چىكىنىڭ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىدە «لاإله الاالله»نىڭ تەلەپلىرى 3. شەرىئەتتىكى تەلەپ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىدە «لاإله الاالله»نىڭ تەلەپلىرى 3. شەرىئەتتىكى تەلەپ[1]

بىز يۇقىرىقى بۆلۈملەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇقكى، «لاإله الاالله» پەقەت ئەقىدىلا ئەمەس، بەلكى، بارلىق ساماۋىي ئەلچىلىكلەردە ئەقىدە بىلەن زىچ باغلانغان، زېمىندىكى ئىنسانلار ھاياتىنى ئىنتىزاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان يوليورۇقلاردۇر. بىزگە ئىلگىرىكى ساماۋىي ئەلچىلىكلەردىكى يوليورۇقلار ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بايانلاردىن باشقا ھېچقانداق مەلۇماتلار يېتىپ كەلمىدى، دېگەن ھالەتتىمۇ، ھېچبولمىغاندا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئەلچىلىكتىن باشلاپ «لاإله الاالله» ھاياتنىڭ مۇكەممەل «دەستۇرى» بىلەن زىچ باغلاندى. بۇ دەستۇر يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار دەۋرىدىكى ۋاقىتلىق «قانۇن» ئىدى. بۇ «قانۇن» مەيلى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر بولسۇن ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاشۇ ئۇممەتنىڭ ئىچىدىن ئەقىدىسىنى يېڭىلىغان ۋە ئۆزلىرىمۇ «بىز ئىسانىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دەپ ئىسا ئەلەيھىسسالام يېتەكلىگەن يولغا ئەگەشكەنلەر بولسۇن ئوخشاشلا ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالايتتى… ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن اللەنىڭ ئىلمىدا تەقدىر قىلىنغان ئاخىرقى ئەلچىلىك يېتىپ كەلدى. بۇ ئەلچىلىكنىڭ بارلىق ئىنسانلارنى نىشان قىلغان، تا قىيامەتكىچە زېمىندا ياشاپ ئۆتىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ ئىھتىياجلىرىنى تولۇق قاندۇرالايدىغان ھەمدە ئۇنىڭدا «قانۇن» مۇكەممەللەشكەن ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىلىك بولۇشى اللەنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.

بىز بۇ يەردە بۇ شەرىئەتنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە تولۇق سۆزلەپ بولالمايمىز. چۈنكى، بۇ دېگەن مەخسۇس بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، بۇ چەكلىك سەھىپىلەر ئۇنىڭ ساھەسى بولالمايدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەت «لاإله الاالله» بىلەن اللەنىڭ شەرىئىتىنى قانۇن قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك باغلىنىشچانلىقنى تەكىتلىمەكچىمىز. گەرچە بۇ ئەسلىدە ئوچۇق مەسىلە بولسىمۇ، بىراق، ئىدىيىۋى ھۇجۇمنىڭ چەكتىن ئېشىشى ۋە «ئەمەلي رېئاللىق»نىڭ ئۇممەت پەرزەنتلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ ئوچۇق مەسىلە بايان قىلىشقا مۇھتاج بولۇپ قالدى.

اللە مۇشرىكلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

)أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَهًا وَاحِدًا إِنَّ هَذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ (

«كاپىرلار: ”مۇھەممەد نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش“ دېدى.[2]»

)وَقَالَ الَّذِينَ أَشْرَكُواْ لَوْ شَاء اللّهُ مَا عَبَدْنَا مِن دُونِهِ مِن شَيْءٍ نَّحْنُ وَلا آبَاؤُنَا وَلاَ حَرَّمْنَا مِن دُونِهِ مِن شَيْءٍ (

«مۇشرىكلار: ”مۇبادا اللە خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز اللەنى قويۇپ ھىچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، اللەنىڭ رۇخسىتىسىز (يەنى اللەنىڭ ھۆكمىسىز) ھىچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق“ دېدى.[3]»

يۇقىرىقى ئىككى ئايەت شېرىكنىڭ ئۈچ چوڭ يىلتىزىنى بەلگىلەيدۇ. ئىسلام دەل ئاشۇ يىلتىزنى تۈپتىن قۇرۇتۇپ، دىننى اللە ئۈچۈن خالىس قىلىش مەقسىتىدە كەلگەن. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۈچ چوڭ يىلتىز ـــ اللەنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمەسلىك، ئىبادەتنى اللەنىڭ غەيرىگە قىلىش ۋە اللەنى قويۇپ ھالال-ھارام قىلىشتىن ئىبارەت. يەنى ئەقىدە، ئىبادەت ۋە قانۇن مەسىلىسى.

شېرىكنىڭ بۇ ئۈچ چوڭ يېلتىزىغا ئىماننىڭ ئۈچ چوڭ يېلتىزىنى قارىمۇ-قارشى ھالدا روبىرو تۇرىدۇ. ئىماننىڭ ئۈچ چوڭ يىلتىزى: اللەنىڭ بىرلىكىگە كەسكىن ئىمان كەلتۈرۈش، پۈتكۈل ئىبادەتنى شېرىكى يوق يالغۇز بىر اللەغا قىلىش ۋە بارلىق قانۇنلارنى قويۇپ، پەقەت اللەنىڭ شەرىئىتىنىلا قانۇن قىلىشتىن ئىبارەت. يەنى ئەقىدە، ئىبادەت ۋە قانۇن مەسىلىسى.

مانا بۇلار «لاإله الاالله»نىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىرى بۇزۇلسا، «لاإله الاالله» پۈتۈنلەي بۇزۇلىدۇ[4] (ئىمان قالمايدۇ).

ئون ئۈچ ئەسىر جەريانىدا ئىسلام ئۇممىتى «مۇسۇلمان اللەنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا بىر شەرىئەتنى ئۆزىگە قانۇن قىلىۋالسا، بىلىپ تۇرۇپ، رازى بولۇپ، اللەنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا بىر قانۇندىن ھۆكۈم ئىزدىسە، ئۇ يەنە داۋاملىق مۇسۇلمان بولىۋېرىدۇ» دېگەننى زادىلا ئويلاپ باققان ئەمەس.

بىراق، ئاخىرقى ئەسىر ئۇممەتنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچكىمنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

ئەسىرلەر جەريانىدا ئېغىپ كېتىش[5] دائىرىسى كۈنسىرى زورايماقتا. ئۇزاق مەزگىللەر داۋامىدا ئۇممەتنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھاياتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىسلام ھەقىقەتلىرىدىن ئۇممەت ئاستا-ئاستا يىراقلاپ بارماقتا. گەرچە ئۇممەت «لاإله الاالله»نىڭ بارلىق تەلەپلىرىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق، مۇنداق ئىككى ئىشتىن چىكىنىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى:

  1. ناماز؛
  2. اللەنىڭ شەرىئىتىنى قانۇن قىلىش.

