چىكىنىڭ
مۆمىننىڭ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنىڭ سىرىنى توغرا بىلىپ يېتىشى

مۆمىننىڭ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنىڭ سىرىنى توغرا بىلىپ يېتىشى

ھەر بىر ئىنسان قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدا تىنىمسىز شىۋىرلاپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدىغان نۇرغۇن سوئال ۋە پىنھان ئاۋازلار بار.

ئالەم دېگەن نېمە؟ ئىنسان دېگەن نېمە؟ ئۇ ئىككىسى قەيەردىن كەلدى؟ ئۇلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ نىشانى نېمە ۋە نېمە بولۇشى كېرەك؟ ئۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشى قانداق باشلانغان؟ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ ياشام، ئۆلۈم دېگەن نېمە؟ بىزنى بۇھاياتتىن كېيىن قانداق كەلگۈسى كۈتۈپ تۈرىدۇ؟ … دېگەندەك سوئاللار بەلكىم ئەنە شۇ نۇرغۇن سوئال، پىنھان ئاۋازلار ئىچىدىكى مۇھىمراقلىرى بولسا كېرەك.

دىن — بۇ كەڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى زور چىگىشلەرنى يېشىدىغان، يۇقىرىقىدەك سوئاللارغا ئاڭ رازى بولغۇدەك، كۆڭۈل قانغۇدەك جاۋاب بېرەلەيدىغان بىردىنبىر مەنبەدۇر.

خۇسۇسەن ئىسلام دىنى بۇ سوئاللارغا ئەڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەن ياخشى دىن. ئىسلامنىڭ جاۋابى ئەقىل ۋە ئاڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ دىننىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تۈپكى تەبىئىي ئېڭى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان.»[1]

ئەگەر ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭ ۋە كۆڭلى تاشقى تەسىرسىز قالغىنىدا ئىدى، ئۇلار ئىسلام بىلەن ئۇدۇللا ئۇچرىشالىغان بولاتتى. ئىسلام پەيغەمبىرى بىر سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بوۋاق ئىسلام ئېڭى ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. ئاتا– ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي قىلىپ تەربىيەلەيدۇ، يا ناسارا قىلىپ تەربىيەلەيدۇ، يا مەجۇسى قىلىپ تەربىيەلەيدۇ.»

ئىنسان بۇ يوقالغۇچى دۇنيادا باقى دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ھاياتى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقىدىن ئىمتىھان بېرىۋاتقان كىشىدۇر. ئۆلۈم — ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك.

پەيلاسوپلار بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ بىلەلمىگەن نەرسىنى مۆمىن جىمجىتلىق ۋە تەمكىنلىك ئىچىدە چۈشىنىۋالىدۇ. ئۆزىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئۆزىنى نېمە كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. ئۇنى ھەقىقەتنىڭ مەنبىئى بولغان ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىدىن بىلىدۇ. كىمكى مەۋجۇداتنىڭ ماھىيىتىنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى يولىدىن بىلىدىكەن، ئۇ داغدام يولغا چۈشكەن بولىدۇ.

بەزى گۇمانخور دىنسىز پەيلاسوپلارغا ئەجەل يېقىنلىشىپ كەلگەندە، ئۇلارنى ئۆلۈم ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئىشلار چۆچۈتتى. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دېدى:

بىلمەيمەن، ئۆلسەم، تىنىم كەتسە چىرىپ،

تۇرۇشۇمنى نەدىن كېلىپ نەگە بېرىپ.

بىلمەيمەن قەيەرلەردە يۈرەركىن روھ،

شۇ پارە، قاقشال بولغان تەندىن چىقىپ.

بۇ گەپ ياخشى كىشىلەرنىڭ بىرىگە يەتتى. ئۇ ئېيتتى: ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى بىزمۇ بىلمەمدۇق؟ ئۇ ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنىمۇ بىلمىسە، مانا بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ياخشىلار نېمەتلىك جەننەتتە بولىدۇ. يامان ئىش قىلغۇچىلار دوزاختا بولىدۇ.»[2]

ئاڭ غۇۋا سەزگەن نەرسىنى دىن كېلىپ روشەن ۋە ئېنىق تۈردە بايان قىلدى.

ئەقىل ھەرقانچە چېچەن، تەجرىبە، قىياس قىلىش، يەكۈن چىقىرىشقا ھەر قانچە ماھىر بولسىمۇ، ئۇ ئىنساندىكى ئىقتىدار چەكلىمەستىن، زامان، ئىرسىيەت، مۇھىت چەكلىمىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىلنىڭ ھەرقاچان بىر ياردەمچى ۋە تايانچقا موھتاج بولغىنى بولغاندۇر. بۇ ياردەمچى ۋە تايانچ دەل ۋەھيىدۇر.

ۋەھىي ئىنساننى قانائەت قىلغۇدەك ئۇتۇقى يوق تەتقىقاتلار جاپاسىدىن قۇتقۇزىدۇ. ئۇنىڭغا مەۋجۇداتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى، ئۇنىڭ سەۋەب، سىرلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلىشى لايىق بولغان، ئۇ قوبۇل قىلالىغۇدەك نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىدۇ.

قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن مۇتەپەككۈرلار تەبىئەت تىلسىملىرىنى يېشىشكە، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىدىن يىراق بولغان ئىنسانىيەت پەلسەپىسى ئارقىلىق روھى خاتىرجەملىككە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇپ باقتى. لېكىن ئۇلار ۋەيران بولدى.

داڭلىق ئالىم فەخرۇددىن رازى قەدىمكى ۋە كېيىنكى دانىشمەنلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئۆگىنىپ چىققان ۋە ئۆز دەۋرىدىكى پەلسەپە، ئىلاھىيەت پەنلىرىگە مەنسۇب بىلىملەر زاپىسىنى ئوموميۈزلۇك كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن بۇ سۆزنى قىلغان ئىكەن:

«مەن ھەر تۈرلۈك ئىلاھىيەت كىتابلىرى ۋە پەلسەپە ئېقىملىرىنى نەزىرىمدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ تەشنالىقنى باسالمايدىغان، دەردكە داۋا بولالمايدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالدىم. مەن يەنىلا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ئۇلۇغ يولنىڭ قۇرئان يولى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم. مەيلى كىم بولسۇن مېنىڭ تەجرىبەمنى قوللىنىپ كۆرسە مەن كەلگەن تونۇشقا كېلىشى مۇقەررەر.»

پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ بەزىلىرى پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلۇق باش ئاغرىقلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق مىسرالارنى قالدۇرغان ئىدى:

ئاشۇ دەرگاھلارنى مەن ئايلىنىپ چىقتىم تولۇق،

كۆزلىرىمنى بارچە بەلگە – نۇقتىغا تىكتىم قويۇق،

كۆرگىنىم بولدى ئىڭەكنى تىرىگەن ھەيرانەلەر،

يا ئېغىزغا ئۇرغۇچىلار پۇشايماندىن ئوپ – ئوچۇق.

 ئۇلارنىڭ بىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا: «مەن ھېچ بولمىغاندا ئاجىزراق ئىمانغا بولسىمۇ ئىگە بولغان بولسام! دەپ ئارمان يېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەڭ ئاجىزلارنىڭ ئىمانىغىمۇ ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭدەك، ھەرقايسى پەلسەپەلەر ئىنسان قەلبىگە ئۇنىڭ تۇنجى بەختى بولغان خاتىرجەملىكنى بېرىشتىن ئاجىز كەلدى. كىچىسىدە سوئال ۋە گۇمان ئۇخلىغىلى قويمايدىغان، كۈندۇزىدە بىئاراملىق چىرمىۋالغان ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەسقۇ، ئاخىر.

ھەقىقەتپەرۋەر ئالىملار خاتىرجەملىككە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ توغرا، ئەڭ كونكرېت، ئەڭ ئىشەنچىلىك يولى ساغلام ئىلاھىي ۋەھىي يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

ئىنساننىڭ مەن «روشەن ھەقىقەت» ئۈستىدە ياكى «توغرا يول» ئۈستىدە دېگەن ئېتىقادى شۇنداق بىر نەرسىكى، ئۇنداق ئېتىقادقا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئىشەنگەن ئادەمدىن باشقىسى ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن يىراق ئادەم، قۇرئاندا ئېيتىلغان ئادەمگە ئوخشايدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: (سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇت قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرىمەن دېدى.»[3]

ساھابىلەردىن بىرى: «جەننەت ۋە دوزاخنى ئېنىق كۆردۈم» دېگەندە، بۇنى ئاڭلىغان بىرى ئۇنىڭغا: «سەن دۇنيادا تۇرساڭ ئۇنى قانداق كۆردۈڭ؟» دېدى. ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «جەننەت ۋە دوزاخنى رەسۇلۇللاھ كۆرگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ كۆزى بىلەن كۆردۈم، مېنىڭ نەزىرىمدە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشۈم ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشۈمدىن ئارتۇق. چۈنكى مېنىڭ كۆزۈم بولغاندا، ئۇ نەرسىلەرنى كۆرگەندە باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كەتكەن ياكى ئېغىپ كەتكەن بولاتتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى بولسا ئۇنداق بولمايدۇ.»

مۆمىننىڭ گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئازابىدىن خالىلىقى

ۋەھىي بىلەن بارلىققا كېلىپ ئەقىل تەلىپى ۋە تەبىئىي ئاڭ تەقەزاسىغا ئايلانغان، بارلىق كىتاب – سەتىرلەر ۋە كۆز ئالدىمىزدا كەڭرى ئوچۇق تۇرغان تەبىئەت كىتابىنىڭ ھەربىر سۆزى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتقان ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئەمما زور قەدىمىلىككە ئىگە بۇ ئىمان ئارقىلىق مۆمىن سانالغان ھەر بىر كىشى، ئۆز ھاياتلىقىدا گۇمانخور ئىنكارچىلار چېكىۋاتقان ئەقلىي ۋە روھىي بىسەرەمجانلىقلاردىن ۋە تىنىمسىز ئارىسالدىلىقلاردىن خالىي بولىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىنى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزىنى يارىتىپ بېجىرىم قىلغانلىقىنى، ئۇنى ئىززەتلەپ زېمىنغا خەلىپە قىلغانلىقىنى، ئۆزىگە ئىچكى ۋە تاشقى نېمەتنى تولۇق بەرگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. مۆمىن بۇ تونۇش بىلەن ھايات ۋە ئۆلۈم، بۇ ئىككىسىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا كۆڭلىگە كىرىۋالغان ۋە  كىرىۋالىدىغان سوئاللاردىن قۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك يارىتىلغانلىقىنى، ئۆلۈم ئۇنى بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ.

مۆمىنلەر ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما ئاللاھقا ۋە ھېساب كۈنىگە تانغۇچى ۋە شەكلەنگۈچىلەر ناھايىتى تىېتىقسىز ۋە مەنىسىز ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ چەكلىك ئەقىللىرى ئۇلارغا دىللىرى قانائەتلەنگۈدەك، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن دىللىرىدىكى شەكلىنىش، تېڭىرقاش، پاراكەندىچىلىك يوقالغۇدەك بىرەر جاۋاب تېپىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار بىرەر قارار ۋە ئىدىيىدە مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ.

شاماللاردا ئۇچۇپ يۈرگەن پەيگە ئوخشاش،

ئارىسالدى بولۇپ ئۆتەر يوقتۇر توختاش.

ئىبنى شەيل باغدادىينىڭ «تەپەككۇر» قەسىدىسىدە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مىسرالارنى ئۇچرىتالايمىز:

ئۆرگەلگۈچى پەلەك قىنى بىزلەرگە بىر ئېيتقىنا!

ئۆرگىلىشىڭ ئۆزەڭچىمۇ يامەجبۇرمۇ سەن ئاڭا؟

ئۇنىڭ بۇنداق سوئاللىرى ھەتتا تۆۋەندىكىدەك ئەسەبىلىككە يېتىپ بارىدۇ:

تەشەككۈر نە كېرەك تۆرەلگەن ئۈچۈن،

يارىلىش ھەركىمنىڭ ئەمەسقۇ مەيلى.

رۇخسەت يا ئىختىيار بولغان چاغدىلا،

يارىلىش بىز ئۈچۈن بەختتۇر ئەسلىي.

