چىكىنىڭ
قۇرئان كۆرسەتكەن يول ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى

قۇرئان كۆرسەتكەن يول ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى

قۇرئاننىڭ مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلىرى رەسۇلۇللاھغا توپ ـ توغرا 13 يىلدا چۈشۈرۈلگەن تەكتىلىگىنى، كۆرسەتكىنى بىرلا نوقتا ـ تېما بولدى. گەرچە بايان قىلىش ئۇسۇلى دېگەندەك تەكرارلانغان بولسىمۇ بۇ تېما باشتىن ـ ئاخىرى ئۆزگەرمىدى. قۇرئاننىڭ ئەدەبى ئۇسلۇبى ھەر قېتىملىق بايانغا يېڭىچە شەكىل كىرگۈزەتتى. خۇددى بۇ نوقتىنى تۇنجى قېتىم چۈشەندۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى.

قۇرئان، ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۇھىم مەسىلىنى شۇنداقلا بۇ دىندىكى ئەڭ ئاساسلىق يادرۇلۇق مەسىلە ـ ئېتىقاد (ئىمان) مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇنىڭ باش پىرىنسىپى ئىلاھلىق بىلەن بەندىلىك مۇناسىۋىتىدە گەۋدىلىنىدۇ.

قۇرئان ئىنسانىيەتكە ھەقىقەتنى جاكارلىماقتا. بارلىق ئادەملەر بىر كاتوگورىيىگە كىرىدۇ. ئەينى دەۋرىدىكى ئەرەبلەر ۋە باشقا ھەرقانداق دەۋرىدىكى ئەرەبلەر خۇددى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىرىدىكى ئەرەبلەر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى بۇ كاتوگورىيىگە كىرگەندەك بۇنىڭغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. يەنى بەندىلىك كاتوگورىيىگە كىرىدۇ.

ئېتىقاد، ھەقىقەتەنمۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى، بۇنىڭدا ھەرقانداق دەۋر ۋە زاماندا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتتىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاقىۋىتى مەسىلىسى. ئىنسانىيەت ۋە كائىنات، ئىنسانىيەت ۋە باشقا جانلىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيەت ۋە كائىنات ھەم بارلىق جانىلىقلارنىڭ ياراتقۇچىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلە ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلە مەۋجۇتىيەت ۋە ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر.

مەككىدە نازىل بولغان قۇرئان ئايەتلىرى، ئىنسانىيەتكە «مەۋجۇتىيەتنىڭ» سىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەم ئادەم بىلەن كائىناتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ھەم بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چۈشەندۈرگەندە كىشىلەرگە «ئۇ كىم؟ قەيەردىن كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن كەلدى؟ ھاياتلىقنىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى قويىدۇ. ھەم ئىنسانلارغا «ئادەملەر ھېس قىلغان ۋە كۈزەتكەن كائىنات ھادىسلىرى زادى نېمە؟»، «ئادەملەر ھېس قىلالايدىغان بىراق كۆرەلمەيدىغان، قاراڭغۇلۇقتا پۈتۈن كائىناتنى باشقۇرۇپ، تەسەررۇپ قىلىۋاتقان سىرلىق كۈچ زادى نېمە؟ زادى كىم بۇ ئاجايىب مۆجىزە، سىرلارغا تولغان كائىناتنى يارتتى؟ بۇنىڭ لاھىيەلىگۈچىسى كىم؟ كىم بۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرىۋاتىدۇ؟ كىم بۇلارنى كېچە ـ كۈندۈز يېڭى ھالەتلەرگە كىرگۈزىۋاتىدۇ؟ كائىنات ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك؟» دېگەنلەرنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا «ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولۇش كېرەك؟ دېگەنننى چۈشەندۈرىدۇ.

 مانا بۇ ئىنسانىيەت مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، چوقۇم ئويلاشقا تېگىشلىك مەسىلە. پۈتۈن دۇنيادا نېمە ئىشلار يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر بۇ مەسىلە ئىنسانلار بىلەن ماس قەدەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. توپتۇغرا 13 يىلدا مۇشۇ مەسىلە تەكرار ـ تەكرار تەكىتلەندى. يەنە ئېتىقاد مەسىلىسى چۈنكى كىشىلەر تۇرمۇشدا ئىمان (ئېتىقاد) مۇستەھكەم تەكىتلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئىمان ئاساسىدا باشقا ئېھتىياج ۋە تۇرمۇش مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىدۇ.

قۇرئاننىڭ مەككىدىكى ئايەتلىرى بۇ ئاساسى يادرولۇق مەسىلىدىن ھالقىپ تۇرمۇش تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بايان قىلمىغان، بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغاندا، ئەتراپلىق چۈشنىلىپ بولغاندا ئىمان شۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يىلىتىز تارتقاندىن كېيىن، ئۇلاردا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. ئاللاھ ئالدىنئالا ئىسلام بايرىقىنى ئىنسانلار ئارقىلىق زېمىندا جەۋلان قىلدۇرۇشنى ۋە ئىسلامنى ئىنسانلار تۇرمۇشىدا گەۋدىلەندۈرۈشنى بەلگىلىگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ تارقاتقۇچىلىرى ھەم ئىسلامچە تۇرمۇش تۈزۈمىنى قۇرۇشقا كۈرەش قىلغۇچىلار بۇ دەۋرىدىكى تارىخقا قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىدە بولۇشى تېخىمۇ زۆرۈر! بۇ دەل مەككىدىكى ئايەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ساپساق 13 يىل ئىمان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن نازىل بولغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك ئىمان قۇرۇلۇشىدىن ھالقىپ ئىجتىمائىي تۈزۈم، جەمئىيەت تۈزەش، قانۇن تىكلەشكە ئالدىرىماسلىقنىڭ سىرى، ئاللاھ ئىماننى ئىسلامغا كىرگەن كىشىگە يۈزلىنىدىغان (دۇچ كېلىدىغان) مەسىلە قىلدى. ھەم رەسۇلۇللاھنى ئىسلام دەۋىتىدە تۇنجى قېتىم «لا الە الا ئاللاھ مچمد رسول اللە » تەشۋىق قىلىشنى، جاكارلاشنى بۇيرۇدى. كىشىلەرگە كىمنىڭ ھەقىقى ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. كىشىلەرنى ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە بويسۇنماسلىققا يېتەكلىدى ۋە چاقىردى. ئەمما بۇنداق دەۋەت قىلىش ئەرەبلەرنىڭ قارىشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قارىتا دۈشمەنلىك سەۋەبلىك بىر قاتار ئۇرۇشلار يۈز بەردى.

ئويلاپ باقايلى! نېمە ئۈچۈن بۇ ئىسلام دەۋىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئىسلام تارقىلىپلا شۇنچە كۆپ توسالغۇ، ئەرزىيەت ئۇچرايدۇ؟

ئاللاھ بۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. بىراق بايلىققا تولغان ئەرەب زېمىنى ئەرەبلەرنىڭ قولىدا ئەمەس ئىدى. بەلكى باشقا مىللەت، باشقا ئېرىق تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان ئىدى. شىمالىي قىسمىدىكى ئىككى دەريا ۋادىسى رىم ئېمپىرىيەسىگە بېقىناتتى. ھەم رىمنىڭ تەيىنلىگەن ئەرەب پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. جەنۇبى قىسىمدىكى يەمەن پارىس ئېمپىرىيەسىگە بېقىناتتى. ھەم ئۇلار تەمىنلىگەن ئەرەب پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ قولىدا پەقەت ھىجاز، تىھامە، نەجىدە ۋە قۇملۇقلار ئىچىدىكى بىر قانچە بوستانلىقلار بار ئىدى.

بەزى كىشىلەر بەلكىم «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە ئېتىراب قىلىدىغان ئىشەنچىلىك كىشى. ئۇنىڭ جەمەتى قۇرەيىشلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، يەنى ھاشىم جەمەتىدىن، ئۇ پەيغەمبەر بولۇشتىن 15 يىل ئىلگىرى «ھەجەر ئەسۋەدنى ئۆز ئورنىغا كىمنىڭ قويۇشى ئىشى» دا قۇرەيىشلەر بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا (رەسۇلۇللاھ) تاپشۇرغان. ھەم ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولىدىغان بولغان شۇڭا مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئەرەبلەرنىڭ مىللەتچىلىك ئېڭىنى ئويغىتىپ، زۇلۇم ۋە بۇلاڭ ـ تالاڭ ئاستىدا تارقاق قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىللەتچىلىك بايرىقى ئاستىدا ئۇلار رىم، پارىس ئىمپىرىيىسى بېسىۋالغان زېمىننى ئازاد قىلالايتتى. ئەرەبچىلىك (مىللەتچىلىك) بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيتتى. ھەم ئۆزىنىڭ مىللىي ھاكىمىيىتىنى قۇرالايتتى» دېيىشى مۇمكىن.

يەنە بەزىلەر «ئەگەر رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق چاقىرىق قىلغان بولسا، ئەرەبلەر چوقۇم ئاۋاز قوشاتتى ـ دە، مەككىدە 13 يى مەككە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ خالىغانچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان بۇلاتتى» دەپ تالاش ـ تارتىش قىلىشمۇ مۇمكىن.

