چىكىنىڭ
دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەيىپ-نۇقسانلار ۋە ئاپەتلەر

دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەيىپ-نۇقسانلار ۋە ئاپەتلەر

ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە تەرسالىق قىلىشتىن توسۇش بىكارغا كەلگەن ئەمەس. بەلكى، ئۇنىڭدىن ئېغىر ئەيىپ-نۇقسانلار ۋە ئاساسىي ئاپەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى سەۋەبىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ بىرى، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئىنساننى يىرگەندۈرىدىغان ئىش بولۇپ، ئۇنى نورمال ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى كۆتۈرمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەبرە قىلالمايدۇ.ئۇنىڭغا ئازغىنا كىشىلەر سەبرە قىلسىمۇ، كۆپچىلىك سەبرە قىلالمايدۇ. شەرىئەت مۇئەييەن سەۋىيىدىكى خاس شەخسلەرگە خىتاپ قىلماستىن، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۈيۈك ساھابە مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ كىشىلەردىن بىرسى شىكايەت قىلغۇچىلىك دەرىجىدە كىشىلەرگە ئۇزۇن ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكىگە قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئاز، سەن پىتنىگە تاشلىغۇچىمۇ؟» ئۇ بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ھادىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بولغۇچى كىشىگە شۇنداق قاتتىق غەزەپلەنگەن ئىدىكى، ئىلگىرى زادىلا ئۇنىڭدەك غەزەپلەنمىگەن. ئۇ غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا يىرگەندۈرگۈچىلەر بار. كىمكى، كىشىلەرگە ئىمام بولسا نامازنى قىسقا قىلىپ ئوقۇسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار، ئاجىزلار ۋە ھاجەتمەنلەر بار» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز بىلەن ئەبى مۇسالارنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلغانىدى: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتۈرمەڭلار، ئىختىلاپلاشماڭلار!» (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى بەندىلەرگە يامان كۆرسەتمەڭلار! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىمام بولۇپ كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندە ئۇزۇن قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ناماز ئۆتىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ بۇ نامازنى ياقتۇرماي قالىدۇ».

يەنە بىرى، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئۆمرى قىسقىدۇر. ئادەتتە ئىشنىڭ ئۇ بويىچە داۋاملىشىشى ئاسان ئەمەس. ئىنسان دېگەن ھورۇن بولىدۇ، ئۇنىڭ تاقىتى چەكلىك، بۈگۈن چىڭىتىۋېلىشقا ۋە قىيىنچىلىققا سەبرى قىلسا، ئەتىسى تېزلا زېرىكىدۇ ياكى چارچاپ قالىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئۇنىڭ نەپسى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى تاقىتى چەكلىك بولىدۇ. شۇڭا، تاقەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى ھەمىشە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمايدۇ. ئاخىرىغا كېلىپ مالاللىق يېتىپ،ئاز ئىشنىمۇ قىلالماس بولۇپ قالىدۇ ياكى ئۇ ئىشنى تاشلاپ باشقىچە ئىش تۇتىدۇ. يەنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن بوشاڭلىققا، چىڭ تۇتۇۋېلىشتىن بىپەرۋالىققا يۆتكىلىدۇ. پۈتمەس-تۈگىمەس ئەبەدىي كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھقا خاستۇر.

مەن بىر مەزگىل ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتا مەشھۇر بولۇپ، كېيىن بىر مەزگىل يوقاپ كېتىپ، كېيىن باشقا يامان يولغا كىرىپ كەتكەن ياكى ئارقىسىغا چېكىنىپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆپ كۆردۈم (ئاللاھ تائالا بىزنى ئۇنداق ئادەملەردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىغاي!). ھەدىس شەرىفتە زىكرى قىلىنغان ئالدىراڭغۇ كىشىگە ئوخشاش ئالدىراپ كېتىپ، كېيىن سوۋۇپ قېلىپ تاشلىۋەتكەنلەرمۇ بار. ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ھەددىدىن زىيادە ئالدىراپ كېتىپ زېمىننى ھەم كېزەلمىدى، بىرەر ئۇلاغنى ھەم تىرىك قويمىدى». دېمەك، ئالدىراپ تېز يۈرىمەن دەپ ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ، يالغۇز قالدى ۋە ئۇلاغلىرىنى ھەم چارچىتىپ ھالەك قىلدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ كۆرسەتمىسى مانا شۇنىڭدىن چىققان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزەڭلارنىڭ تاقىتى يەتكەن مىقداردا ئەمەل-ئىبادەت قىلىڭلار! چۈنكى، ئاللاھ تائالا چارچاپ قالمايدۇ، بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلار چارچاپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقراقى ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغىنىدۇر».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن بىر چۆرىسى بار ئىدى. ئۇ ئايال كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇ ئايال توغرىسىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئۇ ئايال كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇيدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق ئىشنىڭ قىزغىن، جۇشقۇن چېغى بولىدۇ. ھەر قانداق قىزغىنلىق، جۇشقۇنلۇقنىڭ سوۋۇپ قالىدىغان، بوشىشىپ قالىدىغان چېغى بولىدۇ. كىمكى، ئۇنىڭ ئەمىلى مېنىڭ سۈننىتىم بويىچە بولسا ئەلۋەتتە ھىدايەت تاپىدۇ. كىمكى، ئۇنىڭ ئەمىلى باشقا يول بويىچە بولسا ئېزىپ كېتىدۇ» (بۇ ھەدىسنى بەززار رىۋايەت قىلغان).

