چىكىنىڭ
كاۋكاز بۈركۈتى شەيخ شامىل
مەشھۇر شەخىسلەر

كاۋكاز بۈركۈتى شەيخ شامىل

تامىر بەدر

شەيخ شامىل رۇسىيىنىڭ كاۋكازدا ھۆكۈم سۈرۈشىگە كەسكىن قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرىدۇر، شۇنداقلا دىنىي، سىياسىي قوماندانى بولۇپ، كاۋكاز ئۇرۇشىدا رۇسلارغا قارشى يولباشچىدۇر. ئۇ داغىستان ۋە چېچىنىيەنىڭ مىلادىيە 1834-يىلىدىن مىلادىيە 1859-يىلىغىچە بولغان ئىماملىرىنىڭ ئۈچىنچىسى ئىدى. ئۇ «كاۋكاز يولۋىسى» ۋە «تاغ بۈركۈتى» دەپ مەدھىيىلەنگەن. ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە شەيخ شامىلغا ئۈچ يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن بايراق ئەۋەتكەن بولۇپ، بايراقتىكى يۇلتۇزلار شېركىس، داغىستان ۋە گرۇزىيە قاتارلىق رايونلارغا ۋەكىللىك قىلاتتى.

شەيخ شامىلنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى

شەيخ شامىل نامى بىلەن تونۇلغان ئەلى دىنغوف مىلادىيە 1797-يىلى (ھىجىرىيە 1212-يىلى) داغستاننىڭ غيمىرى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئافاريى قەبىلىسىدىن ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى باھۇمىيسادۇفمۇ شۇ قەبىلىدىن ئىدى، شەيخ شامىل كىچىكىدىن كېسەلچان بولغاچقا، كاۋكاز ئادىتى بويىچە شامىل دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى يامان روھلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن شامىل ياكى سامويل دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ كۆناك ئىسىملىك جان-جىگەر دوستى بار ئىدى، ئۇ كىشى شەيخ شامىلدىن بىر نەچچە ياش چوڭ بولۇپ، كېيىنچە شەيخ غازى مەۋلانى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان.

شەيخ شامىل بۇغداي ئۆڭ، ئېگىز بويلۇق ئادەم بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى بىر مېتر 90 سانتىمېتر كېلەتتى. ئۇنىڭ بىر نەسىللىك قارا تۇلپىرى بار ئىدى، ئۇ ئاق كۆينىكىنى قارا تونىنى كىيىپ، قىزىل سەللىسىنى يۆگەپ، باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى، ئۇ ئەرەب تىلى، پەلسەپە، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئۇستاز جامالىدىندا پۇختا ئىگىلىگەنىدى ۋە سوپىزىمغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلغانىدى.
شەيخ شامىل داغىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات، ئۇنىڭ سۈرىتى داغستاننىڭ ھەرقانداق بىر ئورۇنىدا كۆزگە چېلىقىدۇ، ئۇلار شەيخ شامىلغا نىسبەت بېرىپ بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى شامىل نامى ئاتىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار شامىلنى رۇسىيىنىڭ كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى زېمىنىغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قارشى جەڭ قىلغۇچى يولباشچى، داھىيسى ۋە چەۋەندىزى دەپ تەرىپلىشىدۇ ۋە ھۆرمەتلىشىدۇ.
مۇھەممەد شامىل ئوتتۇراھال ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇرۇشلىرىنى نامراتلارنىڭ بايلارغا قارشى ھۆرلۈك جېڭى دەپ باھا بەردى. ھەقىقەتەن مىليونلىغان رۇس دېھقانلىرى مىلادىيە 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى رۇسىيىدىكى فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلىمىغا ئۇچراۋاتاتتى، شۇ ۋاقىتتا شەيخ شاملىنىڭ دادىسى دىنغوف ھۆر دېھقانلار قاتارىدىن بولۇپ، ئانىسى ئافارىيلار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلىنىڭ قىزى ئىدى.