بۇ ئىككىسى مۇسۇلماننىڭ ئوبرازى بولۇپ، مۇسۇلمان بۇ ئوبرازنى يوقىتىپ قويسىمۇ، يەنە ئۇنى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئاخىرقى ئەسىردە ئۇممەتنىڭ ئارقىغا چىكىنىشى ئاشتى، دۈشمەنلەرنىڭ ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھۇجۇملىرى كۈچەيدى، ئىدىيىۋى ھۇجۇم يۇقىرى چەككە يەتتى… نەتىجىدە ھېچكىمنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان ئىشلار يۈز بەردى. ئۇممەت ئىلگىرى چىڭ ئېسلىپ تۇرغان بۇ ئاخىرقى ئىككى نۇقتىدىنمۇ چىكىندى. شەيتانلار ئۇلارغا بۇ خىل چىكىنىشنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «ھە، ئەمدى ياخشى بولدى، ئۇممەت تەرەققىيات پەلەمپىيىگە قاراپ ئۆرلەشكە باشلىدى، ئالغا ئىلگىرىلىدى!» دېيىشتى.

ئۆز دىنىنىڭ ئالاھىدە رولىنى ئۇنۇتقان بۇ ئۇممەتكە شەيتانلار مۇنداق دېيىشتى: «ياۋروپاغا قاراڭلار! ياۋروپا دىننى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇنى تۇرمۇش رېئاللىقىغا ”ھاكىم“ بولۇشتىن يىراقلاشتۇرغاندىن كېيىنلا، ئاندىن تەرەققى قىلدى.»

شەيتانلار ئۇممەتكە يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بۇندىن ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى نازىل بولغان شەرىئەت نازىل بولغان چاغدىكى ئىپتىدائىي شارائىتقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۈگۈنكى زامانىۋى رېئاللىققا قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ؟ دۇنيا تەرەقىقى قىلمىدىمۇ؟ ئۇنداقتا، ھاياتتا يۈز بېرىۋاتقان تەرەققىياتقا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرىئەتنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم.»

ئۇممەتنىڭ ئۆز دىنىنى بىلمەسلىكى، دۈشمەنلەر ئىسلام ئەللىرىدە پەيدا قىلغان ئىدىيىۋى ھۇجۇم ۋە «ئەمەلى رېئاللىق»نىڭ بېسىمى ئالدىدىكى بىچارىلىكى سەۋەبىدىن تولۇق بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۇ يالغان-ياۋىداق «گەپلەر»نى راسىت دەپ تەستىقلىدى… (اللە رەھىم قىلغان كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا).

ئۇممەت ئاشۇ ساختا ئويدۇرمىلارغا قارشى مۇنازىرە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇرنىدىن دەس تۇرمىدى. چۈنكى، ئەقىدە ۋە ئىمان جەھەتتىكى قالاقلىق سەۋەبىدىن ئۇممەتنىڭ روھىيىتىدە پەيدا بولغان بوشلۇق ئۇلارغا ئىمانىي ئۈستۈنلۈكتىن ھېچنەرسىنى قالدۇرمىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە اللە مۇئمىنلەر گەرچە ئۇرۇشتا دۈشمەنلەر ئالدىدا مەغلۇب بولۇپ كەتسىمۇ، بىراق، ئاشۇ ئۈستۈنلۈكنى ھېس قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى:

)وَلاَ تَهِنُوا وَلاَ تَحْزَنُوا وَأَنتُمُ الأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ (

«(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.[6]»

)وَلِلَّهِ الْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِ وَلِلْمُؤْمِنِينَ (

«غەلىبە اللەغا، اللەنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ.[7]»

ئەقىدە ۋە ئىمان جەھەتتىكى قالاقلىقتىن كېلىپ چىققان ھەربىي، ئىلمىي، ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكا قالاقلىقى[8] مۇسۇلمانلارنى مۇشۇ مەيدانلارنىڭ ھەممىسىدە غەرب بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشىدە – كۈرەشكە يۈزلىنىشتىن ئىلگىرىلا – روھىي جەھەتتە ئېزىپ، كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى. شۇڭا ئۇلاردىن ھېچبىرى – كۆڭلىدە بولسىمۇ- «غەربنىڭ ئۆلگىسى يارىمايدۇ، ھېچبولمىغاندا بىزگە يارىمايدۇ» دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

ھەي!!!… چۈپرەندە «گىگانت»نى تەنقىد قىلىشقا قانداقمۇ پېتىنالىسۇن؟!… بۇنداق قىلغانلىق ئەقىلدىن ئاداشقانلىق بولمامدۇ؟!…

*   *   *   *   *

ئەمما، ”ياۋروپا دىنىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن ئاندىن تەرەققى قىلدى“ دېگەن گەپلەر ھەققىدە بىر قانچە كىتابلىرىمدا تەپسىلى سۆزلىدىم[9] (شۇڭا، بۇ يەردە ئۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىپ ئولتۇرمايمەن).

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ياۋروپا اللەنىڭ دىنىنى ھېچقاچان اللە تەرەپتىن نازىل بولغان ساپ، سۈزۈك ھالىتىدە تونۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. ئەمەلىيەتتە ياۋروپانىڭ تونۇغىنى ۋە ئون ئىككى ئەسىر «دىن» دەپ چىڭ ئېسىلغىنى اللەنىڭ دىنى ئەمەس، بەلكى، پائۇلنىڭ دىنى بولۇپ، ئۇ بىر ئەبجەش دىن ئىدى. پائۇل[10] زىددىيەتلىك پىكىر، كۆز-قاراش ۋە تەلىماتلارنى بىر يەرگە توپلاپ، بۇ ئاتالمىش «دىن»نىڭ مەنبەسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنى تەستىقلىغان، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلغان، ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشلارنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇش قىلغان… ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنى چۆرۈپ تاشلىغان «قەۋم»دىن ھەر قانداق ئىنسان ئەجەپلەنمەي تۇرالمايدۇ.

ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ ئەبجەش دىننى چۆرۈپ تاشلىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. بەلكى، ئەجەپلىنەرلىك بولغىنى ئۇلارنىڭ بۇ دىننى تەستىقلىغانلىقى ۋە مىڭ يىللاپ بۇ دىنغا چىڭ ئېسىلىپ ياشىغانلىقىدۇر.

ئەجەبا، اللەنىڭ دىنى ھەق دەپ بىلىدىغان بىر مۇسۇلمان: «ياۋروپا تەرەققى قىلىش ئۈچۈن دىنىنى چۆرۈپ تاشلىغاندەك، مەن دىنىمنى چۆرۈپ تاشلايمەن» دېسە، توغرا بولامدۇ؟!

)وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَى وَالْبَصِيرُ، وَلَا الظُّلُمَاتُ وَلَا النُّورُ، وَلَا الظِّلُّ وَلَا الْحَرُورُ (

«كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن) باراۋەر بولمايدۇ. زۇلمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ. سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ.[11]»

مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنىڭ ھەقلىقىنى تونۇغان، تارىخىنى ئوقۇغان، مىراسلىرىدىن خەۋەردار بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا، ياۋروپالىقلارنى ھالاكەتكە سۆرەپ ماڭغان تەرەققىيات بۇزغۇنچىلىقى ئىسلام دۇنيا ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلب ۋە ئەقىللىرىنى ھەرگىز بولغىۋەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقەتەن ياۋروپالىقلارنىڭ ھاياتى ئىزچىل تۈردە تەڭپۇڭ، ئوتتۇراھال بىر نۇقتىدا توختىماستىن، ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە تەۋرىنىپ تۇرغان بىر ھايات بولدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى تارىختىكى جاھىلىيەتلەردىن ھەر قانداق بىر جاھىلىيەتتە يۈز بېرىدىغان زۇلۇم ۋە جىنايەتلەرگە قارشى داۋاملاشقان «قايتۇرما ئىنكاس»دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

بىز ياۋروپالىقلارنىڭ ھاياتىدا جانلىقلىق، چىدامچانلىق، ئىزچىللىق ۋە ئۆتكۈر ئىرادىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز… بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا دىننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى مۇقەررەردۇر.

ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ھاياتى جىنايەت بىلەن تولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ قانچىلىك ئۇزاق داۋاملاشقانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېساپتا ھامان ھالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ھاياتى ھەققىدە اللەنىڭ مۇنۇ سۆزى يېتەرلىكتۇر.

)وَقَدِمْنَا إِلَى مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاء مَّنثُورًا (

«بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز).[12]»

ياۋروپا مۇشۇنداق تەۋرىنىشلەرنىڭ بىرىدە ھەر بىر نەرسىدىكى مۇتلەق «تۇرغۇنلۇق» ئىدىيىسىدىن ھەر بىر نەرسىدىكى مۇتلەق «تەرەققىيات» ئىدىيىسىگە كۆچتى. تەڭپۇڭ، ئوتتۇراھال بىر نۇقتىدا توختىمىدى. بۇ نۇقتا ئىنسان ھاياتىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ «تۇراقلىق» بولمايدىغانلىقى ياكى «تۇراقلىق» بولسا بولمايدىغانلىقى ۋە ھەممە نەرسىنىڭ «ئۆزگىرىشچان» بولمايدىغانلىقى ياكى «ئۆزگىرىشچان» بولسا بولمايدىغانلىقى، بەلكى، ئىنسان ھاياتىدا ھەم «تۇراقلىق» ھەم «ئۆزگىرىشچان» ئامىللارنىڭ بولىدىغانلىقى، «تۇراقلىق» ئامىللارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى، «ئۆزگىرىشچان» ئامىللارنى «تۇراقلاشتۇرۇش»قا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىنسا، ئىنساننىڭ ھاياتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، «مىزان»نى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەتتى.

)لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ(

«بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق.[13]»

*   *   *   *   *

قانۇن چىقىرىش مەسىلىسى ئۇلۇھىيەت مەسىلىسى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشچانلىققا ئىگە مەسىلىدۇر…

بۇ مەسىلە ئۇلۇھىيەت مەسىلىسىگە بىر چېتىق بىلەن ئەمەس، بەلكى، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى چېتىق بىلەن باغلىنىدۇ…

بىرىنچى چېتىق شۇكى، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى اللەغا مەنسۇپ، چۈنكى، اللە ياراتقۇچىدۇر.

)أَلاَ لَهُ الْخَلْقُ وَالأَمْرُ (

«يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا اللەنىڭ ئىلكىدىدۇر.[14]»

بەلگىلەش ھوقۇقى اللەغا مەنسۇپ!… يەنى «بۇ بولىدۇ، بۇ بولمايدۇ، بۇ توغرا، بۇ خاتا، بۇ چىرايلىق، بۇ سەت، بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېيىش ھوقۇقى بىر اللەغا خاس. چۈنكى، اللە ياراتقۇچىدۇر. ئۇ ئاسمان-زېمىننى ۋە ئىنساننى ياراتتى. ئىنسانغا تەپەككۇر قىلىدىغان ئەقىلنى، ھېس قىلغۇچى سەزگۈ ئەزالارنى ۋە سانسىزلىغان نېمەتلەرنى بەردى. اللەننىڭ خاس ھوقۇقلىرىدىن بىر ھوقۇقنى –قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى- اللەدىن تارتىۋالماقچى بولغان بۇ ئىنسان ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ياراتمىدى. ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا رىزىق بەرمىدى. بەلكى، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتغۇ ئەلۋەتتە اللەغا مۇھتاج، ئۇنىڭدىن باشقا ئىچىدىغان بىر يۇتۇم سۇ، نەپەسلىنىدىغان ئازغىنە ئوكسىگېن، كېرەكلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى… دېگەندەك چوڭ-كىچىڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ياراتقۇچىسىغا مۇھتاج!.

ئۇنداقتا، ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسى قارار چىقىرىدۇ؟ يارىتالايدىغان زاتمۇ ياكى يارىتالمايدىغان زاتمۇ؟

)أَفَمَن يَخْلُقُ كَمَن لاَّ يَخْلُقُ أَفَلا تَذَكَّرُونَ (

«(پۇتۇن كائىناتنى) ياراتقان اللە بىلەن (ھېچ نەرسىنى) يارىتالمايدىغان (بۇتلار) ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلىمامسىلەر.[15]»

)وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ اللّهِ لاَ يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ (

«ئۇلارنىڭ اللەنى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى (يەنى بۇتلىرى) ھېچ شەيئىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر (يەنى ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغاندۇر).[16]»

بۇ ئايەت جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان ئويدۇرما ئىلاھلارنىڭ يارىتىش خۇسۇسىيىتى بولمىغانلىقتىن ئىبادەتكە لايىق كەلمەيدىغانلىقىغا دېققىتىمىزنى تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىراق، ئايەتنىڭ مەنىسى ئۇلۇھىيەتنى دەۋا قىلغان، كىشىلەر اللەنى قويۇپ، ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالغان ھەر قانداق كىشىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى دەۋا قىلغۇچىدا «ئۇلۇھىيەت دەۋاسى» بىلەن «خۇدالىق دەۋاسى» تەڭ تېپىلىدۇ. چۈنكى، بىر تەرەپتىن ئۇ ئۆزىنى اللەنىڭ شېرىكى قىلىۋالغان بولىدۇ. مەسىلەن: اللە «بۇ ھارام» دېسە، ئۇ «ھالال» دەيدۇ. اللە «بۇ توغرا» دېسە، ئۇ «خاتا» دەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆزى خالاپ ھالال ۋە ھارام (قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز) دەپ بەلگىلەپ بەرگەن تۈزۈم ۋە پرىنسىپلىرىغا ئەگىشىۋاتقان كىشىلەر ئۇنى اللەنىڭ شېرىكى قىلۋالغان بولىدۇ. اللە يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار ھەققىدە مۇنداق دېدى:

)اتَّخَذُواْ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ (

«ئۇلار (يەھۇدىي-ناسارالار) ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) مەبۇد قىلىۋالدى.[17]»

ئەدىي ئىبنى ھاتەم ئىبادەت ئۇقۇمىنى بىلمىگەنلىكتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇلار موللا-راھىبلىرىغا چوقۇنمىغان ئىدىغۇ؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ: «ئۇلار ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلىپ بەرسە شۇنىڭغا ئەگەشى ئەمەسمۇ؟ مانا بۇ ئۇلارنىڭ موللا-راھىبلىرىغا چوقۇنغانلىقىدۇر[18]» دېدى.

