چىكىنىڭ
قۇرئان سايىسى ئاستىدىكى تۇنجى قەھرىمان ئەۋلادلار

قۇرئان سايىسى ئاستىدىكى تۇنجى قەھرىمان ئەۋلادلار

بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىسلام تارقاتقۇچىلار مەيلى قايسى زامان مەيلى قايسى ماكاندا بولسۇن، ئىسلام بارلىققا كەلگەن دەۋرلەردىكى تارىخىي شارائىتقا نىسبەتەن توغرا چۈشەنچە، چۇڭقۇر ئىنكاسقا ئىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇ تارىخىي شارائىت ئىسلامنىڭ تارقىلىش يولى ۋە يۆنىلىشكە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئىسلامنىڭ بىر تۈركۈم ئىلغان ئەۋلادلارنى، يەنى ساھابىلەرنى تاللاپ يېتشتۈرۈپ چىقاردى. بۇلار پەقەت ئىسلام تارىخىدىلا تەڭداشسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يەنە بىر ئەۋلاد مەيدانغا چىقىپ باققىنى يوق! توغرا ھەقىقەتەنمۇ تارىختا ئۇلاردەك قەھرىمانلارمۇ ئۆتكەن. بىراق ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر يەردە، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدەك ئۇنداق نۇرغۇن كىشىلەردىن تەركىپ تاپمىغان. (يەنى ئۇلارنىڭ سانى تۇرۇۋاتقان رايوندىكى كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلالمىغان).

مانا بۇ پولاتتەك تارىخىي پاكىت! ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بىزنىڭ ئۇبدانراق پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. شۇندىلا بۇنداق بولۇشنىڭ سىرىنى ئاچالىشىمىز مۇمكىن.

ئىسلام ئاساسلىنىدىغان قۇرئان. ھەدىس، سۇننەتلەر بىزدە بار، ساھابىلەرمۇ شۇنى يېتەكچى قىلغىنىدەك بىزمۇ يېتەكچى قىلىۋاتىمىز، ئوخشىمايدىغىنى پەقەت پەيغەمبەرنىڭ ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدا يوقلىقى، مانا شۇندىن بۇيان ھازىرغىچە شۇلاردەك كىشىلەر مەيدانغا كەلمىدى. ئەجەبا پەيغەمبەرنىڭ ۋاپات بولۇشى بىزنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ؟

ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىسلام دىننىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىڭ زۆرۈر شەرتى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئىسلامنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يۈكلىمىگەن ھەم ئۇنى ئادەم تاكى ۋاپات بولغۇچە قەتئىي ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مۇقەددەس بۇرچ قىلمىغان بولاتتى. ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق بەختىنى ئىسلامغا تاپشۇرمىغان بۇلاتتى!! بىراق ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزىنىڭ ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئاللاھ پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئىسلامنىڭ يەنە زور نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ، پەيغەمبىرىمىز 23 يىللىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى. بىراق ئىسلامنى يەنىلا ئىنسانلارغا قالدۇردى. (تاكى قىيامەتكىچە) شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىشى ھەرگىزمۇ بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ھەم بۇمۇ ئاقىلانە تەھلىل ئەمەس.

ئۇنداقتا بىز باشقا بىر سەۋەبنى ئىزدەپ باقايلى، ساھابىلەر سۇ ئىچكەن بۇلاقتىن بىز ئىچەلىگەن بولىشىمىز ھەم ئۇلارنىڭ ماڭغان يولدىن ماڭالمىغان بولىشىمىز مۇمكىن. ساھابىلەر سۇ ئىچكەن بۇلاق دەل قۇرئاندۇر. ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى ۋە يېتەكچىلىكى بۇ بۇلاقنىڭ نۇرغۇن تارماق ئېقىنلىرىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىدىن سورىغاندا ئۇ (ئۇنىڭ ئەخلاقى «قۇرئان» دېگەن) ھەقىقەتەن قۇرئان ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت، پەلسەپە ھەم پەن ـ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا رۇمنىڭ پەن ـ تەتقىقات ئەسكەرلىرى ۋە سىياسى تۈزۈملىرى بار ئىدى. ئۇندىن باشقا يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ مىراسلىرى، لۇگىكا، پەلسەپىلىرى بار ئىدى. (ئۇ ھازىرغىچە غەربلىكلەر ئىدىيىسىنىڭ مەنبىئى) يەنە پارس مەدەنىيىتىنىڭ تۈزۈملىرىن دىنى قائىدىلىرى، سەنئەت، رىۋايەت، ئەپسانىلىرى، شېئرلىرى، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا رۇملار ۋە پارىسلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنى قورشاپ تۇراتتى. ھەمدە يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ مەركىزى رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان ئىدى.