يەنە بەزىلەر «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرنى ئۆزىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلىپ ئۇلارنىڭ رەھبەر، قوماندانى، بولغاندا، ئۇلار ھۇقۇق ۋە شەرەپنى ئۇنىڭغا بەرگەندە ھەممە ئۇنىڭ باشقۇرىشىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئاللاھ يۈكلىگەن «لا الە الا ئاللاھ» دېگەن تەشۋىقاتىنى تارقىتالايتتى» دەپ جۆيلىدۇ. بىراق ئاللاھ (ھەممىنى بىلگۈچى) پەيغەمبىرىمىز بۇ يولغا باشلىغان، بەلكى ئۇنى «لا الە الا ئاللاھ» دىن ئىبارەت بۇ كەلىمىنى تەشۋىق قىلىش يولىغا باشلىغان، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاز ساندىكى ئەگەشكۈچىلىرىنى بۇ جاپا ئەرزىيەتكە ئۇچراتقان.

نېمە ئۈچۈن؟ ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى جاپالىق مۇھىتتا قويغۇسى يوق. بىراق ئاللاھ ئۇنىڭ (زۇلۇمدىن، ئەرزىيەتتىن قوتۇلىشنىڭ) تېخى ھەقىقى يول ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئىسلامنىڭ يولى ھەرگىزمۇ ئەرەب زېمىنىنى رىم، پارىس مۇستەبىت ئىمپىراتورلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەرەب مۇستەبىتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئەمەس. چۈنكى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق قايسى دەۋرىدە بولمىسۇن ھامان ئىستىبداتلىقى ئىستىبدات، بۇ زېمىن ئاللاھنىڭ، ئۇنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك. پەقەت زېمىندا «لا الە الا ئاللاھ» بايرىقى جەۋلان قىلىپ لەپىلدىگەندە ئاندىن ئاللاھقا تاپشۇرۇلغان بولىدۇ. ئىسلامنىڭ يولى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى رىم، پارىس ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋەھشىيانە قۇللىقىدىن ئازاد قىلىپ، يەنە بىر ئەرەب قۇللۇق تۈزۈمگە تاشلاپ بېرىش ئەمەس ئىنسانلار پەقەت ئاللاھنىڭ چاكارلىرى خالاس، پەقەت ئۇلار «لا الە الا ئاللاھ» دېگەن بايراقنى ئىگىز كۆتەرگەندىلا ئاندىن ئاللاھنىڭ سادىق چاكارلىرىدىن بولالايدۇ. «لا الە الا ئاللاھ» دېگەن بۇ كەلىمە خۇددى ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر چۈشەنگەندەك ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئاللاھقا خاس، قانۇن تىكلەش ھوقۇقىمۇ ئاللاھقا خاس، ئىسلام ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرق، پەقەت ئېتىقاد (ئىماندۇر)، ئېتىقادتىن ئىبارەت بۇ ئوخشىمىغان تۈرگە مەنسۇپ بولغان ئەرەبلەر، رۇملۇقلار پارىسلار، ۋە باشقا ھەرقانداق ئېرىق، مىللەتتىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئوخشاش مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. يول دەل مانا مۇشۇ يەردە!!

ئاللاھ، بۇ دىن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرىك جەمئىيەت ئىدى. ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر پۇل ۋە سودىنى مونوپول قىلىۋالغان ئىدى. جازانىخورلۇق ۋە باشقا ۋاستىلەر بىلەن خەلقنى شۇرايتتى. شۇنىڭ بىلەن بايلىق ھەسسىلەپ ئۇلارنىڭ قولىغا قالاتتى. بىراق ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر دەل ئەكسىچە ئاچ ـ يالىڭاچلىق ئازاۋىدا يۈرەتتى. پۇلى بارلار ئىناۋەت، ئورۇن، ئابرويغا ئىگە، بىراق كەڭ نامرات خەلق ئاممىسىنىڭ غورورى دەپسەندە قىلىنغان ئىدى.

بەزىلەر «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقەتەنمۇ ئىجتىمائىي ئادالەت بايرىقىنى ئىگز كۆتىرىپ، ئاقسۆڭەك مۇستەبىتلەرگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، مەقسىتىنى جەمئىيەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدىكى بايلىقىنى كەمبەغەللەرگە قايتۇرۇپ بېرەلەيتتى» دېيىشىدۇ.

بەزىلەر «ئەگەر رەسۇلۇللاھ ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنداق چاقىرىق قىلغان بولسا، ئەرەب جەمئىيىتى چوقۇم ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتەتتى. مۇتلەق كۆپ قىسىمى پۇل، ئابروي، ئورۇن ئۈچۈن بىر يېڭى بىر مەيدان ئىنقىلاپقا قاتنىشاتتى. ئاز بىر قىسمى دەل ئۆزىنىڭ بايلىقىنى قوغداپ ئۇنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ بىر سەپ بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋال پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ «لا الە الا ئاللاھ» غا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشىدىن ئاسان بولاتتى. (ئىككى قۇتۇپ بولسا بىرى رەسۇلۇللاھنى قوغدايتتى. يەنە بىرى قارشى تۇراتتى. بۇ ھەممىنىڭ قارشى تۇرغىنىدىن ياخشىراق ئىدى ـ ت)» دېيىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇ ۋاقىتتا پەقەت كۆزگە كۆرۈنگەن ئىمانى مۇستەھكەم بىر نەچچە ساھابىلەرلا تەۋرەنمەي رەسۇلۇللاھ تەرەپتە تۇرغان ئىدى.

يەنە تېخى بەزىلەر «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاۋال كۆپ سانلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇندۇرۇپ، ئاندىن ئاز ساندىكى جاھىل كۈچلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلەپ ئاندىن كېيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقىنى «بىر ئىلاھلىق نەزىرىيىسى» ئۈستىگە قۇرۇپ ئاللاھ تاپشۇرغان بۇرچىنى ئورۇنلىغان بولسا» دېسە، بەزىلەر «كىشىلەرنى ئاۋال ئۆزىنىڭ شەخسى ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇرۇپ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇرسا ياخشى بولاتتى!» دەپ جۆيلۈشىدۇ.

بىراق ئاللاھ بۇ يولنىڭ توغرا يول ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ھەم ئىجتىمائىي ئادالەتنىڭ پەقەت بارلىق ھوقۇق ئاللاغىلا تاپشۇرۇلغاندىلا ھەم مۇكەممەل ئېتىقاد، ئىدىيە سېستىمىسى ئاساسىدا ئاندىن جەمئىيەتتە بارلىققا كىلەلەيدىغانلىقىنى ھەم ئۇمۇملىشالايدىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ ئۆزى خالاپ خوشاللىق بىلەن ئاللاھنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەت ھەققىدىكى ۋە ئۆزئارا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش مەزمۇنىدىكى ھۆكۈملەرنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.

شۇنداق قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ قەلبىدە پەقەت ئاللاھنىڭ تۈزۈمىنى باراۋەر ئىجرا قىلىدىغان ئاڭ تىكلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن ئىككى دۇنياغا پايدىلىق ياخشى ئىش ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنىڭ قەلبى نەپسانىيەتچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇۋېلىنمايدۇ. قورال، زورلۇق ۋاستىسى، تەھدىت سېلىش، تېرورلۇق بىلەن شەيئىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. خۇددى «لا الە الا ئاللاھ» دېگەننى ئاساس قىلماي قىلىنغان باشقا ئىنقىلاب ۋە تۈزۈملەردە يۈز بەرگىنىدەك كىشىلەرنىڭ قەلبىنى، روھىنى چىرىك قىلىپ قويمايدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ئەۋەتىلگەندە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئەخلاق سەۋىيىسى ئاللىقاچان ھەر تەرەپتىن ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ھەتتا ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن قالغان ناچار ئەخلاقلار ساقلىنىپ قالغان. بوزەك ئىتىش، كەمسىتىش، خارلاش جەمئىيەتتە يامرىغان ئىدى. شائىر زۇھەير ئىبنى ئەبى سۇلايمان بۇنى تەسۋىرلەپ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن.

كىم ئۆزىنى قورال بىلەن قوغدىمايدىكەن ھالاك بولىدۇ.

كىم باشقىلارنى ئەزمەيدىكەن ئۆزى ئېزىلىدۇ.

ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش جەمئىيەتنىڭ ئومۇملاشقان بىر خىل ھالىتى بولۇپ قالغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قىلىقلىرىدىن پەخىرلىنەتتى.

جاھىلىيەت دەۋرىلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى مۇشۇ ناچار، قەبىھ ئادەتنى تەسۋىرلەپ يېزىلغان ئىدى. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى داڭلىق شائىر تەرەپەتۇبنىل ئەبدىنىڭ شېئىرلىرى مۇشۇ رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

پاھشىۋازلىق ھەرخىل شەكىللەر بىلەن بۇ جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋال قەدىمقى زاماندىكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى جاھىلىيەت جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن سۈرىتى ئىدى. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ئىشلارنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

جاھىلىيەت دەۋرىدىكى توي 4 خىل ئىدى.