بۇ شەرىئەت مەسىلىسىنى ئۇلۇھىيەت مەسىلىسىگە بىۋاستە باغلايدىغان بىرىنچى چېتىقتۇر: يەنى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى يارىتىدىغان زاتقا مەنسۇپ، يارىتىش ئىقتىدارى بولمىغان زاتقا ئەمەس!… ئۇ مەيلى بۇت ياكى ئىنسان بولسۇن، ھاكىم ياكى مەھكۇم بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە اللەنىڭ مۇنۇ سۆزى ئۇيغۇن كېلىدۇ:

)إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ لَن يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ وَإِن يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَّا يَسْتَنقِذُوهُ مِنْهُ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ (

«شۈبھىسىزكى، سىلەر اللەنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر.[19]»

ئىككىنچى چېتىق اللەنىڭ سۈپەتلىرىدىن )الْخَالِقُ( «ياراتقۇچى» دېگەن سۈپىتىدىن باشقا، )اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ( «شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار» ۋە )الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ( «ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى» دېگەن بىر قانچە سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ھەقىقەتەن قانۇن تۈزگۈچى قانۇنلىرىنىڭ ئاممىباب بولۇشى ئۈچۈن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولۇشى، قانۇنلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە ۋە ئەھۋالىغا مۇناسىپ بولۇشى ئۈچۈن قانۇنغا رېئايە قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگۈچى بولۇشى، قانۇنلاردىن بۈگۈن ياكى كەلگۈسىدە زىيانلىق نەتىجە كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن قانۇن پەيدا قىلىدىغان تەسىرلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى، مەخپى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن شەيئىلەرنىڭ ئەڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچى بولۇشى لازىم. ئىنسانلار ئىچىدە كىم ئۆزىنى «مەن مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە، مەندە بۇ خىل سۈپەتلەر اللەغا قارىغاندا كۆپرەك تېپىلىدۇ» دەپ ئېيتالايدۇ؟!

)أَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللّهُ (

«سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى اللە ئوبدان بىلەمدۇ؟.[20]»

)وَعَسَى أَن تَكْرَهُواْ شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ وَعَسَى أَن تُحِبُّواْ شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَّكُمْ وَاللّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لاَ تَعْلَمُونَ (

«سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اللە بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن اللە بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار).[21]»

ياۋروپا خاتا ھالدا اللەنىڭ دىنى دەپ ئويلىغان پائۇلنىڭ دىنىدىن چىكىنىپ چىقىپ، ئۆزىنى: «بويۇنتۇرۇقتىن ئازات بولدۇق، ئەمدى اللەنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىھتىياجلىق ئەمەسمىز» دېگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى شەخىس، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ھاياتىدا قانداق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى؟

ياۋروپا جەمئىيىتىدە ئاياللارغا چۈشۈۋاتقان زۇلۇمنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاياللارنى «ئازات» قىلغان، ئاياللارنىڭ ۋە ئاياللار بىلەن بىرگە ئەرلەرنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇپ، ئائىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغان، كوچا بالىلارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان، جىنسىي قالايمىقانچىلىق ۋە جىنايەت جەمئىيەتكە كەڭرى يامرىغان چاغدا ياۋروپا قانۇنلىرى نېمە قىلالىدى[22]؟!

جىنايەتكە بېرىلىدىغان جازانى ئىزچىل تۈردە يەڭگىللىتىپ، ئاخىرى جىنايەت جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان ئادەتتىكى بىر ئىشقا، بەلكى، تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان چاغدا ياۋروپا قانۇنلىرى نېمە قىلالىدى؟!

جازانىنى ھالال قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى جازانە ئۈستىگە تىكلىگەن، ئاندىن كاپىتالىزم تاغۇتلىرى بايلىق ۋە پاراۋانلىقنى كۆپەيتىپ، كەمبەغەللەرنىڭ نامراتلىق ۋە بىچارىلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمگەكچىلەرنىڭ قانلىرىنى شوراپ، ئۇلارنى قۇل قىلغان چاغدا ياۋروپا قانۇنلىرى نېمە قىلالىدى؟!

ياۋروپا خەلقئارا سىياسىتىنى – ئۆزىنى چوڭ دۆلەتلەر دەپ ئاتىۋالغان – تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈستىگە قۇرغان، كىچىك دۆلەتلەرنى ئولجا كەبى تالان-تاراج قىلغان، ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق بىر خەلقئارالىق جازادىن «ۋېتو ھوقۇقى» (چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قوغدىنىش ھوقۇقى) بىلەن ئۆزىنى قوغدىغان چاغدا ياۋروپا قانۇنلىرى نېمە قىلالىدى؟!

ياۋروپا: «بىز بويۇنتۇرۇقتىن ئازات بولدۇق، ئەمدى اللەنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىھتىياجلىق ئەمەسمىز» دەپ جار سالغاندىن كېيىن يەر شارىنىڭ ھەممە جايلىرىنى قاپلىغان بۇزۇلۇش، ئىزتىراب، ئۇرۇش، قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملار ئالدىدا ياۋروپا قانۇنلىرى نېمە قىلالىدى؟!

*   *   *   *   *

بىز يۇقىرىدا قانۇن چىقىرىش مەسىلسى بىلەن ئۇلۇھىيەت مەسىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. ھەمدە اللە ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن اللەنىڭ شەرىئەتتىكى ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتكۈل كائىناتتكى ھاكىمىيىتىنىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق.

)إِنِ الْحُكْمُ إِلاَّ لِلّهِ، أَمَرَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ (

«ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت اللەغىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان. [23]»

)لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ (

«(مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت اللەغا خاستۇر، سىلەر اللەنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.[24]»

)هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاء وَالْأَرْضِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّى تُؤْفَكُونَ (

«اللەدىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ اللەدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (اللەنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟.[25]»

)وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِن شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبِّي عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ، فَاطِرُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ جَعَلَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَمِنَ الْأَنْعَامِ أَزْوَاجًا يَذْرَؤُكُمْ فِيهِ لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ البَصِيرُ، لَهُ مَقَالِيدُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاء وَيَقْدِرُ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ، شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَن يَشَاء وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ (

«سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا اللە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ اللە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) اللەغا مۇراجىئەت قىلىمەن. اللە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، اللە سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق اللە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى اللەغا ئوخشاش ئەمەستۇر، اللە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى اللەنىڭ ئىلكىدىدۇر، اللە خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، اللە ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. اللە سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، اللە تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، اللەنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ.[26]»

)أَمْ لَهُمْ شُرَكَاء شَرَعُوا لَهُم مِّنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَن بِهِ اللَّهُ (

«ئۇلارنىڭ اللە رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟.[27]»

ئەگەر بىزگە بۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئايدىڭ بولغان بولسا، ئۇنداقتا، بىز ئىلاھىي شەرىئەتنىڭ باشقا قانۇنلاردا تېپىلمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى!

)أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللّهِ حُكْمًا لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ (

«ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (اللەغا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە اللەدىنمۇ ئادىل كىم بار؟.[28]»

ئېنىقكى، جاھىلىيەتنىڭ ھۆكمى ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە چىقىرىپ بەرگەن ھۆكمىدۇر. بۇ ئايەت كەرىمە شۇنى ئېنىق بايان قىلىدۇكى، ھەقىقەتەن بۇ يەردە ھۆكۈمنىڭ ئىككىلا تۈرى مەۋجۇت، ھەرگىزمۇ ئۈچىنچىسى مەۋجۇت ئەمەس. بىر بولسا اللەنىڭ ھۆكمى، بىر بولسا جاھلىيەتنىڭ ھۆكمى. شۇ سەۋەپتىن اللەنىڭ قانۇنىنىڭ غەيرى بىلەن قىلىنغان ھەر قانداق ھۆكۈم ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى قانداق بولسۇن، شەكلى ۋە مەزمۇنلىرى قانداق بولسۇن پۈتۈنلەي جاھىلىيەتنىڭ ھۆكمىدۇر.

كىشىلەر اللەنىڭ شەرىئتىگە رېئايە قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا، جەزمەن ئىنسانلار قانۇن تۈزگۈچى بولىدۇ. قانۇن تۈزگۈچى مەيلى شەخس بولسۇن ياكى كوللىكتىپ بولسۇن ياكى بارلىق ئىنسانلار توپى بولسۇن بەربىر «ئىنسان» دېگەن كاتېگورىيىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بارلىق ھۆكمى جاھىلىيەتنىڭ ھۆكمى بولىدۇ.

ئىلاھىي شەرىئەتتە كىشىنىڭ ئەڭ بەك دېققىتىنى تارتىغىنى «ئومۇمىيلىق» ۋە «ئۇنىۋېرساللىق»دۇر. دىن مۇكەممەللىشىپ، اللە:

)الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِينًا (

«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم.[29]»

دېگەن چاغدىلا ئىلاھىي شەرىئەت ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ۋە ئىنساننىڭ زېمىندىكى ھاياتىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىپ بولغان.

بۇ يەردە ئىنسان ھاياتىدىكى تۇراقلىق ۋە ئۆزگىرىشچان مەسىلە پەيدا بولىدۇ-دە، مۇنداق بىر سوئال كېلىپ چىقىدۇ: شەرىئەت نازىل بولغىلى ئون تۆت ئەسىر بولدى، ئون تۆت ئەسىردىن بۇيان ھايات ئىزچىل تۈردە ئۆزگىرىپ، تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، قەدىمقى زاماندا نازىل بولغان شەرىئەتنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنگە ھۆكۈم قىلىشقا قانداق سالاھىيىتى توشىدۇ؟

بۇ يەردە جاھىلىيەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ-دە: «ئۇنداقتا، ئىنسانلار ئۆزىگە ئۆزى قانۇن تۈزۈشى لازىم، چۈنكى، تۇرغۇن شەرىئەتنىڭ ھاياتنىڭ يېڭىلىقلىرى بىلەن ماسلىشالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىنسان ئاي شارىغا چىقتى، ئاتۇمنىڭ سىرىنى يەشتى، ھەيران قالارلىق ”مۆجىزىلەر“نى ياراتتى» دەيدۇ.

ئاتالمىش مۇسۇلمانلاردىن مۇشۇنداق گەپنى دەيدىغانلار ئىلاھىي شەرىئەت ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىغان، ئۆز ئۇممىتىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ باقمىغان، شانلىق ئەنئەنىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. چۈنكى، ئۇلار غەربنىڭ «ئارتۇقچىلىقلىرى» ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ، روھى قۇللۇق ئىسكەنجىسىگە چۈشكەندىن باشلاپ، ئىسلام ھەقىقەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، خرىستىئانلار مۇسۇلمان ئەللىرىدە پەيدا قىلغان ئىدىيىۋى ھۇجۇم ۋە «ئەمەلىي رېئاللىق»نىڭ بېسىمى ئاستىدا يەنچىلىپ، كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر.

)وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَّقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاء وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى أُوْلَئِكَ يُنَادَوْنَ مِن مَّكَانٍ بَعِيدٍ (

«مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: ”نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟“ دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك-شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)[30]»

ھەقىقەتەن ئىنسان ھاياتىدا – بارلىق كائىنات قۇرۇلمىسىدىكىدەكلا- تۇراقلىق ۋە ئۆزگىرىشچان ئامىللار مەۋجۇت…

ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا كىشىلەر ماددىي كائىناتقا نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. يەنى بۇ يەردە دائىملىق بىر ئۆزگىرىش مەۋجۇت ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتقاندا كائىناتنىڭ شەكلىدە دائىملىق بىر تەرەققىيات مەجۇت: يۇلتۇزلار يوقۇلۇپ، (يېڭىدىن) يۇلتۇزلار پەيدا بولىدۇ. تۇمانلىق بۇلۇتلار توپلىشىپ، پلانېتالار تارقاقلىشىدۇ… نۇرلۇق مەدەنلەر نۇرسىز مەدەنلەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاتۇم ئېغىرلىقى ئۆزگىرىدۇ… بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇراقلىق ئوق رامكىسى ئىچىدە تاماملىنىدۇكى، ئۇنىڭ ئاساسى كائىناتنىڭ سىرتقى شەكلىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ئاتوم تەركىبى بولىدۇ.

مۇسۇلمانلار مۇشۇ دىننىڭ تەلەپلىرىگە رېئايە قىلغان، قەلبلىرىنى «لاإله الاالله» ئۈچۈن خالىس قىلغان، نەتىجىدە اللەنىڭ نۇرى بىلەن ئۇلارنىڭ پاراسىتى نۇرلانغاندىن باشلاپ، ئىنسانلار ھاياتىدىكى بۇ خىل تۇراقلىق ۋە ئۆزگىرىشچان ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن.

مۇسۇلمانلار شۇنى تونۇپ يەتكەنكى، ھەقىقەتەن ئىنسانلار ھاياتىدا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان تۇراقلىق ئىشلار مەۋجۇت. ئەگەر بۇلار ئۆزگەرتىلسە ھايات بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. يەنە شەكىل جەھەتتىن دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىشلار مەۋجۇت. بىراق، بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى ئۆزگەرمەيدىغان تۇراقلىق قائىدىلەرنىڭ كونتروللۇق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئۆزگىرىش تۇراقلىق قائىدىلەرنىڭ كونتروللۇق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا، بۇ خىل ئۆزگىرىش غايەت زور چۇۋالچاق بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇكى، ئۇنى ھېچقانداق بىر ئۆلچەم ياكى رامكا كونترول قىلالمايدۇ.

