چىكىنىڭ
خرىستىئان دىنىنىڭ قۇتقۇزۇش رولىنى ئېلىشتىن ئاجىزلىقى

خرىستىئان دىنىنىڭ قۇتقۇزۇش رولىنى ئېلىشتىن ئاجىزلىقى

ئىنسان بۇ دەۋرىمىزدە قاراڭغۇلۇق دېڭىزىدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دىنغا موھتاج بولسا، ئىككىلىنىش، قايمۇقۇش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ئازاپ چىكىۋاتقان ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش رولىنى قايسى دىن ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ؟

خرىستىئان دىنى بۇ رولنى ئوينىيالامدۇ؟

بۈگۈنكى دۇنيادىكى خرىستىئان دىنى – خۇسۇسەن غەربتە- غەرب مەدەنىيتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىككىلىنىش ۋە ئۇمىدسىزلىنىشكە دۈچ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش رولىنى ئالالمايدۇ ۋە تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئىنساننى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ.

بۇنىڭ سەۋەپلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى: خرىستىئان دىنى نەمۇنىلىك شەكلى بىلەن مەدەنىيەت رىسالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىن ئەمەس. ئۇ دىن ھاياتقا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، ئەقىلنى ئاساس قىلمايدۇ، ئىلىم – مەرىپەتكە تەشۋىق قىلمايدۇ، ئىنسان تەبئيىتىگە تەلپۈنمەيدۇ.

مىسيونىرلار ئۇ دىننى ھاياتقا قارىشى، ئەقىلغا زىت، ئىلىم – پەنگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئىنسان تەبئىتىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىش شەكلى بىلەن تەسۋىرلىگەن.

نەمۇنىلىك خرىستىئان دىنى ھاياتتىن ئۆزىنى تارتقان، دۇنيادىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن. ياخشى نىئمەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن «راھىب» دا مۇجەسسەملەشكەن. خرىستىئان راھىبلىرى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئاياللارنىڭ سايىسىدىن قاچاتتى، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيتتى. – گەرچە بۇ ئايال ئاپىسى ياكى ئاچا – سىڭلىسى بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ -ئۇلار روھى دۇنياسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بەدەنلىرىنى ئازاپلايتتى.

خرىستىئان دىنىنىڭ ئەخلاقى ئەمەلى بولمىغان ئەخلاقتۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ تاقىتى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئىنجىلدا شۇنداق كەلگەن: «دۈشمىنىڭلارنى ياخشى كۆرۈڭلار، سىلەرگە لەنەت ئېيىتقانلارغا بەركەت تىلەڭلار، كىم سىزنىڭ ئوڭ كاچىتىڭىزغا ئۇرسا، سول كاچىتىڭىزنى تۇتۇپ بېرىڭ، كىم سىزنىڭ كۆينىكىڭىزنى ئوغۇرلىسا، ئىشتىنىڭىزنى بېرىڭ…»

خرىستىئانلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ- خۇسۇسەن غەربتە- بۇ ئەخلاقتىن ناھايىتى يىراق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە باشقا ئىنسانىيەت جەمىيتىدە يۈز بېرىپ باقمىغان دىنى ۋە دۇنياۋى ئۇرۇشلار يۈز بەردى. بۇ ئەسىرىدە يۈز بەرگەن چوڭ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بايان قىلىش ھاجەتسىز بولغان مەسىلە.

ئەسلى خرىستىئان دىنى چەكلىك مەزگىل، مۇئەييەن مىللەت ئۈچۈن كەلگەن ۋاقىتلىق دىن ئىدى. ئۇ دىن، ئۇنۋېرسال خەلقئارالىق دىن بولۇش سالاھىيىتى تېپىلمايدىغان دىن ئىدى. ئۇنى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەقەت ئېزىپ كەتكەن «بەنى ئىسرائىل» ئۈچۈن پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

ئەسلى خرىستىئان دىنى ئۆزگەرتىلدى، ئەسلى ساماۋى كىتابى يوقاپ كەتتى. ئۇ دىننىڭ ئەقىدىسى، شۇئارى، ئاساسى ۋە شاخچە مەسىللىرىگە قەدەر ئىبارەت (تىكىست) ۋە مەنىۋى تەرەپتىن ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشلار قەدەم باستى.

