چىكىنىڭ
پەلسەپىنىڭ توقۇنۇشى ۋە زىددىيىتى

پەلسەپىنىڭ توقۇنۇشى ۋە زىددىيىتى

غەرب ۋە شەرىقتىكى پىكر ۋە پەلسەپە تارىخىنى ئوقۇڭ!، كونا ۋە يېڭى پەلسەپىۋى يۆنىلىشلەرگە دىققەت نەزرىڭىز بىلەن قاراپ چىقىڭ! نېمىنى ھېس قىلىسىز؟

قارىسىڭىز، نەمۇنىلىك پەلسەپىچىلەرنىڭ ئەمەلىيەتچى پەلسەپىچىلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى، روھانى پەلسەپىچىلەرنىڭ ماددى پەلسەپىچىلەرگە قارشى ئېقىمدا ئىكەنلىكىنى، ئىلاھقا ئىشىنىدىغان پەلسەپىچىلەرنىڭ ئاتىزىم ۋە دەھرىزىمچى پەلسەپىچىلەرگە قارشى پىكردە ئىكەنلىكىنى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىدىغان پەلسەپىچىلەرنىڭ مەنپەئەتكە چاقىرىدىغان پەلسەپىچىلەرگە قارشى ئېقىمدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

ۋىجدانغا قايتايلى دەپ چاقىرىدىغانلارنى ۋە ۋىجدانغا قايتىش خۇراپاتلىق دەپ توۋلايدىغانلارنى؛ ئىنساننى ياخشى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدىغانلارنى ۋە ئىنساننى پۈركەنجىگە ئورنىۋالغان بۆرە دەيدىغانلارنى، ئىنساننى ئەركىن ئىختىيارى مەخلۇق دېگۈچىلەر بىلەن، ئۇنى شامالنىڭ تەسىرىدىن ئۇچۇپ كېتىدىغان بىر تال پەي دەيدىغانلارنى ھېس قىلىسىز!

ھەر بىر گۇرۇھتىكى كىشلەر ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، باشقىلارنى خاتا يولدا دەپ ئويلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى – دىندىن يىراق- ئەركىن ئەقىلغا تاينىدىغان پەلسەپىچىلەردۇر.

شۇنداقلا پەلسەپە يۆنىلىشلىرىنىڭ قاتارىدا ھېچقانداق بىر نەرسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلىدىغان پەلسەپىچىلەرنى ئۇچىرتىمىز، ئۇلارنىڭ نەزرىدە دىننىڭ ماھىيىتى ھەقىقەت ئەمەس. ئىنسانمۇ ھەقىقەت ئەمەس. بۇلار ئاخىرى بېرىپ ئۆزلىرىنىمۇ ئىنكار قىلىشتى! بۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئىنسان ھەقىقەت دەپ ئويلاۋاتقان نەرسە قۇرۇق، ئەھمىيەتسىز ۋىلۋىدىن ئىبارەت.

شۇنداقلا بۇلارنىڭ قاتارىدا بارلىق ھەقىقەتلەرنى شەككە تاشلايدىغانلار بار. ئۇلارغا: ئۇنداقتا سىلەر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا شەك قىلىشتىن ئىبارەت بىر ھەقىقەت بار بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ دېيىلگەندە، ئۇلار: «بىز شەك قىلىمىز، يەنە شەك قىلغان نەرسىمىزدىمۇ شەك قىلىمىز!» دەپ جاۋاب بەرگەن. مانا بۇلار ھەر قانداق بىر مەسىلىدە: ھەقىقىتىنى ئۇقمايمىز دېگۈچىلەردۇر.

ئىنسان ئەقلىگە ماكان ۋە زامانلارنىڭ ۋەزىيەتلىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى مۇھىتنىڭ شارائىتى، جۇغراپىلىك مۇھىت، ئىجتىمائى ۋە مەدەنى مۇھىتلار تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئىنساننىڭ كۈچ قۇدرىتى ۋە ۋاستىلار ئارقىلىق مەرىپەتلىشىشكە بولغان قۇدىرتى ئەقىلنى دائىرىگە ئېلىپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرىت، ئەقىل شەخسىيەتچىلىكتىن ھەر قانچە خالى بولۇشقا ئۇرۇنسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا – ھېس قىلىپ، ھېس قىلماي- تەسىر قىلغۇچى ئامىللار، شەخسى مايىلچانلىق، پارتىيە، گورۇھ ۋە مىللەتچىلىك مايىلچانلىقىنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەر تۈرلۈك يوللاردا ۋە ئىشلار ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندە توغرا يولغا باشلايدىغان ئەقىل نۇرىدىن كۈچلۈك بولغان باشقا بىر نۇرغا موھتاج بولىدۇ، ئۇ نۇر بولسىمۇ ۋەھيى نۇرىدۇر.