مانا بۇلاردىن دەسلەپكى باسقۇچتا، ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرىنىڭ پۈتۈن زېھنىنى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا مەركەزلەشتۈرىۋالغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادا بىرەر خىل مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ كەملىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىرداسى ۋە مېھرىبانلىقىدىندۇر. بۇ نوقتا ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ تەۋراتنىڭ بىر ۋارىقىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاچچىقىلىغان ۋەقەدە رۇشەن كۆرىنىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇسا ھازىر ئاراڭلاردا بولغان بولسا ئىدى، ئۇمۇ ماڭا ئەگىشەتتى» دېگەن.

ھەقىقەتەنمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەسلەپكى باسقۇچتا مەقسەتلىك ھالدا، ساھابىلەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇق مەنبەسىنى قۇرئانغىلا مەركەزلەشتۈرگەن، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى قۇرئانىغلا قويىۋەتكەن، پەقەت قۇرئاننىلا ئۇلارنىڭ توغرا مېڭىشىتىكى ئاساسى پروگرامما قىلغان، مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆمەرگە باشقا بىر مەنبەدىن بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندا ئاچچىقلىنىشنىڭ سەۋەبى.

رەسۇلۇللاھ، قەلبى ساپ، ئەقلى جايىدا، ئىدىيىسى توغرا جىسمانىيىتىمۇ پاك بولغان بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى تاۋلاپ چىققان، ئۇلار نۇرلۇق قۇرئاندىن ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش يولىدىن باشقا ھەممە تەسىرلەردىن ئايرىلغان ئىدى.

قۇرئان قەلبىگە سىڭگەن ئاشۇ ئەۋلاد تارىختا ئەنە شۇنداق تەڭداشسىز نەتىجىلەرنى ياراتقان، بىراق، كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟ بۇ پاك بۇلاق بۇلغىۋېتىلىدى، كېيىنكى دەۋردە كىشىلەر بۇ روھىي ئۇزۇق ئالىدىغان بۇلاققا، يۇنان پەلسەپە لۇگىكىلىرىنى، پارس رىۋايەت ئەپسانلىرىنى، يەھۇدىي دىنىنىڭ رىۋايەتلىرى، خىرىستىيان دىنى شەكىللىرى، ئىلاھلىق ئىلمىنى ۋە باشقا مەدەنىيەت چىرىندىلىرىنى قۇرئاننىڭ تەپسىرىگە، ئاللاھنى تۇنۇش ئىلمىگە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرىئەت ئىلمى ۋە مەدەنىيەت ئەقىدە ئىلمىگە سىڭدۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى دەۋردە مۇسۇلمانلار بۇ بۇلغانغان بۇلاقتىن سۇ ئىچكەچكە، ئەينى ۋاقىتتىكى قەھرىمانلار، جۇشقۇن، جانلىق مەنزىرە قايتا مەيدانغا كەلمىدى، ئېنىقكى بۇ بۇلاقنىڭ (قۇرئاننىڭ) بۇلغۇنىشى بۇ ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شۇنچە زور پەرقلىنىشنىڭ تۈپ سەۋەبى!