بۇ ئەھۋال ئۇ دىننىڭ ھەقىقەتلىكىنى يوقاتتى. ئۇ دىننى تەۋھىد (خۇدانى بىر دېيىش) ئەقىدىسىدىن (خۇدانى ئۈچ دەيدىغان) ئەقىدىگە، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىبادەت قىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئىسا ئەلەيھىسسالام: «تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىگە كىرمىگىچە، باي ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرشەلمەيدۇ» دەيدۇ، يەنە: «مال – دۇنيالىرىڭنى سېتىۋىتىپ ئاندىن كېيىن ماڭا ئەگەشكىن» دەيدۇ.

خرىستىئان دىنىنىڭ مەشھۇر شۇئارى: «قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغىن! (يەنى ئىمانىڭنى ئەقىلىڭدىن ئايرىغىن)». ‍

خرىستىئانلارنىڭ ئىمان تارىخى ۋە تەبئىتى ئەقىل دائىرىسىدىن سىرىتقى نەرسىدۇر.

مەشھۇر پەيلاسوپ پوپ «ئوۋغىستىن» بىر كۈنى ئەقلىغا سىغمايدىغان نەرسىگە ئىمان كەلتۈرۈشنى بايان قىلىپ:  «ئەقىلغا سىغمىسىمۇ ئىشىنىمەن» دېگەن.

بۇنىڭ مەنىسى ھەقىقىي خرىستىئان ئىككى ئىشنىڭ بىرسىنى تاللاشتۇر، ئىلىم -پەنسىز دىننى تاللاش ياكى دىنسىز ئىلىم -پەننى تاللاش (يەنى ئىلىم – پەنگە تۇرۇش ياكى دىنغا تۇرۇش)، خرىستىئان دىنىنىڭ نەزرىدە ئىلىم – پەن بىلەن دىن كېلىشەلمەيدۇ.

ئىككىنچى: خرىستىئان دىنىنىڭ مۆرىسى ئالىملار، مۇتەپەككۈرلەرنىڭ قانلىرى بىلەن مىلىنغان دەھشەتلىك قاراڭغۇ تارىخ بىلەن ئېغىر. بۇ تارىخنى ئەسلەش بىلەن تەڭلا بەدەنلەر قورۇلۇپ، كىچىك باللار قېرىپ كېتىدۇ. چىركاۋ بۇ تارىخىدا پىكرگە قارشى قاتماللىق بىلەن، ئىلىم – پەنگە قارشى خۇراپاتلىق بىلەن، ئەركىنلىككە قارشى مۇستەبىتلىك بىلەن، نۇرغا قارشى قاراڭغۇلۇق بىلەن، خەلق ئاممىسىغا قارشى پادىشاھلار بىلەن بىر مەيداندا تۇردى. تارىخ ئىسىدىن چىقىرۋەتمىگىدەك دەرجىدە ئىنسانى قۇشخانىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. تارىخ تەپتىش مەھكىملىرىنى ۋە تەپتىش مەھكىملىرىنىڭ كەشپىياتچى، ئىجادىيەتچى ۋە ئىلىم – مەرىپەتلىك كىشلەر ھەققىدە ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمشلىرىنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟!

مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئېلىپ ئېيىتقاندا خرىستىئان دىنى ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش رولىنى ئېلىپ بارالمايدۇ.