پەلسەپىنىڭ ئەسىرلەر بويى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى

جاۋاب بېرىشكە موھتاج بولىدىغان موھىم بىر سوئال ئۆزىنى ئوتتۇرغا تاشلايدۇ، ئۇ بولسىمۇ: قەدىمقى ۋە يېڭى ئەسىرلەردىكى پەلسەپىنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ پەلسەپە ئەقىلنى توغرا يولغا باشلاش، قەلبنى خاتىرجەم قىلىش ياكى روھنى تېنچىلاندۇرۇش تەرەپتىن ئىنسانىيەتكە نېمىنى تەقدىم قىلالىدى؟ بۇ سوئاللارغا ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىلمىدى ياكى بىر – بىرسىگە قارشى ھالەتتە ھەر خىل جاۋابلار بېرىلدى!

پەلسەپە بىنا قىلغاندىن كۆپرەك ۋەيران قىلدى، كۆپ سۆزلەپ كەتتى، ئەسلى شۇك تۇرغان بولسا ياخشى بولاتتى!

مانا بۇ دەۋرىمىزدىكى پەلسەپە تار ىخچىلىرىنىڭ بىرىسى، «مەدەنىيەت ۋەقەلىكى» نامىلىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئامېرىكىلىق «ۋول دىيۋارنت»، «پەلسەپە پرىنسىپلىرى» نامىلىق كىتابىدا پەلسەپىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالەمنىڭ تەبىئىيىتى نېمە؟ ئۇنىڭ ماددىسى ۋە سۈرىتى نېمە؟ ئالەمنىڭ شەكلى قانداق؟ ئۇنىڭ دەسلەپكى ماددىسى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرى نېمە؟ يوشۇرۇن شەكلىدىكى ماددىسى نېمە؟ ئەقىل دېگەن نېمە؟ ئۇ داۋاملىق ماددىدىن ئالاھىدە بولۇپ، ماددىنى كونترول قىلىپ تۇرامدۇ؟ ياكى ئەقىل ماددىنىڭ بىر پارچىسىمۇ؟» شائىر: «پەرۋەردىگار ئەتىگەندە يازغان ( تەقدىر قىلغان) نەرسىنى كەچقۇرۇندا ئوقۇيمىز» دېگەندەك، بىز ھېس تۇيغۇ ئەزالىرىمىز بىلەن ياشاۋاتقان سىرىتقى ئالەم بىلەن تۇيغۇمىزدا ھېس قىلىۋاتقان يوشۇرۇن ئالەمنىڭ ھەر ئىككىلسى ئاپتۇماتىك قانۇنغا بويسۇنامدۇ؟ ياكى ماددا ياكى ئەقىلدا ياكى ھەر ئىككىلىسىدە كېلىشىپ قېلىش، ئۇچىرشىپ قېلىش ئەركىنلىك ئاساسلىرى بارمۇ؟… بۇ سوئاللارنى ئاز ئادەملەر سورايدۇ، كۆپ ئادەملەر جاۋاب بېرىدۇ. مانا بۇ پەلسەپىنىڭ ئاخىرقى مەنبەسى، باشقا ھەرقانداق نەرسە ئىدىلوگىيەدىن ئىبارەت پۇختا نىزام ئىچىدە شۇنىڭغا تايىنىشى لازىم.

ئەمدى مەغلۇپ بولغانلىقىمىزغا تەن بېرەيلى، پەلسەپىنى پۇختا ئىگەللەشتە ماتىماتكا، ئاستىرونومىيە، تەبىئەت، خېمىيە، تېخنىكا، بىئولگىيە، پىسخولوگىيە پەنلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە موھتاج بولغانلىقتىن ئەمەس بەلكى جۇزئى نەرسىدىن ئومۇمى نەرسىنى چۈشىنىشنى كۈتكەنلىكىمىز ئەقىلگە سىغمىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر! مۇشۇنداق ئومۇمى نەزەر بىلەن قاراش پىكرىمىزدىن بارلىق قاپقاقلارنى يىراقلاشتۇرىدۇ. ھاياتلىق ۋە ئالەمنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئاز تولا كەمتەر بولايلى، ئەقلىمىزنىڭ ھاياتلىق بىلەن ئالەمنى چۈشۈنۈپ بولۇشى ناھايىتى قىيىن.

بىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلىغان نەزريەلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى، ھەممە نەرسىنى بىلگۈچى ئىلاھنىڭ نەزرىدە مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن“.

 پەلسەپە تارىخچىلىرى بىر قانچىلىغان پەيلاسوپلارنىڭ بىرىسى ئىسپاتلاپ چىققان نەرسىنى يەنە بىرسىنىڭ ئىنكار قىلۋاتقانلىقى، بىرسىنىڭ روھانى يەنە بىرسىنىڭ ماددىزىمچى، بۇنىڭ ئاقىلانە يەنە بىرسىنىڭ ھېسياتچى، بىرسىنىڭ خىيالى يەنە بىرسىنىڭ ئەمەلىيەتچى ئىكەنلىكىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، پەلسەپىدىن قولغا كەلگەن نەتىجە نېمە؟ دەپ سوراشتى، ئەمەلىيەتتە نۆلدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

 بۇ ئەھۋال كۆزگە كۆرۈنگەن پەلسەپە ئۇستازلىرىنىڭ بىرىسى، ئەزھەر ئۇنۋىرىستىنىڭ ش ەيخى ( رەئىسى) پىروفىسسور «ئابدۇلھەمىد مەھمۇد» ئوچۇق ھالەتتە – پەلسەپىنىڭ بىر بىرسىگە زىتلىقى، نەتىجىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن: «پەلسەپىنىڭ ئېنىق پىكرى يوق، چۈنكى ئۇ بىر نەرسىنى قارار قىلسا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەكسىنىمۇ قارار قىلىدۇ. بىر -بىرسىگە زىت بولغان ھەر ئىككى خىل پىكرنى قوللايدىغان، ئۇنىڭ توغىرلىقىغا دەلىل ئىسپاتلاپ چىقىدىغان پەلسەپىچىلەرمۇ بار. ئىنسان بۇ زىت نەرسىلەردىن قانداقمۇ بىر نەتىجىگە ئېرىشسۇن؟. ئەمەلىيەتتە پەلسەپە تەشنالىقنى قاندۇرالمايدۇ، پەلسەپە دېڭىزىنى ئۈزۈپ چىققان كىشى تېخىمۇ ھەيرانلىققا چۆكۈپ چىقىدۇ».

پەلسەپىنىڭ ئاجىزلىقى، پەلسەپىچىلەرنىڭ ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرىشمىگەنلىكى ھەققىدە ئىپادىلەنگەن سۆزلەرنىڭ ياخشىراقى، ئەدىبىياتچىلارنىڭ پەيلاسوپى، پەلسەپىچىلەرنىڭ ئەدىبىياتچىسى «ئەبۇھەييان تەۋھىدى» نىڭ دېگەن سۆزى بولسا كېرەك. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «پەيلاسوپلار چارچىدى، بىر نەرسىگە ئەسقاتمىدى، جاپا تارتتى مەنپەئەت يەتكۈزەلمىدى، مۇداپىئە قىلدى، پاكىت كەلتۈرەلمىدى، قوشاق تولىدى ئاھاڭىغا سالالمىدى، توقۇپ چىقتى يالتىراتتى».

دىندىن باشقىسى ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ

ئىنسان ھەر قانچە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، دىنسىز، ئىمانسىز ۋە ئاسماندىن چۈشىدىغان ۋەھيىسىز ياشىيالمايدىكەن دېگەن كۆز قاراش غەرب ئەللىرىنىڭ نەزرىدە ئەمەلى ھەقىقەتكە ئايلاندى.

دىن كائىناتنىڭ بارلىققا كېلىش سىرى، ھاياتنىڭ جەۋھىرى، ئالەمنىڭ روھىدۇر. ئۇ ئىنسانغا سىرىتقى تەرەپتىن تېڭىلىپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئىنساننىڭ تەبئىتىدە بار نەرسىدۇر.

