چىكىنىڭ
دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ شەكىللىرى

دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ شەكىللىرى

ئۇنداق بولسا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ دەلىللىرى ۋە كۆرۈنۈشلىرى قانداق؟

  1. بىر قاراشتا تەئەسسۇپلۇق قىلىپ تۇرۇۋېلىش، باشقا قاراشنى ئېتىراپ قىلماسلىق:

ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرىنچىسى: بىر كۆزقاراشتا باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىنى ئېتىراپ قىلمىغۇدەك دەرىجىدە تەئەسسۇپلۇق قىلىپ تۇرۇۋېلىش ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى، زاماننىڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق چۈشىنىشكە يول قويمايدىغان دەرىجىدە ئۆز چۈشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشتۇر. بۇنداق كىشى باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىمايدۇ. ئۆزىدە بار نەرسە بىلەن باشقىلاردا بار نەرسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئوچۇق ھۆججەت ۋە كۈچلۈك دەلىل تۇرۇقلۇقمۇ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.

بىز بۇ يەردە خۇددى بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ رەقىبلىرىنى ئىنكار قىلغاندەك، بۇلارنىمۇ ئىنكار قىلىمىز. ئۇنداق قىلمىغاندا بۇ قارشى تەرەپنىڭ قاراشلىرىنى مەنئىي قىلىشقا ۋە ئۇنى بىكار قىلىشقا ئورۇنغانلىق بولۇپ قالىدۇ.

شۇنداق، ئەگەر ئۇ ئۆزىگە قارشى بولغان كۆزقاراشلارنى، نەزەرىيەلەرنى ئىنكار قىلسا، پەقەت ئۆزىنىلا توغرا يولدا، باشقىلارنى ئازغان دەپ گۇمان قىلسا، ئۇنىڭ كۆزقارىشىغا مۇخالىپ بولغانلارنى جاھىللار، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلەر دەپ تۆھمەت قىلسا، يۈرۈش-تۇرۇشتا ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنى پاسىقلار، ئاسىيلار دەپ قارىسا، ئۈممەتنىڭ ئالدىنقىلىرى ۋە كېيىنكىلىرى «پەيغەمبەردىن باشقا ھەر قانداق ئىنساننىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ» دېگەن پىكىرنى ئېتىراپ قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى گوياكى مەسۇم پەيغەمبەردەك، ئۆز سۆزىنى ۋەھىيدەك قىلىۋالسا، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز.

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چېگىش ۋە ئەڭ تۇتۇق مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشنى ئۆزىگە جائىز قىلىۋالغانلار ۋە ئۇ مەسىلىلەرگە ئۆز رەئيى بويىچە پەتىۋا بېرىدىغانلار بار. ئۇ پەتىۋا ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلسۇن ياكى زىت كەلسۇن كارى بولمايدۇ. لېكىن، زاماننىڭ مۇتەخەسسىس ئۆلىمالىرىغا يالغۇز ياكى كۆپچىلىك ھالەتتە بولسۇن، ئۇ بارغان قاراشقا خىلاپ كېلىدىغان قاراش بىلەن ئىجتىھاد قىلىشنى جائىز قىلمايدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ دىنىنى خالىغانچە، ئۆز خاھىشى بويىچە تەپسىر قىلىدىغانلار بار. ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى، كېيىنكى ۋە ھازىرقى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ كاللىسىنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي!) قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ كاللىسى بىلەن تەڭ چاغلايدۇ. ئۆزىچە ئۇمۇ ئادەم، بۇلارمۇ ئادەم دەپ ئويلايدۇ. كاشكى، ئۇ بۇ يىگىتلىكنى ۋە ئەركەكلىكنى ئۆزىنىڭ زامانداش ئۆلىمالىرىغا، ئۇنىڭ رەئيىگە بارمايدىغان، ئۇنىڭ يولىنى تۇتمايدىغان كىشىلەرگە ئۆتكۈزەلىگەن بولسا ئىدى …! لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن باشقىلارغا ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئاتقان ئوقى ئوۋنىڭ يۇڭىغا ئىلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ.

مانا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنساننى ئۆزىدىلا توختىتىپ قويىدىغان، ئۆزىدىن باشقىنى ئىنكار قىلىدىغان قىلىپ قويىدىغان قەبىھ تەئەسسۇپلۇقنىڭ ئۆزىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكنىڭ ھەقىقىي دەلىلى دەپ قارايمىز. ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچى گويا ساڭا مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ سۆزلەش ھەققىم بار، سېنىڭ ئاڭلاش ۋەزىپەڭ بار. مېنىڭ باشلاش ھەققىم بار، سېنىڭ ئەگىشىش ۋەزىپەڭ بار. مېنىڭ قارىشىم خاتالىق ئېھتىمالى يوق توغرا، سېنىڭ قارىشىڭ توغرىلىق ئېھتىمالى يوق خاتا …». مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ باشقىلار بىلەن ئەبەدىي چىقىشالمايدۇ. چۈنكى، كېلىشىش ئوتتۇراھاللىقتا ۋە ئوتتۇراھال يولدا بولىدۇ. ئۇ ئوتتۇراھاللىقنى، ئوتتۇراھال يولنى بىلمەيدۇ ۋە ئېتىراپمۇ قىلمايدۇ. ئۇ كىشىلەردىن شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقىدەك يىراق. بىرىگە يەنە بىرىدىن قانچىلىك يىراق بولغان مىقداردا يېقىنلىشىدۇ.

باشقىلارغا ئۆز كۆزقارىشىنى توم تاياق ئارقىلىق پەرز قىلىش ئىرادە قىلىنغاندا، ئىش تېخىمۇ خەتەرلىك تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. بۇ يەردىكى توم تاياق تۆمۈردىن ياكى ياغاچتىن بولمايدۇ، بەلكى بۇ يەردە باشقىلارنى بىدئەتچىلىك، دىنغا بىپەرۋا قاراش ياكى كۇپرى ۋە ئاسىيلىق قاتارلىقلار بىلەن دۇمبالايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى بۇلاردىن ئاسرىسۇن! مانا بۇنداق پىكىر تېررورىزمى،مەلىي تېررورىمزمدىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق ۋە دەھشەتلىك بولىدۇ.