1) بۈگۈنكىدەك (ھازىرقىدەك) كىشىلەرنىڭ تويىدەك توي ئىدى. يەنى ئاۋال ئەلچى بولۇپ چاي ئىچۈرۈپ قويۇپ ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇلسا ئاندىن توي قىلاتتى.

2) ئايالنىڭ مەزگىلى توشقاندا پالانىنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرگە بول دەيتتى ۋە ئاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلاتتى. تاكى ھېلىقى ئايال بىرگە بولغان ئەردىن ھامىلدار بولغىچە قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تەككۈزمەيتتى. ئايالنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىن كېيىن ئەگەر بۇ ئەر خالىسا بىرگە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. مەقىسىدى پەقەتلا بىر ئەقىللىق، ساغلام پەرزەنتكە ئىگە بولۇش ئىدى. مانا بۇ ئاتالمىش (توي) ئىدى.

3) قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر توپ ئادەملەر بىر ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، نۆۋەتلىشىپ ھېلىقى ئايال بىلەن بىرگە بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئايال ھامىلدار بولاتتى. تەۋەللۇد (تۇغۇش) قىلغان چېغىدا ھېلىقى كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي چاقىرىپ كېلىپ (ھېچقايىسىسى كەلمەسلىككە بولمايدۇ) ئۇلارغا «سىلەر ئارىمىزدا بولغان ئىشنى بىلىسىلەر، مەن ھازىر تۇغدۇم» دەپ كېيىن ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللاپ مانا بۇ سېنىڭ «بالاڭ» دەيتتى ۋە ھېلىقى ئادەمنىڭ فامىلىسى بويىچە بالىغا ئىسىم قوياتتى. ھېلىقى ئادەم ئۇ ئايالنىڭ مۇنداق قىلغىنىنى ھەرگىز رەت قىلالمايتتى. پەقەت بالىنى ئەگەشتۈرۈپ كېتەتتى.

4) پاھىشە ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا بىر بايراق قاداپ بەلگە قىلاتتى. ئەرلەردىن كىم خالىسا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلاتتى. پاھىشە ئاياللارمۇ ھەرگىز رەت قىلالمايتتى. ئۇلار پاھىشە ئاياللارنىڭ ئارىسىدىن مەلۇم بىرى ھامىلدار بولۇپ تۇغقاندىن كېيىن ھېلىقى ئاللىقاچان ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان ئەرلەرنى يىغىپ، نەسەبشۇناسلارنى چاقىراتتى، نەسەبشۇنسلار توپلانغان ئەرلەر ئىچىدە قايسى بىرىنى بالىنىڭ دادىسى دەپ بېكىتسە، ئۇ ئايال بالىنى ئاشۇ ئەرگە قوشۇپ قوياتتى. ھېلىقى بالا ئەنە شۇ ئەرنىڭ نامى بىلەن ئاتىلاتتى. ئۇ ئەرمۇ بۇنى رەت قىلمايتتى.

يەنە بەزىلەر «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتا بىر مەيدان جەمئىيەتنى تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئەخلاقىنى تۈزەپ، جەمئىيەتنى پاكىزلاپ، كىشىلەر قەلبىنى يۇيالايتتى. دېسە يەنە بەزىلەر ھەرقانداق شارائىتتىكى ئەخلاق ئىسلاھاتچىلىرىدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ روھى پاكىز، بۇ پاسكىنا قىلىقلاردىن نەپرەتلىنىدىغان، تېگى ـ ئەخلاقلىق بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى باي قىلغان، بۇلار چۇقۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش، پاكىزلاش چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشاتتى» دېيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر تېخى «ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خىزمەتنى ئېلىپ بارىدىغان بولسا ھېلىقى ئەخلاقى گۈزەل، روھى پاك ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىككىلەنمەستىن بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشاتتى ـ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبى تەدرىجى ئىمانغا يېقىنلىشىپ ئۇنى قوبۇل قىلاتتى ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالاتتى. شۇنىڭ بىلەن «لا الە الا ئاللاھ» نى تەشۋىق قىلىش بىلەنلا بۇنداق ئومۇمىي قارىشلىققا دۇچ كەلمەس ئىدى» دەپ تىل چاينىشىدۇ.

بىراق، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەقىقى يول ئەمەسلىكىنى، ئىماننى ئاساس قىلمىسا ئەخلاقنىڭ تۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئىمان (ئېتىقاد) بىلەن قىممەت ئۆلچىمىنى بەلگۈلەپ توغرا قىممەت ئۆلچىمىنى بىكىتىشنىڭ باشقۇرغۇچىسى (ئاساسى) قىلىش لازىم. مۇشۇ باشقۇرغۇچى ئارقىلىق مۇكاپات، جازانى ئېنىق، قانۇننى قەتئىي ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئىماندىن ئىبارەت قوماندان (باشقۇرغۇچى) تىكلىنىشتىن ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى تۇراقسىز، مۇقىم ئەمەس ئىدى. بۇ خىل تۇراقسىز قىممەت قارشى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەخلاقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىنىدىغان نىزامى، بويسۇنىدىغان باشقۇرغۇچىسى، مۇكاپاتىمۇ يوق.

جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق ئىمان يىلتىز تارتقان، ئىمان تاينىدىغان ھوقۇق مۇستەھكەملەنگەن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانىنى ھەقىقىي تونۇغان، بىر ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھتىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققىنىدا شەخسىي تەلەپ، شەخسىنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلغىنىدا «لا الھ الا اﷲ» كىشىلەر قەلبىدە مۇستەھكەملەنگەندىلا ئاندىن ئاللاھ بۇ مۆمىنلەر ئارقىلىق بايىقى «تەكلىپ بەرگۈچىلەر»، «تەكلىپ بەرگەن» ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. ئەرەب زېمىنى رۇم، پارىس ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى زېمىننى تازىلاش، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ئىدى. ئەرەبلەر زېمىنى ۋەھشى ھۆكۈمرانلار قولىدىن قۇتۇلدى. بۇ ياۋۇزلار مەيلى زۇملۇق، مەيلى پارىس ھەتتا ئەرەب بولسۇن ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش ئىدى.

پۈتكۈل جەمئىيەت ئادالەتسىزلىكتىن قۇتۇلغاچقا پاكىزلاندى، ئىسلام قانۇن ـ تۈزۈمى تىكلەندى. ئۇلار ئاللاھنىڭ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرەتتى. ھەممىگە ئاللاھنىڭ ھۆكىمى بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى. ئاللاھنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيتتى. «لا الھ الا اﷲ» نى بايراق قىلاتتىكى، باشقا ھەرقانداق نام ـ ئاتالغۇ بىلەن كارى بولمايتتى.

روھىيەت ۋە ئەخلاق، ئىدىيە ۋە قەلب بارلىق قەبىھلىكتىن يىراقلاشتى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىدىن بولغان.

كىشىلەرنىڭ بارلىق ئىزدىنىشى، پائالىيىتى ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ۋە رازىلىقىنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئۇلار ھاياتلا بولىدىكەن ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە جازاسىدىن قورقاتتى، ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش، غەزىپىدىن قورقۇش (نازارەت قىلىش ۋە جازا) نىڭ ئورنىنى ئالغان ئىدى. (بۇنداق ئاڭلىقلىق بولغان ئىكەن بېسىم ۋە تەھدىدنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى ـ ت).

ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تۈزۈمى ۋە ئەخلاقى توختىماي ئىلگىرلەپ كىشىلەر بۇرۇن ئەزەلدىن يېتىپ باقمىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇنداق مەنزىرە، مۇنداق دەرىجىگە مەيلى ئىلگىركىلەر بولسۇن ياكى كېيىنكىلەر بولسۇن يېتىپ باقمىغان ئىدى. بۇ پەقەت ئىسلام تۈزۈمىدىلا شۇنداق بولدى.

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ـ دۆلەت قانۇنىنى، تۈزۈمىنى، تۇرمۇشىنى ھەتتا پۈتۈن جەمئىيەت ئىدىئولوگىيەسىنى بۇ ئىسلام دىنى ئۈستىگە قۇرغان كىشىلەرنىڭ قولىدا ئورۇنلاندى. مانا بۇلار ئاۋال قەلبىدە ئىماننى مۇستەھكەم تىكلىگەن ھەم كونكىرىت ئىبادەت، ھەرىكەت، تۇرمۇشتا ئىماننى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئىسلامنى ھەقىقىي تىكلەشنى شەر قىلىپ ئۇلارغا بىر ۋەدە بەردى. ئۇ ۋەدە بولسا بۇ دۇنيا بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولغان خوشاللىق باغچىسى جەننەت ئىدى. مانا بۇ ئۇلارغا مۇكاپات ئىدى. بۇلار جاپالىق ئۇرۇشنى (جىھاد) نى قاتتىق سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپن دىنى تەشۋىقاتنىڭ شۇئارى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دەۋر ياكى ھەرقايسى جايلاردىكى ياۋۇز كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئۈچ كۆرىدىغان «لا الە الا ئاللاھ» نى قورال قىلىپ جاھالەتچىلەر بىلەن كۈرەش قىلىغان ئىدى.

شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى سىنىغاندا، ئۇلار سەۋر، چىدام بىلەن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت خىيالنى چىقىرىپ تاشلىغان. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ كۆزلەيدىغىنىنىڭ دۇنيادىكى ھەق ـ مۇكاپات ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. مەيلى بۇ خىل ھەقنىڭ مۇكاپات شەكلى قانداق بولسۇن، مەيلى ئىسلام ئۇلار بىلەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشسۇن مەيلى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن زېمىندا ئاللاھنىڭ دىنى تىكلەنسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا بېرىلگەن ھەق ئەمەس. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەجدادى، مىللىتى، ئېرقى، نەسەبى بىلەن پەخىرلەنمىگەن، ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، تېرىتورىيىسى بىلەن باشقىلارنى پەس كۆرمىگەن، ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمىگەن چېغىدا ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ زور «ئامانەت» نى ئۆز ئۈستىگە ئالالىغۇدەك بولغىنىنى بىلىدۇ. بۇ «ئامانەت» دەل پۈتۈن دۇنيادا «بىر ئىلاھى ھۆكۈمرانلىقى» نى تىكلەيدىغان ئىماندۇر. بۇ خىل ئىمان بارلىق ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى (قەلبنىڭ، قانۇن ـ تۈزۈمنىڭ، ئىدىيە ـ ھەرىكەتنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ مۆمىنلەر، بۇلارغا تاپشۇرۇلغان ھوقۇقىغا ئىنتايىن سادىق بولىدۇ. ئۇلار بۇ ھوقۇق بىلەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنى تىكلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆلچىمى، ھۆكۈمى بىلەن ھەممىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۆلچەيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى، مىللەت، ۋەتەننى ئاللاھ بەرگەن ھوقۇقتىن كەلگەن كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان بۇ ھوقۇق ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر. چۈنكى ئۇلار بۇ ھوقۇقنىڭ ئاللاھتىن كەلگەنلىكىنى، ھوقۇقنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئىسلام مانا مۇشۇنڭىدىن باشقىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان بولسا بۇ ئىلاھى تۇرمۇش يولى بۇنداق يۈكسەك دەرىجىگە يېتەلمىگەن بولاتتى. ئىسلام پەقەت «لا الە الا ئاللاھ» دىن ئىبارەت بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قوشۇمچە مەنا بەرمەي ئاشۇ قارىماققا جاپالىق، ئەگرى ـ بۈگرى ئەمەليىەتتە بۇ قۇتلۇق، بەختلىك يولنى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلەش يولى قىلغاندىلا ئاندىن غەلبە قىلماي قالمايدۇ. ئەگەر ئىسلام تارقىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدىلا «مىللەتچىلىك» چاقىرىقى ئاستىدا ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ مىللەتچىلىكنى قورال (تەشەببۇس) قىلىپ «لا الە الا ئاللاھ» دىن باشقا بايراقنى كۆتۈرگەن بولسا، ئىسلام تۇرمۇش يولى تارقالمايلا قالماستىن ھەممە ھوقۇق ئاللاھقا قايتۇرۇلغان ئەڭ ئاخىرقى مەقسەتكە يېتىشمۇ مۇمكىن بولمايتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەككىدىكى قۇرئان ئايەتلىرى تەكىتلىگەن مەزمۇنلار يەنى ئىدىيە ۋە قەلبىدە «لا الە الا ئاللاھ» دىن ئىبارەت ئېتىقادنى تىكلەش ۋە بۇ خىل جاپالىق يولىنى تاللاشتىكى مەقسەت ئۇندىن باشقا بارلىق يولنى رەت قىلىپ داغدام يولدا ساباتلىق مېڭىش.

مەككە ئايەتلىرىنىڭ باشتىن ئاخىر ئىماننى كۈچەپ تەكىتلەش، ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان قانۇن ـ تۈزۈمنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەشنىڭ، تەشكىللەش تەكشۈرۈشنىڭ تەكىتلەنمىگەنلىكتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىلەر ئىسلام تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئوبدان ئويلىنىپ تەپەككۇر قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. شۈبھىسىزكى مانا بۇ دەل بۇ دىننىڭ ماھىيەتلىك، مۇھىم تەرىپى. چۈنكى ئىسلام بۇ مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئۇ (ئىسلام) نىڭ بارلىق قانۇن ـ تۈزۈملىرى مانا بۇ ئۇلۇغ بۇلاق «لا الە الا ئاللاھ» دىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. بىر تۈپ غايەت زور ئاسمانغا تاقاشقان بۈك ـ باراقسان دەرەخ بولسا، چوقۇم نۇرغۇن يەرنى ئىگەللىگەن، ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى غايەت زور غولى بىلەن بىردەك بولىدۇ. ئىسلاممۇ دەل شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ تۈزۈمىمۇ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى مەيلى ماكرۇ جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مىكرو جەھەتتىن بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتنى باشلايدىغان تۇرمۇش يولى بۇ ئاددى كۆز بىلەن بايقىيالايدىغان مۇناسىۋەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئادەم قەلبىدىكى چوڭقۇر يوشۇرۇن دۇنيانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق غايەت زور تۇرمۇش سېستىمىسى ئۆزىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزى «لا الە الا ئاللاھ» بىلەن ماس مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.

مانا بۇ، ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ بىرى، ئىسلام يولى ئۇزۇن، ئىماننىڭ مۇستەھكەملىنىشى، ئىماننىڭ ئەتراپلىقىلىقى ۋە ئۆزىگە خاس تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدۇ. ھەم بۇ تەرەققىي قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مەنبەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى. غايەت ئىگىز دەرەخ ۋە ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ياخشى ماسلىق ۋە تەڭشەشتۇر.

«لا الە الا ئاللاھ» نىڭ ھەقىقى مەنىسى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغىنى بۇ خىل ئىمان ئىپادىلىنىدىغان تۈزۈمنىڭ تىكلىنىشىدۇرز بۇ خىل ئىمانغا ئىگە قەلب ئەلۋەتتە خوشاللىق بىلەن ئۇ (تۈزۈمنىڭ) ئىنسانىيەت قەلبىنىڭ ئەڭ خوشال بولىدىغان بىردىنبىر تۈزۈم ئىكەنلىكىنى ئېتراب قىلىدۇ. ھەتتا بۇ تۈزۈملەرنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئەھكام، بۇيرۇقلار ئۇلارغا يۈزلەنگەندە شەرتسىز بويسۇنىدۇ. بويسۇنۇش ئىماننىڭ ئالدىنقى شەرتى. مانا ئالدىنقى شەرت ئاستىدا بۇ ئىنسانلار ئۆزى خالاپ خوشاللىق بىلەن ئىسلامنىڭ ھەرخىل بۇيرۇقلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ئىككىلەنمەستىن ئىجرا قىلىشقا كىرىشىدۇ. بىرەر نوقتىنىمۇ تاشلاپ قويمايدۇ. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھاراق ئىچىش، جازانىخورلۇق، قىمار، پاھىشە تۈپ يىلتىزىدىن يوقالغان جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بارلىق قالاق، ئەنئەنىۋى قەبىھ ئادەتلەرنى جەمئىيەتتىن پاك ـ پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىغان.

مانا مۇشۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا پەقەت بىر نەچچە ئايەت ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىگە ئاساسلىنىلغان ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس. ھازىر بۇ دۇنيادىكى ھاكىمىيەتلەر زور كۈچ سەرپ قىلىپ نۇرغۇن قائىدە ـ تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، تۇشمۇ ـ تۇشتىن ساقچى، ئارمىيە، رادىئو ـ تېلېۋىزىيەلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ قىلالىغىنى ئاشۇ جىنايەتچىلەرنىڭ جىسمانىيىتىگە جازا بەردى. (روھىيىتى يەنىلا ئۆز كۆز قارىشىدا قالدى) بىراق پۈتكۈل جەمئىيەت يەنىلا قاپ ـ قاراڭغۇ زۇلمەت ۋەھىمە ئىچىدە ئېچىنشلىق ئىڭرىغان ھالىتىدە قالدى.

ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ «سىراتەل مۇستەقىم» بولغان ئىلاھى يولدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئاكتىپچانلىق، ئەمىلىيەتچانلىق ۋە پائالىيەتچانلىققا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ چۈشۈرۈلۈشىدىكى مەقسەت جەمئىيەتنى تۈزەش، رېئال تۇرمۇشقا يۈزلىنىپ ئىسلام مىزانى بويىچە بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەقىقەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خاتانى تۈزەش، جاھالەتچە ھەرىكەتلەرگە رەھىم قىلماي زەربە بېرىش، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىش. شۇڭلاشقا، ئىسلام پەقەت كونكىرت، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قانۇن تۈزۈپ ئاللاھنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئېتىراب قىلغان جەمئىيەت ئەمىلىلىشىدۇ.

ئىسلام ھەرگىزمۇ خىلمۇ ـ خىل پەرەزلەر بىلەن ماسلىشىپ قالىدىغان نەزەرىيە ئەمەس! ئۇ بىر ئىجتىمائىي ئەمىلىيەتنى نەزەرىيە بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان يولدۇر. شۇڭا ئىسلام چوقۇم «لا الە الا ئاللاھ» نىڭ ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك. بۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەر قەلبى ۋە ئەمىلىيىتىدە بارلىق ھۆكۈمرانلار تىكلىگەن ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى رەت قىلىدۇ. ۋە بۇ پىرىنسىپنى ئاساس قىلمىغان قانۇننى رەت قىلىدۇ.

بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغان ۋاقىتتا بۇ جەمئىيەتتىكى رېئال تۇرمۇش بىر خىل تۈزۈمگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ ۋە بۇ خىل قانۇن ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلپلاشتۇرىدۇ. پەقەت مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ دىن مۇتلەق بۇ تۈزۈم، بۇ قانۇنغا بويسۇنغان مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن بۇ جەمئىيەت قانۇن ـ تۈزۈملىرىنى تىكلەپ بېرىشكە تۇتۇش قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان بۇ قانۇندىن باشقا بارلىق قانۇن ـ تۈزۈمنى رەت قىلىدۇ.

مۆمىنلەر چوقۇم روھىيىتى ۋە ئىجىمائىي تۇرمۇشنى كونتىرول قىلىدىغان ئىمانغا ئىگە بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا بۇ تۈزۈم ۋە قانۇن جەمئىيەتتە ئىزچىللاشقان كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. قانۇن ـ تۈزۈمنىڭ جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئابروي، ھەيۋىسى بولسا، جەمئىيەت ئامان كىشىلەر ئىناق بولىدۇ. دەسلەپكى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار مەككىدىكى ۋاقىتتا ئۆز ـ ئۆزىگە ئىگە بولالمىغان. ھوقۇقمۇ ئۇلارنىڭ قولىدا ئەمەس ئىدى. پەقەت ئاللاھنىڭ قانۇنى بويىچە ئۆز تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇراتتى. شۇڭا ئۇ مەزگىلدە ئۇلارغا سىياسى، قانۇن ـ تۈزۈم توغرىلىق ئايەت چۈشمىگەن. پەقەت ئۇلارغا تەۋھىت ئايەتلىرى چۈشتى. بۇ ئىمان (تەۋھىت) كىشىلەر قەلبىدە مۇستەھكەملىنىپ بولغاندا بۇ ئىماندىن بىخ ئۇرغان ئەخلاق توغرىسىدىكى ئايەتلەر چۈشكەن. شۇڭا ئۇلارغا مۇشرىكلاردىن مۇستەقىل بولغان تۇرمۇش شەكىلگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەتتا ئۇلار مەدىنىدە ئۆز دۆلىتىنى ھەقىقى ئايرىپ ياشىيالمىغان. ئۇلار ئۆز دۆلىتىنى قورغاندىن كېيىنلا سىياسىي، قانۇن ـ تۈزۈم ئايەتلىرى چۈشكەن. ئۇلارغا ئىسلام جەمئىيىتىدىكى رېئال مەسىلىلەر ھەل قىلىدىغان قانۇن ـ تۈزۈمنى تىكلەپ بەرگەن. دۆلەتتىن ئىبارەت مەمۇرى ۋاستە ئارقىلىق يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە كاپالەتلىك قىلغان. ئاللاھنىڭ خاھىشى سىياسىي ـ قانۇن مەزمۇنىدىكى ئايەتنى مەككىدە چۈشۈرۈپ ئۇلار بۇ ئايەتنى ساقلاشقا بۇيرۇپ، كېيىن مەدىنىدە دۆلەت قورغاندا ئاندىن ئېلىپ چىقىپ ئىجرا قىلىش بۇ ھەرگىزمۇ بۇ دىننىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس! ئىسلام بۇ خىل رېئاللىقتىن تېخىمۇ كەسكىن، ئەستايىدىلدۇر. ئىسلام ھەرگىزمۇ ھەرخىل شەكىللەردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قۇرۇق خىيال قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىياس، تەسەۋۋۇر بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان چارىلەرنى تۈزمەيدۇ. ئىسلام پەقەت ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەرخىل شەكىلدىكى قانۇنلارنى ئۈزۈل ـ كېسل رەت قىلىپ، بىۋاستە رېئال مەسىلىلەرگە چوڭ ـ كىچىكلىكى، شەكلى، شارائىتى، شەرتىگە ئاساسلىنىپ قانۇن تۈزۈپ بېكىتىدۇ.

ھازىر بەزى كىشىلەر ئىسلامنى بىر خىل قىلىپ، ھەرخىل نەزىرىيەلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، سىياسىي ئەندىزەلەرنى ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىدۇ، دەپ ئويلىشىدۇ. بىراق ھازىر دۇنيادا ئىسلام تۇرمۇش سېستىمىسىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان بىردىنبىر تۈزەش ھوقۇقىنى ھەقىقى ئېتىراب قىلغان. ئادەملەر تۈزگەن بارلىق قانۇننى رەت قىلىدىغان ھەمدە مەمۇرى ھوقۇق بىلەن بۇ خىل تۇرمۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان بىرەر جەمئىيەت تېخىچە بولۇپ باققىنى يوق. ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەم تۇرمۇشتا ئاللاھ بويرىغان بۇيرۇق بىلەن خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.

بۇ كىشىلەر ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ ھەم ئىسلامنىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات تەرتىپلىرىنى باشقا نەزەرىيەلەر بىلەن يېتەكلىمەكچى بولىدۇ. باشقا يول بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ ھەم بۇ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئۆزىنىڭ ئالدىراقسان خاھىشى، روھى ھالىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا ئورۇنىدۇ. دەل بۇ ئالدىراقسانلىق، ئىنسانلار تۈزىگەن قانۇن ـ تۈزۈم ئالدىدا ئىپادىلەنگە مەغلۇبىيەتچىلىكنىڭ ئىنكاسى ئۇلار بىر دۆۋە ئابىستراكىت كۆز قاراش. نەزەرىيە، ئەندىزلەرنى تۈزۈپ چىقىپ ئەسلا مەۋجۇت بولمايدىغان كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرمەكچى بولىدۇ بىراق ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ھەرگىز بۇنداق ئەمەس. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بۇ دىن ئاۋال كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئېتىقاد (ئىمان) بولۇشى، ئاندىن بۇ خىل ئېتىقاد كىشىلەرنىڭ قەلبىنى كونتىرول قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كىشىلەردىن ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق ھۆكۈمدارلىققا بويسۇنماسلىقى، ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا ھەرقانداق قانۇننى قوبۇل قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق ئېتىقادقا ئىگە كىشىلەر جەمئىيەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا ئالغىنىدا ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلىدۇ.

ئىسلام تەشۋىقاتچىلىرى چوقۇم چۈشىنىشى كېرەككى، كىشىلەر بۇ دىننى قايتا گۈللەندۈرۈشكە چاقىرغاندا، كىشىلەرنى ئاۋال ئىسلامنىڭ بۇ ئاساسى ئېتىقادىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىش كېرەك. گەرچە ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىسىمۇ ھەم ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىسپاتلىسىمۇ، كىشىلەر ئاۋال ئىسلامنىڭ «لا الە الا ئاللاھ» ۋە ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىدە بولغان ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. يەنى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئاللاھقا خاس، ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان ھەم ئۇنى (ھوقۇقنى) ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بار نەرسىسى قىلىۋالغان تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئېتىقاد كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلىنىشى لازىم. مانا بۇ ئىسلام ئەڭ ئاۋال تەشۋىق قىلىدىغان ئۇل تاشتۇر (ئاساستۇر). بۇ، كىشىلەرنى ئىسلام يولىغا باشلاشتىكى يول بەلگىسىگە ئايلىنىشى كېرەك. مانا بۇ مەككىدىكى ئايەتلەرنىڭ 13 يىل كۈچەپ تەشۋىق قىلغان نۇقتىدۇر. مانا مۇشۇنداق ساپ ئېتىقادقا ئىگە كىشىلەردىن تۈزۈلگەن جەمئىيەتنى بىز «ئىسلام جەمئىيەتى» دەپ ئاتايمىز. پەقەت مۇشۇنداق ئىسلام جەمئىيىتىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ (ساپ ئېتىقادقا ئىگە كىشىلەر) ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئىسلام قائىدە ـ تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىشقا ماس كېلىدۇ. چۈنكى بۇ كىشىلەر چىن قەلبىدىن، ئۈزۈل ـ كېسىل ھالدا ئۆزىنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشىنى بۇ ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇشنى خالىغان ھەم تۇرمۇشتىكى ھەرقايسى ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە شەرتسىز بويسۇنىدۇ.

مانا بۇ خىل جەمئىيەت ھەقىقىي تۈردە تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىپ تۈزۈمنىڭ ئومۇمىي روھىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغىنىدا بۇ جەمئىيەت ئىسلام ئومۇمىي روھىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا بۇ جەمئىيەتتىكى رېئال تۇرمۇشقا زۆرۈر بولغان ھەرخىل قانۇن ـ تۈزۈملەرنى تۈزۈشكە باشلايدۇ. مانا بۇلار ئاكتىپچانلىققا ۋە ئەمەلىيەتچانلىقا ئىگە ئىسلام يولىنىڭ باسقۇچ تەرتىپلىرىدۇر.