ئۇ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئۆزىگە مەسلىھەت سېلىنماستىن، ياكى تاللاش ھوقۇقى بېرىلمەستىن مەجبۇرى تامام بولغان دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭ قارىشىدا ئاتا ۋە ئانىنىڭ قوزغالغان شەھۋىتى پەيدا قىلغان بىر ھادىسە بولغان مەۋجۇدلۇققا غەزەپ ياڭرىتىدۇ، ئۇ شۇنداق يازىدۇ:

ئاتا – ئانام تۆشەك ئارا سۈرگەن ھوزۇر،

قۇرۇپ كەتسۇن، ئۇ بىزلەرنى دەردكە قويدى.

بولمىساقتۇق، يوقسۇزلۇقمۇ تارتماس ئىدۇق،

ئاپىرىدە بولۇش بارچە كۈنگە قويدى.

ئۆمەر ھەيياممۇ بۇنىڭ مىسالىدا مۇنداق دەيدۇ:

كىڭەشسىزلا كەيدىممەن بۇ ھاياتلىق كىيىمىنى،

ھاڭۋاقىمەن ھەممىگە چۈشەنمەي ھېچ نېمىنى،

بىر كۈن كېلىپ دۇنيادىن كېتىپ قالسام مەن ئەگەر،

بىلمەيمەن نەگە كەلدىم، كېتەر يېرىم نە قىنى.

ئۇنىڭ نەزىرىدە ھاياتلىق تونى ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىنىپ، ئۇنىڭ پىكرى ئېلىنماستن كىيگۈزۈلدى. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خاھىشى، خالىغىنى بويىچە يارىتىلغان بولسا، ئۆزىنى رەببىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىدىنمۇ ئەۋزەلرەك ئورونلاشتۇرالىغان بولاتتى، ئەمما ئۇ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنىڭ سىرىدىن ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلاردىن ھېچنەرسە بىلمەيدۇ. ئەبۇلئەلا ئەلمەئەررى ئۆزىنىڭ شەك ۋە تىڭرىقاشتىكى دەۋرلىرىدە مۇنداق دېگەن:

كېتەرمىز ھاياتتىن بىر كۈن ئايرىلىپ،

چۈشەنمەي ھېچ نەرسە ئۇنىڭ سىرىدىن.

بىلمەيمىز تارىختا نە ئىشلار بولغان،

ساۋات يوق ھېچ كىمدە يۇلتۇز سەيرىدىن.

*    *   *

تاپالماي ھاياتتىن ھەقىقىي مەنە،

ئەتەمدىن ئەنسىرەپ يۈرىمەن ھەر ئان.

ھېچ بىر ئىش كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرالماس،

ئىشەنچلەر ئورنىغا ئالماشتى گۇمان.

*    *   *

سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ ئاۋارە مەن،

جاۋاب تاپتىم دېگەنگىمۇ ئىشەنمەيمەن.

*    *   *

كۈلىمىز، بۇ كۈلۈش دۆتلىكىمىزدىن،

يىغلاشلا ياراشقاي زېمىن ئەھلىگە.

شىشىدەك چېقىلدۇق كۈنلەر قولىدا،

بۇ شىشە قۇيۇپمۇ كەلمەس ئەسلىگە.

ئۇ يەنە ئۆز ئەۋلادى ئالدىدا جىنايەتكار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىنىش – نىكاھلىنىشتىنمۇ چەكلىنىدۇ:

بويتاق ئۆتۈپ تۇغۇلغۇسى بالىلارغا ئارام بەردۇق،

ئۇلار يوقلۇق نېمەتىدە تۇغۇلغاندىن ياشار ئارتۇق.

ئۇ، ئىنسان ھاياتىغا نوقۇل تەقدىرچىلىك نۇقتىسىدىن قاراپ، مۇنداق دەيدۇ:

تۇغۇلماق، قېرىماقلىق ھېچ ئەمەستۇر ئىختىيارىمدىن،

ياشاشنىڭ كويىدا يۈرمەك يەنە بولماس قارارىمدىن،

كېلەرمەن مەجبۇرى بۇندا، كېتەرمەن كۈتمىگەن بىر چاغ،

بۇلار ھېچ قايسىسى بولماس ئۆزۈمنىڭ مەيلى – رايىمدىن.

يەنە ئۇندىن باشقا شائىر ئەبۇ مازى ئۆزىنىڭ «تىلسىملار» دېگەن ئۇزۇن قەسىدىسىدە شۇنداق دەيدۇ:

مەن قەيەردىن كەلگىنىمنى بىلمىسەممۇ، بىراق كەلدىم،

پۇتلىرىمنى يول ئۈستىدە كۆرگىنىمدە مېڭىپ كەتتىم،

خۇشۇم كەلسە چۈشكۈن قىلدىم، خۇشۇم كەلسە ئۇزاپ كەتتىم،

قانداق كەلدىم، قانداق كۆردۈم، يولۇمنى ھېچ بىلەلمىدىم.

مەن يېڭىچە بىر نەرسىمۇ ياكى ئەسكى بۇ جاھاندا؟

ئەركىن– ئازات ئىنسانمۇ مەن ياكى قالغان تۇتقۇنلۇقتا؟

ئۆزخان – ئۆز بەگ ياشامدىم مەن يا ئۆتەمدىم مەھكۇملۇقتا؟

بۇنى قانچە بىلەي دېدىم، ئەپسۇس، يەنە بىلەلمىدىم.

 ماڭغان يولۇم قانداق ئىرۇر، ئۇزۇنمۇ ئۇ يا قىسقىمۇ؟

ئۆرلىدىممۇ يۈكسەكلەرگە يا تۆۋەنگە شۇڭغۇدۇممۇ؟

مەنمۇ يولدا كېتىۋاتقان يا ئەكسىچە يول ماڭدىممۇ؟

يا ئىككىمىز توختاپ، زامان يۈرگەنمىدۇ بىلەلمىدىم.

مەن سېنىڭچە ئىنسان بولۇپ يارىلىشتىن ئىلگىرى،

بۇ جاھاندا بارمىدىم يا يوقمىدىم؟ ئېيتچۇ، قىنى؟

ئاھ، قالارمۇ يېشىلمەي ئۇشبۇ تېپىشماقنىڭ سىرى،

بىلەلمەسمەن بۇلارنى ھېچ، نىچۈن شۇنداق بىلەلمىدىم.

ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، ھېكمىتىگە، ئادىللىقىغا، رەھمىتىگە، ئاخىرەتتىكى جازاسىغا، پەيغەمبىرىگە قىلغان ۋەھىيسىگە شەك قىلغۇچى دىنسىزلارنىڭ قەلبىدە چوغقا ئايلانغان بۇ شەكلىنىش، بىئاراملىق ۋە تۇراقسىزلىق ئاددىي ئىش ئەمەس. ئۇ ناھايەت ئەلەملىك ئازاب، جەھەننەمنىڭ ئۆز ئەھلىگە ئېچىلغان بىر پەنجىرىسى بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز يالقۇنى بىلەن ئۆرتەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئازاب تېتىشلىرى ئۈچۈن قەلبىدىكى شەك ئوتلىرى لاۋۇلداپلا تۇرىدۇ.

مۆمىننىڭ ئالدىدا يول ۋە غايىنىڭ ئېنىقلىقى

ئىمانسىز كىشىلەرنى دۇنيادا نۇرغۇن غەم – قايغۇلار قورشىۋالىدۇ ۋە تۈرلۈك غايىلەر تالىشىدۇ. ئۇ ئوڭغا تارتىدۇ، بۇ سولغا تارتىدۇ. ئۇ دائىم نەپسنىڭ ئىچكى توقۇنۇشلىرى ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى رازى قىلىش بىلەن ئۆز غەرەزلىرىنى قاندۇرۇش ئارىسىدا تېڭىرقاپلا يۈرىدۇ. ئۇ ھەتتا جەمئىيەتتىكىلەرنى زازى قىلماقچى بولسىمۇ ئالدى بىلەن قايسى تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىرايدۇ. ھالبۇكى بارلىق كىشىلەرنى رازى قىلىش ئىشقا ئاشماس غايەدۇر.

ناۋادا رازىمەند بولسا ئېسىل تۇغقانلىرىم مەندىن،

ئوسال تۇغقانلىرىم تولدى غەزەپكە ئەكسىچە ئاندىن.

ئەكسنىڭ يەنە ئەكسىچە بولۇشى تەبىئىي، دېمەك، ياخشىلار خوش بولغان يەردە، يامانلار خاپا بولىدۇ. بىر شېئىردا مۇنداق كېلىدۇ:

نەدە باردۇر بارچە ئادەم رازى بولغان بىراۋدىن،

ئىزدەپ ھەممە كۆڭلىنى  قىلما جاننى ئاۋارە.

مۆمىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتۇلىدۇ ۋە غايىلەرنى بىر غايە ئىچىگە جەملەپ، شۇ غايە تەرىپىگە ماڭىدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۆز غايىسىگە يېتىش يولىدا كىشىلەرنىڭ خوش ياكى خاپا  بولۇشىغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇنىڭ شۇئارى شائىرنىڭ تۆۋەندە دېگىنىدەك بولىدۇ:

تاتلىق – شېرىن بولساڭ سەن، ھاياتلىق بولار قىرتاق،

سەن خوش ئۆتسەڭ، باشقىلار خاپىلىق بىلەن ئورتاق.

ئىككىمىزلا ئۆتۈشسەك ئىناق– ئېجىل، كۆڭۈللۈك،

جاھان بىلەن ئارىمىز بۇزۇلسا يوق قايغۇرماق.

سۆيگۈڭ سېنىڭ چىن بولسا، باشقا ئىشلار چاغلىقتۇر،

تۇپراق ئۈزرە تۇرغاننىڭ ھەممىسى ئىرۇر تۇپراق.

مۆمىن دىن يولىدىكى ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى مەنسىتمەيدۇ، ھەرقانداق ئازاپنى شېرىن، ھەربىر قۇربان بېرىشنى ئاددىي ئىش قاتارىدا كۆرىدۇ. مۇشرىكلار دارغا ئاسقان خۇبەيىپ ئىبنى ئەدىگە قارىمامسىز؟ تەرەپ – تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان مۇشرىكلار ئۇنى تاماشا قىلىپ تۇراتتى. ئۇلار: «ئۇنىڭ نىرۋىلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئىرادىسى تەۋرەپ قالىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا ئۆتكۈر مەسخىرە ئىچىدە قارىدى ۋە مۇنداق شېئىر ئوقۇدى:

ئىمان بىلەن كەتسەملا ھەرگىز پەرۋا قىلمايمەن،

قايسى ياندىن يىقىلاي مەن، ئۇلۇغ ئاللاھ يولىدا.

بۇ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈن، ئۇ خالىسا تاپقايمەن،

تىتما- كاتاڭ تېنىمنى بەخت- ئىقبال قوينىدا.

ئۇلارنىڭ بىرىگە قۇلاق سالمامسەنكى، ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەيزە سانجىلىپ دۈمبىسىدىن چىققاندا ئۇ پەقەت: «كەئبىنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، مۇرادىمغا يەتتىم»، دېدى.

بىرلەشمە قوشۇن (ئەھزاب) جېڭىدە مۆمىنلەر قاتتىق سىنالغان ئىدى. شۇ پەيتتە ئۇلار ئالدى- كەينىدىن دۈشمەننىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغاندا، ھەممە ئادەم قاتتىق ئۆرە – تۆپە بولۇشۇپ، كۆزلەر كىچىكلەپ، يۈرەكلەر بوغۇزغا كەپلەشكەن، كىشىلەر ئاللاھقا تۈرلۈك يامان ئويلاردا بولغان، مۇنافىقلار نىقابلىرىنى ئېچىۋىتىپ: ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر بىزگە قۇرۇق ۋەدە قىپتىكەن، دېيىشكەن ئىدى.

مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا مۆمىنلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئېيتىلغانغا ئوخشاش بولدى: «مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئىيتتى، دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيىتتى.»[4]

ئۇرۇش قازىنى قايناۋاتقان شۇ پەيتتە ئاشۇ جەڭچىلەرگە تەمكىنلىك ئاتا قىلغان نەرسە نېمە؟ ئۇ ئىماندۇر. ئاللاھ راست ئېيتىدۇ: «مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»[5]

مۆمىن غايىسىنى بىلىش بىلەن تىنچلىنىدۇ، يولىنى تونۇش بىلەن ئارام تاپىدۇ. ئۇنىڭ يولى ئاللاھ ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەر، سىددىق (يۇقىرى دەرىجىلىك شەھىد) لەر، شەھىتلەر ۋە سالىھلارنىڭ يولىدۇر. مۆمىندىكى ئەخلاقى ئۆلچەم ئېنىق ۋە بەلگىلىك بولۇپ، ئۆز رەببىنى رازى قىلىش، بۇيرۇقىنى ئاڭلاش، توسقىنىدىن چەكلىنشتىن ئىبارەت. مۆمىن مۇشۇ ئىشلاردا ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىنى نەق پايدىدىن كېچىش، قۇترىغان شەھۋەتنى بېسىش ياكى كۈچلۈك ھېسسياتقا، قاشاڭ ئادەتكە، كۆنۈككەن خۇي- خاراكتېرگە قارشىلىق قىلىپ بولسىمۇ بىجانىدىل، ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇندايدۇ.

بىر ئاللاھقىلا قۇل بولۇش ۋە بىر ئاللاھقىلا ئىشىنىش كىشىنى ئاللاھنىڭ: «ئۇ مۆمىن بەندىلىرىمىز قاتارىدىن ئىدى» دېگەندىكى مۆمىن بەندىلەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ئاللاھقىلا قۇل بولۇشنىڭ مەنىسى: ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق نەرسىگە بېقىنماسلىق، زېمىن ياكى ئاسماندىكى باشقا ھېچقانداق مەخلۇققا باش ئەگمەسلىك، ھەتتا ئەڭ ياۋۇز ئازدۇرغۇچى شەيتانغىمۇ بويسۇنماسلىق، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئىچى سىقىلماستىن، شەك قىلماستىن، كۆڭۈل خوشلىقى ۋە قەلبنىڭ تەسلىمى بىلەن بويسۇنۇش. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ياخشى ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنىدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى ياخشىلايدىغان ۋە تازىلايدىغان نەرسىلەرنى ئۆزىدىن بەكرەك بىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ بويسۇنۇش دېگەنلىكتۇر.

بۇ قۇللۇقنىڭ ھەققىنى تونۇپ، ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقان زات تەرەپكە مايىل بولغان ھالدا قەلبىدىن، ھاياتىدىن بارلىق ئاسىيلىقلارنى يىراق قىلىۋەتكەن، ئاللاھتىن باشقىنى رەب قىلىشقا رازى بولمىغان، ئاللاھتىن باشقىنى ھىماتچى تۇتمىغان، ئاللاھتىن باشقىدىن ھۆكۈم ئىستىمىگەن ئادەم راستچىل مۆمىن بولىدۇ. «(ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى: پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىغىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىر ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس. كېيىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دە – تالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.»[6]

مۆمىننىڭ بارلىق مەۋجۇدات بىلەن ئۈلپەت بولۇشى

مۆمىن ئالەمنى رەببىگە باشلايدىغان دەلىل تېپىش ئۈچۈن كۆزىتىدۇ. يالغۇزلۇقتىن مۇناسىۋەتداشلىققا چىقىرىدىغان سەۋەبنى تېپىش ئۈچۈن كۆزىتىدۇ.

تەبىئەتكە دوستانە قاراش بىلەن مۆمىننىڭ روھى كېڭىيىدۇ، ھايات دائىرىسى كېڭىيىدۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت كېڭىيىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاخىرەت توغرىسىدا شەك قىلىدىغان دىنسىزنىڭ قەلبىدىنمۇ تار بىر نەرسە يوق، دىنسىزنىڭ ھاياتى زىنداندىنمۇ تارراق، بەلكى تۈرمىدىكى يالغۇز كىشىلىك كامىردىنمۇ تارراق. تارلىق ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ دىللىرىدا، دىل تار بولسا كۆكرەك تار بولىدۇ، تۇرمۇش مەنىۋى جەھەتتىن تار بولسا بارلىق ھايات تار بولىدۇ، دىل كەڭرى بولسا بارلىق ھايات كەڭرى بولىدۇ.

ئىلگىرى بىر شائىر مۇنداق دېگەن ئىكەن:

يۇرتنىڭ ئۆزى ئەمەستۇر ساڭا بېسىم بولغىنى،

يۇرت خەلقىنىڭ ئەخلاقى شۇ كۆڭلۈڭنى سىققىنى.

مۆمىننىڭ كۆڭلى ئۇنى مەۋجۇداتقا، مەۋجۇداتنىڭ پەرۋەردىگارىغا، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىگە، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرىغا، روھى كۈچلەرگە، پەرىشتىلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە، ئاخىرەتكە باغلايدۇ. مۆمىننىڭ كۆڭلى چەكسىز كەڭرى بولىدۇ. ئۆز مەۋجۇدىيىتى دائىرىسىگە ئاسمانلارنى، زېمىننى، ئەرشنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى، ئەزەلىيەت ۋە ئەبەدىيەتنى سىغدۇرۇپ ياشىغان ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەلۋەتتە كەڭرى بولىدۇ – دە!

رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ «ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان ئادەم، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولىدۇ.»[7] دېگەن سۆزى توغرىسىدىكى سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «نۇر قەلبكە كىرسە، قەلب كېڭيىدۇ.» قەلب ئىمان ۋە جەزمىيەت نۇرى بىلەن بوشاپ، ئازادىلىشىپ كېڭەيگىنىدەك، شەك، مۇناپىقلىق، دىنسىزلىق زۇلمىتى بىلەن قورۇلۇپ تارىيىپ قالىدۇ: «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋىتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ. ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازاپلايدۇ.»[8]

مۆمىن ئاللاھنىڭ ھەمراھلىقىدا ياشايدۇ

ئىماندىن مەھرۇم قالغانلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرىدىغان ئېچىنىشلىق روھىي كېسەل مۆمىنگە ھەرگىز يېقىن يولىمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ شەخسنىڭ بىئاراملىق، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش كېسىلى. بۇنداق كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بىمار دۇنيانى زىنداندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنى دېڭىزدا غەرق بولۇپ كەتكەن، دولقۇنلارنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن بىر ئارالغا چىقىپ قىلىپ ھايات قالغان. ئاشۇ كىچىك ئارالدا ئۆزى يالغۇز، دېڭىز ۋە ئاسماننىڭ كۆكلىكىدىن باشقىنى كۆرمەي ياشاۋاتقان ئادەمدەك تەنھا ھېس قىلىدۇ.