  1. كىشىلەرگە ئاللاھ ۋاجىب قىلمىغان ئىشنى ۋاجىب قىلىش:

دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن يەنە بىرى: ئاسانلاشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان يول تۇرۇقلۇق، دائىم قىيىن تەرەپنى چىڭ تۇتۇۋېلىش. ئۇنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ۋاجىب قىلمىغان بولسىمۇ، باشقىلارنى ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش، تەقۋالىق ۋە ئېھتىيات يۈزىسىدىن، ئىنسان بەزى چاغلاردا ئۆزى ئۈچۈن ئېغىرراقنى ۋە چىڭراقنى تۇتسا مەيلى. لېكىن، بۇنى ھەردائىم ئادەت قىلىۋالسا بولمايدۇ. ئاسانلاشتۇرۇشقا ھاجىتى تۇرۇپ قىيىنلاشتۇرۇۋالسا، ئاسىنىغا رۇخسەت قىلغان تۇرۇقلۇقمۇ ئۇنى رەت قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتۈرمەڭلار! خۇش خەۋەر بېرىڭلار، قاچۇرۇۋەتمەڭلار! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا گۇناھ قىلىشنى يامان كۆرگەندەك، رۇخسەتلىرىنىڭ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن ۋە ئاللاھ تائالا ﴿ اللّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلاَ يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ﴾  «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلدى، تەسلىكنى ئىرادە قىلمىدى» دېگەن. ھەزرىتى ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي!) مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ئىشتا ئىختىيارىغا قويۇلسا، گۇناھلىق ئىش بولمىسىلا ئۇ ئىشنىڭ ئاسانراقىنى تاللايتتى».

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن چىڭىتىۋېلىشى، دىندىكى رۇخسەت ۋە ئاسانلىق تەرەپنى تاشلاپ، چىڭراق ۋە ئېغىرراق تەرەپكە ئەمەل قىلىشى قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەللەر كىشىلەرگە دىندا ئېغىرچىلىق، دۇنيادا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولسا، ئۇنى كۆپچىلىك جامائەتكە تېڭىشقا ۋە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ مەشھۇر سۈپەتلىرى «ئىنسانلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. نىجىس نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بار بولغان قىيىنچىلىق ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى ئېلىۋېتىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇسا بەك ئۇزۇن ئوقۇيتتى. ھەتتا ئۇ كېچىسى قىيامدا ئۇزۇن تۇرغاچقا ئىككى پۇتى ئىششىپ كېتەتتى. لېكىن، ئۇ كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا بەك قىسقا ئوقۇيتتى. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈش ياكى كۆتۈرمەسلىك پەرقلىرگە رىئايە قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇسا يەڭگىل ئوقۇسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجىز، كېسەل ۋە ياشانغان ئادەملەر بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇسا خالىغانچە ئۇزۇن ئوقۇسۇن» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئەبى مەسئۇد ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، پالانى كىشىنىڭ بەك ئۇزۇن ناماز ئوقۇغانلىقى سەۋەبىدىن مەن بامدات نامىزىغا كېچىكىپ قالىمەن». بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق غەزەپلەندى. مەن ئۇنىڭ بىر جايدا بۇ كۈندىكىدەك غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرمىگەنىدىم. ئاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا يىگىرگىندۈرگۈچىلەر بار، كىمكى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇسا قىسقا ئوقۇسۇن. چۈنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئاجىز، ياشانغان ۋە ھاجەتمەنلەر بولىدۇ».

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە نامازنى ئۇزۇن قىلىۋەتكەندە، پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئاز، سەن پىتنىگە تاشلىغۇچىمۇ؟» ئۇ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغانىدى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئەلۋەتتە مەن نامازغا كىرگەندە ئۇنى ئۇزۇنراق ئوقۇشنى ئىرادە قىلىمەن. كېيىن كىچىك بالىنىڭ يىغلىغىنىنى ئاڭلايمەن، شۇنىڭ بىلەن قىسقىلا ئوقۇيمەن. چۈنكى، مەن بالىنىڭ يىغىسىغا ئانىنىڭ ناھايىتى تەستە چىدايدىغانلىقىنى بىلىمەن» (بۇنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

كىشىلەرگە چىڭىتىۋېلىشنىڭ يەنە بىرى، نەپلە ۋە سۈننەتلەرنى گوياكى پەرزدەك قىلىۋېلىش. مەكرۇھ نەرسىلەرنى گوياكى ھارامدەك قىلىۋېلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەسلىدە ئاللاھ قەتئىي ۋاجىب قىلغاندىن باشقىغا كىشىلەرنى مەجبۇرلىماسلىق لازىم. بۇنىڭدىن ئارتۇقىدا ئىختىيار ئۇلارنىڭ ئۆزىدە. خالىسا قىلىدۇ، خالىسا تاشلاپ قويىدۇ.

بىزگە بۇ يەردە سەھىھ رىۋايەت بىلەن يېتىپ كەلگەن، ھېلىقى ئۆزىگە پەرز قىلىنغان ئىشلار ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ كەلگەن سەھرالىق كىشىنىڭ قىسسىسى كۇپايە قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بەش ۋاقىت نامازنى، زاكاتنى ۋە رامزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. ئۇ كىشى: «ئۇلاردىن باشقا يەنە بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبىرىمىز: «يوق، ئەگەر نەپلە دەپ قىلساڭ بولىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ كىشى قايتىپ كېتىۋېتىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنىڭدىن زىيادە قىلمايمەن ۋە بۇنىڭدىن كەم قىلمايمەن» دېگەن. بۇنى پەيغەمبىرىمىز ئاڭلاپ: «ئۇ كىشى راست دېگەنلا بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەنىدى.

مەن «بۇ زامانىمىزدىكى بىر مۇسۇلمان كىشى پەرزلەرنى ئادا قىلسا، چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانسا، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرەپدارى بولسا، مانا بۇ بىزنىڭ ئۇنى ئىسلام سېپىدىن ۋە ئىسلام تەرەپدارلىرىدىن دەپ ئېتىبارغا ئېلىشىمىز ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن سۆزنى كۆپ دېدىم. گەرچە ئۇ ھارام ئىشلارنىڭ بەزى كىچىكلىرىنى قىلىپ سالسىمۇ، ئۇنىڭ بەش ۋاقىت نامىزى، جۈمە نامىزى، رامىزاندا روزا تۇتۇشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ كىچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدىغان ياخشىلىقلىرى بار. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾ «شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى كەتكۈزىدۇ» (ھۇد سۈرىسى 114- ئايەت). يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ إِن تَجْتَنِبُواْ كَبَآئِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُم مُّدْخَلاً كَرِيمًا﴾«ئەگەر سىلەر مەنئىي قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا كىرگۈزىمىز» (نىسا سۈرىسى 31- ئايەت).

