چىكىنىڭ
دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ قايسى ئاساس ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقى

دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ قايسى ئاساس ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلەش

شۈبھىسىزكى، دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش چۈشەنچىسىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن كۆزلەنگەن مەقسەتنى ئىلمىي ۋە ئاڭلىق ھالدا بەلگىلەش ئۇنى داۋالاش يولىدىكى بىرىنچى قەدەمدۇر. چۈنكى، ھالاك بولىدىغان كىشى بىلىپ ھالەك بولسۇن، ھايات قالىدىغان كىشى بىلىپ ھايات قالسۇن!

ھەر قانداق ئىشنى بايان قىلىشتا ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشتا ئىسلامىي چۈشەنچىگە ۋە شەرىئەتنىڭ سابىت قائىدىلىرىگە يۆلەنمەستىن، پەقەتلا كۆز قاراشلارغا ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى پالانى-پوكۇنلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانسا، ئۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىن باشقىسىنىڭ سۆزلىرى ھۆججەت ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ﴾ «سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، بىر ئىشتا تالىشىپ قالغىنىڭلاردا ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قايتۇرۇڭلار» (نىسا سۈرىسى 59- ئايەت). بۇ ئۈممەتنىڭ مەيلى ئىلگىرىكىلىرى بولسۇن، ياكى كېيىنكىلىرى بولسۇن، «ئاللاھقا قايتۇرۇش» نىڭ مەنىسىنىڭ- ئاللاھنىڭ كىتابىغا قايتۇرۇش، «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قايتۇرۇش» نىڭ مەنىسىنىڭ – ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇش ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ كەلدى.

مانا شۇنداق شەرىئەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانماي تۇرۇپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى دەپ تۆھمەت قىلىنغان ياشلار بىراۋنىڭ پەتىۋاسىغا ياكى يەنە بىراۋنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلمايدۇ، ئۇلارنى رەت قىلىدىغان بۇ تۆھمەتنى كۆزلىرىنىڭ قىرىغىمۇ ئالمايدۇ ھەمدە ئۇلارنى يېتەكلىگۈچىلەرگە بۇرمىلىغۇچىلار، شەيئىلەرنى غەيرى ئىسىملار بىلەن ئاتىغۇچىلار، دەپ گۇمان بىلەن قارايدۇ.

ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىش بولغانىكەن: ئىمام شافىئىيغا ‐‐ ھالبۇكى ئۇ ئەھلى سۈننىيلەردىن بولغان بولسىمۇ ‐‐ «رافىزىي» دېگەن تۆھمەت چاپلىنىپ قالغانىكەن. ئۇ بۇ ناھەق تۆھمەتكە ناھايىتى خاپا بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى مۇنداق دېگەنىكەن: «مۇھەممەد ئائىلىسىنى سۆيۈش رافىزىيلىق بولىدىغان بولسا، ئىنسان ۋە جىنلار مېنىڭ رافىزىي ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھ بولغاي».

يېقىنقى زاماندىكى دەۋەتچىلەرنىڭ بىرمۇ مۇنداق دېگەنىكەن: «ئى ئاللاھ! ئەگەر كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ يېپىشقا كىشى ئەكسىيەتچى بولسا، مېنى ئەكسىيەتچى قىلغىن! مېنى ئەكسىيەتچى قىلىپ جېنىمنى ئالغىن! قىيامەت كۈنى مېنى ئەكسىيەتچىلەر قاتارىدا تىرىلدۈرگىن!».

ئەمەلىيەتتە ئارىمىزدا تارقىلىپ يۈرگەن «ئەكسىيەتچى»، «قاتمال»، «ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچى»، «مۇتەئەسسىپ» دېگەندەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنىڭ مەنسىنى بەلگىلەش ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر. بۇ سۆزلەر ھەممە ئۆز خاھىشى بويىچە ئىشلىتىدىغان، ئەۋرىشىم ھالەتتە بولۇپ قالمىسۇنكى، ھەركىم ئۆزىگە چىرايلىق تۇيۇلغان بويىچە ئىشلىتىدىغان، ئەڭ يىراق ئوڭچىلاردىن باشلاپ، ئەڭ يىراق سولچىلارغىچە ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك كۈچلەر تەرىپىدىن خالىغانچە تەپسىر قىلىنىدىغان سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن!