بۇ سەۋەبتىن باشقا، ساھابىلەرنىڭ قۇرئاننى ئوقۇشى ۋە قوبۇل قىلىشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. بىزنىڭچۇ؟

ھەقىقەتەنمۇ ساھابىلەرنىڭ قۇرئاننى ئوقۇشى ئۇنى بىر خىل مەدەنىيەت دەپ قارىغانلىقتىن، ياكى زۇقلىنىش، بەھرىمەن بولۇش دېگەندەك مۇددىئادىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھېچقايسىسى قۇرئانى مەدەنىيەت سەۋىيسىنى ئاشۇرۇش ياكى دىنى جەھەتتىن بىلىم تولۇقلاش ئۈچۈن ئوقۇمايتتى. بەلكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىش ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان گەۋدىدىكى ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلارنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە شۇ ئۆزى ياشاۋاتقان كوللېكتىپنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى جەڭچىدەك بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ئۆز تۇرمۇشىدا تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرەتتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ مۇقەددەس بۇيرۇقى، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىز دەپ بىلەتتى.

ئىبنى مەسئۇدنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، ئۇلار ھەر كۈنى 10 ئايەت تەلىم ئېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئېسىدە قالدۇراتتى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرەتتى. بۇلار قۇرئاننىڭ ئەمەلىي كۆرىنىشلىرى ۋە ئىپادىلىرى ئىدى.

مانا بۇ خىل روھ، بۇ خىل ئېتىقاد قۇرئاننى ئۆزىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلىدىغان روھ ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ۋە ھەرخىل بىلىملەرنىڭ خەزىنىسىنى ئېچىپ بەردى. ئەگەر ئۇلار تەتقىقاتنى ئۆگىنىپ قويۇشقا، ئوقۇپ بېقىشقا قاراتقان بولسا، بۇ بىلىملەر خەزىنىسى ئۇلارغا ئىشىكنى ئاچمىغان بۇلاتتى. دېمەك بۇ خىل روھ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇرەكەپلىكتىن ئاددىلاشتۇرۇپ، يۈكنى ئېغىردىن يېنىكلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن بىر گەۋدە بىر تەن، بىر جان قىلىۋەتكەن ئىدى. ھەمدە قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئېرىتىپ قۇيىۋېتىلگەن، ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى يازغۇچىلارنىڭ، پەلسەپىچىلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «جانلىق» رومانتىك يولىغا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي توغرا ئىلاھى قانۇنىيەتكە ماس، جۇشقۇن تۇرمۇشقا تۇتاشتۇرغان ئىدى.

بۇ قۇرئان ئۆزىنىڭ بىلىم خەزىنىسىنى، ئۆز بىلىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلارغا ئەمەس، بەلكى بىز يۇقىرىدا دېگەن روھ بىلەن ئوقۇيدىغانلارغا ئاچىدۇ. بۇ قۇرئان ھەرگىزمۇ تارىخىي ئەسەر، ئەدەبىي ئەسەر، سەنئەت، ھېكايە كىتاب سۈپىتىدە چۈشۈرۈلمىگەن، ئەگەر بۇ مەزمۇنلار قۇرئاندا بارغۇ دېيىلسە، بۇ پۈتۈنلەي تۇرمۇش يولى سۈپىتىدە چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ. ئاللاھ بۇ تۇرمۇش يولىنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى نازىل قىلغان.

قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە – دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ – بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجى نازىل قىلدۇق. سۈرە ئىسرا 106 – ئايەت.