بىز قانداقمۇ بىر مۇسۇلماننى ئاللاھنىڭ دىنىدا جەزمەن ھاراملىقى ياكى ھالاللىقى بىلىنمىگەن، ئىختىلاپ بار ئىشلارنى قىلىش بىلەنلا، ياكى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە جەزمەن پەرز ياكى سۈننەت ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن، ئىختىلاپ بار ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەنلا مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن چىقىرىۋېتەلەيمىز؟ مانا مەن ھەمىشە ۋە مۇتلەق ھالدا چىڭلىق تەرىپىنىلا تۇتۇۋالىدىغان ۋە قاراشلارنىڭ ئەڭ تار دائىرىلىكىنى، قىيىنچىلىققا ئەڭ يېقىنىنى، كەڭچىلىكتىن ۋە ئاسانلىقتىن ئەڭ يىراقىنى ئېلىۋالىدىغان بەزى دىندارلارنى ئىنكار قىلىپ كەلدىم. ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيىن ۋە جاپالىق بولسىمۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزلىرىگىلا ۋاجىب قىلىۋالماستىن، بەلكى ئۇنى باشقا كىشىلەرگىمۇ ۋاجىب قىلىۋالىدۇ. ھەر قانداق بىر ئالىم ئاسانلىققا چاقىرىپ ياكى كىشىلەرگە قىيىن بولمىسۇن دەپ يەڭگىلرەك پەتىۋا بەرسە، بۇ پەتىۋا شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ۋە ئەھكاملىرىغا ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئۇ ئالىمنى تۆھمەت قەپىزىگە تاشلايدۇ.

  1. ئورۇنسىز چىڭىتىۋېلىش:

ئىنكار قىلىنىدىغان چىڭىتىۋېلىشنىڭ يەنە بىرى، ئورۇنسىز ۋە ۋاقىتسىز چىڭىتىۋېلىشتۇر. مەسىلەن، ئىسلام دىيارىنىڭ غەيرىدە ياكى ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىدىن باشقا يەردە ياكى ئىسلامغا يېڭىدىن كىرگەن ياكى يېڭىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرگە چىڭىتىۋېلىش.

ئۇنداق كىشىلەرگە پارچە ۋە ئىختىلاپ بار مەسىلىلەردە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش لازىم. ئۇلارنى خۇسۇسىي مەسىلىلەردىن ئىلگىرى ئومۇمىي مەسىلىلەرگە، جۈزئىي مەسىلىلەردىن ئىلگىرى ئەسلىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەڭ بىرىنچى قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى توغرىلاش لازىم. ئەگەر ئۇلار بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولسا، ئاندىن ئىسلامنىڭ رۇكنىلىرىغا چاقىرىش، ئاندىن ئىماننىڭ شاخلىرىغا، ئاندىن ئىماننىڭ يىلتىزلىرىغا چاقىرىش لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سەن ئەھلى كىتابتىن بىر قەۋمگە كېتىۋاتىسەن. سەن ئۇلارنى ‹يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق› دېگەنگە ۋە ‹مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى› ئىكەنلىكىمگە ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىر. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى ئۆگەت. ئەگەر ئۇلار ساڭا بۇنىڭدا ھەم ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ كەمبەغەللىرىگە بېرىلىدىغان زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى ئۆگەت» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئىشنى تەدرىجىي ھالدا قانداق ئېلىپ بېرىشنى ئۆگەتكەنلىكىگە قاراڭ. ئەڭ ئالدىدا ئۇ ئىشنىڭ ئاساسى بىلەن باشلىدى. ئۇ ئاساس ئىككى شاھادەتتۇر. يەنى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە شاھادەت ئېيتىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتىش. ئاندىن كېيىن ئەگەر ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلسا، ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىككىنچى رۇكنىغا چاقىردى. ئەگەر ئۇلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلسا، ئۈچىنچى رۇكنىغا چاقىردى. ئۇ بولسا زاكات بېرىش ئىدى، دەۋەت دېگەن مانا شۇنداق بولىدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئىسلام جامائەتلىرىگە مەنسۇپ بىر بۆلۈك ئىخلاسمەن ياشلارنىڭ بەزى قىلمىشى مېنى چۆچىتىۋەتتى. ئۇلار ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ بىرىدە قاتتىق جېدەل چىقارغانىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، بەزى مۇسۇلمانلار شەنبە ۋە يەكشەنبىلىك دەرسلەردە مەسجىد ئەھلىگە ئوخشاش بورا ياكى جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرماستىن، ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغانىكەن. يەنە كېلىپ ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەدەب-قائىدىسى بويىچە قىبلىگە قاراپ ئولتۇرمىغانىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئاق يەكتەك كىيمەستىن شىم كىيىشىۋالغان ۋە تاماقنى يەردە ئەمەس شىرە ئۈستىدە يېگەنىكەن. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئۇششاق ئىشلار سەۋەب بولغانىكەن.

شىمالىي ئامېرىكىنىڭ قەلبىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتقان بۇ خىل پىكىر ۋە ئىستېل مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. مەن ئۇلارغا دېدىم: بۇنداق ماددىي ھاياتنىڭ ئارقىسىدا سوكۇلداپ يۈرۈيدىغان جەمئىيەتتە سىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەڭلار، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇشقا، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئاخىرەتنى ئەسلىتىپ ئالىي دىنىي ئەخلاققا چاقىرىش. شۇنىڭدەك زامانىمىزدىكى ماددىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتلەر غەرق بولۇپ كەتكەن گۇناھى كەبىرەلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. ئەمما دىندىكى ئەدەب-قائىدىلەر، مۇستەھەپ ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى زۆرۈر ئىشلارنى ۋە ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەپ بولغاندىن كېيىن بولاتتى.

يەنە بىر ئىسلام مەركىزىدە تارىخىي ياكى ئىلمىي بىر سىنئالغۇ فىلىم مەسجىدتە قويۇپ كۆرسىتىلگەندە، ئۇلارنىڭ دۇنيانى بېشىغا كەيگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار «مەسجىدنى كىنوخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتى» دېيىشەتتى. ۋەھالەنكى، ئۇلار مەسجىدلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىنا قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى. مەسجىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا دەۋەت ئۆيى، دۆلەت مەركىزى ۋە ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي پائالىيەت ئورنى ئىدى. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسجىدتە نەيزىۋازلىقنى مەشىق قىلىشقا ۋە ھەزرىتى ئائىشەگە ئارقىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك.

  1. قوپاللىق ۋە قاتتىق قوللۇق قىلىش:

ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى، مۇئامىلىدە قوپاللىق ۋە ئۇسلۇبتا قاتتىق قوللۇق قىلىش ھەمدە دەۋەت قىلىشتا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا خىلاپ ھالدا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلاردۇر.