بىز بۇ يەردە «دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش» دېگەن سۆزنىڭ چۈشەنچىسىنى بەلگىلەشنى كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىغا ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە تاشلاپ قويساق، تۈگىمەس ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىپ، بىزنىڭ يولىمىز بۆلىنىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ﴾  «ئەگەر ھەق ئۇلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدىغان بولسا، ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەر بۇزۇلۇپ كېتەتتى» (مۇئمىنۇن سۈرىسى 71- ئايەت).

مۇھىم ئىككى مۇلاھىزە:

مەن بۇ يەردە بىزنىڭ ماۋزۇيىمىزدا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بولغان ئىككى مۇلاھىزىنى تەكىتلەپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

  1. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ۋە ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ دىنى مىقدارىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىنىڭ باشقىلارغا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى ئوتتۇراھال بولۇش ياكى بوشاڭلىق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ھۆكۈم قىلىشتا تەسىرى بار.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئىنساننىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولسا ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن جەمئىيەتمۇ دىنى جەمئىيەت بولسا، ئۇ ھەر قانداق دىنغا خىلاپ ئىشنى ياكى بىرەر كەمچىلىكنى كۆرۈپ قالسا ھېسىياتى ناھايىتى تېز قوزغىلىدۇ. ھەتتا ئۇ كېچىسى قىيامدا تۇرمايدىغان ياكى كۈندۈزى روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلماننى كۆرسە ئۇنىڭدىن ئەجەبلىنىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆز پەيدا بولغانىكەن: «ياخشىلارنىڭ ياخشىلىقلىرى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلارنىڭ يامانلىقلىرىدۇر». بۇ يەردە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تابىئىنلاردىن بولغان بىر قىسىم زامانداشلىرىغا دېگەن مۇنۇ سۆزى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر بىر ئەمەلنى قىلىسىلەر-دە، ئۇ ئەمەل سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا چاچتىنمۇ نازۇك، ساۋاپلىق ئەمەل كۆرۈنىدۇ. ۋەھالەنكى، بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا ئۇ ئەمەلنى ئازابقا گىرىپتار قىلغۇچى گۇناھلاردىن ھېسابلايتتۇق».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا لۇبەيد ئىبنى رەبىئەنىڭ مۇنۇ بىر بېيىتىنى ئوقۇغانىدى:

ھىمايىسىدە ياشاشقا بولىدىغانلار كېتىپ قېلىپ، ئۆتۈكنىڭ ئاپقۇتىدەك ئارقىدا قالىدىغانلار قېلىۋەردى.

ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەيتتى: لۇبەيدقا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئۇ بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ياشىغان بولسا قانداق بولار ئىدى؟ ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير (ئۇ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كېيىن بىر مەزگىل ياشىغان) مۇنداق دېگەنىدى: ئاللاھ لۇبەيدكە ۋە ھەزرىتى ئائىشىگە رەھمەت قىلسۇن! ئۇلار بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ياشىغان بولسا نېمە بولار ئىدى؟

بۇنىڭ ئەكسىچە دىنىي ئېتىقادى سۇس، مەلۇماتى ئاز ياكى ئاللاھنىڭ ھاراملىرىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئىنكار قىلىدىغان مۇھىتتا ياشايدىغان ئىنسانغا قارىساق، ئۇ دىننىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تۇتۇپ ماڭغانلىقنىمۇ تەئەسسۇپلۇق ياكى چېڭىتىۋالغانلىق دەپ ھېسابلايدۇ.

ئۇنىڭ بىلەن دىننىڭ ئارىلىقىدىكى مۇساپە قانچىلىك يىراقلاشقانسېرى، ئۇنىڭ ئەجەپلىنىشى، ئىنكار قىلىشى  زىيادىلىشىدۇ. بەلكى دىننىڭ ھالقىسىغا چىڭ يېپىشقان، ئۆزىنى تەقۋادارلىق يۆگىنى بىلەن يۆگەنلىگەن ۋە ئالدىغا توغرا كەلگەن نەرسىنى ھالالمۇ؟ ھاراممۇ؟ دەپ سورايدىغان ھەر قانداق كىشىلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى كۈچىيىدۇ.

بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىسلامنىڭ ئىسمى بىلەن، غەربنىڭ ئەقلى بىلەن ياشايدىغان، پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى بەجا كەلتۈرگەنلىكىنى دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ.

ئەجنەبىيلەرنىڭ پىكىر ۋە ئادەتلىرى چىرمىشىۋالغان كۆپلىگەن كىشىلەر يېيىش، ئىچىش، كىيىنىش، زىننەتلىنىش ۋە باشقىلاردا ئىسلامنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلغان كىشىلەرنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر، تەئەسسۇپلۇق قىلىدىغانلار دەپ قارايدۇ.

