چىكىنىڭ
ھازىرقى زامان مەدەنىيتىنىڭ روھى

ھازىرقى زامان مەدەنىيتىنىڭ روھى

ھەر قانداق مەدەنىيەتنىڭ- تامامەن ئىنسانغا ئوخشاش- جىسمى ۋە روھى بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ جىسمى كاتتا بىنالار، زاۋۇت -كارخانىلار، ھەر خىل ئۈسكۈنە- سايمانلار ۋە تۇرمۇشنى بېيتىپ بېرىدىغان ماددى ئىجادىيەتلەردە كۆرۈنىدۇ.

ئەمما مەدەنىيەتنىڭ روھى ئىنسانلارنىڭ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستىلىدا، ئۆز – ئارا ئالاقە ئىشلىرىدا، ئۇلارنىڭ دىن، ھاياتلىق، كائىنات، ئىنسان، شەخس، جەمئىيەتكە بولغان كۆز قارشىدا مۇجەسسەملىشىدىغان بىر بۆلۈك ئەقىدە، چۈشەنچە، قىممەتلەر، ئەدەپ- ئەخلاق ۋە ئۆرپ- ئادەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

ئىنسانىيەت تارىخى بېشىدىن كەچۈرگەن چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ ماددا ۋە روھقا بولغان پوزىتسيسى بىردەك ئەمەس. ئۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىچىدە پەقەتلا ماددى تەرپى بېسىپ كەتكەنلىرى ۋە روھى تەرپى بېسىپ كەتكەنلىرى شۇنداقلا تەڭپۇڭلىق كونتىرول قىلىپ تۇرغىنى بار.

بۈگۈنكى دۇنيانى ئىگەللىگەن مەدەنىيەت “ غەرب مەدەنىيتىدۇر“ بۇ مەدەنىيەتنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەش- خۇسۇسەن ئۆز ۋەتىنى ئىچىدە- ئىنساننىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش تەرەپتىن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئارتۇقچىلىغى بار. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئىنسانىيەت ”تەبىئەت“نى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرالىدى. ئاتۇمنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پارتىلىتالىدى. ھاۋا بوشلۇقىدا قۇشلاردەك ئۇچۇپ، دېڭىزدا بېلىقتەك چۆكۈپ، ئالەم بوشلۇقىغا ئۆرلەپ ئاي شارىغا قەدەم باسالىدى. شۇنداقلا ئىنساننىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى كۈچىنى تىجەپ بېرىدىغان “ كومپىيوتېر“ دىن ئىبارەت ئالى ئۈسكۈنىنى ياساپ چىقالىدى. ئىنسان يۇقىرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلىم -پەننىڭ پەزىلىتى بىلەن قىلالىدى. ئىنسان ئىلىم – پەننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئىدارە قىلىش، ئاجايىپ شەكىلدە رەتلەش، قاتتىق كونترول قىلىش ئىشلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.

ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئادەتتىكى بىر ئىنسان ئىلگىركى ئەسىرلەرنىڭ پادىشاھلىرى ھەسەت قىلىپ قالغىدەك دەرجىدە كەڭتاشا تۇرمۇشتا ياشىيالىدى. ئىلگىرىكى پادىشاھلار ئىسسىقنىڭ دەھشىتىگە ۋە سوغاقنىڭ قاتتىقلىقىغا ھاۋا تەڭشەپ بېرىدىغان ئۈسكۈنە -سايمانلارنى، كىچىك كونۇپكىلارغا بىرلا بېسىش بىلەن تەڭلا ھەركەتلىنىدىغان ياكى توختايدىغان ئاپتۇماتىك ئۈسكۈنلەرگە ئېرشەلمىگەن ئىدى.

مانا مۇشۇنداق بۈيۈك ماددى ئىجادىيەتلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى رىئاللىق، بۇ مەدەنىيەت شۇ كىشلەرگە ئارزۇ قىلىنىۋاتقان بەخت سائادەتنى ياكى ئۇمىد قىلىنىۋاتقان خاتىرجەملىكنى تەييارلاپ بېرەلمىگەنلىكىنى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ جېسمى پىلدەك بولسىمۇ قۇۋۋىتى چاشقاندەكلا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتە. ‍‍‌

شۇنداق… ھازىرقى مەدەنىيەتنىڭ روھى «مەنپەئەتپەرەس ماددى تەرەپ» گە ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتكەن، ماددى تەرەپ غەرب مەدەنىيتىنىڭ روھى پەلسەپىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

