلغا ئالىدۇ. مۆمىنلەر دەل شۇ تەرەپتىكى خاسلىقى بىلەن كاپىر ۋە مۇناپىقلاردىن پەرقلىنىدۇ. «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى، (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشلاردىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر، ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر.»[10]

ئاللاھ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ. «(ئىنسانلارنى) دەستلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز) ئۇلار يېڭىدىن يارىتلىشقا (يەنى قىيامەتتە تىرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر.»

ئىسلام قەھرىمانى، شېھىد، ئۇستاز سەييىد قۇتۇپ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئۆزىنىڭ «قۇرئان سايىسى ئاستىدا» ناملىق تەپسىر كىتابىدا بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئىمان قەلبنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى تەستىق قىلىشىدۇر. بۇ تەستىق گۇمان تەۋرىتىلمەيدىغان، داۋالغۇپ كەتمەيدىغان، بىرەر ھادىسە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان، ھوش ۋە تۇيغۇ ئىككىلەنمەيدىغان مۇستەھكەم تەستىق – چىن پۈتۈك بولۇشى، بۇ چىن پۈتۈكتىن ئاللاھ يولىدا پۇل – مېلى، ئىسسىق قېنى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ئۇرغۇپ چىقىشى لازىم. قەلب قاچانكى بۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىپ بېجىرىم ۋە مۇستەھكەم بولسا، بۇنداق قەلب ئىمان تەلەپلىرىنى ئۆز ئەتراپىدا، كىشىلىك تۇرمۇشتا، ئىنسانلار ھاياتىدا ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر تۈرتكىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇ ئۆز قېتىدا سىزىۋاتقان ئىماننىڭ ماھىيىتى بىلەن تاشقىرىدا ئۆزىگە دۇچ كېلىۋاتقان ھايات يولۇقمىلىرى (ئادەم، شەيئى ۋە باشقىلار) ۋە كۈنلۈك ئىشلار ئارىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئىرادە باغلايدۇ. ئۆز ھېسسىياتىدىكى ئىمانىي تەسەۋۋۇر بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى ئەمەلى تۇرمۇش ئارىسىنى ئايرىۋىتىشكە چىداپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ئايرىپ تاشلاش ئۇنداق قەلبكە ئازار بېرىپ ئۇنى ھەر مىنۇت بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ يولىدا پۇل – مال، ئىسسىق قان بىلەن كۈرەش قىلىشقا بېرىلىش كەيپىياتى قەلبتىن قوزغىلىپ چىقىپ پۈتۈن تەن ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇ قوزغىلىش بىلەن تەڭ مۆمىننىڭ قەلبىدىكى ۋە كۆز ئالدىدىكى ھەرقانداق خەۋپ – خەتەر ۋە قورقۇنچ يىمىرىلىپ كېتىدۇ. بۇ، مۆمىننىڭ قەلب چوڭقۇرىدىن سەپەرۋەرلىككە كېلىشى بولۇپ، مۆمىن بۇنىڭ بىلەن ئۆز قەلبىدىكى نۇرانە ئىمانچىل ئارزۇسىنى ئىنسانلار ھاياتىدا ئەكس ئەتتۈرۈشكە بەل باغلايدۇ. مۆمىن بىلەن جاھالەت ھاياتى ۋە كاپىرلار ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق ئاداۋەت بولسا، مۆمىننىڭ ئۆز قەلبىدىكى ئەنە شۇ ئىمانچىل ئارزۇسىنى ئىنسانلار ھاياتىدا ۋە ئەمەلىي ئىش – پائالىيىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ ياشاش نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكتىن ۋە شۇنىڭدەك يوقىلاڭ، ئەرزىمەس، ئازغۇن ئىستەكلەرنى دەپ ئۆز قەلبىدىكى توغرا، گۈزەل، مۇكەممەل ئىمانىي تۇيغۇدىن كېچىشكە ۋىجدانى ئۇنىمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئاداۋەتتۇر. بۇ ئاداۋەت مۆمىن تېنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە قەدەر مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن، ھېچقانداق ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ تاقابىل تۇرالمايدىغان ئەڭ قاتتىق ئاداۋەت بولغاچقا، مۆمىن بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جاھالەت ھاياتى ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارسىز كۈرەش پارتلايدۇ. بۇ كۈرەش بۇ دۇنيادىكى جاھالەت ھاياتى مۆمىن قەلبىدىكى ئىمانچىل ھايات تەسەۋۋۇرىغا ئورۇن بوشاتقانغا قەدەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.»

