چىكىنىڭ
مۇسۇلمان قېرىنداشلاردا تۆت خىل پوزىتسىيە

مۇسۇلمان قېرىنداشلاردا تۆت خىل پوزىتسىيە

بىز كۆپچىلىكنى بىزگە تۆۋەندىكى تۆت خىل پوزىتسىينىڭ بىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارايمىز:

  1. ئىشەنگەنلەر: بۇلار دەۋىتىمىزگە ئىشىنىدىغان، سۆزلىرىمىزنى تەستىقلايدىغان، پرىنسىپلىرىمىزنى ياقتۇرىدىغان، دەۋىتىمىزدىن ياخشىلىق كۈتىدىغان، قەلبى دەۋىتىمىز بىلەن تەسكىن تېپىپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولىدىغان كىشىلەردۇر. بىز بۇلارنى دەرھال بىزگە قوشۇلۇشقا ۋە بىرگە خىزمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. شۇ ئارقىلىق، ئاللاھ يولىدا جانپىدالىق قىلىدىغان مۇجاھىدلار كۆپەيسۇن، تەبلىغلىرى ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىدىغانلانىڭ ئاۋازى كۈچەيسۇن! ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغان ئېتىقادنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. شۇنداقلا، چىنپۈتۈلمىگەن ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىلمىگەن ئېتىقادنىڭمۇ كىشىگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.

ئاللاھ كۆڭلىگە ھىدايەت بەرگەن تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىپ، ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ يولغا بار-يوقىنى سەرپ قىلدى، قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ۋاقتى كەلگەندە جەڭ مەيدانىدا ھازىر بولدى. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتى بار. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتىدىنمۇ ئۇلارغا بىر ئۈلۈش بېرىلىدۇ، ئەمما ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتىدىن ھېچنېمە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ.

  1. ئارىسالدى بولۇۋاتقانلار: بۇلار دەۋىتىمىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تېخى كۆرۈپ يېتەلمىگەن، سۆزىمىزنىڭ سەمىمىي ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاڭقىرىپ بولالمىغان، ئارىسالدى ۋە دەرگۇمان كىشىلەردۇر. بىز ھازىرچە ئۇلارنى قارار ۋە گۇمانلىرىدا ئۆز مەيلىگە قويۇپ، بىز بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، نەشىر ئەپكارلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇشى، كىتابلىرىمىزغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىشى، مەركەزلىرىمىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشى ۋە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. مانا مۇشۇلارنى قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ خالىسا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئەمىن تاپىدۇ. پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەر ئارىسىدا دەسلەپ ئككىلەنگەنلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىدى.

  2. مەنپەئەتپەرەسلەر: بۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىسى تەگمىگۈچە ھېچ ئىش قىلمايدىغان، ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا تىرىشىدىغان كىشىلەردۇر. بۇلارغا ئېيتىمىزكى، تەلەپ قىلغان نەرسەڭ بىزدە بولمىسا، بىزگە ھېسداشلىق قىل، چۈنكى بىزنىڭ يېنىمىزدا ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن باشقا مۇكاپات يوق. ئەگەر سەمىمىي، راستچىل بولساڭ ۋە سەندىن ياخشىلىق كۆرۈلسە، مۇكاپاتى ئۈچۈن جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقىڭنى بىلىسەن.

بىز ئەمەل-مەنسەپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن پېقىر كىشىلەرمىز. بىزنىڭ يولىمىز-يېنىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئۈچۈن پىدا قىلىش، بار-يوقىمىزنى بۇ مەقسەتكە خىراجەت قىلىشتىن ئىبارەت. بىردىنبىر مەقسىتىمىز-ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مەمنۇنىيىتىگە ئېرىشىشتۇر. ئۇ (ئاللاھ) نېمىدېگەن ئېسىل دوست ۋە ياردەمچىدۇر؟!

ئەگەر ئاللاھ تائالا بۇنداق كىشىنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، مەنپەئەتپەرەسلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئاللاھ رازىلىقىنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ۋە باقىي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئاللاھنىڭ ئاخىرەتلىك ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پانىي دۇنيانىڭ مال-بايلىقىنى (بۇ يولغا) سەرپ قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار ئارىسىغا قېتىلىپ كېتىدۇ. ﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر﴾[1].

ئەگەر بۇ كىشى ئوڭشالماي، مەنپەئەتپەرەسلىكتە چىڭ تۇرىدىغان بولسا، بىلىپ قالسۇنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ جېنى، مېلى، دۇنياسى، ئاخىرەتلىكى، ھاياتى ۋە ئۆلۈمىدە ئاللاھنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ھەق ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىمايدىغانلارنى دوست تۇتمايدۇ. بۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ۋارىسلىق قىلىشىنى شەرت قويۇپ تۇرۇۋالغانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى: ﴿(ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ﴾[2].

  1. گۇمانخورلار: بۇلار بىزدىن يامان گۇمان قىلىدىغان، شۈبھىلىنىدىغان كىشىلەر بولۇپ، بىزگە پەقەت رەڭلىك كۆزەينەكنىڭ ئارقىسىدىن قارىشىدۇ؛ دائىما بىزنى رەنجىتىدىغان، يامان كۆرسىتىدىغان، قارىلايدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ؛ ئۆزلىرىنىڭ غورۇرىغا يېڭىلىپ، پىتنە-ئېغىۋاغا ئېسىلىۋالىدۇ ۋە ئاساسسىز گەپلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى خۇش قىلىپ يۈرىدۇ.

بۇنداق كىشىلەرگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىمىز مۇنداق: ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش؛ ئۇلارنى ھەقنى ھەق بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ۋە باتىلنى باتىل بىلىپ، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدىغانلاردىن قىلىشىنى، بىزگە ۋە ئۇلارغا ھەقنى ئىلھام قىلىپ بېرىشىنى تىلەش.

بىز دۇئالىرىمىزنىڭ قوبۇل بولۇشى، نىدالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ يالۋۇرىمىز. ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىمىز، چۈنكى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۈمىد باغلىنىدىغان يېگانە زات.

ھەر نەرسىگە قادىر ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىگە بەزى كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: ﴿شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ﴾[3].

مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىز ئۇلارنى يەنىلا ياخشى كۆرىمىز، سېپىمىزگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەۋىتىمىز ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئۆزىمىزگە ماياك قىلىمىز: ﴿ئى ئاللاھ! قەۋمىمنى ئەپۇ قىلغىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ﴾[4].

شۇنداق، بىز كىشىلەرنىڭ بىزگە يۇقىرىقى تۆت خىل پوزىتسىيەنىڭ بىرىگە تەۋە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ھەربىر مۇسۇلمان ئۆز نىشانى ۋە يۆلىنىشىنى ئېنىق بەلگىلەيدىغان، نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ۋاقىت كەلدى. غەپلەت، خىيالپەرەسلىك، بىخۇدلۇق، قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە كىم چاقىرسا شۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىشتەك بىمەنە قىلىقلار مۇسۇلمانلار قىلىدىغان ئىشلار ئەمەس.

ئىمام ھەسەن ئەلبەننا

 سۈرە نەھل، 96 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[1]

 سۈرە ئەئراف، 128 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[2]

 سۈرە قەسەس، 56 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[3]

 بۇخارى: 1452؛ مۇسلىم: (جىھاد) 104.[4]

بۇ تېما 303قېتىم كۆرۈلدى