بەزى پاك، سادىق، بىراق بۇ دىننىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى بىلىپ يېتەلىگەن كىشىلەر «ئالدىراڭغۇلۇق يولىغا» كىرىپ قالىدۇ. ئۇلار ھەقىقىي يوسۇندا بۇنىڭ ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئۆزى ياسىغان يول ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەن. (پەقەت ئاللاھلا ئىنسانىيەتنىڭ ھەرخىل تەبىئى ئىنتىلىشى، ئېھتىياجلىرىنى، تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى ھەقىقى بىلىدۇ). «ئىسلامنىڭ ئاساسىي روھى ۋە قانۇن ـ تۈزۈملىرىنى كىشىلەرگە كۆرسەتسەك ئىسلامنىڭ تارقىلىش يولى تېخىمۇ توسالغۇسىز. ئوڭاي بولاتتى. ھەم كىشىلەرمۇ بۇ دىننى تەبىئى قوبۇل قىلغان، قىزغىن سۆيگەن بولاتتى!» دېيىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئالدىراڭغۇلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇچىغا چىققان خام ـ خىيال، بۇ خام خىيال خۇددى بىز ئالدىنقى قېتىم بايان قىلىپ ئۆتكەن رەسۇلۇللاھغا «بېرىلگەن» ئەخماقانە «تەكلىپلەر» بىلەن ئوخشاش. يەنى ئىسلام تارقىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر، مىللەتچىلىك، ئىجتىمائىي ئادالەت، ئەخلاق ئىسلاھاتى بايرىقىنى ئاۋال كۆتەرسە ئوبدان بولاتتى دېگەندەك.

كىشىلەرنىڭ قەلبى ئاۋال ئىسلامغا، ئاللاھقا سەمىمىيىلىك بىلەن قايتىشى، ئاللاھقا ھەر جەھەتتىن بويسۇنغانلىقىنى جاكارلىشى، باشتىن باشلاپلا شەرتسىز ئاللاھنىڭ تۈزۈمىگە بويسۇنىشى، ھەم ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا قانۇننى قەتئىي رەت قىلىشى كېرەك.

ئىسلامغا بولغان مۇھەببەت، ئىنتىلىش ۋە ئاللاھقا بولغان مۇتلەق بويسۇنۇش باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى قۇللۇقتىن ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان تەلپۇنۇشتىن كېلىشى كېرەككى ھەرگىزمۇ بۇ دىننىڭ باشقا دىندىن، قانۇننىڭ باشقا قانۇندىن ئەۋزەل بولغانلىقىدىن كەلمەسلىكى كېرەك.

شەكسىزكى ئاللاھنىڭ تۈزۈمى دېمىسىمۇ ئەسلىدىنلا ئەۋزەل. چۈنكى ئۇنى ئاللاھ تۈزگەن. ئىنسان دېگەن ئاللاھ ياراتقان مەخلۇق، مەخلۇق (يارالغۇچى) نىڭ قانۇنى قانداقمۇ خالىق (ياراتقۇچى) نىڭ قانۇنى بىلەن تەڭ بولالىسۇن؟ بىراق بۇ نۇقتا ھەرگىزمۇ ئىسلام ئەڭ دەسلەپ تەشۋىق قىلىدىغان ئۇل تېشى ئەمەس. بۇ ئول تاش بولسا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاللاھنىڭ قانۇنىنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق قانۇننى رەت قىلىشتۇر. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر. ئىسلامنىڭ بۇنىڭدىن باشقا مەنىسى يوق. كىم ئىسلامنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنى سۆيىدىكەن ئۇنىڭ ئىدىيە مەسىلىسى مۇشۇ يەردە ھەل بولىدۇ. بۇ چاغدا ھېچكىمنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىسلامنىڭ ئەسلى گۈزەللىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى ئىسلامغا قىزىقتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ! مانا بۇمۇ (ئىمان ئاساسىدا قانۇننى سۆيۈش) ئىمان ئېتىقادىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدىن بىرىدۇر. ئەمدى بىز مەككىدىكى ئايەتلەرنىڭ 13 يىلدا قانداق قىلىپ ئىمان (ئېتىقاد) مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى سۆزلىشىمىز كېرەك. قۇرئان بىر نەزەرىيە ياكى ئىلاھلىق ئىلمى تەتقىقاتى شەكلىدە يالغۇز ئېتىقاد مەسىلىسىنى بايان قىلمىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرئان ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئىھتىياجلىرى بىلەن ماس كېلىدۇ. بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىكى، ئەتراپىدىكى نەرسىلەردە ياراتقان ئېنىق دەلىللىرىگە، ئىلھاملىرىغا جەلب قىلىدۇ. قۇرئان ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتىنى ھەرخىل خۇراپىلىق ئىچىدە قوتقۇزۇپ چىقىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەقىل ـ ئىداركىنى بېسىمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئىدارك قابىلىيىتىنى بۇغۇۋالغان ئاسارەتنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۇغما تالانتىنى ئاچىدۇ. ھەرخىل ئادەم قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىلھاملارنى بېرىدۇ. مۇنداق ئادەم ئىلھامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئاللاھقا تەلپۇنىدۇ.

بەلگىلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىسلامى ئېتىقادنى ئاساس قىىلپ رېئال تۇرمۇشتا ئىنسانلارنىڭ تۇغما تەبىئىتىنى چۆمكىۋالغان سەپسەتە ۋە ئەنئەنىلەر بىلەن بىر مەيدان جانلىق كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن بىر خىل نەزەرىيە ئۇسۇلى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى، ئىدىيىسىنى قاپلىۋالغان پەردىنى يىرتىپ تاشلاشنى، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاشنى قارار قىلغان. شۇڭلاشقا لۇگىكىنى ئاساس قىلغان مۇھاكىمىلىق پەلسەپە ئاللاھنى تۇنۇش ئىلمى يېقىنقى ئەسىرلەردە ئاساسلانغان ئۇسۇلىمۇ ئەمەليىەكە ئويغۇن بولمىغان ئۇسۇل. ئەينى ۋاقىتتا قۇرئان پۈتكۈل رېئاللىق بىلەن كۈرەش قىلغان.

رېئاللىقتىن ئىبارەت بۇ دېڭىز ئىچىدە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئوت ئاچقان. شۇڭلاشقا ئىلاھ ئىلمى تەتقىقاتىمۇ دېگەندەك مۇۋاپىق چارە ئەمەس. چۈنكى ئىسلام بىر خىل ئېتىقاد بولۇپلا قالماستىن باش نىشانى ئۇنى رېئال تۇرمۇشتا گەۋدىلەندۈرۈش ئەمەلىلەشتۈرۈشتە. ھەرگىزمۇ لۇگىگا پەلسەپە تەتقىقاتىدەك ئۇنى جەمئىيەتنىڭ خىلۋەت بولۇڭىغا تاشلاپ قويۇش ئەمەس!

قۇرئان بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئىمان تىكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىمان ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋالغان جاھىلىيەتكە ئوت ئاچىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىرىشىپ ـ تىرىشىپ بۇ جاھىلىيەتنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى بۇلغىشىنى ۋە تەسىرىنى چىقىرپ تاشلايدۇ. ئىسلامى ئېتىقاد مانا مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە قورۇلغان. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆلۈك نەزەرىيە ئەندىزىسى، بىكىنمە ئىلاھلىق ئىلمى تەتقىقاتى، پەلسەپىلىك تالاش ـ تارتىشلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان ئاكىتپچانلىققا، تىرىشچانلىققا، زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئارقىلىقتۇر. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بولسا، بۇ ھەرىكەتنىڭ كونكرېت تەشكىللىك شەكلى، مۇسۇلمانلار ئىجتىمائىي ئېتىقاد قارشى، تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئېتىقاد قارىشىغا نىسبەتەن گەۋدىلىنىشى، شۇنىڭدەك قارىمۇ قارشى ھالەت ئاستىدا جاھىلىيەت بىلەن بولغان كۈرەش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىشدۇر.

بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئىدىيىنى يېتەكچى قىلغان بۇ خىل ئۆسۈپ يېتىلىش بىلەن ئېتىقاد (ئىمان) بىناسىنىڭ شەكىللىنىشى پۈتۈنلەي ئۆزئارا ماستۇر. بۇ خىل ئۆسۈپ ـ يېتىلىش ئىسلامى ئېتىقادنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىكى ئەينەن تەسۋىرىدۇر. بۇمۇ ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى، خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر يولدۇر.

ئىسلام تەشۋىقاتچىلىرى چوقۇم بىز تەھلىل قىلغاندەك بۇ دىننىڭ ماھىيىتىنى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ يولىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئۇلار چوقۇم 13 يىل داۋاملاشقان مەككە باسقۇچىنى (ئىمان تىكلەش باسقۇچى) بىلىشى كېرەك. ئۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدىغان ئىسلام گەۋدىسىنى قۇرۇش، ئىسلامى جەمئىيەت تىكلەش باسقۇچى بىلەن چەك ـ چېگرىلىك ئايرىلىپ كەتمەيدۇ بۇ ئىسلام ئېتىقاد، ئىجتىمائىي ھەرىكەت مۇسۇلمانلار جامەسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان باسقۇچتۇر. مەيلى قەيەردە قاچان بولسۇن پەقەت ئىسلام بىناسىنى قايتا تىكلىمەكچى بولغاندا چوقۇم مۇشۇنداق قىلىش كېرەك.