غەرب ( ياۋرۇپا) پىكرنىڭ ئالامەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى

1- ئىلاھنى تونۇشتىكى غۇۋالىق:

غەرب پىكرىدىكى ئالامەتلەرنىڭ ئەۋۋەلى: ئىلاھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشتىكى غۇۋالىقتۇر. ئۇلارنىڭ ئىلاھقا بولغان چۈشەنچىسى ساپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىنى خىياللار ۋە ئەپسانىلەر قورشىۋالغان، بەلكى غەرب ئەللىرى -ئۆز تارىخىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك- ئاللاھنى توغرا مەرىپەت بىلەن تونۇپ باقمىغان. كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىغا توغرا ئېمان كەلتۈرۈش بىلەن ھىدايەت تاپمىغان. چۈنكى غەرب ئەللىرى توغرا يولغا باشلايدىغان پەيغەمبەر ۋە خاتالىقتىن خالى ۋەھيىنى بىۋاستە تونۇپ باقمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يولدا ئۆزى يالغۇز «بىرىنچى ئىللەت» (كائىناتنى پەيدا قىلغۇچى كۈچ) ياكى «دەسلەپكى قوزغىغۇچى» كۈچنى ئىزدەپ مېڭىپ خاتالاشتى ۋە شۇ خاتالىقىدا يىراقلاپ كەتتى.

دەھرىزىم ۋە ئاتىزىملىقنى ئىنكار قىلغان: ”سۇقرات، ئاپلاتۇن، ئارىستوتىل“غا ئوخشاش چوڭ پەيلاسوپلار ئىلاھنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئىلاھقا بولغان تەسەۋۋۇرى توغرا چۈشەنچە بولمىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا كۆپلىگەن خىياللار ۋە ئەپسانىلەر ئارلاشتى.

2- ماددىپەرەسلىك تۇيغۇسى:

غەرب پىكرىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرىسى ماددىپەرەسلىك، يەنى ماددىغىلا ئىشىنىش. كائىنات، مەرىپەت، ئىستىلنى ماددا بىلەن ئىزاھلاش، غەيب( مىتافىزىكا)نى ۋە ھېس تۇيغۇ ئېدراك قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىشتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب پىكرى بۇ كائىناتنى ياراتقان ئىلاھقا، ۋەھيى ئېلىپ چۈشىدىغان پەيغەمبەرگە، ئىنساندىكى مەڭگۈلۈك روھقا، دۇنيا ھاياتىدىن باشقا بىر ھاياتنىڭ بارلىقىغا، ھېسسى( كۆرۈلىۋاتقان) ئالەمدىن باشقا غەيبى ئالەمنىڭ بارلىقىغا، مەنپەئەتتىن يۇقىرى نەمۇنىلىك قىممەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھېس قىلىش دائىرسىگە كىرمەيدۇ، مۇلاھىزە ۋە تەجىربىگە بويسۇنمايدۇ.

غەرب پىكرى ماددى- مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ئىدىيە بولۇپ، روھى نەرسىلەرنى كەمسىتىدۇ، مەنىۋى نەرسىلەرنى ئانچە ئالقىشلاپ كەتمەيدۇ، نەمۇنىگە ئىشەنمەيدۇ. ( يۇقارقى ھۆكۈم كۆپ سانلىققا قارىتا بېرىلدى).

بۇ ماددىپەرەسلىك تۇيغۇسى غەرب ھاياتىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەرەپتىن ئىگەللەپ كەتتى. شۇڭا چوڭقۇر تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ نەزرىدە بۈگۈنكى غەرب ئەللىرىنىڭ ھەقىقى دىنى «ماددا» ئىكەنلىكى مەلۇملۇق مەسىلىگە ئايلاندى.

مەسىلنىڭ تېگىگە چۆكمەي، يۈزەكى قارىغان كىشلەر بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشى ياكى ئەجەبلىنىشى مۈمكىن. ھەقىقىتى يوق شەكىل، مېغىزى يوق قۇرۇق شاكال بىزنى ئالداپ كەتمەسلىكى كېرەك.