ئاللاھ تائالا بىزنى ھاماقەتلىك بىلەن ئەمەس ھېكمەت بىلەن، قوپاللىق بىلەن ئەمەس، خۇشخۇيلۇق بىلەن، چىرايلىق مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىنىغا چاقىرىشقا بۇيرۇدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ﴿ ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ﴾ «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلامغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا، ۋەزىنەت نەسىھەت قىلىش بىلەن دەۋەت قىلغىن. ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن!» (نەھل سۈرىسى 251- ئايەت).

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن سۈپەتلىدى: ﴿ لَقَدْ جَاءكُمْ رَسُولٌ مِّنْ أَنفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُم بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُوفٌ رَّحِيمٌ﴾«(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر. مۇئمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر» (تەۋبە سۈرىسى 128- ئايەت). يەنە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ساھابىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سۈپەتلەپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللّهِ لِنتَ لَهُمْ وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لاَنفَضُّواْ مِنْ حَوْلِكَ﴾ «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ، ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ ئۇلار ئەتراپىڭدىن تارقاپ كېتەتتى» (ئال ئىمران سۈرىسى 159- ئايەت).

«قۇرئان كەرىم» قوپاللىق ۋە قاتتىقلىقنىڭ جائىزلىقىنى پەقەتلا ئىككى جايدا زىكرى قىلدى:

1) جەڭ مەيدانىدا دۈشمەنگە يۈزمۇيۈز تۇرغاندا. چۈنكى، ھەربىي قائىدە دۈشمەنگە ئۇچراشقاندا چىڭ تۇرۇشنى، ھەتتا ئۇرۇش توختىغۇچە يۇمشاق ھېسسىياتنى قويۇپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ قَاتِلُواْ الَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ الْكُفَّارِ وَلِيَجِدُواْ فِيكُمْ غِلْظَةً﴾  «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئۆزەڭلارغا يېقىن يەردىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار! (يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى كاپىرلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار) سىلەرنى ئۇلار قاتتىق ھېس قىلسۇن» (تەۋبە سۈرىسى 123- ئايەت).

2) جازالاشقا ھەقلىق بولۇپ قالغانلارغا شەرىئەتنىڭ جازا قانۇنىنى ئىجرا قىلىۋاتقان چاغدا. چۈنكى، زېمىندا ئاللاھ تائالانىڭ جازا قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا يۇۋاشلىق قىلىشقا ئورۇن يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ﴾ «سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار!» (نۇر سۈرىسى 2- ئايەت).

ئەمما، دەۋەت قىلغاندا قوپاللىق، سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. سەھىھ ھەدىستە: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ھەممە ئىشتا مۇلايىملىقنى ياخشى كۆرىدۇ» دېيىلىدۇ. يەنە رىۋايەتلەردىن بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «كىمكى ياخشى ئىشقا بۇيرۇماقچى بولسا، ئۇنىڭ قىلىدىغىنى ياخشى ئىش بولسۇن!». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر ئىشقا يۇمشاقلىق داخىل بولىدىكەن، ئۇ ئىش گۈزەللىشىدۇ ۋە ھەر قانداق بىر ئىشقا قوپاللىق ئارىلىشىدىكەن ئۇ ئىش سەتلىشىدۇ». ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىشتىن باشقا ئىشقا قوپاللىق ئارىلاشسا، سەتلىشىدىغان بىر ئىش يوق. شۈبھىسىزكى، دەۋەت ئىنساننى چۈشەنچە، ھېسسىيات ۋە ئستېلىدا رەببانىي ئىنسان قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىئىتىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ۋە ئىرادە جەھەتتە يېڭى بىر ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مىراس قالغان ئەقىدىلىرىنى، ئورناپ كەتكەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تونۇلۇپ كەلگەن ئەخلاقلىرىنى ۋە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېكمەت بىلەن ئىش ئېلىپ بارماستىن، ئىنساننىڭ مىجەز-خۇلقى، باشباشتاقلىقى ۋە ئۇنىڭ كونىلىقتا چىڭ تۇرۇۋالىدىغان قاتمال تەبىئىتىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىر قوللانماستىن ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. ئىنسان ئەڭ جېدەلخور مەخلۇق. شۇڭا، ئۇنىڭ ئەقلىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشتە ۋە قەلبىگە سىڭىپ كىرىشتە يۇمشاق بولۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ قاتتىقلىقى يۇمشايدۇ.مۇزلاپ قالغان قەلبى ئېرىيدۇ ۋە تەكەببۇرلۇقى يوقىلىدۇ.

مانا بۇلارنى «قۇرئان كەرىم» بىزگە پەيغەمبەرلەر، ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار ۋە ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى قاتارىدا بىزگە ھېكايە قىلىپ بەرگەن. شۇنىڭدەك، بۇلارنى بىز ئىبراھىم ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋملىرىنى دەۋەت قىلىشىدا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پىرئەۋننى دەۋەت قىلىشىدا، پىرئەۋىن ئەھلىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ ۋە سۈرە ياسىندىكى مۇئمىن كىشىنىڭ، ئۇلاردىن باشقا ھەقىقەتكە ۋە ياخشىلىققا چاقىرىدىغانلارنىڭ دەۋەتلىرىدىن ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز.

قاراڭ! پىرئەۋىن ئەھلىدىن ئىمان ئېيتقان كىشى پىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلارغا قانداق خىتاپ قىلدى؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ كىشى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمى ئىكەنلىكى،ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۈلكىنىڭ ئۇلارنىڭ قوللىرىدا قېلىشىنى خالايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ساقلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسلەتتى. ئۇ مانا بۇ خىل روھ بىلەن ئۇلارغا مۇنداق خىتاپ قىلدى: ﴿ يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِن بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءنَا﴾  «ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىپسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» (غافىر سۈرىسى 29- ئايەت).

ئاندىن كېيىن،ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ  ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى رەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كەلگەن مۇسىبەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ﴿ … يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُم مِّثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ○ مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِن بَعْدِهِمْ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعِبَادِ﴾«ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەتلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ» (غافىر سۈرىسى 30 ‐‐ 31- ئايەتلەر).

ئۇ كىشى ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرىدىغان ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇش ھېسسىياتىنى قوزغاپ مۇنداق دېدى: ﴿ وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ○يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ﴾ «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى ھېچقانداق كىشى تېپىلمايدۇ. كىمكى، ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ» (غافىر سۈرىسى 32 ‐‐ 33- ئايەتلەر).

ئۇ ئىخلاسمەن مۇئمىن كىشى مانا مۇشۇنداق مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن بىردە قورقۇتىدىغان، بىردە قىزىقتۇرىدىغان ئۇسلۇب ئارقىلىق قەۋمىنى دەۋەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ﴿ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ○ … ○وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ○ تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ﴾ «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار! مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن، ئى قەۋمىم ماڭا نېمىدۇركى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا چاقىرىمەن، سىلەر بولساڭلار مېنى دوزاخقا چاقىرىسىلەر. سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر. ھالبۇكى، مەن سىلەرنى (بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ)قا دەۋەت قىلىمەن» (غافىر سۈرىسى 38 ‐‐ 42- ئايەتلەر). ئۇ كىشى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ﴾  «(سىلەرگە ئازاب كەلگەن چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (غافىر سۈرىسى 44- ئايەت).

