چىكىنىڭ
تەكەببۇرلاردىن بىر قانچە مىسال

تەكەببۇرلاردىن بىر قانچە مىسال

ئەگەردە سىز تەكەببۇرلۇق قانداق ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدىغانلقىنى بىلەي دېسىڭىز، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىغا، ئاللاھ تائالا ئوپئوچۇق بىر قاتار مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىدە، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى يالغانغا چىقارغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشلەرنى قىلغانلىقىغا دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ: «ئۇلارغا بىزنىڭ نۇرغۇن روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: ‹بۇ روشەن سېھىردۇر› دېدى. ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن!»[1]

شەك – شۈبھىسىزكى، تەكەببۇرلۇق ۋە يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىش ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن توسۇپ قويغان ئىدى.

شۇنىڭدەك ئاد قەۋمىگە ئوخشاش ھەقنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: ‹كۈچ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟› دېدى.»[2]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول قولىدا تاماق يەۋاتقان بىر كىشىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا يېيەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولغاچقا ئۇنى ئوڭ قولىدا يېيىشكە بۇيرۇغان ئىدى. ھېلىقى كىشى ئۆزىنىڭ قىلالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى تەكەببۇرلارچە رەت قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلكى سەن قىلالايتتىڭ، تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى قىلىشتىن توسۇپ قويدى» دېگەن ئىدى.

ناۋادا تەكەببۇرلۇق ئىللىتىنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنى داۋالىماق ئىنتايىن قىيىن. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى ئۇلۇغ چاغلاپ ئۆزىنىڭ شۇنداق بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئەقىدە قىلىۋالىدۇ-دە، بىراۋنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالمايدۇ. ھەمدە باشقىلار ئۇنىڭغا قانداق ئۇسۇلدا يۈزلەنمىسۇن، ئۇ ئۆزىدىكى بۇ كېسەلنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە قارشى تەرەپنىڭ گەپلىرىنى ئۆزىگە ئالمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مۇناسىپ يۆنىلىشتە تۇرۇپ نەسىھەت قىلىش تەرەپدارى بولىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بۇ خىل شارائىتتىن ئوڭايلىقچە قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ.

بۇ خىل ئىللەتنى داۋالاشتا چوقۇم ئالدى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭدا قاتتىق بىر سىلكىنىش پەيدا قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭدا ئورناپ قالغان تەۋرەنمەس چۈشەنچىلەر تەۋرىنىشكە باشلاپ، ئۇنىڭدىكى مەغرۇرلۇق ۋە ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش خاھىشى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.

بۇنداق كىشىگە ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدىكى ئاتالمىش مۇكەممەل بىلىمى توغرىسىدا كۆڭلىگە شەك چۈشۈرۈپ، ئۆزى ھەققىدىكى ئەقىدىسىنى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان قاتتىق بىر زەربە ئارقىلىق تاقابىل تۇرماي بولمايدۇ. يۇقىرىقىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ كىبىر قازىنىنى چاقىدىغان سىرتقى بىر كۈچنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مانا مۇشۇنداق بەندىسىگە بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ كىبرىنى سۇندۇرىدىغان، قەدىر-قىممىتىنى تونۇتۇپ قويىدىغان بىر گۇناھقا دۇچار قىلىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن بۇ گۇناھ ئارقىلىق ئاللاھ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئۇنىڭ يامانلىقىغا ئۇچراپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەكەببۇرلىقى سۇنىدۇ. ئۇنىڭدىكى مەغرۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق، ئۆزىنى چوڭ چاغلاش ۋە باشقىلارغا مىننەت قىلىشتەك كېسەللەر ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ خىل گۇناھ ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئىتائەتلىك ئەمەللەردىنمۇ مەنپەئەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭغا نېسبەتەن گويا ساقايماس كېسەلگە بېرىلگەن ئابىھاياتتەك شىپا بولىدۇ.»[3]

 مانا بۇ خىل ئەھۋال تاكى ئۇ ئۆزىنى كېسەللىك ئاسارەتلىرىدىن يېنىكلىتىپ، نەپسىنى ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرگە يۈزلەندۈرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەيدىغان ئىمانى مۇھىتقا ئېلىپ كىرگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ.

رىياكارلىقنىڭ داۋاسى

رىياكارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرى بولۇپ، بۇنىڭ داۋاسى تەكەببۇرلۇق كېسىلىگە قارىغاندا كۆپ ئاساندۇر.

رىيانىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى دۇنيا سۆيگۈسى، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ئابرۇي قاتارلىقلار بولۇپ، ئىماننى كۈچەيتىش ۋە ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسى ئارقىلىق بۇ خىل ھالەتلەرنى داۋالاش تامامەن مۇمكىندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! پۇل مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار!»[4]

دېمەك، ئىماننىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسى نىڭ بولماسلىقى ئىنساننى رىياكارلىق كېسىلىگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ.»[5]

خۇلاسىكالام، ئىماننى كۈچەيتىش ۋە ئاللاھتىن قورقۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق رىياكارلىقنى داۋالاش مۇمكىن.

ئاللاھ ئۈچۈن خالىس ئەمەل قىلىش ۋە ئەمەل بەدىلىگە دۇنيالىققا ئائىت ھېچقانداق بىر نەرسە تەلەپ قىلماسلىق ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقۇشقا ئېلىپ بارىدىغان يول. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز. شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز.»[6]

مانا بۇلار رەببىدىن ھەقىقىي قورققان ھالدا بەرگەن تائاملىرى بەدىلىگە باشقىلارنىڭ ھەشقاللا ئېيتىشى ۋە ياكى ئاپىرىن ئېيتىشى چاغلىق بولسىمۇ بىرەر نەرسە كۈتمىگەن ئالىيجاناب كىشىلەردۇر.

توختالغان گەپ ئىمان ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن قېيىپ كەتكەن ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەتلەرگە ئۆز كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چارە قىلالايدۇ. خاتا ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا ئىمان كۆرسەتمىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان، شۇنداقلا كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشىگە ھەمدەم بولۇپ، ئۇنىڭ كۈنۈپ كەتكەن خاراكتېرىنى تەرك ئېتىشىگە، ھەمدە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە قابىلىيەت ۋە ئىقتىدار يۈكلەيدىغان ئىماندىن ئىبارەت كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېھتىياجلىق بولغىنى مانا بۇ ئىككىنچى تۈردۇر.

ئۈچىنچى تۈرگە كەلسەك، بۇ تۈر كېسەل ئۆتكۈرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىگىسىگە نەپسى بىلەن يۈزلىشىش، ئۆزىدىكى كېسەلنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا بەل باغلاش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى ھازىرلاپ، ئۇنىڭغا ساغلام بىر مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

[1] (نەمل سۈرىسى 13-14-بەت)

[2] (فۇسسىلەت سۈرىسى 15-ئايەت)

[3] (تەھزىبۇ مەدارىجۇسسالىكىن 170-بەت)

[4] (بەقەرە سۈرىسى 264-بەت)

[5] (نىسا سۈرىسى 38-بەت)

[6] (ئىنسان سۈرىسى 8-10-ئايەت)

دوكتور مەجدى ھىلالى

تەرجىمە قىلغۇچىلار:

مەمەتجان ئابدىقادىر

مۇھەممەد خالىس

بۇ تېما 102قېتىم كۆرۈلدى