قۇرئان، بىر قېتىمدىلا چۈشكەن ئەمەس، ئۇ ئىش ۋە ۋاقىتنىڭ توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرغاندىكى ئېھتىياجى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرلىشىغا، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشىگە، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ رېئاللىققا ئۇچرىغان ئەمەلىي مەسىلىلىرىگە ئاساسەن تەدرىجىي نازىل قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتا نازىل قىلىنغان ئايەتلەر ئەمەلىي مەسىلە ۋە بەلگۈلۈك ۋەقەلەرگە قارىتىلغان، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن. ھەم يەنە بەلگۈلىك جەمئىيەتتىكى خىزمەت يۆنىلىشىنى، ۋەزىپىسىنى بەلگۈلىگەن. ئۇلارنىڭ ئىدىيە ـ ھەرىكەتلىرىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەن. ھەم ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى بىردىنبىر ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىنى ئەڭ ئالىي پادىشاھ بولغان ئاللاھنىڭ پەرۋىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلغان، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بۇ توغرا، مۇقەددەس يولىغا كىرگۈزگەن. ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئەۋلادىنى مۇشۇنداق يېتشۈرۈپ چىققىنى قۇرئانننىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىشى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشىدا خىزمەتلىرىدا ئىجرا قىلىشتۇر. ئۇلاردىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى (ناچار ئەھۋال) كەلتۈرۈپ چىقارغىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ۋە زوقلىنىش بولدى. شۈبھىسىزكى بۇ بولسا ساھابىلەرنى كېيىنكى بىر ئەۋلاد (دەۋر) مۇسۇلمانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئىككىنچى سەۋەبتۇر.

ئۇندىن باشقا يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ۋە سۆزلەشە ئەرزىيدىغان ئۈچىنچى سەۋەبمۇ ئۇ چاغلاردا بىرەرسى ئىسلامغا كىرسە دەرھال جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بارلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىسلامى تۇرمۇش شەكلى بىلەن يىپ ـ يېڭى بىر مۇساپىگە قەدەم قوياتتى. جاھىلىيەتچە تۇرمۇشتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزەتتى، ھەم ئۇلارنى ئىسلام بىلەن قەتئىي چىقىشالمايدىغان رەزىل ۋە يىرگىنىشلىك نەرسە دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ قايتا تۇرمۇشغا كىرىۋېلشتىن ئىنتايىن ھۇشيار تۇراتتى. گەرچە ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇنىڭغا پىششىق تونۇشلۇق بولغان تەقدىردىمۇ مانا مۇشۇنداق پوزىتسىيە بىلەن ئىسلامنىڭ يېڭىچە كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشەتتى. ئۇنىڭ نەپسى ئۇنى يېڭىۋالغىنىدا، ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەت ئۇنى جەلب قىلىۋالغاندا، ھەم ئىسلام مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمىغاندا دەرھال ئۆزىنىڭ خاتالىق سادىر قىلغىنىنى ھېس قىلىپ ئىچ ـ ئىچىدىن توۋا قىلىپ ئازابلىنىپ كېتەتتى. ھەمدە قايتىدىن ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىنى قۇرئان يېتەكچىلىكى بىلەن بىردەك قىلاتتى.

ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىدا غايەت زور ئىدىيە ئوخشاشماسلىقى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۈزۈل ـ كېسىل چىگرا ئايرىيتتى. ئەڭ ئاخىرىدا نادانلىق، جاھىلىيەتتىن پاكلانغان ھالدا ئىسلام قوينىغا كىرەتتى. ئاۋالقىدەكلا كۆپ ئىلاھلىق مۇرىتلىرى بىلەن سودا، كۈندىلىك ئالاقىلىرىنى قىلىشاتتى، چۈنكى ئىدىيەدىكى ئايرىلىش باشقا ئىش، كۈندىلىك مۇناسىۋەت، بېرىش ـ كېلىش قىلىش ئايرىم ئىش. ئۇ جاھىلىيەت مۇھىتىدىن يەنى ئۇنىڭ (جاھىلىيەتنىڭ) ئەنئەنە ۋە ئېڭى، ئادەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتدىن ئۈزۈل ـ كېسىل ئايرىلىپ چىقىدۇ. دەل بۇ خىل ئايرىلىش ئۇنى مۇشۇ ئېتىقادىدىن بىر ئىلاھلىق ئېتىقادىغا، جاھالەتچە دۇنيا قاراشتىن ئىسلامچە قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھەم شۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىدۇ. ئۆزىنىڭ ساداقىتى، قۇلچىلىقى ۋە ئەگىشىشنى مۇشۇ جەمئىيەتكە، مۇشۇ رەھبەرلىككە ئاتىۋېتىدۇ. تۆت كوچا ئېغىزى دەل مۇشۇ يەردە!!!… شانلىق يېڭى مۇساپە مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ ئۇ ئاللىقاچان جاھىلىيەتنىڭ ئۇنىڭغا تاڭغان ئەنئەنىۋى ئاسارىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىدىن، بارلىق ئىدىيە، ئاڭ (جاھالەتچە) قىممەت قارىشىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا، ئەركىن خوشال ھالدا بۇ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشقا، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئىرادە تىكلەپ بولغان، گەرچە ئۇنىڭ ئۇچرىغىنى زىيانكەشلىك ۋە بېسىم بولسىمۇ بىراق جاھالەتچە ئىدىيە ۋە ئەنئەنىۋى كۈچلەر ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئامالسىز.