مانا بۇ نۇقتىلار ھەقىقىي ئىماننىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسىي ئامىلىدۇر. ئەگەر خالىساڭ ئۇنى «چىن ئەقىدە» دېسەڭمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرەرسىگە ئىگە بولالمىغان نەرسىنى ئىمان ياكى ئەقىدە دەپ ئاتاشقا ئەرزىمەيدۇ. ئۇنى پەقەت «كۆز قاراش»، «ئوي – پىكىر»، «نەزەرىيە» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ بىرەرسى بىلەن ئاتاشقىلا بولىدۇ، خالاس.

ئەمما ھەقىقىي ئىمان قۇياشى بولسا، ئۆز نۇرىنى روھنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە چاچىدۇ. ئۇنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ھەمدە ھاياتلىق تاراتقۇچى روھقا ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا سىڭىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ ئىمان – ئەقىدە ئەقىلگە ئۆتۈپ ئەقىلنى قانائەتلەندۈرىدۇ ۋە تىنچلاندۇرىدۇ. قەلبكە ئۆتۈپ ئۇنى قوزغىتىدۇ. ئىرادىگە ئۆتۈپ ئىرادىنى ئالغا تۈرتىدۇ ۋە ئۇنى ئېنىق بىر يۆنىلىشكە سالىدۇ. ئەقىل قانائەتلەنسە، قەلب ھەرىكەتلەنسە، ئىرادە يۆنىلىش تاپسا، ئىچكى – تاشقى ئەزالارمۇ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىدۇ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئىنتىلىدۇ. خۇددى پادا چوپانغا بويسۇنغاندەك.

مۇشۇ ئورۇندا پروفېسسور ئەھمەد ئەمىننىڭ كۆز قاراش بىلەن ئەقىدىنى پەرقلەندۈرۈپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى دىققەتكە ئەرزىيدۇ:

«سىنىڭ كۆز قارىشىڭ بىلەن ئۇنى ئېتىقاد قىلىپ تىكلىشىڭ ئارىسىدا تولىمۇ چوڭ پەرق بار. سەن بىر نەزەرىيىنى كۆرسەڭ ئۇنى بىلىم – مەلۇماتلىرىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا ئەقىدە تىكلىسەڭ ئۇ تومۇرلىرىڭدا قان بولۇپ ئاقىدۇ. يىلىكلىرىڭدە ماڭىدۇ. يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىغا سىڭىپ كىرىدۇ. نەزەرىيىچى پەيلاسوپ توغرا دەپ قارىغان نەرسە ئەمەلىيەتتە خاتا چىقىپمۇ قالىدۇ. بۈگۈن بىرنەرسىگە بىر خىل پاكىت تۇرغۇزسا، ئەتە ئۇنىڭ ئەكسىچە پاكىتلارنىمۇ تۇرغۇزۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۆز نەزەرىيىسىدە ھە دېگەندە توغرا بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ھەرقانداق بىر نەزەرىيە بۇ خىل ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس.»

ئەمما ئەقىدە ئىگىسى بولسا ئۆتكۈر پىچاققا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆز ئەقىدىسىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە ئەقىدىگە قارىتا شەك – شۈبھە بولمايدۇ. ئۇ ئۆز ئەقىدىسىنىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە، ئۇ بۈگۈن ھەقىقەت بولغان ئىكەن، ئەتىمۇ چوقۇم ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا جان – دىلى بىلەن ئىشىنىدۇ. ئۇ ئۆز ئەقىدىسىنىڭ پاكىت، ئىسپاتقا موھتاج ئەمەسلىكىنى، شەك ۋە گۇمانلاردىن ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.