ئۈچىنچى: خرىستىئان دىنى پوپلاردىن ئايرىلالمايدۇ، خرىستىئان دىنىنىڭ نوپۇزى، كىشلەرنىڭ ۋىژدانىغا ھۆكۈمران بولۇۋالغان بۇ كىشىلەرنىڭ نوپۇزىدىن كىلىدۇ. بۇ پوپلار ئۆزلىرىنى رەھمەت دەرۋازىلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇچىلار، ئاسمان بىلەن زېمىننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ھالقا ۋە ئاللاھ بىلەن بەندە ئارسىدىكى ۋاستىنى ئىگەللىگۈچىلەر دەپ ئويلىشىدۇ. زالىم پادىشاھلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن ئىنسانيىەت، يەنە بىر قېتىم دىن كىشلىرىنىڭ ( پوپلار) مۇستەبىتلىك ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشىغا تەييار ئەمەس.

تۆتىنىچى: خرىستىئان دىنىدىكى كۆپىلگەن دىن كىشلىرى، غەرب مەدەنىيتىدىكى ماددىزىم ۋە ئەخلاقسىز ئېقىمنىڭ ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىردى. ئۇلار ھە ر خىل ھاۋايى ھەۋەسلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشتى. كىشلەرنىڭ ھاۋايى- ھەۋەسى يولىدا مېڭىشنى دۇرۇس قىلىپ بەردى.

پاۋرۇپا، ئامېرىكا چىركاۋلىرىدا دىن كىشلىرىنىڭ ئارسىدا ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنسىلىقلار بىلەن، ئاياللارنىڭ ئوخشاش جىنسىلىقلار بىلەن توي قىلغانلىقىنى ھېس قىلىش ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.

بەزى پوپلار چىركاۋغا ياشلارنى توپلاش ئۈچۈن ھېسياتنى قوزغىتىدىغان ناخشا- ئۇسۇللارنى ئىشقا سالماقتا. بۇلارنىڭ نەزرىدە، «غايە ۋاستىنى ئاقلاپ بېرىدۇ».

بەشىنچى: تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى خرىستىئانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسىم، مىراس ياكى جۇغراپىيىلىك كاتگورىيە بىلەن خرىستىئان سانىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار خرىستىئان دىنىدىكىلەر ئەمەس.

چۈنكى بۇلا ر خرىستىئان دىنىنى ئەقىدە ۋە ئىستىل ئاساسىدا قوللانمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرسىدىن ئەقىدىسى توغرىسىدا سوراپ باقسىڭىز؛ «مەن بۇ ئىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇ ئىش ماڭا ئالاقىسىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

بۇلار ئىلاھ، پەيغەمبەر، ئاخىرەت، جەننەت، دوزاخ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلۇنۇپ يۈرمەيدۇ. بۇلار ھالال ۋە ھارامنى پەرق ئەتمەيدۇ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلدىغىنى دۇنيا ھايا تىنىڭ نەخ لەززىتى ۋە مەنپەئەتىدىن ئىبارەت خالاس. چۈنكى بۇلار قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ.

ئىنچىكە تەتقىقاتلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنلىرى چىركاۋغا بارىدىغانلارنىڭ سانى 5 % پىرسەنتىن ئاشمايدىكەن، يەكشەنبە كۈنى چىركاۋنى زىيارەت قىلىدىغانلار خالىس دىنى نىيىتى بىلەن ئەمەس، تۇرمۇش يۆللۈكىنى (زىركىشنى) ئۆزگەرتىش ياكى ياخشى كۆرىدىغان كىشلەر بىلەن ئۇچۇرشۇش ئۈچۈن بارىدىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدكى خرىستىئانلارنىڭ چىركاۋلىرىنى سېتىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى ئۇ ئورۇنلارغا ھېچقانداق ئېھتىياج قالمىدى. مۇسۇلمانلار سېتىۋىلىپ، ئۇ ئورۇنلارنى مەسچىتلەرگە ئايلاندۇرماقتا.