بۈگۈن بىزمۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرى دۇچ كەلگىنىدەك ھەم ئۇنىڭدىن قىلچىمۇ پەرقلەنمەيدىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ زۇلمەتلىك جاھىلىيەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسە جاھالەت، كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ئاڭ ـ سېزىمى، دۇنيا قارىشى، ئۆرپ ـ ئادىتى، مەدەنىيەت مەنبەئى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت، قانۇن ـ تۈزۈم ھەتتا شەكلى ئۆزگەرگەن «ئىسلام مەدىنىيىتى»، «ئىسلام ماتىرىيالى»، «ئىسلام پەلسەپەسى»، «ئىسلام دۆلىتى»، «ئىسلام ئىدىيىسى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جاھالەتنىڭ ئۈندۈرمىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس! شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دۇنيا قارىشى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مۇستەھكەم بولالمىدى. ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدىمۇ ئېنىق، توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالمىدۇق. شۇڭا تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار (قەھرىمانلار) ئارىمىزدا يەنە بىر قېتىم مەيدانغا كەلمىدى.

ئۇنداقتا ئىسلام ھەرىكەت يولىدا ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىش باسقۇچىدىن ۋە شەكىللىنىش مەرگىللىرىدىن چوقۇم بىز يۆلىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان جاھىلىيەتنىڭ ناچار تەسىرلىرىنى چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئاۋال بىز پاك بۇلاققا قايتىشىمىز كېرەك. بۇ ھېلىقى تۇنجى ئەۋلاد قەھرىمانلار روھى ئوزۇق ئالغان بۇلاق!

ئاللاھ بۇ بۇلاقنى ئۆزى قوغداۋاتىدۇ. بۇ بۇلاقنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بۇلغانمىدى ۋە بۇرمىلانمىدى، بىز بۇ بۇلاققا قايتىساقلا ئۆزىمىزنىڭ دۇنيا قارىشىنى توغرىلىيالايمىز. ھەم كائىنات مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ بارلىق مۇناسىۋىتىنى ھەم بۇ ئىككىسى بىلەن ئاللاھنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنەلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان بىزنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشىمىز، قىممەت قارىشىمىز، ئىتنىك ئەخلاق قارىشىمىز ۋە شۇنىڭدەك بىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، قانۇن ـ تۈزۈم قاتارلىقلارغا سىڭىپ كىرىدۇ.

بىز بۇلاققا (مەنبەگە) قايتقىنىمىزدا چوقۇم بۇ قۇرئاننى ئەمىلىلەشتۈرەلىگىدەك روھ ھازىرلىشىمىز، ھەرگىزمۇ تەتقىق قىلىش، زوقلىنىش، قىزىقىشنى مەقسەت قىلماسلىقىمىز لازىم. بىز دائىم قۇرئان بىزنى زادى قانداق كىشىلەرگە ئايلاندۇرماقچى؟ دېگەننى چۈشىنىشىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن دەرھال ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ بۇلاققا قايتىش جەريانىدا بىز قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ئاجايىپ بەدىئلىكى، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ قىسسەلىرى، ئادەمنىڭ تېنىنى جۇغۇلدىتىۋېتىدىغان ئەجەل ئالدىدىكى مەنزىرە، ھەمدە يەنە قۇرئاننىڭ ئۆزىگە جاس ئۇسلۇبتىكى ئىنسان تەبىئىتى، پەلسەپىسى، شۇنىڭدەك باشقا تەتقىقاتچى، قىزىققۇچىلار ئىنتىلگەن ھەممە نەرسىنى كۆرەلەيمىز. بىراق بىز ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ باش نىشانى قىلىشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ باش نىشانىمىز قۇرئان بىزنى زادى نېمە ئىشقا بويرۇيدۇ؟ قۇرئان بىزگە تونۇۋېلشنى تەقەززار قىلغان دۇنيا قاراش قايسى؟ قۇرئان بىزنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئۇ تەلەپ قىلغان ئىتنىڭ ئەخلاق، سىياسىي تۈزۈم، تۇرمۇش سېستىمىسى دېگەنلەر زادى قانداق؟ دېگەنلەرنى ئېنقىلاپ ئەمىلىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم.