دەۋەت ئىگىلىرى باشباشتاقلارنى دەۋەت قىلىشتا ۋە مۇخالىپەتچىلەرگە خىتاپ قىلىشتا مانا مۇشۇ ئۇسلۇبقا دىققەت قىلىشى لازىم. بۇ يەردە بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارغا قىلغان ۋەسىيىتى كۇپايە قىلىدۇ: ﴿ اذْهَبَا إِلَى فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَى○فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَّيِّنًا لَّعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَى﴾ «سىلەر پىرئەۋىننىڭ قېشىغا بېرىڭلار، ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. بېرىپ ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۇ قوبۇل قىلىشى ياكى قورقۇشى مۇمكىن» (تاھا سۈرىسى 43 ‐‐ 44- ئايەتلەر). شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇشۇ يۇمشاق ئۇسلۇب بىلەن ئۇنى دەۋەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ﴿ فَقُلْ هَل لَّكَ إِلَى أَن تَزَكَّى○وَأَهْدِيَكَ إِلَى رَبِّكَ فَتَخْشَى﴾ «كۇپرىدىن، گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى خالامسەن؟ سېنى پەرۋەردىگارىڭنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ ئۇنىڭدىن) قورقىسەن-دە (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسە)» (نازىئات سۈرىسى 18 ‐‐ 19- ئايەتلەر).

مېنىڭ بەزى دەۋەتچىلەرنىڭ ئىخلاسمەن ياشلارنى دەۋەت قىلىشتا ۋە كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا تۇتقان يولىنى ئىنكار قىلىشىم ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار مۇخالىپەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارغا زورلۇق قىلىدۇ. قوپاللىق ۋە قاتتىقلىق بىلەن خىتاپ قىلىش، قوپاللىق ۋە ئىتتىكلىك بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن غالىپ كىلىشكە ئۇرنىدۇ.قارشى تەرەپ بىلەن چىرايلىق مۇنازىرە قىلىشمايدۇ. بەلكى، ئەڭ قوپال سۆزلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ. بۇ جەھەتتە چوڭ-كىچىكنى ئايرىمايدۇ. ئاتا-ئانىغا ئوخشاش ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى ۋە باشقىلارنى ئايرىۋالالمايدۇ. ئەھلى ئىلىملەر، تەربىيەتچى مۇئەللىملەردەك ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنى ۋە باشقىلارنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. ئىلگىرىكى دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە جىھادقا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن باشقىلارنى ھەم ئايرىمايدۇ. خەلق ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلار، بىلىمسىزلەر، نادانلار ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈيدىغانلارنى پەرق قىلالمايدۇ. ئاز-تولا ئۆزرىسى بارلار بىلەن ھېچ ئۆزرىسى يوقلارنى ھەم ئايرىمايدۇ. ئىسلامغا ھەسەت ۋە خىيانەت قىلىپ، ئەجنەبىيلەرگە يالاقچىلىق قىلىپ، كۆرۈپ تۇرۇپ ئوتقا كىرىپ كېتىۋاتقانلارنى سېزەلمەيدۇ. ئىلگىرىكى ھەدىس ئالىملىرى ئومۇمىي خەلق ئىچىدىكى ئۆزلىرىنىڭ بىدئەت ئىشىغا چاقىرمايدىغانلار بىلەن ئۆزىنى دەۋەتچى تىكلىۋېلىپ بىدئەتكەچ چاقىرىدىغان، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۆزلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلارنى ئايرىپ، ئالدىنقىلارنىڭ رىۋايەتلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە كېيىنكىلەرنىڭكىنى رەت قىلغانىدى.

  1. كىشىلەرگە نىسبەتەن يامان گۇماندا بولۇش:

ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى، باشقىلارغا يامان گۇماندا بولۇش، يامان كۆز بىلەن قاراش، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، يامان تەرەپلىرىنى مۇبالىغە قىلىپ كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش.

ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىنىڭ قارىشىنىڭ ئەسلى تۆھمەت قىلىش، تۆھمەت قىلىشنىڭ ئەسلى شەرىئەت قانۇنىغا خىلاپ ھالدا باشقىلارنى ناھەق قارىلاش. ۋەھالەنكى، قارىلانغان كىشى ھەتتا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى قەتئىي ئىنىق بولغۇچە گۇناھسىزدۇر.

بىز ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ دائىم كىچىككىنە سەۋەب بىلەن يامان گۇمان قىلىشقا ۋە تۆھمەت قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار باشقىلارنى «ئۆزرىسى باردۇر» دەپ ئويلىمايدۇ. بەلكى، ھەمىشە باشقىلاردىن ئەيىپ ئىزدەيدۇ. باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تېپىپ، داۋراڭ قىلىش ئۈچۈن ھەمىشە باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىزدەيدۇ. كىچىككىنە خاتالىق تېپىۋالسا،ئۇنى چوڭ خاتالىق قىلىپ كۆرسىتىدۇ. چوڭراق خاتالىق تېپىۋالسا، ئۇ خاتالىق ئىگىسىنى دەرھال كاپىر قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر ئىككىگە ئېھتىمالى بار سۆز ياكى ئىش بولۇپ، بىرسىنىڭ توغرا، يەنە بىرسىنىڭ خاتالىق ئېھتىمالى بولسا، ئۆلىمالاردىن ئەسەر بولۇپ قالغان «مۇسۇلماننىڭ ھالىنى ياخشىلىققا، ئۇنىڭ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىمكانقەدەر توغرىلىققا ئاغدۇرۇش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۇ سۆز ياكى ئۇ ئىشنى يامانلىق تەرەپكە ئاغدۇرىدۇ.

ئىلگىرىكى بەزى ئۆلىمالار: «شۈبھىسىزكى، مەن قېرىدىشىم ئۈچۈن بىردىن يەتمىشكە قەدەر ئۆزرە ئىزدەيمەن. ھېچ ئۆزرە تاپالمىسام، ئاندىن ‹ مەن بىلمەيدىغان يەنە باشقا ئۆزرىسى بولسا كېرەك؟› دەيمەن» دېگەن. كىمكى كۆز قاراش جەھەتتە ئۇلار بىلەن ئوخشىمىغان پىكىردە بولسا، ئۇلار ئۇنىڭ دىنىغا تۆھمەت قىلىپ، ئۇنى «گۇناھكار»، «بىدئەتچى» ياكى «سۈننەتنى ھاقارەتلىگۈچى» دەپ قارىلايدۇ. ياكى ئۇنىڭدىن ئۆزى خالىغانچە يامان گۇمان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىز ئۇلارغا «ھاسا تۇتۇشنىڭ ياكى يەردە تاماق يېيىشنىڭ سۈننەتلىكى» ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىردە بولسىڭىز، ئۇ سىزگە دەرھال «سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق» ياكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرمىگەنلىك» بىلەن تۆھمەت قىلىدۇ (ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاتا-ئانىمىز پىدا بولسۇن!).