ئالتىنچى: غەرب مەدەنىيتىنى كۆپلىگەن كىشلەر خرىستىئان دىنىنىڭ مەدەنىيىتى دەپ قارايدۇ. ئۇنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا تاقاشقا ئۇرۇنىدۇ. غەرب مەدەنىيتى ئىسا ئەلەيھېسسسالامنىڭ مەدەنىيىتى ئەمە س، دەججالنىڭ مەدەنىيتىدۇر، چۈنكى دەججال قارىغۇ، بۇ مەدەنىيەتمۇ قارىغۇ مەدەنىيەتتىن ئىبارەت. بۇ مەدەنىيەت ھاياتلىق، كائىنات ۋە ئىنسانغا ماددى كۆزىدىن ئىبارەت بىر كۆزى بىلەنلا قارايدۇ، ئىنساننى روھسىز، كائىناتنى ئىلاھسىز ۋە دۇنيانى ئاخىرەتسىز كۆرىدۇ.

شۇ سەۋەپتىن غەرب مۇتەپەككۈرلىرى خرىستىئان دىنىنىڭ نىجاتلىق يولى ئىكەنلىگىنى يىراق سانايدۇ.

خرىستىئان دىنىنىڭ رولى كەلمەسكە كەتكەن، ئىسا( ئۇلارنىڭ نەزرىدە ئىلاھ) ئۆلۈپ كەتتى. بۇ مەنانى نىتىزى: «ئىلاھ ئۆلۈپ كەتتى» دېگەن سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن.

«ئىلاھنىڭ ئۆلۈشى» دېگەن سۆز، ئىسلام ئېڭى ۋە ئىسلام ئەقلىگە نىسبەتەن قاتتىق زەربىدۇر. چۈنكى ئىلاھ بىزنىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ) نەزرمىزدە كىشلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، كىشلەرنىڭ پادىشاھى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىلاھىيدۇر. ئۇ ئىلاھ ئىنسانلارنى ياراتتى، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلدى، ئۇ ئىنسانلارنى ۋاپات قىلدۇرۇپ يەنە تىرىلدۈرىدۇ. تىرىلدۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈش سالاھىيتىگە ئىگە ئىلاھنى ئۆلىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىلاھنى ئۆلۈمدىن سىرىت مۈگىدەش ياكى ئۇيقۇ تۇتۇپ قالمايدۇ.

ئەمما خرىستىئانلارنىڭ ئىلاھىي ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئىنسان شەكلىدىكى ئىلاھدۇر ياكى ئۇ ئىلاھنىڭ روھى ئىنسانغا چۈشكەندۇر.

ئۇلار ئۇ ئىلاھنى دارغا ئېسلىپ كەتكەن دەپ ئېتىقاد قىلشىدۇ.

يەھۇدىي دىنى قۇتقۇزۇش رولىنى ئېلىشتىن تېخىمۇ ئاجىز

خرىستىئان دىنى قۇتقۇزۇش رولىنى ئېلىشتىن ئاجىز كەلگەن بولسا، يەھۇدىي دىنى تېخىمۇ ئاجىز كىلىدۇ.

يەھۇدىي دىنىنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ دىندا ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغىدەك ھىدايەت بار دەپ قارىمايدۇ، بۇ دىنغا ئۇنسۇرىيەتچىلىك تەبئىتى غەلبە قىلىپ كەتكەن.

يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى“ ئاللاھنىڭ تاللانغان خەلقى“ دەپ گۇمان قىلىدۇ، يەھۇدىي دىنىنى ئۇنسۇرىيەتچىلىك بېسىپ كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن ئۇ دىن باشقىلارغا تارقىتىلماي، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.

يەھۇدىي دىنىدا «ئاللاھ» ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەمەس، بەلكى ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ پەرۋرەدىگارىدۇر. يەھۇدىيلارنىڭ نەزرىدە ئاخىرەت كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ مۈلكىدۇر.