نيۇ يورك ئەقلىي ساغلاملىق ئورگىنىنىڭ مۇدىرى مۇرىس جوبىتھىل مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلاردىكى يالغۇزسىراش كېسىلى ئۇلاردا ئەقلىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.»

دوختۇرلار ۋە پىسخولوگلار بۇ كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسىنى تېپىش ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك، مول تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. كۆپ تىرىشچانلىقلار بىلەن نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئۆتكۈزدى. ئاخىرقى نەتىجە شۇ بولدىكى ھەقىقەتپەرۋەر ئالىملار بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى: «دىنغا ئېتىقاد قىلىش، مۇستەھكەم ئىمان تۇتقۇسىغا ئېسىلىش ۋە بىمارنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى» دەپ قارىدى. بۇ كىتابتا سۆزلىنىدىغان كۈچلۈك ئىمان بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىنىدەك، ئۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى ھەم بولالايدۇ. گېرمانىيە پسىخولوگىيە ئالىمى دوكتور فرانك لوباخ مۇنداق دەيدۇ: «سېنى ئۆزەڭنىڭ تەنھالىق ھېسسياتى قانچە چىرمىۋالمىسۇن، بىلىپ قويغىنكى سەن مەڭگۈ تەنھا ئەمەس، سەن يولنىڭ بىر تەرىپىدە ماڭغان بولساڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئاللاھنىڭ مېڭىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىن.»

مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادى بۇنىڭدىن كۈچلۈك ھەم چوڭقۇرراق. ئۇ ئۆزى قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ھەدىسى قۇدسىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەندەمنىڭ ئويىدا بولىمەن، ئۇ مېنى ئەسلىسە، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن» ۋە ئەزىز كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «(كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چىغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار، (كاپىرلارنى) سۈلھىگە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى سىلەر غالىبتۇرسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر.»[9]

مۆمىن ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئۆزى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، ئۆزى قەيەردىلا بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ئۆزىنى ئۇخلىماس كۆزى بىلەن كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى، مۆمىننىڭ كۆڭلىدىكى تەنھالىقنىڭ قورقۇنچلۇق سايىسىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.

مۆمىننىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە دائىم ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى، مۆمىننى دائىم ئۆز رەببى بىلەن ئۈلپەت بولۇشقا ۋە ئۇنىڭغا دائىم يېقىن تۇرۇشقا سازاۋەر قىلىدۇ.

مۆمىن ئەگەر مۇدھىش، قاپقاراڭغۇ كېچىدە بولسىمۇ، ئۆز قەلبىنى دائىم يورۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرنى ھېس قىلىدۇ. ھەرقانچە قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشلەر ئىچىدە تۇرسىمۇ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ قوللىشى ۋە ھامىيلىقىدا سىزىپ بىخۈدۈك ھالدا ياشاۋىرىدۇ.

ئۇ ياخشى بەندىنىڭ ئۆز رەببىگە سىغىنغاندىكى مونۇ سۆزلىرىنى ئوقۇيدۇ:

مېھرىڭدىن كۆڭلۈم ئارا شادلىق كېزەر،

نۇرۇڭدىن يورۇپ تۇرار ئۇ ھەر قاچان.

نە يەتكەي رەھمىتىڭگە ئېرىشمەككە،

ئالدىڭغا سوراق بېرىپ بارغاندا جان.

مۆمىن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلۇغلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ياشايدۇ

مۆمىن ئۆزىنى مۆمىن قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم ھېسابلىمايدۇ. مۆمىنلەر ئىش – پائالىيەتلىرىدە، مەسجىدلەردە، ئۆيلەردە بىرگە بولۇشتىن سىرت دىللىرىدا دائىم بىر – بىرىنى ئەسلىشىپ تۇرۇشىدۇ. مۆمىن ئەگەر ناماز ئوقۇسىمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ: «ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.»[10] دۇئا قىلسا ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن دۇئا قىلىدۇ: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.»[11] ئۆزىنى ئەسلىسە ئۇلارنىمۇ قوشۇپ ئەسلەيدۇ. «ئۆزىمىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمىز.» ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردىكى مۆمىنلەر بىلەن ياشاش دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. زامانداش كىشىلىرىدىن ئۆتۈپ يىل ئارىلىقى يىراق بولغان بارلىق مۆمىن قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ ياشايدۇ ۋە سالىھلارنىڭ سۆزىنى ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە، بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن.»[12]

مۆمىن ئۆز ئىمانى ۋە ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەر قايسى دەۋرىدىكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى، بارلىق ئۇلۇغلار، شەھىدلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. «كىملەر ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىدلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار ھە!»[13] ئۇلارغا ھەمراھ بولغان، ئۇلارمۇ ھەمراھ بولغان كىشىدىنمۇ بەختلىك قايسى ئىنسان بار؟ بۇ يەردە دېيىلۋاتقان ھەمراھلىق تەن ۋە كۆرۈنۈش ھەمراھلىقى بولماستىن، روھ ۋە ھېسسىيات، ئوي ۋە قەلب جەھەتتىكى ھەمراھلىقتۇر.

ناماز ۋە دۇئا – تىلاۋەت خاتىرجەملىك كەلتۈرگۈچى ئامىللاردىندۇر

مۆمىننىڭ ئۆز رەببى بىلەن ھەر كۈنى مۇڭدىشىدىغان ئۇسۇلى ناماز ۋە دۇئا – تىلاۋەتتۇر.

ناماز روھنىڭ يۈكسىلىش مىنۇتلىرى بولۇپ، ئىنسان بۇ چاغدا ئۆز رەببى ئالدىدا تۇرۇپ رەببىگە تېگىشلىك مەدھىيىلەرنى ئوقۇپ، يىلىنغان، ئۈمتۈلگەن ھالدا كۆڭۈل دۇنياسىدىكى بارلىق ئۈمىد – ئىستەكلىرىنى سىرتىغا چىقىرىدۇ.