غازى مەۋلانى

شەيخ مەنسۇر مىلادىيە 1794-يىلى (ھىجىرىيە 1209-يىلى) قاماقتا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چېچىنىيە تراگېدىيىسى پەقەت 20 نەچچە يىللا تىنچلاندى، شۇنىڭدىن كېيىن غازى مەۋلانى شەيخ مەنسۇر باشلىغان يولنى تاماملاش ئۈچۈن ئەگەشكۈچىلىرىگە قوماندان، يولباشچى بولدى، ئۇ مىلادىيە 1829-يىلى (ھىجرىيە 1224-يىلى) كاۋكاز خەلقىنى رۇسىيىگە قارشى مۇقەددەس ئۇرۇشقا قوزغىغان، گەرچە ئۇنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن جەڭگە ئاتلاندۇرغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. شۇنداقلا ئۇ چېچىنىيە تاغ ئاھالىلىرىنى بۇتپەرەسلىكتىن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، داغىستانلىق دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى.
ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى كۆرسىتىشى ئاستىدا، رۇسىيە ئۇلارنى سىرتقا چىقىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆي-تۇرالغۇلىرىغا ئوت قويۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى ۋە شەيخ غازى مەۋلانىنى يوقىتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك غىيمىرىي ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا مىڭلىغان ئەگەشكۈچىلەرنى يوقاتتى. شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ھايات قالغانلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشى يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى جەڭدە يارىلىنىپ نىمجان بولۇپ قىلىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرۈش جەريانىدا كېسىلى شىپا تاپقان شەيخ شامىل ئىدى.

قوماندان ھەمزە بەگ

غازى مەۋلانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەگەشكۈچىلىرى غىيمىريى ئۇرۇشىدا شەيخ شامىلنىڭ قازا تاپمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۇرت ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ ھەمزە بەگ ئەگەشكۈچىلىرىگە قوماندان بولۇپ سايلاندى، ھەمزە بەگ قوماندان بولغاندىن كېيىن قوشۇنلارنى رەتكە سېلىش ۋە ئەسكىرىي كۈچلەرنى مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق تەييارلىقلارنى ئېلىپ باردى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ھىيلىگەر ئىشغالىيەتچى رۇسلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. كېيىنچە ئۇ داغىستاننىڭ ھونزادىكى دۈشمەنگە قارشى بازسىدىكى چوڭ جامەدە ئىماملىق قىلىۋاتقاندا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن سۈيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى.

شەيخ شامىلنىڭ قوماندانلىققا تەيىنلىنىشى

مىلادىيە 1834-يىلى (ھىجىرىيە 1250-يىلى) ھەمزە بەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەگەشكۈچىلەر شەيخ شامىلنى قوماندان قىلدى، شەيخ شامىل ئەگەشكۈچىلەرنى كازاك دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە مۇنتىزىملاشقان زامانىۋى قوشۇن قىلىپ تەييارلىدى،

شۇنداقلا دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پوچتا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈردى، شەيخ شامىل ھەممە يەردە خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ئەسكەرلەر ئۈچۈن راسخوت ۋە مەسچىتكە ۋەخپە قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ دىرامىتىنى يىغدى، زاكاتنىڭ ھەممىسىنى ئەسكەرلەر ئۈچۈن سەرپ قىلدى.

شەيخ شاملىنىڭ دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى:

  1. 1. دۆلەت ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈش

شەيخ شامىلنىڭ چېچىنىيە ۋە داغىستان شۇنداقلا باشقا رايونلاردا تەسىر دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلىدى، تەسىر دائىرىسى شەرقتە قەزۋىن دېڭىزىدىن غەربتە قارا دېڭىزغىچە كېڭەيدى.

ئۇ مىللەتلەر ئارا تىل، ئىرىق ۋە تەبىقە ئايرىماي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. رۇسىيىدە شۇ ۋاقىتقا قەدەر قۇلچىلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ، شەيخ شامىل تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەسىگە چېتىلغان ئىسلامى قانۇننى تۈزۈپ چىقتى، دۆلەت ئەركانلىرىنى پۇختىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە مۇستەھكەملىدى ۋە بەزى ئىسلام مەزھەپلىرىدە زىيادە مۆتىدىل بولغان بىرقىسىم قانۇنلارنى كۈچەيتتى.

  1. قوشۇننى رەتلەپ تەرتىپكە سالدى

ئۇ ئارمىيىنى يىگىرمە نىزام بويىچە تەرتىپكە سالدى.بىرىنچى قەدەمدە يۈز ۋەكىل شەيخ شامىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى بولاتتى. ئاندىن يېتەكچى ئوفىتسېرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئەتىراپىدا ئىدى. شەيخنىڭ يېنىدا قوغدىغۇچىسى بولاتتى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇرىتلار تەشكىل قىلاتتى. ئەسكەرلەر ئوندىن، يۈزدىن ۋە بەشيۈزدىن قىلىنىپ قىسىملارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر ئەترەت ئۈچۈن يېتەكچى تۇرغۇزۇلاتتى. ئەسكەرلەر قەھۋە رەڭلىك ھەربىي فورما، ساقچىلار بولسا قارا رەڭلىك فورما كىيەتتى، بەزىلىرى قارا ئۇزۇن چاپان يېشىل سەللىسىنى يۆگەپ قارا بايراق كۆتۈرىۋالاتتى.