بۇنىڭ ئۈچۈن بىز جاھىلىيەت جەمىيىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىدىن قۇتۇلۇشىمىز، بولۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى جاھالەتچە دۇنيا قارشتىن، جاھالەتچە ئەنئەنىۋى ئادەتلەردىن ۋە جاھالەت رەھبەرلىكىدىن ئايرىپ چىقىشىمىز لازىم.

بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەرگىزمۇ جاھىلىيەت بىلەن مۇرەسسەلىشىش ياكى بويسۇنۇش ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ئۇ خىل جاھالەتچىلىكى بىزنى ئۇلار بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە ئامالسىز قالدۇرىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاۋال ئۆزىمىزنى، ئاندىن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش.

بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز، بۇ خىل جەمئىيەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، بۇ خىل جاھالەتچە ھالەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشىمىز لازىم. بۇ خىل ھالەت، ئىسلامىيەتچە تۇرمۇش يولى، ئىسلام دۇنيا قارىشى دېگەنلەر بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدۇ. چۈنكى بۇ جاھالەت بېسىم ـ زورلۇق ۋاستىسى بىلەن بىزنىڭ ئىسلامچە ياشاش ھوقۇقىمىزنى ۋە ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋالىدۇ.

بىزنىڭ بۇ تارىخ مۇساپىسىدىكى 1ـ قەدىمىمىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل جاھالەت جەمىيتىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ قىممەت قارشى، دۇنيا قارىشىنىڭ سىرتىدا قويۇشىمىزدۇر. بىز ئۇلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغاندا مۇرەسسەلىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىمىزغا قىلچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىمىزگە قەتئىي بولمايدۇ. بىز ئۇلار بىلەن قەتئىي ئوخشاشمايمىز. شۇڭا قەتئىي ئايرىلىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز ھەر قېتىم ئۇلار بىلەن قەدەمنى ئورتاق باسقاندا ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش يولىنى يوقىتىپ قويىمىز، ھەم تويۇق يولغا كىرىپ قالىمىز.

بىز بۇ يولدا ئەزىيەتلەرگە، جاپا ـ مۇشەققەتلەرگە ئوچرايمىز ھەم بۇ يولدا نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيمىز. زور قۇربانلارنى بېرىمىز. بىز پەقەت تۇنجى ئەۋلاد قەھرىمانلارنىڭ يولىدىن مېڭىشنى ئويلىساق، بىزنىڭ يەنە بىر ئەركىن تاللىشىمىز بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار (ساھابىلەر) بىلەن بۇ تۇرمۇش يولىنى زېمىندا ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ئۇلار بىلەن جاھىلىيەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.

بىز ھەمىشە تۇرمۇش يولىمىزنىڭ نىشانىغا، مەيدانىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە، يولىمىزنىڭ ماھىيىتىگە سەگەك بولۇشىمىز لازىم. بۇ يولدا تەۋرەنمەي مۇستەھكەم ماڭالىساقلا چوقۇم تۇنجى ئەۋلاد تەڭداشسىز قەھرىمانلاردەك، جاھالەت قوينىدىن يورقلۇققا چىقالايمىز.

يازغۇچى: شېھىد سەييىد قۇتۇب

تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ئەزىزى

بۇ تېما 97قېتىم كۆرۈلدى