شۇنداق قىلىپ ئىمان تىكلەش باسقۇچىنى ئۇزارتىش، بۇ باسقۇچنى قەدەممۇ ـ قەدەم تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش لازىم. تېخىمۇ چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان، مۇستەھكەم ئورناتقان ھالەتتە تاماملىنىشى كېرەك. شۇڭا بۇ باسقۇچ ھەرگىزمۇ ئىمانغا نىسبەتەن نەزەرىيىۋى تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان جەريان ئەمەس. بەلكى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان باسقۇچتۇر. مانا بۇ نوقتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە نوقتا. ئىسلام ئېتىقادنى جانلىق، ئەمەلىي ھالدا بۇ ئېتىقادقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئادەملەر ئاساس (ئۇل) ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن ھاياتى كۈچكە ئىگە جەمئىيەت شەكلى ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. بۇ خىل جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىلىرى ۋە تاشقى ھالەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ماھىيەتتە ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئۆسۈپ ـ يېتىلىشى ئىكەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ. بۇ خىل ئىمان، بۇ خىل ئېتىقاد، ئەمەلىيەت ئۈستىدە جاھىلىيەت بىلەن بولغان كۈرەشتە ھەقىقىي گەۋدىلىنىشى كېرەك. بۇ خىل ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىمان ئۇنى قورشاپ تۇرغان ھەرخىل ياۋۇز كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرەشكە ئەگىشىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

يا! ئىسلام ئېتىقادىنى پەقەت بىر خىل نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى، مۇلاھىزە تەتقىقاتىنىلا تەمىنلەپ بېرىدىغان ئابىستىراكىت نەزەرىيە دەپ قاراش نېمە دېگەن زور خاتالىق ـ ھە؟ كەسكىنرەك قىلىپ ئېيتقاندا پەقەتلا خاتالىق ئەمەس بەلكى بىر مەيدان ئېچىنىشلىق كىرىزىس!

مەككىدىكى ئايەتلەر بىر قېتىمدىلا چۈشكەن ئەمەس، بەلكى 13 يىل داۋاملاشقان، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئېتىقاد، ئىمان سېستىمىسىنى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، ئەگەر ئاللاھ خالىسا بىر قېتىمدىلا چۈشۈرۈپ ساھابىلەرنى 13 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ۋاقىتتا «ئىسلام نەزەرىيىسىنى» پىششىق ئۆگىنىپ بولغۇچە قۇرئاننى تەتقىق قىلىشقا بۇيرۇيتتى! بىراق ئاللاھ بۇنداق قىلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ! ئاللاھ باشقا بىر ئالاھىدە ئۇسۇلنى خالىدىكى ئۇ بولسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا بىر خىل جەمئىيەت، بىر مەيدان، ھەرىكەت، بىر خىل ئېتىقاد ئۈچۈن ئۇل (ئاساس) ھازىرلاشتۇر. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىمان بىلەن ھەرىكە ۋە جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش، جەمئىيەت ۋە ھەرىكەتنى ئىماننى كۈچەيتىدىغان، تەرەققىي قىلدۇرۇىدىغان ئىماننى ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ ئاكتىپ ئەمەلىيىتى قىلىدىغان، ئاكتىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئىماننى گۈللەندۈرىدىغان بىر يۇرۇق ئەينەك قىلىشتۇر. «تاغ ـ دەريالارنى ئۆزگەرتىش ئاسانكى، مىجەز ـ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش بەك مۈشكۈلدۇر» دەيدىغان گەپ بار. ئۇلۇغ ئاللاھ، ئىدىيىنىڭ يېڭىلىنىشى، يېڭى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىر كېچىدىلا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. شۇڭا ئىماننىڭ قۇرۇلۇشى چوقۇم ئىدىيىنىڭ يېڭىلىنىشى يېڭى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلىشىغا مۇۋاپىق بولغان بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك. ھەم بۇ ئىمان سېستىمىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىچە يەنى بۇ خىل ئىماننى گەۋدىلەندۈرىدىغان رېئال جەمئىيەت شەكىللەنگىچە داۋاملىشىشى كېرەك.

مانا بۇ، ئىسلامدىن ئىبارەت يۈكسەك دىننىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەت ـ ئالاھىدىلىكى، يەنى مەككە ئايەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش، چۈشۈش (نازىل بولۇش) ئۇسلۇبى جەھەتتىكى قائىدە ـ تەرتىپ ئالاھىىلىكىدۇر. بىز بۇ ئالاھىدىلىكنى چوقۇم تونىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ ھەرخىل كىشىلەرنىڭ نەزەرىيىلىرى ئالدىدا مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئالدىراقسان رايىغا بېقىپ، ئىسلامنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىشنى سىناپ باقماسلىقىمىز لازىم. ئەينى ۋاقىتتا قۇرئان يۇقىرىقى ئالاھىدىلىك بىلەن ئىسلام ئۈممىتىنى قۇرغان. ئوخشاشلا ھازىرمۇ ئىسلام ئۈممىتىنى قۇرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئاللاھنىڭ تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار ئۈممىتىنى قۇرغىنىدىكى بۇ ئالاھىدە ئۇسۇلغا ئاساسلىنىپ ئىسلام بىناسىنى قۇرۇشىمىز لازىم.

ئىسلام ئېتىقادى، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئويغىتىپ، ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىدىكەن مۆمىنلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن جاھالەتتىن قېپ قالغان چىرىندىلەرنى تاشلۋېتەلەيدۇ. شۇنى بىلىش لازىمكى، ئىسلام ئېتىقادىنىڭ داۋالايدىغىنى پەقەت كىشىلەرنىڭ قەلبى تەپەككۈرىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەت. ئېتىقاد رېئال ھەرىكەتتىن ئايرىلغان نەزىرىيە ئەمەس. بەلكى ئەمىلىي پائالىيەت بولسا ئېتىقادنىڭ ھەرىكەتتىكى تەسۋىرىدۇر.

ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئەڭ ئاخىرى مەقسەت ۋە تەرەققىيات تەرتىپلىرىدىن سۆز ئاچساق بىزلەردە نەزىرىيىنىڭ تەتقىقاتى ئەمىلىيەتنىڭ يېتىلىشىدىن ئېشىپ كېتىپ رېئاللىقتا گەۋدىلەنمىدى. بۇ، زور خاتالىق بولۇپلا قالماي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقتۇر.

 قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە – دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ – بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجى نازىل قىلدۇق سۈرە ئىسرا 106- ئايەت.

بىز بۇ ئايەتتىن قۇرئاننىڭ چۈشىنىش، ئىجرا قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، مەزگىللەرگە بۆلۈنۈپ چۈشكەنلىكىنى، مەقسەت بولسا ئىسلامى ئېتىقاد بىناسىنىڭ بىر جانلىق تەشكىلى، كىشىلەر ئارىسىدا قورۇلىشى، ھەرگىزمۇ بىر ئابىستىراكىت نەزەرىيە ئىچىدىن ئىپادىلىنىپ چىقماسلىقىدۇر.

ئىسلامغا ئىشەنگۈچىلەر ئەستايىدىل ھالدا «ئىسلام دىنى ئاللاھ چۈشۈرگەن، ئىلاھى مۇقەددەس دىن بولغان ئىكەن، ئۇنداق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىكى ئىسلام يولىمۇ، ئەلۋەتتە ئىسلام مۇقەددە يول. بۇلار ئىككىسى بىردەكلىكتۇر» دېگەن چۈشىنىۋېلىش كېرەك. شۇڭلاشقا ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش يولىنى ئايرىۋەتمەسلىك لازىم. ئۇلار يەنە بىلىۋېلىشى كېرەككى، ئىسلامنىڭ مەقسىتى پەقەتلا كىشىلەرنىڭ ئېتىقادنى ئۆزگەرتىپ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش. يەنە كېلىپ ئېتىقاد قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىش. جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ كونكرىت شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشلا ئەمەس، بەلكى ئىمان قۇرۇلۇشى بىرلا ۋاقىتتا بىر «ئۈممەت» قۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئالاھىدە ئىدىيە شەكلى تىكلەش، بۇ خىل ئىدىيە شەكلىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئېتىقاد قۇرۇلۇشى، ھەم يەنە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنىڭ قەدىمى بىردەك ماس قەدەمدە بولىدۇ. بۇ بىر پۈتۈن پىلانكى، ئالاھىدە ئىدىيە شەكلى، ئالاھىدە ئېتىقاد قارشى، ئالاھىدە جەمئىيەت قۇرۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرـ بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئەگەر بىز ئىسلام يولىنى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك چۈشەنگەن بولساق، بىز تېخىمۇ بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى بۇ يول ئىزچىللىققا ئىگە، ئۇنى مەلۇم كونكىرىت شارائىت ئىچىدە چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. تۇنجى ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى دەۋر شارائىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇ بولسا ھەرقانداق ۋاقىت، دەۋر بولسۇن ئىسلام قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەررەر يولىدۇ.