بۈيۈك، ئۈستۈن ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشتە، روھقا كۈچ، ئىرادىگە مەدەت، كۆڭۈلگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان ئۈچ ئالاھىدىلىك بار. شۇڭلاشقا ئاللاھ نامازنى مۆمىنگە ھايات كۈرىشىدە پايدىلىنىدىغان، ئاپەت ۋە ئەلەملەرگە تاقابىل تۇرىدىغان قورال قىلىپ بەردى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۆمىنلەر سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار.»[14] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بىر ئىش بىئارام قىلسا دەرھال نامازغا تۇراتتى ۋە ئاللاھقا مۇناجات قىلىشقا غەرق بولاتتى. ھەتتا نامازنىڭ ۋاقتى يېقىنلىشىپ كەلسە مۇئەززىنى بىلالغا تەشنالىق ئىچىدە: «ھەي بىلال، بىزنى ناماز بىلەن راھەتلەندۈرگىن» دەيتتى. ۋە يەنە «مېنىڭ بارلىق خوشلۇقۇم نامازدا» دەيتتى.

نامازنىڭ ئىنسانىيەت روھىيىتىگە نىسبەتەن پايدىلىق رولى توغرۇلۇق دوكتۇر دالى كارنىگ ئەپەندىنىڭ «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» دېگەن كىتابىدا يازغان بايانلىرى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇ نامازنى بارلىق دىنلار ئارا ئومۇمىي ئاتالغۇ بولغان«ئاللاھقا دۇئا قىلىش، يالۋۇرۇش، ئاللاھقا تېۋىنىش» بىلەن ئاتىغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىز ياكى خاھىشىڭىز بويىچە دىن تۇتمىغانلىقىڭىز سىزنى ناماز، ئاللاھقا يالۋۇرۇش، دۇئا قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن. ئىشنىڭكى ناماز سىزگە پەرەز قىلىنغىنىدىنمۇ چوڭ ياردەم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنى رېئاللىققا يۈزلەندۈرۈدىغان بىر ئىش. سىز مەندىن: رېئاللىققا يۈزلەندۈرىدىغان ئىش دېگىنىمدىن نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىمنى سورىشىڭىز مۇمكىن، جاۋاب بېرىمەنكى: ناماز مۆمىن ياكى دىنسىز ئىنسان بولسۇن ئورتاق بىھاجەت بولالمايدىغان مۇھىم ئۈچ ئىشنى سىزگە رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ:

  1. ناماز بولسا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە كىرىۋېلىپ سىزگە بېسىم كەلتۈرىدىغان بىر بۆلۈك ئىشلارنى سىزنىڭ بىخۇدۇك ھالدا سىرتقا ئاشكارا قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا بىز ئىنسان روھىيىتىدە تۇتۇق ھالدا ساقلىنىپ، دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭغا چۈشىنىكسىز بولۇپ تۇيۇلىدىغان سىرلىق ئىشلارنى بىۋاسىتە كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان ئىدۇق. ناماز بۇ قارىشىمىزنى ئاغدۇرۇۋەتتى. ئۇ خۇددى بىر ئەدىبنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىپادىلەپ يېزىقچىلىق ئېلىپ بارغىنىدەك ئىش بولۇپ، ئۇ كۆڭۈلدىكىنى قېزىپ چىقىرىشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى. ئەگەر بىز چۈشىنىكسىز تۇيغۇمىزدا ئېنىقلىققا ئېرىشمەكچى بولىدىكەنمىز، بىز ئۇنى ئېنىق بەلگىلەرگە ئىگە بولغان تىلىمىزغا ئېلىپ چىقىشىمىز كېرەك بولىدۇ. مانا بۇ بىز ئاللاھقا ئۆز دەردىمىزنى تۆكۈۋاتقاندا بولىدىغان ئىش، ئەلۋەتتە.
  2. ناماز سىزنىڭ مۈشكۈللۈكلەر ۋە غەملەرنى يېڭىشىڭىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھالبۇكى تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى يالغۇز كۆتۈرۈپ كېتىش ھەركىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بىزنىڭ بەك يېقىن دوستلىرىمىزغىمۇ ئېيتالمايدىغان، بىزنى قاتتىق چىرمىۋالغان نۇرغۇن مۇشكىلات ۋە ھاجەتلىرىمىز بار، لېكىن بىز ئۇنى نامازدىكى پەيتىمىزدە ياراتقۇچىغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلىمىز.
  3. ناماز بىزنى خىزمەت ۋە ئىشلەشكە ئۈندەيدۇ. بەلكى ناماز خىزمەت تەرىپىگە بېسىلغان تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. نامازنى بىر كۈن ئوقۇپ بىر كۈن ئوقۇماي يۈرگەن كىشىنىڭ پايدا ياكى مەنپەئەتكە، يەنە بىر ئىبارە بىلەن ئېيتقاندا، ئۆز ھالىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، روھى كىرىزىستىن قۇتۇلۇش تەرىپىگە نەتىجىلىك قەدەم باسالىشىدىن گۇمانلىنىمەن. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دوكتۇر ئالكسىس كاررىل «نامازنىڭ ئاكتىپچانلىق تۇغدۇرىدىغان ئەڭ زور كۈچ ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، بىز نامازدىن نېمە ئۈچۈن پايدىلانمايمىز؟»دېگەن ئىدى.

ئەسكەرتىش: بۇ يەردە ئاللاھقا دۇئا قىلىش، يالۋۇرۇش، تېۋىنىش، باش ئېگىش قاتارلىقلار ناماز دېگەن ئاتالغۇ بىلەن قىسقارتىپ ئېلىندى.

ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلق يەتكۈزگەن ئەزىيەتلەر بىلەن يۈرىكى جاراھەت، پۇتلىرى قاپىرىپ تىشىلگەن ۋە قان ئاققان ھالدا تائىپتىن قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا ئۇنىڭ قەلبىگە تاشلانغان تەمكىنلىكىگە قاراڭ! ئۇ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى: «ئى پەرۋەردىگارىم ئاللاھ، ساڭا كۈچۈمنىڭ ئاجىزلىقىنى، تەدبىرىمنىڭ ئازلىقىنى، كىشىلەرنىڭ مېنى خارلىغىنىنى شىكايەت قىلىمەن. ئى ھەممىدىن بەك رەھىم قىلغۇچى، سەن بوزەك قىلىنغان ئاجىزلارنىڭ پەرۋەردىگارى، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم…»

مۆمىن «كەتكەن»گە ۋايسىمايدۇ ۋە «قۇرۇق ئارزۇ»لارغا بېرىلمەيدۇ

ئىنساننىڭ ئۆتمۈشكە ھەسرەتلىنىشى، ھازىرغا ئاچچىقلىنىشى، كەلگۈسىدىن قورقۇشى، ئۇنى روھى خاتىرجەملىك، ئازادە كەيپىياتتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلايدۇ.