غەرب ئەللىرىدىكى خرىستىئان دىنى ئۇلارنى بىر -بىرسىگە باغلاپ تۇرغان «شۇئار»، ئەتراپىغا توپلىشىدىغان «كرىست بەلگىسى» ۋە ئارام ئېلىش كۈنلىرىدە كۆڭۈل ئاچىدىغان «چىركاۋ» دىن ئىبارەت،خالاس.

ئۇلار ئۇ دىنغا «قىممەت» سۈپىتىدە ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، «ئەقىدە» سۈپىتىدە بويسۇنمايدۇ.

ھازىرقى غەرب ئەللىرىنىڭ ھەقىقى جەۋھىرىدىن ئىزدەنسىڭىز، دىن جەھەتتە ماددىدىن باشقىنى تونۇمايدىغان، كۆز قاراش جەھەتتە مەنپەئەتتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئىنساننى ئۇچرىتىسىز!

بۇ يەردە ياۋرۇپالىق نىمىس ئالىمى پىرۇفېسۇر «لىيۇبولىد فايىس» دېگەن كىشىنىڭ سۆزىنى نەقل كەلتۈرىمىز. ئۇ كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ «مۇھەممەد ئەسەد» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان.

ئۇ «يول دوقمۇشلىرىدىكى ئىسلام» نامىلىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى غەرب مەدەنىيىتى ئىقتىسادى، ئىجتىمائى شەيئىلەرنىڭ تەقەززاسىدىن باشقا بىر نەرسىگە بويسۇنۇشنى رەت قىلىدۇ. ھازىرقى غەربنىڭ ھەقىقى ئىلاھىي روھانى مەقسەتتىن ئەمەس بەلكى كەڭتاشا تۇرمۇش كەچۈرۈشتۇر».

«يېڭى ياۋرۇپا- مەيلى ئۇ دىمۇگىراتىك بولسۇن، فاشىزىم بولسۇن، سوتسيالىزىم بولسۇن، ئادەتتىكى خىزمەتچى بولسۇن ياكى مۇتەپەككۇر ئالىم بولسۇن- پەقەت بىر دىننىلا تونۇيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ماددى تەرەققىياتقا ئىبادەت قىلىشتۇر. يەنى ھاياتتا كەڭتاشا تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن باشقا غايە يوق دەپ ئېتىقاد قىلشتۇر».

ئەنگىليەلىك ئۇستاز «جود» مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەسىرنى ئىگەللىگەن ھايات نەزرىيىسى، ھەر قانداق مەسىلىگە قورساق ۋە يانچۇق تەرىپىدىن قاراشتۇر». («مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى بىلەن ئالەم قانداق زىيان تارتتى» دېگەن كىتابقا قاراڭ!)

ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇخبىر «جون جىنتىر»، «ياۋرۇپا ئىچىدە» نامىلىق كىتابىدا: “ ئىنگىلىزلار ھەپتىدە 6 كۈن ئەنگىلىيە بانكىسىغا ئىبادەت قىلىدۇ، 7 – كۈنى چىركاۋغا يۈزلىنىدۇ» دەيدۇ.

يېڭى سېتاتىسكا مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا غەرب ئەللىرىدە چىركاۋغا يەكشەنبە كۈنى بارىدىغانلار پەقەت 5 % پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىكەن.

3- ئىلمانى تۇيغۇسى:

غەرب پىكرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرىسى: ئىلمانى تۇيغۇدۇر. (يەنى دىن بىلەن دۆلەتنى ئايرىپ قاراش).

غەرب نەزريەسىدىكى «دىن» ئىنسان بىلەن ئىلاھ ئارسىدىكى ئالاقىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئورنى دىلدىن ئىبارەتتۇر. دىن چىركاۋنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كېتىشى توغرا ئەمەس. دىننىڭ ھايات ئىشلىرىدا قانۇن چىقىرىش، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئارلىشىش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەشۋىقات، ئىدارە، ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئىشلىرىغا قول تىقىش ھەققى يوق.

غەرب ئەللىرى؛ ئۆزلىرىنى ئىلاھنىڭ زېمىندىكى ۋەكىللىرى، پىكىرلىرىنى دىن، ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئىبادەت، ئۇلارغا قارشى چىققانلىقنى شەيتانلىق دەپ ئويلايدىغان چىركاۋ ۋە پوپلار (مىسيونىرلار) بىلەن ئۇزۇن زامان كۆرەش قىلغاندىن كېيىن ماددى ئىدىيەگە ئىمان كەلتۈردى.