ئۇلاردىكى يامان گۇمان قىلىش ئاۋام خەلقتىلا توختاپ قالمايدۇ، بەلكى خاس كىشىلەرگىچە يېتىپ بارىدۇ. بىرەر ئىمام، بىرەر ئالىم، بىرەر دەۋەتچى ياكى بىرەر مۇتەپەككۇر ئۇلارنىڭ تۆھمەت قەپىزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئەگەر بىرەر مۇپتى بىرەر مەسىلىدە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاسانلىق بولىدىغان، ئۇلاردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان قاراش بىلەن پەتىۋا بەرسە، ئۇ مۇپتى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «دىن بىلەن ئويناشقان» بولىدۇ. ئەگەر بىرەر دەۋەتچى ئەسىرنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن ھالدا، ئوچۇقلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن زامانغا لايىق سۆز قىلسا، ئۇلار ئۇ كىشىگە «غەرب ۋە غەرب مەدەنىيىتى ئالدىدا مەغلۇب بولغانلىق» بىلەن تۆھمەت قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ تۆھمىتى تىرىكلەردىلا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا قادىر بولالمايدىغان ئۆلۈكلەرگىچە يېتىپ بارىدۇ. مەشھۇر شەخسلەردىن بىرەرسىنىمۇ قويماي، ئۇلارغا تۆھمەت نەشتىرىنى سانجىپ چىقىدۇ. ئۇنى «ماۋۇ سۈنئىي»، «بۇ شىئە»، «ئاۋۇ مۇئتەزىلە» دەيدۇ. ھەتتا ھەممە ئەسىردە ئۈممەت ئىچىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلگەن، ھەممە ئەگىشىۋاتقان مەزھەپ ئىماملىرىمۇ ئۇلارنىڭ تۆھمەت تىلىدىن، يامان گۇمانىدىن تاشقىرى قالمايدۇ. بەلكى، ئۈممەتنىڭ پۈتكۈل ئۆتمۈش تارىخى، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيىتى خۇددى ئۇنىڭ ھازىرىدەكلا ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. بۇ تارىخ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قارىشىچە «پىتنە-پاساتقا تولغان، ھوقۇق تالىشىش تارىخى»، يەنە بەزىلىرىنىڭ قارىشىچە «جاھىلىيەت، كۇپۇر تارىخى» ئىمىش. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىچە تېخى بۇ ئۈممەتنىڭ ھەممىسى ھىجرىيىنىڭ 4- ئەسىرىدىن باشلاپ كاپىر بولۇپ كەتكەنمىش.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدە،شۇنداقلارنىڭ بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىمەت تەقسىم قىلغاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزگە: «بۇ تەقسىمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئىرادە قىلىنمىدى. ئى مۇھەممەد! ئادىل تەقسىم قىل، سەن ئادىل تەقسىم قىلمىدىڭ» دېگەن. پەيغەمبىرىمىزدىنمۇ ئادىل ئىنسان بارمۇ؟

شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قۇرۇشقا ئەمەس، بۇزۇشقا بولغان قىزغىنلىقى قەدىمدىن تارتىپ مەۋجۇد ئىدى. ئۇلارنىڭ باشقىلارنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئادىتى مەشھۇر ئادەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ فَلَا تُزَكُّوا أَنفُسَكُمْ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَى﴾ «ئۆز نەپسىڭلارنى ئاقلىماڭلار! كىمنىڭ تەقۋالىق قىلغىنىنى (ئاق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھنىڭ ئۆزى بەكرەك بىلگۈچىدۇر» (نەجم سۈرىسى) 32- ئايەت. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ نەپسىلىرىگە ئىچكىرىلەپ سىڭىپ كەتكەن يامان گۇمان قىلىش ئادىتى ئۇلارغا كەلگەن بىر ئاپەتتۇر. ئۇلار قۇرئانغا ۋە سۈننەتكە قايتسا ئىدى، كاشكى.ئەلۋەتتە قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشى گۇماندا بولۇشنى تەكىتلەيدىغان گۈزەل ئەخلاقنى تاپقان بولاتتى؛بىرەر ئەيىبنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ياپقان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ياپقان بولاتتى؛ بىرەر ياخشى ئىشقا ئۇچرىشىپ، ئۇنى ئاشكارا قىلىپ تارقىتىۋەتكەن بولسا ئىدى، كاتتا ساۋابقا ئېرىشكەن بولاتتى؛ئۇلار بىر مۇسۇلماندىن كۆرگەن بىر يامانلىق، ئۇ مۇسۇلماننىڭ ئۇلار بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويمىغان بولسا ئىدى، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى.

ئىسلام تەلىماتلىرى ئىككى خىل خىسلەتتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ:

بىرى، ئاللاھ تائالادىن يامان گۇمان قىلىش. يەنە بىرى، كىشىلەردىن يامان گۇمان قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيراً مِّنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ﴾ «ئى مۇئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار! شۈبھىسىزكى، گۇمانلارنىڭ بەزىسى گۇناھتۇر» (ھۇجۇرات سۈرىسى 12- ئايەت). پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى گۇمان ئەڭ يالغان سۆزدۇر» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يامان گۇمان ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىش، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن دۇنيادا ئاللاھ تائالاغا بىرىنچى بولۇپ ئاسىي بولۇش كېلىپ چىققان. يەنى، ئىبلىسنىڭ ئاسىيلىقى كېلىپ چىققان. ئاسىيلىقنىڭ بىرىنچى ئاساسى مەغرۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇقتۇر. شەيتان «مەن ئادەمدىن ياخشى» دەپ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقتىن ئاسىي بولغان.

بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ بىر ھەدىسى كۇپايە قىلىدۇ: «ئەگەر بىر كىشىنىڭ ‹ئىنسانلار ھالەك بولۇپ كەتتى› دېگىنىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇلارنى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى ھالەك قىلغانلىقىنى چۈشۈنىۋېلىڭلار!»   . بۇنىڭ مەنىسى، ئۇ كىشى كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارغا يامان گۇماندا بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھالەك بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

بۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە باشقىلارغا تۆھمەت توقۇشى بىلەن ئەڭ بەكرەك ۋە ئەڭ تېزراق ھالەك بولغۇچىدۇر.

ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ئەخلاقنى چىرىتكۈچى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز «دىلنىڭ گۇناھى» دەپ ئاتىغان. پەيغەمبىرىمىز بىزنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ: «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ئۈچ خىل ئىش بار: ئىتائەت قىلىنغان بېخىللىق، ئەگىشىلگەن ھەۋەس ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى».

مۇسۇلمان كىشى قىلغان ئەمەل-ئىبادىتى بىلەن ھەرگىز پەخىرلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ قوبۇل بولۇشىنى توسىدىغان توسقۇنلاردىن ۋە ئۇنىڭغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن قورقىدۇ. «قۇرئان كەرىم» مۇئمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَالَّذِينَ يُؤْتُونَ مَا آتَوا وَّقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَى رَبِّهِمْ رَاجِعُونَ﴾ «ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سەدىقە بېرىدۇ، ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدۇ». ھەدىس شەرىفتە: «بۇ ئايەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە قوبۇل بولماي قېلىشىدىن قورقىدىغان كىشىلەر ھەققىدە چۈشكەن» دېيىلگەن.

ھەكىم ئىبنى ئەتائ دېگەن كىشى مۇنداق دېگەنىكەن: «ئاللاھ تائالا ساڭا تائەت ئىشىكىنى ئېچىپ، قوبۇل ئىشىكىنى ئاچماسلىقى مۇمكىن. ساڭا گۇناھ قىلىش تەقدىر قىلىنىپ، ئۇنى قىلىشقا يول تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن. خارلىق ۋە سۇلغۇنلۇق كەلتۈرگەن گۇناھ مەغرۇرلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق كەلتۈرگەن تائەتتىن ياخشى». ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مۇنداق دېگەنىدى: «ساڭا كەمتەرلىك ئېلىپ كەلگەن گۇناھ، ساڭا مەغرۇرلۇق ئېلىپ كەلگەن تائەتتىن ياخشى».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئىشتا ھالاكەت بار: مەغرۇرلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش. چۈنكى، ئىزدەنمەستىن بەخت قولغا كەلمەيدۇ. ئۆزىدىن مەغرۇرلانغۇچى كىشى ئىزدەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ بەختكە ئېرىشىپ بولغان. ئۈمىدسىزلەنگۈچى ئىزدەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىزدەنگەننىڭ پايدىسى يوق».

  1. كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىش پاتقىقىغا پېتىش:

بۇنداق ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچى كىشى باشقىلارنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈپ، جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى مۇباھ ساناپ، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئاياغ ئاستى قىلغاندىلا ئاندىن ئۆز مەقسىتىگە يېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ باشقىلارنى «كاپىر قىلىش» كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، كۆپچىلىكنى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەنلىك ياكى ئىسلامغا ئەسلا كىرمىگەنلىك بىلەن تۆھمەت قىلىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا كاپىرلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلىدۇ. مانا بۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، بۇنداق ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچى ئۆزىنى بىر جىلغىدا، قالغان ئۈممەتنى يەنە بىر جىلغىدا قويۇپ قويىدۇ.

مانا بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى خاۋارىجلار گىرىپتار بولۇپ قالغان كېسەل ئىدى. ئۇلار روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىبادەتلەرگە ئەڭ قاتتىق يېپىشىدىغانلاردىن ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بۇزۇلغانلىقتىن ئەمەس، پىكىرلىرى بۇزۇلغانلىقتىن شۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرۈندى. ئۇلار دۇنيادا ئېزىپ كەتتى. ۋەھالەنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەڭ ياخشى ئىش قىلىۋاتقانلار دەپ ئويلايدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئۇنداقلارنى مۇنۇ سۆزلىرى ئارقىلىق سۈپەتلىگەنىدى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇلارنىڭ نامازلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ نامازلىرىنى ئاز كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ قىياملىرىغا قاراپ ئۆزىنىڭ قىياملىرىنى ئاز كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ قىرائەتلىرىگە قاراپ ئۆزىنىڭ قىرائەتلىرىنى ئاز كۆرىدۇ». پەيغەمبىرىمىز ئۇلار ھەققىدە يەنە: «ئۇلار دىندىن خۇددى ئوق ئوقيادىن چىقىپ كەتكەندەك چىقىپ كېتىدۇ» دېگەنىدى. يەنە ئۇلارنىڭ قۇرئان بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، لېكىن قۇرئان ئۇلارنىڭ بۇغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ». يەنە ئۇلارنىڭ ئايرىم بەلگىلىرىنى زىكرى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئىسلام ئەھلىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇتپەرەسلەرنى ھايات قويىدۇ».

ئۇلارنىڭ بۇ ئاخىرقى ئالامىتى خاۋارىجلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئۆلىمالارنىڭ بىرسىنى، ئۇنىڭدىن نېمە ئادەم ئىكەنلىكى  سورالغاندا: «پاناھ تىلەپ كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاشنى خالايدىغان مۇشرىك» دېيىشكە مەجبۇر قىلغانىكەن.

ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ: «بىزنىڭ ساڭا پاناھلىق بېرىشىمىز ۋە سېنى خاتىرجەم جايغا يەتكۈزۈپ قويىشىمىز ھەقلىق» دېيىشكەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇشقان: ﴿ وَإِنْ أَحَدٌ مِّنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّى يَسْمَعَ كَلاَمَ اللّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لاَّ يَعْلَمُونَ﴾  «ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا قەدەر ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا) ئۇنى (جېنى ۋە مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن» (تەۋبە سۈرىسى 6- ئايەت). مانا بۇ سەۋەب بىلەن «پاناھ تىلەپ كەلگەن مۇشرىك» ھايات قالغان. ئەگەر ئۇ كىشى ئۇلارغا: «مەن مۇسۇلمان» دېگەن بولسا، ئۇلار ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالغان بولاتتى.

ئىلگىرىكى خاۋارىجلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋارىسلىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مېنىڭ «ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋارىسلىرى» دېگىنىم «كاپىر قىلىش ۋە ھىجرەت جامائىتى» دەپ ئاتالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ھەرقانداق گۇناھ قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، تەۋبە قىلمىغان كىشىلەرنى كاپىر قىلىدۇ.

ئۇلار ھاكىملارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر دەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدۇ.

ئۇلار مەھكۇملارنى ھەم كاپىر دەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇ ھاكىملارنىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولغان ۋە ئاللاھ چۈشۈرمىگەن نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسىمۇ رەت قىلماستىن، ئۇنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇ ھاكىملارغا قارشى چىقماستىن، ئۇلارغا باش ئەگكەن.