مىسىرلىق قىبتى مىللىتىنىڭ يازغۇچىسى دوكتۇر/ پەۋزى لوقانىڭ يەھۇدىي دىنىنى: «ئۇ بۇ خەلقنىڭ دىنىدۇر، يەنى خەلقئارالىق دىن ئەمەس» دەپ سۈپەتلىگەنلىگى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلغان تەۋھىد بۇ كىتابتا (تەۋراتتا) زايا بولۇپ كەتتى. بۇ كىتاب ئىلاھنىڭ سۈرتىنى سەتلەشتۈرۋەتتى، ئىلاھقا ئىنساندا تېپىلىدىغان نادانلىق، قورقۇش، ھەسەت قىلىش ۋە ئاجىزلىققا ئوخشاش سۈپەتلەرنى ئىلاھقا چاپلىدى.

ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت ۋە مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخىنى بۇلغاپ، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلىدى.

يەھۇدىي دىنىنىڭ شەرىئىتى باشقىلارغا ھارام قىلغان نەرسىنى يەھۇدىيلارغا ھالال قىلىپ بېرىدۇ. ئالايلۇق، جازانە ئىشلىرىدا يەھۇدىينىڭ يەنە بىر يەھۇدىيغا جازانە قىلىشى ھارام، ئەمما يەھۇدىي بولمىغان مىللەتلەر بىلەن بولسا ھالال سانىلىدۇ. يەھۇدىي يەھۇدىي بولمىغان باشقا مىللەت بىلەن پاھىشە قىلسا جازاغا ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بۇ زىنا ھېسابلانمايدۇ.

تەۋرات تەلىماتلىرىغا قارايدىغان بولساق، بۇ تەلىماتلار يەھۇدىيلارنى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى مافىيە (تەشكىللىك قاراقچىلار گورۇھى) قاراقچىللىرىغا ئوخشاش يىتۈشتۈرۈپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇلار دىن نامى بىلەن ئىنسانلارنىڭ قېنىنى، مال – مۈلكىنى ۋە ئابرويلىرىنى ھالال سانايدۇ. بۇلار «باشقا مىللەتلەر بىزگە قۇل بولىشى لازىم. بىز ئالەمگە خوجايىن بولىشىمىز كېرەك، چۈنكى باشقىلار بىزگە نىسبەتەن ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن ئورۇندىكى مەخلۇقلاردۇر» دەپ قارىشىدۇ.

يەھۇدىي دىنى خەلقئارالىق دەۋەت ئەمەس، ئۇ ئالەمنى توغرا يولغا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئۇ دىننىڭ بىردىن- بىر ئويلايدىغان مەقسىتى ئالەمگە خوجايىن بولۇشتۇر (ھازىرقى بۇرۇلۇپ كەتكەن ھالىتىنى دىمەكچى).

گەرچە يەھۇدىيلار ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلاش رىسالىسىگە ئىگە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش سالاھىيىتىدىن ناھايىتى يىراق، چۈنكى ئۇلار – شەخسىيەتچىلىگى، ئاداۋەتخورلۇقى، تاماخورلۇقى، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى بىر ئامال قىلىپ ئىگەللىۋىلىشىگە ئوخشاش ئاچكۆزلىكى سەۋەبىدىن- خەلقئارالىق رىسالەتنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا يارىمايدۇ.ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر.

ئۇلار- ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن بولغان قانلىق تارىخلىرى بىلەن – ئىنسانىيەت ئۈچۈن رىسالە كۆتۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس.

ئۇلار – پىتنە قوزغاش، ئىتتىپاقلىقنى بۆلۈپ تاشلاش، ناچار ئىديەلەرنى تارقىتىش، ئەخلاقسىزلىققا چاقىرىدىغان پەلسەپىلەرنى قانات يايدۇرۇش تارىخى بىلەن- ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش، ئىنسانىيەتنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس، چۈنكى ئۇلاردا مۇنداق قابىلىيەت يوق.

يازغۇچى: دكتور يۈسۈپ قەرداۋى

                                                                                                                             ترجىمە قىلغۇچى: سيف ﷲ

 

بۇ تېما 93قېتىم كۆرۈلدى