نەزەرىيىچى بوشاڭ، مۆتىدىل كېلىدۇ. ئەگەر بىرەر كۆز قارىشى توغرا بولۇپ چىقسا خوش بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر توغرا چىقماي قالسا پىسەنتىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ توغرا دەپ قارىغان نەزەرىيىسىنىڭ خاتالىقىغىمۇ، خاتا دەپ قارىغان بىر نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىغىمۇ ئالدىنئالا ئېھتىماللىق قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئەقىدە ئىگىسى بولسا قىزغىن، جەڭگىۋار كېلىدۇ. ئۇ ئۆز ئەقىدىسىنى ئىسپاتلىمىغۇچە ئارام تاپماي تىركىشىدۇ، كۈرەش قىلىدۇ.

نەزەرىيىچى ئۆزگىرىشجان كېلىدۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ پاكىتى ئالدىدا ياكى پاكىت شەكلىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان مەنپەئەت ئالدىدا ئۆز نەزەرىيىسىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئەمما ئەقىدە ئىگىسى رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئۆز مەيدانى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇلار مۇشۇ دەۋىتىمنى تاشلىشىم بەدىلىگە ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى سول قولۇمغا ئاينى تۇتقۇزسىمۇ دەۋىتىمدىن ھەرگىز يانمايمەن (ۋاز كەچمەيمەن).»

نەزەرىيە بولسا جانسىز تەن. ئۇنىڭغا ئەقىدە بىلەن جان كىرگۈزۈلمىسە تىرىلمەيدۇ. نەزەرىيە قاراڭغۇ ئۆڭكۈر، ئۇنىڭغا ئەقىدە نۇرى چۈشمىگۈچە يورۇمايدۇ. نەزەرىيە كۆلدىكى توختام سۇ بولۇپ، پاشىلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇخۇم تۇغۇدۇ. ئەقىدە تېشىپ دولقۇنلاپ تۇرغان دەريا بولۇپ، ئۆز ئۈستىگە ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇم تۇغۇشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. نەزەرىيە بولسا تۇمان، ئەقىدە پارلاق يۇلتۇزدۇر. نەزەرىيە قىيىنچىلىقلارنى يارىتىدۇ. داۋانلارنى پەيدا قىلىدۇ. تەننىڭ ماددىي تەلەپلىرىگە بېقىنىدۇ. گۇمانلارنى قوزغاپ، ئىككىلىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەقىدە خەتەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ. توسۇقلارنى ۋەيران قىلىدۇ. دەۋر يۆنىلىشىنى بۇرايدۇ. تارىخىي جەرياننى ئۆزگەرتىدۇ. شەك ۋە ئارىسالدىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. كەسكىنلىك، قەتئىيلىك ۋە ھەقىقىي ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ.

                                                                                                                يازغۇچى: دوكتور يۇسۇف قەرەداۋىي

تەرجىمە قىلغۇچى: خالىس ھەق قۇلى

[1]  بەقەرە سۈرىسى 8 -، 9 ئايەت.

[2]  نىسا سۈرىسى 142- ئايەت.

[3]  نەمل سۈرىسى 14- ئايەت.

[4]  بەقەرە سۈرىسى 146- ئايەت.

[5]  ھۇجۇرات سۈرىسى 14– ئايەت.

[6]  نىسا سۈرىسى 65– ئايەت.

[7]  نۇر سۈرىسى  51 – ئايەت.

[8]  ئەھزاپ سۈرىسى 36 – ئايەت.

[9]  ئەنفال سۈرىسى 2 -، 4 – ئايەتلەر.

[10]  مۆمىن سۈرىسى 1 – 5 ئايەت.

بۇ تېما 128قېتىم كۆرۈلدى