بەزى كىشىلەر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىسا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۇنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرىنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋىتەلمەي زەردە گۆش بولۇپ، ئاھ ئۇرۇپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئۇنى قىلسام بوپتىكەن، بۇنى قىلمىسام بوپتىكەن دېگەن ئوي قاپلىۋالغان بولىدۇ. شائىر مۇنداق دېگەن:

ئېچىنمايمەن ئۆتمۈشكە، دەيدىغىنىم: «سالاۋات»

ئاقىل بولساڭ، قۇرۇق ئارزۇ، ئۆكۈنۈشنى يىراق ئات.

شۇنىڭ ئۈچۈن پسىخولوگىيە دوختۇرلىرى، پىداگوگ ۋە مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلار كىشىلەرگە دائىم كۆڭۈلسىز ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، ئۆز كۈنىنىڭ رېئاللىقىدا جۇشقۇن، تېتىك ياشاشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ.

ئۆتۈپ كەتتى ھامان ئۆتمۈش، تىلەكلەرگە ھايال باردۇر،

ئۆتەر ۋاقتىڭنى چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭدەك ئەسقاتار يوقتۇر.

دالى كارنىگمۇ خۇددى شۇنىڭدەك سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىلدىمكى ئۆتمۈشكە بىئارام بولۇش قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى تارتىلىپ بولغان ئۇننى تۈگمەنگە قايتا سالغاندەك ياكى كىپەكنى ھەرىدىگەندەك بىر ئىش بولىدۇ. سەن بۇ ئارقىلىق بىئاراملىقتىن باشقىغا ئېرىشەلمەيسەن، بىئاراملىق ئاخىرىدا يۈزۈڭگە قورۇق ياكى ئاشقازىنىڭغا جاراھەت پەيدا قىلىدۇ. لېكىن ئىنساننىڭ ئاجىز تەبىئىتى نۇرغۇن ئىشلارنى بېسىپ چۈشكەچكە، ئىنساننى تارتىلىپ بولغان ئۇننى قايتا تارتىدىغان، كەتكەن ئۆتمۈشكە ھەسرەتلىنىپ ئالىقىنىنى ئۇۋىلايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇنداق دەردلىك ھېسسىيات ۋە قاراڭغۇ ئويلارغا بويسۇنۇشتىن يىراقراق بولىدىغىنى – رەببىگە ۋە قازا – قەدەرگە ئىشىنىشى كۈچلۈك بولغان مۆمىندۇر. مۆمىن ئۆزىنى ئۆتمۈشكە ۋە ھادىسىگە ئولجا قىلىپ بەرمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئۆتمۈش ئاللاھ ھۆكۈم قىلغان ئىش بولۇپ چوقۇم ئىجرا بولاتتى. ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى مەمنۇنلۇق ۋە بويسۇنۇش بىلەن كۈتۈۋېلىش لازىم دەپ قارايدۇ. خۇددى شائىر ئېيتقاندەك:

بۇرۇن ئىرۇر ھەممىدىن خۇدا ھۆكمى، پۈتمىشى،

قۇرۇق تاپا، ئۆكۈنچتىن ئارام ئالدۇر يۈرەكنى.

يەنە بىر شائىر شۇنداق دەيدۇ:

قولدىن كەتكەن نەرسەڭنى ئالالمايسەن قايتۇرۇپ،

قۇرۇق ئارزۇ – ئارمان يەپ، «ئىسىت» ئېيتىپ ئاھ ئۇرۇپ.

 مۆمىن: ئەگەر مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى دېمەستىن، بەلكى بولسا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بولدى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ دەيدۇ. «ئەگەر…»، «ناۋادا…» دېگەن سۆزلەر رەسۇلۇللاھ تەلىم بەرگەندەك شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

مۆمىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ گەپ يوق ئىجرا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلانسۇن؟!

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلەر ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتشتىن بۇرۇن لەۋھىلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۇبھىسىزكى ئاللاھقا ئاساندۇر. (ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھىلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خوش بولۇپ كەتمەسلىكڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.»[15]

مۆمىننىڭ دائىملىق شوئارى: «ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھقا مەدھىيە ئېيتىمەن.» بۇنىڭ بىلەن مۆمىن ئۆتمۈشكە ئازاب چەكمەيدۇ ۋە ئەسلەملەر قوينىدا ئەلەم يۇتۇپ يۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ھەر قاچان ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇش يېتەرلىك بولىدۇ: «كىشىگە ھەرقانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا يېتىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.»[16] بۇ ھەم مۆمىنگە مەمنۇنلۇق نېمىتىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. بىز تۆۋەندە مەمنۇنلۇقتىن سۆز ئاچىمىز.

[1]  رۇم سۈرىسى 30 – ئايەت.

[2]  ئىنفىتار سۈرىسى 13-، 14- ئايەت.

[3]  ئەنئام سۈرىسى 71 – ئايەت.

[4]  ئەھزاپ سۈرىسى 22 – ئايەت.

[5]  فەتھ سۈرىسى 4 – ئايەت.

[6]  ئەنئام سۈرىسى 161-، 164 – ئايەتلەر.

[7]  زۈمەر سۈرىسى 22- ئايەت.

[8]  ئەنئام سۈرىسى 125- ئايەت.

[9]  مۇھەممەد سۈرىسى 35 – ئايەت.

[10]  فاتىھە سۈرىسى 5 – ئايەت.

[11]  فاتىھە سۈرىسى 6 – ئايەت.

[12]  ھەشىر سۈرىسى 10- ئايەت.

[13]  نىسا سۈرىسى 69 – ئايەت.

[14]  بەقەرە سۈرىسى 153 – ئايەت.

[15]  ھەدىد سۈرىسى  22 -، 23 – ئايەت.

[16]  تاغابۇن سۈرىسى 11- ئايەت.

بۇ تېما 77قېتىم كۆرۈلدى