  1. 3. ھەرقايسى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى

شەيخ شامىل ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن رۇس ئەسكەرلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشتىن باش تارتقانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى زامانىۋى قوراللانغان ياۋروپا ئۇسلۇبىدا تەرەققىي قىلدۇردى. ئۆزىنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشماي قالغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن قىلچە تەۋرىنىپ قالماي كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئالاقە يولىنى ئېچىشقا تىرىشتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى 1840-يىلى مۇرىتلار داغىستاندا پادىشاھ مۇھەممەد ئەلى پاشا خانلىق مۆھۈرى بېسىلغان مەكتۇپنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ يۈرەتتى، ئۇ مەكتۇپتا بارلىق خەلقنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى شامىلغا بېرىلگەنلىكى ھەمدە رۇسلارغا قارشى ھەربىي ياردەم سۈپىتىدە تۈرلۈك زېمىنىدىكى مىسىر قوشۇنىنى ياردەمگە ئەۋەتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى، ئەمما تۈركىيىدە مۇھەممەد ئەلى پاشانىڭ پىلانىنىڭ مەغلۇب بولۇشى مۇرىتلارنىڭ مىسىر قوشۇنىنىڭ ياردەمگە كېلىشىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى يوققا چىقاردى.

  1. 4. شامىلنىڭ داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى

شامىلنىڭ قوماندانلىقى بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋە قېچىشتەك زەنجىرسىمان قارشىلىق كۆرسىتىش پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. ئۇلار ھەتتاكى تاكتىكلىق قېچىشنى تاغلاردا ئېلىپ بېرىپ رۇسلارنى قويۇق ئورمانلىقلارغا قوغلاپ كېرىشكە قىزىقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن رۇسلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلار پۇرسەت تېپىپ ھەر تەرەپتىن رۇسلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇش دۇمباقلىرىنى چالدى ۋە دۇمباق ئاۋازلىرى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىناتتى. رۇس قوشۇنلىرى ئۇرۇشقا باشچىلاپ كىرىپ كېتەتتى-دە، شۇنىڭ بىلەن رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ئۆلتۈرۈلۈپ تارمار قىلىناتتى ۋە گاڭگىراپ قالغان رۇس ئەسكەرلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ پەقەت بەشتىن بىر قىسمىلا ھايات قالدى. تارىخچىلار بۇ ئورمانلىقتا داۋاملاشقان تۆت يىللىق ئۇرۇش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، رۇسلارنىڭ ئون مىڭلىغان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈلگەن، دەيدۇ.

  1. 5. شامىل توپ-زەمبىرەكلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى

شامىل رۇسلاردىن غەنىيمەت ئالغان تۆت زەمبىرەكتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ سېپىللىرىنى توپقا تۇتتى. ئىككى يىلدا مىڭلارچە دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ ئون تۆت زەمبىرەك غەنىيمەت ئالدى، شۇنىڭ بىلەن رۇسلارنىڭ زەمبىرەكلىرى بىلەن قوراللانغان قوشۇن ھازىرلىدى. ئەگەشكۈچىلەردە ئىلگىرى بۇ خىل قوراللار بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر رۇس گېنېرالى خاتىرىسىگە :«ۋاي ئىسىت، ئېغىر تالاپەت تارتتۇق، بۇ يەردىكى ئۈچەي -باغلىرى چۇۋۇلۇپ نىمجان ياتقان كىشىلەر ئەسلىدە ياپونىيەدىن ئوكرائىناغا سوزۇلغان كەڭرى زېمىنلارنى ئازاد قىلالايتتى» دەپ يازغانىدى.

  1. 6. شامىلنىڭ ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى

شامىل ئەسكەرلەرنىڭ غەنىيمەتلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلىقىنى سەزگەندە، غەنىيمەتلەرنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كۆلگە تاشلىۋەتتى. ئاندى كەنت ئاھالىلىرى ھازىرمۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كۆلچەك سۈيىنىڭ ئاستىدا ئالتۇن تەخسىلەر، تۈگمىلەر، ئالتۇن غىلاپلىق قىلىچلار، زۇمرەت بىلەيزۈك، زىبۇ-زىننەتلەر ۋە مارجان-كەھرىۋالاردىن ياسالغان جاملار بار، دەپ قارايدۇ. كاۋكاز ئۇرۇشلىرىنىڭ غەنىيمەتلىرى بىرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن كۆلچەكلەردىكى بېلىقلارغا تاشلاپ بېرىلەتتى.