مۇسۇلمانلار شۇنى تونۇپ يەتكەنكى، ئىلاھىي شەرىئەت بۇ كائىنات ھەقىقىتى بىلەن ئىنسانلار ھاياتىدا ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇچرىشىدۇ. ئىلاھىي شەرىئەتتىكى ئۆزگەرمەس تۇراقلىق ھەقىقەتلەر ئىنسانلار ھاياتىدىكى تۇراقلىق ئىشلارنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، ئىلاھىي شەرىئەتتىكى تۇراقلىق قائىدىلەر ئىنسانلار ھاياتىنىڭ بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىشلارغا ئۆلچەم بەلگىلەپ بېرىدۇ. اللە تائالا – مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىستە بولسۇن- تۇراقلىق ئىشلار ھەققىدىكى كونكرېت ھۆكۈملەرنى نازىل قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزگىرىشچان ئىشلار ھەققىدىكى ئابستراكت ھۆكۈملەرنمۇ نازىل قىلغان. ئاندىن «لاإله الاالله»نىڭ تەلەپلىرىگە رېئايە قىلىدىغان مۇئمىننىڭ ئەقلىگە يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىشلارنى تۇراقلىق ھۆكۈملەرگە چۈشۈرۈشتە «ئىجتىھاد» قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن. نەتىجىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ۋەھيى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار بارلىق ئىشلاردا قۇرئان ۋە ھەدىسكە تايانغان ھالدا بۇ دىننى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشقا كىرىشكەندىن تارتىپلا بىۋاستە باشلانغان «فىقھىي» مەيدانغا كەلگەن.

ئىجتىھاد ــ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى تۇراقلىق ئىشلار بىلەن ئۆزگىرىشچان ئىشلار ئوتتۇرىسىنى ماسلاشتۇرىدىغان دائىملىق قورالدۇر.

ئەلمانىيلار ساختا دەۋالارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق اللەنىڭ شەرىئتىنى بىكار قىلىۋېتەلەيمىز دەپ ئويلايدۇ.

)يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ، هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ (

«ئۇلار اللەنىڭ نۇرىنى (يەنى اللەنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اللە ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر). مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اللە ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى.[31]»

ئەلمانىيلارنىڭ بەزىلىرى مۇنداق دېيىشىدۇ: ئىسلامىي ھايات شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تۇرغۇنلۇقى ۋە ئىنسانلار ھاياتىدا يېڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك يېڭىلىقلار بىلەن ماسلىشالماسلىقى سەۋەبىدىن ئاخىرقى ئۈچ ئەسىردە قاتماللىشىپ قالدى.

ئۇلار بۇ باتىل سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ اللەنىڭ دىنىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالىدۇ. بەلكى، ئۇلار مۇسۇلمانلار اللەنىڭ دىنىغا كىرىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ دەرۋازا- ئەقىدە دەرۋازىسى- دىن بىمالال چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار – گەرچە بۇنى ئاڭلىق تۈردە ھېس قىلالمىسىمۇ- اللەنىڭ ئىلىم ۋە ھېكمەت سۈپىتىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ– نادانلىق ئىچىدە ئېيتىلغان- بۇ گەپلىرىدىن گويا ”اللە بۇ شەرىئەتنى يولغا قويغان چاغدا كېيىنكى ئەسىرلەردە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەن، اللە پەرز قىلغان شەرىئەت كىشىلەر ھاياتىدىكى يېڭىلىقلارغا ماس كەلمەيدىكەن، يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان شارائىتقا تەدبىقلىغىلى بولمايدىغان شەرىئەتنى يولغا قويۇش ھېكمەتلىك (پەم-پاراسەتلىك) كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس“ دېگەندەك بىر مەنا چىقىپ تۇرىدۇ.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە مۇنداق دېيىشىدۇ: ئىجتىھاد دېگەن ئىنسانىي قىلمىش… ئەمەلدە تەدبىقلانغىنى اللەنىڭ شەرىئىتى ئەمەس، بەلكى، ئىنساننىڭ اللەنىڭ شەرىئىتىگە بولغان چۈشەنچىسى. ھەقىقەتەن بۇ خىل مەنادىكى اللەنىڭ شەرىئىتى ماھىيەتتە مەۋجۇدىيىتى (تۇتقىلىقى) يوق بىر نەرسە. بەلكى، اللەنىڭ شەرىئىتىگە بولغان ئىنسانىي تەسەۋۋۇر. بۇ خىل تەسەۋۋۇر ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بىر فەقىھ بىلەن يەنە بىر فەقىھ ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك يوق (ئىختىلاپ بار)… ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بىز ماھىيەتتە مەۋجۇدىيىتى (تۇتقىلىقى) يوق ياكى «پەقەت مۇشۇلا اللەنىڭ شەرىئىتى» دېگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىنى «قانۇن» دەپ يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز؟!.

ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى مۇنداق دېيىشىدۇ: ئىجتىھاد ئىنساننىڭ قىلمىشى بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا، نېمىشقا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كەسكىن بىر قارارنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز؟!… يەنى شەرىئەت ئىسىملىك بۇ نەرسىنى نېمىشقا دېققەت-ئىتىبارىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىيالمايمىز؟ نېمىشقا سېقىلماي يەرلىك قانۇننى قوبۇل قىلالمايمىز؟ چۈنكى، ئۇ ئىنسانلار ھاياتىدا پەيدا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلارغا تامامەن ماس كېلىدىغان «زامانىۋىي»، «تەييار» قانۇندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس قانۇن ئەمەس. بەلكى، ئۇ ئىنسانلار تۈزگەن ئادەتتىكى قانۇن. خالىساق ئۆزگەرتەلەيمىز، خالىساق ئەمەلدىن قالدۇرالايمىز.

بۇلار ـ گەرچە «قانۇنشۇناس» بولسىمۇ- ئۆزىمۇ خاتالاشقان، باشقىلارنىمۇ ئوچۇق، قەبىھ خاتالىق بىلەن ئازدۇرغان كىشىلەردۇر…

توغرا، تېكىست (ئايەت ياكى ھەدسنىڭ تېكىستىنى) ئىزاھلاشتا ھەقىقەتەن ئىختىلاپ بار. يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن تۇراقلىق قائىدىلەردىن پايدىلىنىشتىمۇ ئىختىلاپ بار… بىراق، بۇ قەدىمدىن تارتىپ مەجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەھۋال بولۇپ، فەقىھلەر مەيدانغا كەلگەندىن باشلاپلا بۇ ئىختىلاپ ئۇلارغا ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى. فەقىھلەر بىر-بىرىنى ئىختىلاپ پرىنسىپى بويىچە ئېتىراپ قىلىشقان ئىدى. ئۇلار بۇنى شەرىئەتتىكى يوچۇق ياكى شەرىئەتنى بىكار قىلغانلىق ياكى شەرىئەتنى ماھىيەتتە مەۋجۇدىيىتى (تۇتقىلىقى) يوق شەكلىي بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق دەپ قارىمىغان ئىدى.

بۇنداق قەبىھ خاتالىقنى سادىر قىلغۇچىلار مۇجتەھىدلارنىڭ ئىجتىھاد چېگرىسىدىن غەپلەتتە قىلىپ، ئىجتىھادنى ئۆلچەمسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ئىش دەپ ئويلاپ قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە ئىجتھاد ھەرگىزمۇ ھارامنى ھالال قىلالمايدۇ. ھالالنى ھارام قىلالمايدۇ. شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە تېخىمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ.

اللە ۋە پەيغەمبەر ئورناتقان چەك-چېگرالارغا رېئايە قىلىدىغان ئىجتىھاد بىلەن ئىنسانىي نۇقتىئىنەزەردىن باشقا ھېچقانداق ئۆلچىمى يوق ئىجتىھاد (ئىنسانىي خاھىش) ئوتتۇرىسىدا رېئال دۇنيادا چوقوم پەرق بار.

بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىش ھاجەتسىز…

فەقىھلەر ئىجتىھاد قىلىدىغان، بىراق، -ئىجتىھادتا- «پاھىشنىڭ ھاراملىقى»دا چىڭ تۇرىدىغان جەمئىيەت بىلەن قانۇنشۇناسلىرى كۆپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق پاھىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان جەمئىيەت باراۋەرمۇ؟!

فەقىھلەر ئىجتىھاد قىلىدىغان، بىراق، -ئىجتىھادتا- «جازانىنىڭ ھاراملىقى»دا چىڭ تۇرىدىغان جەمئىيەت بىلەن قانۇنشۇناسلىرى كۆپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق جازانىگە رۇخسەت قىلىدىغان ۋە جازانىنى ھالاكەتلىك ئىقتىسادىي قورالغا ئايلاندۇرىدىغان جەمئىيەت باراۋەرمۇ؟!

فەقىھلەر ئىجتىھاد قىلىدىغان، بىراق، -ئىجتىھادتا- «ھەد (جازا)نى يولغا قويۇشتا»دا چىڭ تۇرىدىغان جەمئىيەت بىلەن قانۇنشۇناسلىرى كۆپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئىزچىل تۈردە جازانى يەڭگىللىتىپ، جىنايەتنىڭ كۈنسىرى ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جەمئىيەت باراۋەرمۇ؟!

ئەگەر بىز ئىجتىھادتا شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى چىڭ تۇتساق، ئۇنداقتا، ئەلمانىيلار ئىجتىھاد ھەققىدە قانداقمۇ بولمىغۇرلۇق بىلەن بىلجىرلىيالىسۇن؟!

*   *   *   *  *

بۇ دىندا يالغۇز شەرىئەت (قانۇن)لا ئىشقا سېلىنماستىن، بەلكى، شەرىئەتنىڭ جەمئىيەتنى بۇزۇقچىلىقتىن ساقلاشتىكى كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ پەقەت بىرى ئىكەنلىكى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ. دېمەكچىمىزكى، بۇ يەردىكى مەسىلە باشقا بىر قانۇنغا ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولىدىغان «قانۇن» مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اللە تەرەپتىن نازىل قىلىنغان كىتاب (قۇرئان كەرىم) مەسىلىسىدۇر. ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئىشلارنى ھەل قىلىشتىكى مۇكەممەل پرىنسىپتۇر. ئۇ ئىشلارنى يەككە ھالەتتە بىر تەرەپ قىلمايدۇ، يەككە ھالەتتىكى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ…

بىز جازا ئىجرا قىلىشتىكى مۇنداق بىر ئۈلگىنى كۆرۈپ باقايلى!…

ئوغرىنىڭ جازاسى قولىنى كېسىش…

مەسىلە مۇشۇنداق يەككە رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاغدا بىر قىسىم كىشىلەر جىنايەتچىگىمۇ «ئىنسانپەرۋەرلىك» نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش نامى بىلەن ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بولسا مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولىدۇ: قولنى كېسىش نېمە دېگەن رەھىمسىزلىك-ھە؟ بىر ئاز ئىنساپ قىلىپ يەڭگىلرەك جازا بەرسىمۇ بولىدىغۇ؟ مەسىلەن، مۇددەتلىك قاماق جازاسى دېگەندەك…

مەيلى ئۇلار ياكى بۇلار بولسۇن ھەممىسى ئىسلامنى تەدبىقلايدىغان ئوبيكتىپ مۇھىتنى چۈشەنمەسلىك، روھلارنى قۇل قىلىدىغان غەربتىن ھاڭ-تاڭ قىلىش سەۋەبىدىن ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىشىدۇ.

ئىسلام مەسىلىگە يالغۇز جازا نۇقتىسىدىنلا مۇئامىلە قىلمايدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشتا نوقۇل جازاغىلا تايانمايدۇ ھەمدە جازانى بىردىنبىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى سۈپىتىدە قوللانمايدۇ. جازا بولسا ئىسلام ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىز قوللىنىدىغان چارىدۇر.

ئىلاھىي پرىنسىپ ئالدى بىلەن جىنايەتنىڭ سەۋەپلىرىنى چەكلەشنى نىشان قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا جىنايەت ئالدىراپ يۈز بەرمەيدۇ.

ئاندىن اللەغا، ئاخىرەتكە بولغان ئىماننى مۇستەھكەملەشنى، بەندە بىلەن اللە ئوتتۇرىسىدا جانلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى نىشان قىلىدۇ… بۇ خىل مۇناسىۋەت قەلبدە اللەغا قارىتا ھايا ۋە پاكلىقنى، ئىتائەتكە يېتەكلەيدىغان مۇھەببەتنى ۋە اللەنىڭ غەزىبىدىن ساقلىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان قورقۇنچنى پەيدا قىلىدۇ.

)وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ (

«ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ.[32]»

ئاندىن كېيىن جەمئىيەتتە دوستلۇق ۋە مېھرى-مۇھەببەت ئېلېمېنتلىرىنى كۈچەيتىدۇ، مۇئمىنلەر ئوتتۇرىسىدا «قېرىنداشلىق»نى مۇستەھكەملەيدۇ.

)إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ (

«مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر.[33]»

ئاندىن كېيىن ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ. ئائىلە بولسا بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيىلەپ يېتىلدۈرىدىغان باغچىدۇر.

ھېسسىي رېئاللىقتا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بۇ «مەنىۋىي خىسلەتلەر»دىن باشقا، بايلارنىڭ ماللىرىدا بىر ئۈلۈش «نېسىۋە» (ئۆشرە-زاكات)نى پەرز قىلىپ بېكىتىدۇ. دۆلەت ئەمىرى بۇ «نېسىۋە»نى بىر يەرگە جەملەيدۇ. ھەتتا، ئۇنى بېرىشتىن باش تارتقان كىشى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى مۇھتاجلارغا چىقىم قىلىپ بېرىدۇ (تارقىتىپ بېرىدۇ.)

ئەڭ ئاخىرىدا ئىشلىيەلمەيدىغان ياكى ئىشلەشكە شارائىتى يار بەرمەيدىغان ياكى تۇرمۇشى ئومۇمى ئۇممەتنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن تۆۋەن بولغان كىشىلەرگە دۆلەت خەزىنىسىنى مەسئۇل قىلىدۇ.

ئىلاھىي پرىنسىپ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى زېمىندا ئەمەلگە ئاشۇرسا، ئۇنداقتا، ئوغرى نېمىشقا ئوغرىلىق قىلىدۇ؟!

ئەگەر ئۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئوغرىلىق قىلسا، ئۇنداقتا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئامالسىزلىقتىن ئوغرىلىق قىلغان ھېساپلانمايدۇ.

بۇ چاغدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان «رەھىمسىز» جازا ئۇنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشتىن توسۇشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاستە بولىدۇ.

يۇقارقىلاردىن باشقا، ئەگەر ئۇ راستىنلا ئوغرىلىق قىلغان ھالەتتىمۇ، قازى ئۇنىڭ ئامالىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغانلىقىنى، ھېچبىر سەۋەپسىزلا ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرمىغىچە قولىنى كېسىش جازاسىنى ئىجرا قىلمايدۇ.