بىز ياشلارنىڭ ساقال قويۇۋالغانلىقىنى، قىزلارنىڭ رومال ئورىۋالغانلىقىنىمۇ دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەرنى كۆردۇق.

ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى ھۆكۈمران قىلىشقا، ئىسلام زېمىنىدا ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇشقا چاقىرغانلىقنىمۇ دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەرنى كۆردۇق.

يەنە دىننى ۋە دىننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىغانلىقنى، ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىشتىن چەكلىگەنلىكنىمۇ دىنىي جەھەتتىن ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ۋە باشقىلارنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەيدىغانلارنى كۆردۇق.

يەنە دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى كاپىر ھېسابلاشنى تەئەسسۇپلۇق، دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك دەيدىغانلارنىمۇ كۆردۇق. ۋەھالەنكى، ئىماننىڭ ئاساسى ‐‐ ئۆز دىنىنى ھەق، باشقا دىنلارنى باتىل دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە ھېچقانداق كىشىگە خۇشامەتچىلىك قىلىش يوق.

  1. شۈبھىسىزكى، بىر ئىنساننىڭ دىنىي مەسىلىلەردە چىڭراق تۇرىدىغان مەزھەبنى تۇتۇپ ماڭغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى دەپ تۆھمەت قىلىش ئىنساپلىق بولمايدۇ. قاچانكى، ئۇ ئىنسان شۇنى توغرىراق دەپ قارىسىمۇ مەيلى. چۈنكى، ئۇ ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭلا قارىشىدىن ۋە ئېتىقادىدىن جاۋاپكار. باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشى ۋە ئېتىقادىدىن ئۆزلىرى جاۋاپكار. ئەگەر ئۇ ئۆزى ئۈچۈن چىڭىتىۋالسا، گەرچە ئۇ پەرز ياكى ۋاجىپ بولسىمۇ مۇشۇ ئەڭ ئەۋزەل دەپ قاراپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى. چۈنكى، ئۇنىڭ ھىممىتى پەرزلەرنىڭ چېگرىسىدىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى، ئاللاھقا ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن نەپلى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىقمۇ يېقىنلىق قىلىدۇ.

ھاياتنىڭ ھەقىقىتى شۇكى، ئىنسانلار بۇ مەسىلىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاسانلاشتۇرۇۋالغۇچىلار بار، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەسلەشتۈرۈۋالغۇچىلارمۇ بار. ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە ئىبنى ئابباسقا ئوخشاش رۇخسەت قىلىنغان تەرەپنى تۇتىدىغانلارمۇ بار ئىدى، شۇنىڭدەك، ئىبنى ئۆمەرگە ئوخشاش چىڭراق تەرەپنى تۇتىدىغانلارمۇ بار ئىدى.

بۇ يەردە مۇسۇلمان ئۈچۈن شۇ كۇپايە قىلىدۇكى، ئەلۋەتتە ئۇ ئۆز قارىشىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېتىراپ قىلىنغان مەزھەبلەردىن بىرى ئۈستىگە قۇرىدۇ. ياكى ئۇ توغرا شەرئىي دەلىل ئۈستىگە قۇرۇلغان توغرا ئىجتىھادقا يۆلىنىدۇ. ئەگىشىلىۋاتقان مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرىنىڭ ئىچىدە ساقال قويۇشنىڭ ۋاجىپلىقىنى ۋە ئۇنى چۈشۈرۈشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەيدىغىنى بار. بۇ مەزھەبكە قانائەت قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆزىگە تەتبىقلىغان كىشى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولامدۇ؟ چۈنكى،ئۇ مېنىڭ، سېنىڭ ۋە ئۆلىمالاردىن زەيد ۋە ئەمرىنىڭ كۆز قارىشىغا، خۇسۇسەن بۈگۈنكى ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىغا خىلاپلىق قىلدى. بىر ئىنساننىڭ بىر قارىشىنى يەنە بىر قاراشتىن كۈچلۈك ھېسابلاشتىكى ‐‐ خۇسۇسەن باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەردە بىر قاراشنى يەنە بىر قاراشتىن كۈچلۈك ھېسابلاش ھەققىنى تونۇماسلىققا بىزنىڭ ھەققىمىز بارمۇ؟

شۈبھىسىزكى، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ كۆپىنچىلىرى مۇسۇلمان ئايالنىڭ يۈزى ۋە قولىدىن باشقا بەدەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېپىشى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇنۇ سۆزىدە يۈز بىلەن قولنى ئايرىۋەتكەن دەپ قارايدۇ: «تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» (نۇر سۈرىسى 31- ئايەت). ئۇلار بۇ قاراشلارنى ھەدىسلەر، ۋەقەلەر ۋە نەقىللەر بىلەن دەلىللەيدۇ. زامانىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئۆلىمالىرىمۇ بۇ قاراشنى كۈچلۈك دەپ قارايدۇ، مەنمۇ شۇنداق قارايمەن.