شاملىنىڭ كاللىسىنى ئالغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات

رۇسىيە شەيخ شامىلىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 45 مىڭ رۇبلى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنى ئاڭلىغان شەيخ شامىل رۇس گېنىرالىغا خەت يېزىپ: «كاللامنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم، لېكىن سېنىڭ يەنى چار پادىشاھنىڭ كاللىسىنىڭ بىر كۇبىك (بىر رۇبلى يۈز كۇبىكقا تەڭ) قىمۇ يارىمايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭدە ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېس قىلالمايسەن» دەپ يازىدۇ.

گېنېرال بارياتىنسكىنىڭ ئىستراتېگىيىسى

شەيخ شامىل خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ قۇربانى بولدى. مىلادىيە 1856-يىلى (ھىجىرىيە 1272-يىلى) ئوسمانىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن رۇسىيە كۈچىنى كاپكازنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياش گېنېرال ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ بارياتىنىسكىنى 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا باش قىلىپ كاۋكازغا ئەۋەتتى، بۇ ۋاقىتتا شەيخ شامىل ئاللىقاچان 60 ياشلاردىن ئېشىپ قالغانىدى. بارياتنىسكى شەيخ شامىل بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ھەربىي مۇددەت ھەربىي جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەندى. ئاخىرىدا شەيخ شامىلنىڭ غەلىبىلىرىنىڭ ئوچۇقچىلىق جايلاردا ئەمەس بەلكى تاغلىق، ئورمانلىق قاتارلىق رايونلاردا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلگىرىكىلەردىن ئاقىلانە سىياسەت قوللىنىپ ئاھالىلەر بىلەن يېقىنلىشىپ ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلدى. ئەسكەرلىرىنى ئاياللارغا، ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ئاھالىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن توستى. شۇنداق قىلىپ، شەيخ شامىل بولغان ئۇرۇشتا پۇقرالارنىڭ ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
گېنېرال بارياتىنىسكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا شەيخ شامىلنىڭ ئەسكەرلىرى ئورمانلىقتا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ ۋاقىتتا گېنېرال بارياتىنىسكى بىر دىۋىزىيە ئەسكىرىنى تاغدىكى دەرەخلەرنى كېسىشكە بۇيرىدى، ئەسكەرلەرنىڭ قولىغا قورال ۋە پالتا تۇتقۇزۇپ، چېچىنىيە ۋە داغىستان ئورمانلىقلىرىنى كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلدى. بۇ ئورمانلىقلار دەل رۇسىيىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىغا يېقىن بولبويىدا ئىدى. بارياتىنىسكى قەلئە مۇداپىئەسىنى كۈچەيىتكەچكە ۋە قاراۋۇللار ھەردائىم ھۇشيار تۇرغاچقا شەيخ شامىلنىڭ ئەسكەرلىرى ھۇجۇمدا مەغلۇب بولدى. شۇنداق قىلىپ بارياتىنسكى پەيدىنپەي شەيخ شامىلغا قاراشلىق رايونلارغا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن يۈرۈش قىلدى ۋە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان ئون نەچچە قەبىلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ كۆڭلىنى ئالدى، نەتىجىدە بۇ قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىق ۋە مۇساپىرلىقىنى شەيخ شامىلدىن كۆرۈشكە باشلىدى. ياشىنىپ قالغان شەيخ شامىل ھەربىي ئىشلاردا ئەجەللىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقا باشلىدى. رۇسلار توپلاشقان جايلارغا ھۇجۇمىنى كۈچەيتتى، ۋەھالەنكى بۇ ۋاقىتتا رۇسلار ئاللىقاچان شەيخ شامىلنىڭ مەخپىيى مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەلەيتتى. رۇسلار يەنە بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ شەيخ شامىلنى رۇسلار تېخى يېرىم يولدا ئىكەن دەپ خەۋەر تارقىتىپ ئىشەندۈردى-دە باشقا تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغىدى. ھۇجۇمدا تەدبىركار بۇ كىشى ئويلىمىغان يەردىن ھىيلىگەر رۇسلارغا ئالدىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. شەيخ شامىل ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ سەپەر جەريانى قەھرىماننى كۆزدىن كەچۈرىدىغان ھەربىي پاراتقا ئوخشاپ قالغانىدى. سىتارپولدىن موسكۋاغىچە بولغان بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە يولبويىدىكى ئەسكەرلەر بۇ «قورقۇنچلۇق دۈشمەن» دىن گەپ سورىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

تەرجىمىدە: ئۇدۇنىي

بۇ تېما 149قېتىم كۆرۈلدى