ھاتەب ئىبنى بەلتەئەنىڭ خىزمەتكارلىرى مۇزەينە قەبىلىسىدىكى بىر كىشىنىڭ تۆگىسىنى ئوغرىلىدى. ئۇ كىشى ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۆمەر كەسىر ئىبنى سەلتە (جازا ئىجرا قىلغۇچى)نى ئۇلارنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىدى. ئۇلار جازا مەيدانىغا مېڭىۋېدى، ئۆمەر ئۇلارنى مېڭىشتىن توختاتتى. ئاندىن ھاتەب ئىبنى بەلتەئەگە: «اللە بىلەن قەسەمكى، سەن خىزمەتكارلىرىڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ھارام نەرسىنى يىسىمۇ ھالال بولغۇدەك دەرىجىدە ئاچ قويىسەن. كاشكى، مەن مۇشۇلارنى بىلمىگەن بولسام، ئاندىن ئۇلارنىڭ قولىنى كېسەتتىم. مەن ھازىر ئۇلارنىڭ قولىنى كەسمەيمەن. ئەكسىچە سېنى ئېغىر دەرىجىدە جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرىمەن» دېدى. ئاندىن مۇزەينە قەبىلىسىدىكى كىشىدىن: «تۆگەڭنى بازاردا قانچە پۇلغا ئالاتتى؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «تۆت يۈز تەڭگە» دېگەن ئىدى، ئۆمەر ھاتەبكە: «سەككىز يۈز تەڭگە تۆلەپ بەر» دېدى.

بۇ اللەنىڭ شەرىئىتىدە ئەكس ئەتكەن نەقەدەر يۈكسەك ئىلاھىي ئادالەت-ھە!

ئەلمانىيلار بۇ كۆركەم ئىلاھىي ھىدايەتنى رەت قىلىپ، ھەر قايسى ئەللەردە ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىقى ئاشكارىلانغان، جەمئىيەتلىرىمۇ ئۇنىڭدىن زېرىكىۋاتقان قانۇنلارنى ئىزدەپ، اللەنىڭ يولىنى تاشلاپ قەيەرگە بارىدۇ؟!…

)أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللّهِ حُكْمًا لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ (

«ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (اللەغا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە اللەدىنمۇ ئادىل كىم بار؟.[34]»

*   *   *   *   *

مانا بۇلار ئىلاھىي شەرىئەتكە خاس بولغان بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى ئەمەس. بىزنىڭ بۇ چەكلىك سەھىپىلەردىكى نىشانىمىز اللەنىڭ دىنىدىكى ئەقىدە بىلەن شەرىئەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك باغلىنىشچانلىقنى بايان قىلىش، شۇنداقلا، اللەنىڭ قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ «لاإله الاالله»نىڭ ئىمان ۋە ئىبادەت جەھەتتىكى تەلەپلىرىگە ئوخشاش بىۋاستە تەلەپلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مەركەزلىك ئاساستا بايان قىلىشتىن ئىبارەت… بۇلانىڭ ھەممىسى ئىماننىڭ ئاساسلىق يېلتىزلىرى بولۇپ، ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىرى بۇزۇلسا ئىمان مۇقەررەر بۇزۇلىدۇ.

[1] «شەرىئەتتىكى تەلەپ»نىڭ ئەسلى ئەرەبچىسى «المقتضى التشريعي» بولۇپ، ئۇنى يەنە «شەرىئەت جەھەتتىكى تەلەپ»، «شەرىئەتنى يولغا قويۇشتىكى تەلەپ»، «قانۇن چىقىرىشتىكى تەلەپ»، «قانۇن جەھەتتىكى تەلەپ» دېگەندەك كۆپ خىل مەنىلەر بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن (تەرجىمە قىلغۇچىدىن).

[2] سۈرە ساد: 5- ئايەت.

[3] سۈرە نەھل: 35- ئايەت.

[4] «لاإله الاالله»نى بۇزۇدىغان ئامىللار ھەققىدە ئاخىرقى بۆلۈمدە سۆزلەيمىز.

[5] «بىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمىز» ناملىق ئەسەرنىڭ «ئېغىش لىنىيىسى» دېگەن بۆلۈمىنى ئوقۇڭ!

[6] سۈرە ئال ئىمران: 139- ئايەت.

[7] سۈرە مۇنافىقۇن: 7- ئايەت.

[8] «بىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمىز» ناملىق ئەسەرنىڭ «ئېغىپ كېتىشنىڭ تەسىرلىرى» دېگەن بۆلۈمىنى ئوقۇڭ!

[9] «ھازىرقى زاماندىكى ئىدىيىۋى ئېقىملار»، «ھازىرقى دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ئىسلامىي نۇقتىدىن كۈزىتىش» ۋە «شەرىئەتنى يولغا قويۇش ھەققىدە» دېگەن كىتابلىرىمغا قارالسۇن! (ئاپتوردىن).

[10] پائۇلنىڭ ئەسلى ئىسمى شاۋىل بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يەھۇدىي ئىدى. ئۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن جازا يۈرۈش قىلغان ئىدى. كېيىن ئۆزىنىڭ خرىستىئان دىنىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئىسمىنى پائۇلغا ئۆزگەرتتى ھەمدە «ئىنجىل»نى قايتا يېزىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان «يېڭى دىن»نىڭ مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى. كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ، بۇ دىننى تەشۋىق قىلىپ ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭرى تارقاتتى (تەرجىمە قىلغۇچىدىن).

 مۇھەممەد قۇتۇب 

[11] سۈرە فاتىر: 20- 22- ئايەتلەر.

[12] سۈرە فۇرقان: 23- ئايەت.

[13] سۈرە ھەدىد: 25- ئايەت.

[14] سۈرە ئەئراف: 54- ئايەت.

[15] سۈرە نەھل: 17- ئايەت.

[16] سۈرە نەھل: 20- ئايەت.

[17] سۈرە تەۋبە: 31- ئايەت.

[18] تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

[19] سۈرە ھەج: 73- ئايەت.

[20] سۈرە بەقەرە: 140- ئايەت.

[21] سۈرە بەقەرە: 216- ئايەت.

[22] ئامرېكىلىق يازغۇچى يازغان «مەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى، پاھىشە، ئون تۆت ياش» ناملىق ئەسەرگە قارالسۇن!

[23] سۈرە يۈسۈف: 40- ئايەت.

[24] سۈرە قەسەس: 88- ئايەت.

[25] سۈرە فاتىر: 3- ئايەت.

[26] سۈرە شۇرا: 10-13- ئايەتلەر.

[27] سۈرە شۇرا: 21- ئايەت.

[28] سۈرە مائىدە: 50- ئايەت.

[29] سۈرە مائىدە: 3- ئايەت.

[30] سۈرە فۇسسىلەت: 44- ئايەت.

[31] سۈرە سەپ: 7-8- ئايەتلەر.

[32] سۈرە ئىسرا: 57- ئايەت.

[33] سۈرە ھوجۇرات: 9- ئايەت.

[34] سۈرە مائىدە: 50- ئايەت.

بۇ تېما 80قېتىم كۆرۈلدى