لېكىن، كاتتا ئۆلىمالارنىڭ بىر قانچىسى يۈز ۋە قولنىڭمۇ ئەۋرەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى يېپىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا قۇرئان، ھەدىس ۋە ئەسەرلەردىن دەلىل كەلتۈرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپىنچىسى، خۇسۇسەن پاكىستان، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئۆلىمالىرى مۇشۇنداق قارايدۇ. ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ھەر قانداق خوتۇن-قىزلارنى يۈزلىرىنى يېپىش ئۈچۈن چۈمپەردە تارتىشقا ۋە قوللىرىنى يېپىش ئۈچۈن پەلەي كىيىشكە چاقىرىدۇ.

بۇ مەزھەبكە قايىل بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئەمەل قىلغان خوتۇن-قىزلارغا دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن دەپ تامغا ئۇرۇلامدۇ؟ ياكى خوتۇن-قىزلارنى شۇنداق قىلىشقا چاقىرغان ئەرلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر دېيىلەمدۇ؟ بىزنىڭ ئۇلارنى ئۆزى ئېتىقاد قىلغان ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ھەققىمىز بارمۇ؟ ئۆزىمىزنى رازى قىلىش ۋە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچى دېگەن تۆھمەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارنى جەننەتنى سېتىپ، دوزاخنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلايمىزمۇ؟

خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر، ناخشا-مۇزىكا، رەسىم، سۈرەت ۋە باشقىلار ھەققىدە چىڭىتىش قارىشىدىكىلەرگىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەردە مېنىڭ شەخسەن ئىجتىھادىم ۋە ھازىرقى زاماننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بەزى ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجتىھادى بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. لېكىن، ئۇ ئىلگىرىكى، كېيىنكى ۋە ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز «ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر» دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ «چىڭىتىۋالغانلىق» ۋە «چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتكەنلىك» دەپ ھېسابلىنىپ ئىنكار قىلىنىدىغان ئىشلىرىنىڭ كۆپلىرىنىڭ بىزنىڭ فىقھىمىز ۋە تارىخىي مىراسلىرىمىزدا قانۇنلۇق ئاساسى بار بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىپ، ئۇنىڭغا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئازابىدىن قورقىدىغان بەزى ئىخلاسمەن ياشلار ئۇنى قوبۇل قىلغان. مەسىلەن، كۆينەك ۋە شىمنىڭ ئورنىغا جىلباب (ئۇزۇن تون) كىيىش ۋە ئۇنى ئوشۇقتىن ئۈستۈنرەك قىلىپ قىسقارتىش ۋە ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلار.

مانا بۇ يەردىن بىز بىر مۇسۇلماننى پەقەت ئۆزىگىلا چىڭىتىۋالغانلىق ۋە پەرۋەردىگارىنى تېخىمۇ رازى قىلدىمغۇ، دىنىمغا تېخىمۇ پايدىلىققۇ، ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىغۇ؟ دەپ قاراپ، بەزى چىڭراق فىقھى قاراشنى ئالغانلىق بىلەنلا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى دەپ ئۇنىڭغا قارشى چىقالمايمىز. ئۇنى ئۆز قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئېتىقادىغا خىلاپ يول بىلەن مېڭىشنى تەلەپ قىلىش بىزنىڭ ھەققىمىز ئەمەس. پەقەت بىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ‐‐ ئۇنى ھېكمەت بىلەن ئوتتۇراھاللىققا دەۋەت قىلىش، چىرايلىق سۆھبەتلىشىش، ئۇنى دەلىل بىلەن قانائەتلەندۈرۈش. شۇنداق قىلساق، بىز ئۇنى ئەڭ توغرا ئىش ۋە ئەڭ توغرا سۆز دەپ قارىغان تەرەپكە قارىتالىشىمىز مۇمكىن.

يازغۇچى: يۈسۈپ قەرداۋىي

تەرجىمە قىلغۇچى: بەختىيار

بۇ تېما 105قېتىم كۆرۈلدى