بۇلارنىڭ (پوپلارنىڭ) ئىديىسى- گەرچە ئۇلار ئۇنى دىن دەپ ئېتىقاد قىلسىمۇ- يېڭىلىققا قارشى خۇراپاتنى، ئىلىم پەنگە قارشى نادان ۋە ساۋاتسىزلىقنى، ئەركىنلىككە قارشى قاتماللىقنى، ئادالەتكە قارشى زۇلۇمنى، نۇرغا قارشى زۇلمەتنى قوللايدىغان ئىدى.

غەرب ئەللىرىگە ئىسلام مەدەنىيتنىڭ تەسىرى يەتكەن ۋاقتىدا، ئۇلار جەللاتلارغا (ياۋۇز پوپلارغا) قارشى قوزغۇلۇپ ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنى دۇنيادىن، ئىلىم – پەن ۋە ئوي تەپەككۇردىن مەھرۇم قويغان چىركاۋ دىنىنى رەت قىلدى. شۇ ۋاقىتقىچە چىركاۋ ھەممە ئىشقا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.

 دىنغا قارشى چىققان غەرب پىكرى دىننى ئىشكەللەر بىلەن باغلاپ، دىننىڭ ۋىجداندىن ئاتلاپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. (بۇ نۇقتىدا ھەر بىر دىننى ئايرىم ئۆز ھەقىقىتى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ چۈشىنىش لازىم).

شۇنىڭ ئۈچۈن غەرب ئەللىرى خرىستىئان دىننى ئۆز ئورنىدىن چۈشۈرۈپ، جەمئىيەتنى يېتەكلەش ھوقۇقىدىن ئايرىپ تاشلىغاندىن كېيىن ئويغىنىشقا باشلىدى. كەمبەغەللىكتىن بېيىپ، ئاجىزلقىتىن كۇچىيىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋال دىننىڭ (يەنى غەرب دىنىنىڭ) دۆلەتنى ۋە جەمئىيەتنى يېتەكلەشكە ھوقۇقى يوق دەيدىغان ھالەتكە كەلتۈردى.

ئەسلىدە بۇ خىل نەزەرىيەنى ئىنجىلنىڭ ئۆزىمۇ قوللايدىغان ئىدى. دىن بىلەن دۆلەتنىڭ ئارسىنى ئايرىپ قاراش غەرب پىكرى ( ئىديىسى) نىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرىدۇر.

4- توقۇنۇش:

غەرب مەدەنىيتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن يەنە بىرىسى: ئۇ مەدەنىيەت توقۇنۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان، بۇ مەدەنىيەت تىنىچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇھەببەت دېگەن نەرسىنى بىلمەيدۇ.

بۇ توقۇنۇش ھەر قايسى تەرەپلەرگە خىلمۇ- خىل شەكىل بىلەن ئىچكىرلەپ سىڭىپ كەتكەن.

بۇ توقۇنۇش، ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ نەپسى ئارسىدىكى، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئارسىدىكى، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارسىدىكى، ئىنسان بىلەن ئىلاھ ئارسىدىكى توقۇنۇشتۇر!

چۈنكى غەربتىكى ئىنسان خرىستىئان دىنى تەلەپ قىلىۋاتقان نەمۇنە ھايات بىلەن ياشاشنى ئىرادە قىلىپ قالسا ئۆز تەبىيىتى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى خرىستىئان دىنى جىنسى(ئەر- ئاياللىق) مۇناسىۋەتنى قەبىھ سانايدۇ. مال- دۇنيانى رەت قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى ياخشى نىئمەتلەردىن مەھرۇم قىلىدۇ. يامانلىق قىلغان ئادەمنىڭ جىنايىتىنى ئۆز خاھىشى بويىچە كۆتۈرۋىتىدۇ. ئوڭ كاچتىغا ئۇرسا سول كاچتىنى تۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

غەرب مەدەنىيتىدىكى ئىنسان تەبئەت بىلەن قارشىلشىپ ياشايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنسان تەبئەت دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەبئەتنى بويسۇندۇرۇشۇم لازىم دەپ قارايدۇ. غەرب ئەللىرى بۇ ئەھۋالنى«تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

غەرب مەدەنىيتىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسان بىلەن توقۇنۇشى، چىركاۋ بىلەن دۆلەتنىڭ توقۇنۇشى، دىن بىلەن ئىلىم – پەننىڭ زىددىيەتلىشىشى، تەبىقىۋازلىق توقۇنۇشلىرى ھەققىدە سۆزلەش ھاجەتسىز بولغان روشەن مەسىلىدۇر.

5- باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇش:

غەرب پىكرىنىڭ يەنە بىرىسى: باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇش تۇيغۇسىدۇر. بۇ خىل تۇيغۇ غەربلىكلەرنىڭ ئەقلىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگەللىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلارغا قارىغاندا ئىرقى تەرەپتىن ئەۋزەل، قان تىپى تەرەپتىن سۈزۈك ۋە ئۆزلىرىنى ھاكىم بولۇش، باشقا مىللەتلەرنى قۇل بولۇش ئۈچۈن يارتىلغان دەپ ئېتىقاد قىلشىدۇ.

ئەجەبلىنەرلىكى، بۇ ئەسىرنىڭ كاتتا ئالىملىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدىغان، ئىلىم -پەن ساھەسىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن «دوكتۇر/ ئالكىس كارىل»: «ئاق تەنلىكلەر باشقا مىللەتلەردىن ئارتۇق» دەپ قارايدۇ.

يۇقىرىقىلار غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرى ۋە بەلگىللىرىدۇر.


غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئىنساننىڭ بەختسىزلىكى

غەرب (ياۋرۇپا) مەدەنىيتىدىكى بۈيۈك ماددى تەرەققىيات:

بۈگۈنكى غەرب مەدەنىيىتى يەتكەن باسقۇچقا ھېچقانداق مەدەنىيەت ئەسىرلەر بويى يېتىپ باقمىغان. غەرب مەدەنىيىتى ئىلىم – پەن ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىدا يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۇ مەدەنىيەت ئىنسانلار ئۈچۈن ماكان ۋە ۋاقتنى قىسقارتىپ بېرىش، راھەت – پاراغەت تۇرمۇشنى تولۇقلاپ بېرىشتە ئالاھىدە رول ئوينىدى. ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرى كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ھەل بولىدىغان دەرجىگە يەتتى. بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ دەرۋازىدىن كىرمەكچى بولسا دەرۋازا ئاپتۇماتىك ئۆزى ئېچىلىدىغان، قولىنى جۈمەكنىڭ ئاستىغا ئۇزاتسا سۇ ئۆزلىكىدىن قۇيۇلدىغان، پۇتىنى پەلەمپەيگە ئۈستىگە قويسا ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە ئېلىپ چىقىدىغان دەرجىدە ئىنسان كونۇپكا ئىشلىتىشتىن بىھاجەت بولدى.

ئىنسان ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم قويۇپ، ئالەم كېمىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرەلىدى. ئىنسانلار ئاي شارىنىڭ ئۈستىگە ئۆرلەپ، ئۇ يەردىن تاش ۋە توپىلارنى ئەۋرىشكە سۈپتىدە ئېلىپ چۈشۈپ تەتقىق قىلماقتا. ھازىر ئالەم بوشلۇقىدىكى مۇرىخ، قىزىل يۇلتۇزغا ئوخشاش يىراق سەييارىلەرگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا.

بۇ دەۋرىمىزدە ماددى ئىلىم – پەننىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى ناھايىتى زور. ئەگەر بۇ ئىجادىيەتلەرنىڭ ئوندا بىر قىسمى بىزدىن ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن كىشلەرگە دەپ بېرىلسە، ئۇلار، شۇ مەلۇماتنى يەتكۈزگەن ئادەمنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ ئەيىپلەيتتى.

بۇ ئىجادىيەتلەرنى ئاللاھنىڭ بۇ سۆزى ئىپادىلەپ بېرىدۇ: ]ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارتىدۇ[. [سۈرە نەھل 8 – ئايەت]

بۇ يەردە مۇھىم سوئال پەيدا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ئىنساننى ئاي شارىنىڭ ئۈستىگە چىقىرالىغان ئىلىم – پەن ئىنسانغا يەر شارى ئۈستىدە بەخت- سائادەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بېرەلىدىمۇ؟

ئەمەلىيەتكە قارىساق، رىئاللىق: (ياق) دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىلىم – پەن غەرب ئۇقۇمى بىلەن ئېيىتقاندا، پەقەتلا ماددى ئىلىم ئىنساننىڭ بەدىنىگە راھەت يارتىپ بېرەلىدى، مەنىۋى راھىتىنى تولۇقلاپ بېرەلمىدى. ماددى باياشاتلىقىنى ئەمەلىلەشتۈرۈپ بەردى، مەنىۋى خاتىرجەملىكىنى ئەمەلىلەشتۈرۈپ بېرەلمىدى.