ئىسلامنىڭ ۋەزىپىسى، پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد قارشىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ تەپەككۇر شەكلىنى، كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشتۇر. چۈنكى ئىسلام يولى دېگەن ئىلاھى يول. بۇ يول (ماھىيەت) جەھەتتە بارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇتۇق، يۈزەكى يوللىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بىز بۇ ئىلاھى تەپەككۇر شەكلىنىلا يېتەكچى قىلىشىمىز لازىم. بولمىسا بىز ئىلاھى ئىدىيىسنىڭ ئاڭ ۋە تونۇشقا قاراپ ماڭالمايمىز. ئاللاھ بۇ خىل يول ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيە شەكلىنى ياخشىغا يېتەكلەيدۇ. يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد قارشى ۋە تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدۇ.

بىز ئىسلامدىن، باشقىلارغا تەتقىقات ماتىرىياللىرى سۈپىتىدە تەتقىقات نەزەرىيەلەرنى تەمىنلەپ بەرسەك، بىز ئاللىقاچان ئىسلامنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىمىز. ھەم ئىلاھى ئىدىيە شەكلىنىڭ ماھىيىتىگىمۇ خىلاپلىق قىلغان بولىمىز. ئەگەر بىز ئىسلامنى ئادەملەر تۈزگەن ئىدىيە ئالدىدا باش ئەگدۈرسەك بىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئۇسۇلىنى ئادەملەرنىڭ ئۇسۇلىدىن پەس كۆرگىنىمىز بولمامدۇ؟!

بۇ ئىسلام يولىنىڭ ۋەزىپىسى بىز، دىن تارقاتقۇچىلارغا بىر خىل ئالاھىدە ئىدىيە شەكلىنى بېرىدۇ. بىز چۇقۇم ئۇنىڭ ياردىمىدە يەر شارىنى قاپلىۋالغان جاھالەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز لازىم. چۈنكى جاھالەت قالدۇقلىرى بىزنىڭ ئەقلىمىزنى بۇلغىغان، مەدەنىيىتىمىزنى بولغىغان. ئەگەر بىز بىر خىل ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىگە خىلاپ، سىرىتتىن كەلگەن، ھازىرقى دۇنيادا ئېقىپ يۈرگەن جاھىلىيەتنىڭ ئىدىيە شەكلى بىلەن بۇ دىنغا مۇئامىلە قىلساق، بىز ئاللىقاچان ئىسلام ئىنسانلارغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى خاراپ قىلىپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزمۇ جەمئىيەتتىكى جاھىلىيەتچى ئىدىيە شەكىلىنىڭ بىزنى بوغۇپ قويۇشىدىن قۇتۇلۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولىمىز. ئۇنىڭ بىزنىڭ ئىدىيىمىزگە، مۇھىتىمىزگە قالدۇرۇپ قويغان قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلۇشتىن ئىباردەت ياخشى پۇرسەتتىن ئايرىلىپ قالىمىز. بۇ خىل ئاقىۋەت ئىنتايىن خەتەرلىك، ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق، ئىسلامنى قۇرۇش جەريانىدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت، تەپەككۈر شەكلىنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈلىكى، ئىسلامنىڭ ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش شەكلىدىن ھەرگىز قىلىشمايدۇ. ئۇلارنى قەتئىي ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. گەرچە بىزگە نىسبەتەن ئىسلام ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىش ئادەمنى ناھايىتى جەلپ قىلىسىمۇ، بىراق بىز ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، بۇ خىل تەشۋىقات ھەرگىزمۇ دۇنيادا بىر مەيدان رېئال ھەرىكەت قوزغىتالمايدۇ. بىز يەنە شۇنىڭغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەككى، بۇ تەشۋىقات ئۇسۇلى ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن ھەقىقىي شۇغۇللانغۇچىلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇ خىل تەشۋىقات ئۇسۇلى پەقەت بۇ ھەرىكەت سىرتىدىكى ئادەملەرنىڭ بىزنىڭ ھەرىكەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىمىزگە بولغان ھېسسداشلىقىنى قوزغىتالايدۇ.

مەن يەنە تەكىتلەيكى، ئىسلام ئېتىقادى دەرھال بىر ھەرىكەتچان كىشىلەر توپى ئىچىدە گەۋدىلىنىشى كېرەك. بۇ ھەرىكەتچان كىشىلەر ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئەمەلىي مۇكەممەل گەۋدىلىنىشى ۋە ھەقىقىي تەسۋىرى بولۇش كېرەك. مانا بۇ، مۇقەددەس ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك يولى. بۇ ئەڭ ئالىي، ئەڭ توغرا، ئەڭ ئۆنۈملۈك، كىشىلەرنىڭ توغرا تەبئىتىگە ئەڭ ماس يولدۇر. بۇ نوقتانى بىز باشقا ئادەملەر ئىجات قىلغان باشقا ئەنزىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ھەقىقىي شۇغۇللىنىشتىن، ئۆزىنى ئىسلام ئېتىقادنىڭ تىرىك تەسۋىرى قىلىشتىن، بۇ نەزەرىيە ئوقۇمىنى قەدەممۇ ـ قەدەم گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىلگىرى ئىسلامى ئەمەلىيەتتىن ئايرىپ مۇستەقىل، مۇكەممەل «خىيال جەننەت» قىلىپ قۇيىدۇ، ئۇنى ئۆلۈك نەزەرىيە سۈپىتىدە كىشىلەرگە نامايان قىلىدۇ.

بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى جاھالەتچىلەر ئىسلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ نېرۋىسىغا بسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى ئىسلام يولىدىكى بۇرچىنى ئۇرۇنلاش جەريانىدا ئالدىراڭغۇلۇق كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويغىنىدەك، بەزىدە ئۇلارنى قالايمىقان قىلىش غەرىزىدە «سىلەر تەشۋىق قىلىۋاتقان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي قائىدىلىرى قەيەردە؟ سىلەر ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك تەتقىقات خىزمىتى ئىشلىدىڭلار؟ قانچىلىك ئىلمىي تەتقىقات ماتىرىيالى تەييارلىدىڭلار؟ سىلەر ئاللىقاچان ھازىرقى زامان پىرىنسىپلىرى بويىچە قانۇن تۈزدۈڭلارمۇ ـ يوق؟» دەپ سورىشىدۇ. ئۇ خىل روھى ھالەت ئۇلار ھازىر ئىسلام قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتا پەقەتلا قانۇن ـ تۈزۈملەر، ئىسلام قانۇن تەتقىقاتى ئىلمىي ماقالىلەر كەم بولۇپ قالغاندەك ۋە ياكى ئۇلار ئاللىقاچان سەمىمىيىلىك بىلەن چىن كۆڭلىدىن ئاللاھنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام شەرىئىتى ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئورۇنلاشتۇرغاندەك، ئۇلارمۇ پەقەت شەرىئەتنى پىششىق بىلىدىغان ئادەم تاپالماي، ئاندىن ئامالسىز ھازىرقى زامان پىرىنسىپلىرى بويىچە قانۇن تۈزگەندەك گەپ قىلىشىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن بىزنى مەسخىرە قىلغانلىقى، ھەر بىر ئەقلى جايىدا ھەم بۇ دىننى ھۆرمەتلەيدىغان كىشى بۇنى قەتئىي چۈرىۋېتىشى لازىم.

بۇ جاھىلىيەتچىلەر پەقەت بۇ پاراكەندىچىلىكلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسلام قانۇنىنى (ئامالسىز) رەت قىلغانلىقىغا ئەپچىل باھانە تاپماقچى بولىدۇ. پەقەتلا ئادەمنى ئادەم قۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئىسلام يولىدىن ئازدۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى بىر مەيدان ئېتىقاد، ھەرىكەت شەكلىدىكى قۇرۇلۇشنى باشلاشتىن، ئىسلام تەشۋىقاتچىلىرىنى سۈننەتتىن، بۇ يولنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولىدۇ. بۇ تۈپ ماھىيەت بولسا نەزەرىيە ئەمەلىيەتتە ئىنكاس قىلغان، ئىسلامىيەت تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئېنىق گەۋدىلەنگەن، تۇرمۇشتكى ئەمەلىي مەسەلىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەرخىل قانۇن ـ تۈزۈملەرنى بەلگىلەپ، ئىسلامىيەت تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي، قىيىن مەسەلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر.

ئىسلام تەشۋىقاتچىلىرى بۇ خىل ئەھۋاللارغا پەرۋا قىلماسلىقى، بۇ خىل پۇت سىزىپ قويغاندەك، بىدئەت پەيدا قىلىدىغان ئالدامچىلار بىلەن كارى بولماسلىقى كېرەك. بۇلار (پاراكەندىچىلەر) يەنە ھېلىقىدەك ئويۇنلىرىنى قايتا ئوينىماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بۇ سۈيقەستچىلەرنىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە تارمار قىلىشتۇر. ھەم پەقەت بىر ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشنى رەت قىلىدىغان جەمئىيەتتىكى «ئىسلام قانۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامى بىلەن ئاتالغان ھىلە ـ نەيرەڭلىرىنى قەتئىي چۈرىۋېتشتۇر.

ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ

يازغۇچى: شېھىد سەييىد قۇتۇب

hqdefaultتەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ئەزىزى

بۇ تېما 103قېتىم كۆرۈلدى