ئىنسان دىنىنى، ئىمانىنى يوقاتسا ئۆزىنى، ئەسلىنى، ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىنى يوقتىدۇ. ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى يوق ئىنسان قانداق ياشايدۇ؟.

دىنسىز ۋە ئىمانسىز ئىنسان، قاراڭغۇ كىچىلەردە نۇرسىز مېڭىۋاتقان، چۆللەردە يول باشلغۇچىسىز قەدەم بېسىۋاتقان، ئوكيانلاردا كومپاسسىز كېتىپ بارغان يولۇچىغا ئوخشايدۇ.

دىن ئىنساننىڭ سىرتىدىن تېڭىلىدىغان نەرسە بولماستىن، ئۇنىڭ تەبئىتىدىن ئېتىلىپ چىققان نەرسىدۇر. ھايات- دىنسىز- تەبىئەت بىلەن قارشىلشىپ قالىدۇ.

 دىننىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان بەزى بىر پەيلاسوپلار، ھايات سەپىرىنى تۈزلەش، ياخشىلىق تۈرۈتكىلىرىنى جانلاندۇرۇش، يامانلىق تىرناقلىرىنى يۇلۇپ تاشلاش ئۈچۈن دىنغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى. ئۇلارنىڭ بىرىسى: «ئەگەر ئىلاھ بولمىسا، بىزنىڭ ئۇنى يارتىشىمىز (پەيدا قىلشىمىز) لازىم» دېگەن!

يەنە بىرىسى: «سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بارلىقىدا شەك قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش بولمايدىغان بولسا، ئايالىم ماڭا خىيانەت قىلغان بولاتتى، خىزمەتچىم مال – مۈلكىمنى ئوغۇرلاپ كەتكەن بولاتتى!» دەيدۇ.

كۆپلىگەن مەشھۇرئالىملار، ئەقلانىلار ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن- يەككە ياكى جەمئىيەت شەكلىدە بولسۇن- دىننىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئىنسان خاتىرجەمكلىككە ئېرشىپ بەختلىك بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ئالاقىسى ئۆز – ئارا كۈچۈيۈپ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن دىنغا ئىشىنىشكە موھتاج بولىدۇ.

بۈيۈك تارىخشۇناس «تويىنبى» «ئادەت ۋە ئۆزگەرتىش» نامىلىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق ئىدئولوگىيىلەر بىر ئاجىزلىق نۇقتىسىدا ئورتاق بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بەزىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى كۆرشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئىنساننىڭ ئىنسانغا ئىبادەت قىلىشقا قايتىشى دېگەنلىكتۇر. دىن ئىنساننى جەمئىيەتكە ۋە شەخسلەرگە ئىبادەت قىلىشتىن ئازات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىنسان يەنە جەمئىيەت تۇرمىسىغا قايىتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ رولى ئاجىزلاپ چۈمۈلىلەر جەمىيتىدىكى (ئىجتىمائى چۈمۈلىگە) ئايلىنىپ قالدى!!

دىنلار ئىنسانغا؛ ئىنسان ئىجتىمائى ھاشارەت ئەمەس بەلكى ھۆرمەتلىك، ئىرادىلىك ۋە ئەقىللىق مەخلۇق دەپ تەلىم بەردى. تۈرلۈك ئىدئولوگىيەلەر بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇلدۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىدئولوگىيەلەر؛ دىنلار ئىنسانغا ئاتا قىلغان روھى ئەركىنلىكنى بېرەلمەيدۇ.

دىن ئىنسان ئۈچۈن ھاياتلىقتۇر، ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دىللارنى خاتىرجەم قىلىدىغان نۇرى. ئىنسان دىندىن بىھاجەت بولالمايدۇ. تۈرلۈك ئىدئولوگىيەلەر دىننىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، چۈنكى ئىدئولوگىيە ئۆز – ئارا مۇھەببەت ۋە ھەمكارلىق ئورنىغا مۇتىئەسسىپلىك ۋە بىر – بىرىنى يامان كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ نان بېرەلىشى مۈمكىن، بىراق روھى خاتىرجەملىك ۋە روھى ئەركىنلىك ئاتا قىلالمايدۇ».

يازغۇچى: دكتور يۈسۈپ قەرداۋى

                                                                                                                             ترجىمە قىلغۇچى: سيف ﷲ

بۇ تېما 130قېتىم كۆرۈلدى