ئۇلار يەنە دىنىي ئۆلىمالارنىمۇ كاپىر قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆلىمالار ھاكىملارنى ۋە مەھكۇملارنى كاپىر قىلمىغان: كىمكى، كاپىرنى «كاپىر» دېمىسە، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كاپىر.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىگە قارشى چىققان، ئۇنى قوبۇل قىلمىغان ۋە ئۇلار كىرگەن يولغا كىرمىگەن ھەرقانداق كىشىنى كاپىر قىلىۋېتىدۇ. يەنە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ جامائىتىگە ئەزا بولۇپ، ئۇلارغا بەيئەت قىلمىغان ھەر قانداق كىشىنى كاپىر دەيدۇ.

ئۇلارنىڭ جامائىتىگە كىرىپ، ئۇلارغا بەيئەت قىلىپ، ئاندىن مەلۇم سەۋەب بىلەن ئۇلارنى تاشلاپ كەتكەن كىشى بولسا، ئۇنى «قېنىنى تۆكۈش ھالال بولغان مۇرتەد» دەيدۇ. باشقا ھەر قانداق جامائەتكە ئۇلارنىڭ دەۋىتى يەتكەن ھامان ئۆزلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارغا بەيئەت قىلمىسا ئۇلارمۇ كاپىردۇر. ھەرقانداق بىر مەزھەب ئىمامىنىڭ سۆزىنى ئالغان ياكى ئىجما، قىياسقا ئەمەل قىلغان ياكى «ياخشى ئىش» دەپ قارالغانلىق يۈزىسىدىن ئۇلارنى قوبۇل قىلغان كىشى مۇشرىك، كاپىردۇر.

ئۇلارچە ھىجرىيىنىڭ تۆتىنچى ئەسىرىدىن كېيىنكى ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسى كۇپرى ۋە جاھىلىيەت ئەسىرىدۇر. چۈنكى، بۇ ئەسىرلەردىكى كىشىلەر ئاللاھتىن باشقا يەنە تەقلىد قىلىنغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ (ئابدۇرەھمان ئەبۇلخەيرىنىڭ «مېنىڭ كاپىر قىلىش ۋە ھىجرەت جامائىتى ئىچىدە ئۆتكەن ھايات ئەسلىمىلىرىم» دېگەن كىتابىغا قاراڭ ‐‐ ئاپتور).

شۇنداق قىلىپ ئۇلار كاپىر قىلىشتا ھەددىدىن بەك ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۆلۈك-تىرىك ھەممە ئىنسانلارنى ئومۇمىيۈزلۈك كاپىر قىلىۋېتىدۇ. ۋەھالەنكى، مۇسۇلماننى كاپىر قىلىش ناھايىتى خەتەرلىك ئىش. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش، مېلىنى ئولجا ئېلىش ھالال بولىدۇ ھەمدە ئۇنى خوتۇن-قىزلىرىدىن ئايرىۋېتىش لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بارلىق ئالاقە ئۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن مىراس ئېلىنمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مىراس بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇنمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆلسە يۇيۇلمايدۇ، كېپەنگە ئېلىنمايدۇ. نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىلىنمايدۇ.

شۇڭا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كۇپرىلىق» بىلەن تۆھمەت چاپلاشتىن قاتتىق چەكلەپ، قەتئىي تەكىتلىگەنىدى. ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «كىمكى قېرىندىشىغا: ‹ئى كاپىر!› دېسە، ئۇلارنىڭ ئىككىسىدىن بىرى كاپىر بولىدۇ». يەنى، ئەگەر قېرىندىشى ھەقىقەتەن كاپىر بولمىغان بولسا، ئۇ سۆز تۆھمەت قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزى كاپىر بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىش.

ئۇسامە ئىبنى زەيدنىڭ سەھىھ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «كىمكى ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېسە ئىسلامغا كىرىدۇ، قېنى ۋە مېلى ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنى قىلىچتىن قورقۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دېگەن بولسا، ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھقا. چۈنكى بىز زاھىرىغا قارايمىز». شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش مەيدانىدا شاھادەت ئېيتقان بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇسامەگە ناھايىتى قاتتىق كايىغانىدى ۋە: «سەن ئۇنى ‹لا اله الا الله› دېگەندىن كېيىنمۇ ئۆلتۈردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭ قەلبىدە ‹ لا اله الا الله› بولسا قانداق قىلىسەن؟» دەپ سورىدى. ئۇسامە: «پەيغەمبىرىمىز بۇ گەپنى ناھايىتى كۆپ تەكرارلاۋەردى. ھەتتا مەن ‹پەقەت بۈگۈنلا مۇسۇلمان بولغان بولسام بوپتىكەن› دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتتىم» دېدى.

كىمكى ئىسلامغا جەزمەن ئىشىنىپ كىرگەن ئىكەن، ئۇنى پەقەت شۇنداق ئىشەنچ بىلەن ئىسلامدىن چىقىرىش مۇمكىن. ئىشەنچ شەك بىلەن يوقىلىپ كەتمەيدۇ. گۇناھ ئىشلار مۇسۇلمانلارنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. ھەتتا ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا قىلىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق گۇناھى كەبىرەلەرمۇ ،ئۇنى قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى يەڭگىل سانىمىغان ياكى رەت قىلمىغانلا بولسا، ئۇنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» مۇنۇ ئايەت كەرىمدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنى بىكار قىلىۋەتمىدى: ﴿ فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاء إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ﴾ «كىمكى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنسا، ياخشىلىققا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىشى لازىم» (بەقەرە سۈرىسى 178- ئايەت). پەيغەمبىرىمىز ھاراق ئىچكەن كىشىنى جازالىغاندا،جازالانغۇچىغا لەنەت قىلغان كىشىگە مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭغا لەنەت قىلما، چۈنكى ئۇ ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدۇ».

شەرىئەتتە قاتىللىق، زىنا قىلىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ جازاسى ئوخشاشمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاپىرلىق بولىدىغان بولسا، ئۇلارنى قىلغان كىشى مۇرتەدكە ئوخشاش جازالىناتتى.

كاپىر قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر ئاساسلانغان شۈبھىلەر ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتتە بايان قىلىغان مۇھكەم ئايەتلەر بىلەن رەت قىلىنىدۇ. بۇ مەسىلىنى ئىسلام ئۈممىتى بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرىلا ھەل قىلىپ بولغان. كېيىنكىلەر كېلىپ ئۇنى يېڭىلايمىز دەۋاتىدۇ، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ.

يازغۇچى: يۈسۈپ قەرداۋىي

تەرجىمە قىلغۇچى: بەختىيار

بۇ تېما 148قېتىم كۆرۈلدى