ئىمام ئەھمەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبىرىمىزگە ساھابىلەردىن بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ئىبادەتتە قاتتىق چىڭ تۇرغانلىقى زىكرى قىلىندى. پەيغەمبىرىمىز بۇنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىسلامنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە قىزغىنلىقىدۇر. ھەر قانداق جۇشقۇنلۇقنىڭ قىزغىنلىقى بولىدۇ. ھەر قانداق قىزغىنلىقنىڭ سوۋۇيدىغان ۋاقتى بولىدۇ. كىمكى، ئۇنىڭ سوۋۇشى كىتاب ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولسا، ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا بولىدۇ (يەنى توغرا يولنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ). كىمكى، ئۇنىڭ سوۋۇشى گۇناھ-مەئسىيەت تەرەپكە بولسا، ئۇ كىشى ھالەك بولغۇچىدۇر» (شاكىر بۇ ھەدىس ئىشەنچلىك ھەدىس دېدى). توغرا يولنى مەقسەت قىلغاننىڭ مەنىسى، سابىت بولغان بۈيۈك ئۇسۇلغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇ ئۇسۇل بويىچە ئىش قىلىشتۇر. ئىمام تىبرانىدىن بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «كىمكى، ئۇنىڭ سوۋۇشى ئوتتۇراھاللىق تەرەپكە بولسا نېمىدېگەن ياخشى …؟! كىمكى، ئۇنىڭ سوۋۇشى گۇناھ تەرەپكە بولسا ئۇ ھالەك بولغۇچىدۇر».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇكەللەپلەر (ئىبادەت پەرز بولغانلار)گە قىلغان ۋەسىيىتى نېمىدېگەن ياخشى ۋەسىيەت ھە…؟! ئۇ ئوتتۇراھال، مۆتىدىل بولۇشقا، دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە ۋەسىيەت قىلغان. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا دىن ئۇلارغا غالىپ كېلىپ قالىدۇ. دىنغا قارشى چىقماسلىق لازىم. ئۇنداق قىلغاندا دىن ئۇلارنى يېڭىپ قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دىن ھەقىقەتەن ئاساندۇر، دىننى ھېچكىم قىيىنلاشتۇرالمايدۇ. ئەگەر كىمكى، ئۇنداق قىلىمەن دەيدىكەن يېڭىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا يول تۇتۇڭلار (يەنى ئوتتۇراھال بولۇڭلار!) يېقىنلاشتۇرۇڭلار! خۇش بېشارەت ئېلىڭلار! …» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام نەسەئىيلەر ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان).

ئەللامە مەنناۋى دېگەن كىشى بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بىر كىم ئىبادەت قىلىشتا چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتمەسلىكى، راھىبلاردەك بولۇۋېلىپ، مۇلايىملىقنى تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم. ئەگەر ئۇنداق قىلىدىكەن، ئاجىز كېلىپ قالىدۇ ۋە مەغلۇپ بولىدۇ: «توغرا يول تۇتۇڭلار» دېگەننىڭ مەنىسى ئوتتۇراھال يولنى تۇتۇڭلار! دېگەنلىكتۇر. ئىبادەتلەردە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك لازىم. شۇنىڭدەك بوشاڭلىق، بىپەرۋالىقمۇ قىلماسلىق لازىم. «يېقىنلاشتۇرۇڭلار» دېگەننىڭ مەنىسى، ئەگەر كامىلراقنى قىلالمىساڭلار شۇنىڭغا يېقىنراقنى قىلىڭلار! دېگەنلىكتۇر. «خۇش بېشارەت ئېلىڭلار» دېگەننىڭ مەنىسى، ئاز بولسىمۇ دائىم ياخشى ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى كۈتۈڭلار! دېمەكتۇر.

يەنە بىرى شۇكى،ئۇ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھوقۇقلارغا رىئايە قىلمايدۇ. ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋاجىباتلارنى ئادا قىلمايدۇ. ھۆكۈمالارنىڭ بىرى مۇنداق دەپ نېمىدېگەن راست ئېيتقان-ھە؟! «ھەر قانداق چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشنى كۆرگەن بولسام، ئۇنىڭ يېنىدا زايا بولۇپ كەتكەن بىر ھەقنى كۆردۈم». ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلىپ كېتىپ، ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك دەرىجىگە يەتكەندە، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ماڭا سېنىڭ كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى قىيامدا تۇرىدىغانلىقىڭنىڭ خەۋىرى يېتىپ كەلدى، بۇ راستمۇ؟». ئابدۇللاھ: «ھەئە، راست ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنداق قىلما، روزا تۇت ۋە ئىپتار قىل. قىيامدا تۇر ۋە ئۇخلا. ئەلۋەتتە سېنىڭ بەدىنىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، سېنىڭ كۆزۈڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، سېنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار. ئەلۋەتتە سېنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار …» دېدى (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنى، ھەر قانداق ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بەر، بىرىنى دەپ يەنە بىرىنىڭ ھەققىنى زايا قىلما دېمەكتۇر.

شۇنىڭغا ئوخشاش بىلىملىك ساھابە سەلمان پارىسى ئۆزىنىڭ دائىم ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، تەركى دۇنيا قېرىندىشى ئەبى دەرداغا دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قېرىنداش قىلىپ قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دوستلۇق ئىنتايىن كۈچەيگەن، ھېچقانداق تارتىنىش قالمىغانىدى. بىر كۈنى سەلمان ئەبى دەردانى زىيارەت قىلىپ كەلدى. ئۇ ئۇممى دەردا (ئەبى دەردانىڭ خوتۇنى)نىڭ ئاياللار ئېرى ئۈچۈن كىيىدىغان چىرايلىق كىيىمنى كىيەلمەستىن، ئىش قىلغاندا كىيىدىغان كىيىمنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «سىزگە نېمە بولدى؟» دېدى. ئۇ ئايال: «قېرىندىشىڭىز ئەبى دەردانىڭ دۇنيا لەززىتىگە ھاجىتى يوق»، دېدى. كېيىن ئەبى دەردا كېلىپ، سەلماننى قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا تاماق ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. سەلمان ئۇنىڭغا: «سەنمۇ يېگىن»، دېدى. ئەبى دەردا: «مەن روزا تۇتقانىدىم»، دېدى. سەلمان: «سەن يېمىگۈچە، مەن ھەرگىز يېمەيمەن» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن سېنىڭ ئىپتار قىلىشىڭ ئۈچۈن قەسەم قىلدىم» دېگەن دېيىلىدۇ. بۇنى رىۋايەت قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «ئەبى دەردا تاماق يېدى، كەچ بولغاندا ئەبى دەردا قىيامدا تۇرۇشقا مېڭىۋىدى، سەلمان ئۇنىڭغا: «ھازىر ئۇخلا!» دېدى. ئۇ ئۇخلىدى. بىر ئازدىن كېيىن يەنە قىيامدا تۇرۇشقا مېڭىۋىدى، سەلمان ئۇنىڭغا: «يەنە ئۇخلا» دېدى. ئاندىن كېچىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سەلمان: «ئەمدى تۇر!» دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە ناماز ئوقۇدى. ئاندىن سەلمان ئۇنىڭغا: «ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، نەپسىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، سېنىڭ ئايالىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بەر!» دېدى.

كېيىن ئەبى دەردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، بۇ ئەھۋالنى بايان قىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەلمان توغرا قىپتۇ» دېدى (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە تىرمىزىلار رىۋايەت قىلغان). ئىبنى سەئىدتىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەلمان ئىلىمغا تولۇپ كەتتى …».

لېكىن، «دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش»نىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭدىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇنىڭ ئالامەتلىرى قانداق؟ ئىنسان قاچان دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچى بولىدۇ؟

يازغۇچى: يۈسۈپ قەرداۋىي

تەرجىمە قىلغۇچى: بەختىيار

بۇ تېما 117قېتىم كۆرۈلدى