ئۇسۇل – چارە ۋە ئۈسكۈنە – سايمانلارنى تەييارلاپ بېرەلىدى، مەقسەت ۋە نىشانلارنى تەييالارپ بېرەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەدەنىيەتتىكى ئىنسان سىرىتقى كۆرنىشى گۈزەل، زىننەتلىنىپ قاتۇرۇلغان قەبرىگە ئوخشاش ئىچكى(مەنىۋى) ھاياتى ۋەيرانە ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈردى.

شۇ سەۋەپتىن بۇ مەدەنىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئىككىلىنىش، قايغۇرۇش، تىت – تىت بولۇش، جىلە بولۇش، قورقۇش، غەم قىلىش، روھى غۇربەتچىلىك ھېس قىلىش، ئۆزىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىش، ھاياتىنىڭ يوقىلاڭ نەرسە ئىكەنلىكىنى سىزىش، بۇ ھاياتنىڭ ھېچقانداق نىشانى، غايىسى ۋە مەنىسىنىڭ يوقلىقىدىن شىكايەت قىلۋاتقانلىقىنى كۆرەۋاتىمىز.

بۇ مەدەنىيەت ئىنساننى ئىچكى تەرەپتىن ۋەيران قىلىپ تاشلىماقتا.

شۇنىڭ ئۈچۈن نىرۋا كىسەللىكى ۋە پىسخولوگىيە كىسەللىگى بىلەن دوختۇرخانىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. بۇ دوختۇرخانىلار شۇنچىۋالا كۆپ بولسىمۇ كىسەللەرگە يېتىشمەيۋاتىدۇ. بىراق دوختۇرخانىلار بۇ تۈردىكى كىسەللەرگە نېمە قىلىپ بېرەلىسۇن! .

بۇ مەدەنىيەتتىكى كىشلەر ئەخلاقى چۈشكۈنلۈك، روھى ئىككىلىنىش، ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇش، ئەقلى كىسەللىك، ئىجتىمائى پارچىلىنىش ۋە جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىش ھالەتلىرىدىن دەرىت ئېيىتماقتا.

غەرب مەدەنىيىتى ئىنسانغا- باشقىلارغا چېكىدىن ئاشماسلىق شەرتى بىلەن- شەخسى ئەركىنلىكنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ بەردى. بۇ ھېسابسىز ئەركىنلىك ئىنساننىڭ تەبئىيىتىنى بۇزىۋەتتى، ئاچكۆزلۈكىنى قاندۇرالمىدى. ئىنسان ھاۋايى – ھەۋسىگە بېرىلگەنچە، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەشنالىقىمۇ ئېشىپ باردى.

كائىناتتا مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە نەرسە تېپىلمايدۇ. ئوكيانلاردىكى پاراخۇتلار، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئايرۇپىلانلارمۇ بەلگىلەگلىك يولىدا ماڭىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ئېىشىپ كەتسە، ئاقىۋېتىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان كىرزىسلار كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ مەدەنىيەت يالغۇز ئىنسانغىلا زىيان كەلتۈرۈپ توختاپ قالماي، ئەتراپىدىكى مۇھىتقىمۇ زىيان كەلتۈردى. زاۋۇتلارنىڭ تۈتۈنلىرى، كېرەكسىز قالدۇقلىرى، يورانىيۇمنىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا خىمىۋېيىلىك دورىلارنىڭ ئارلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇھىتنى بۇلغىدى. بۇنىڭدىن سىرىت سەلبى ئىرسىيەت ئالامەتلىرى كۆپەيدى. بۇ نەتىجىلەر غالجىر كالا كېسىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كىلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ!

مانا بۇلار- خۇددى سوراققا تارتىلمايدىغان ئىلاھدەك – ئىنسانلارغا ۋە ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە ئۆزى خالىغانچە ئىش ئېلىپ بارسا كېلىپ چىقىدىغان تەبئى نەتىجىلەردۇر.

ئىنسان پەقەت بۈيۈك بىر ياراتقۇچىنىڭ مەخلۇقىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ياراتقۇچىنىڭ كائىناتتىكى نىزامىغا ۋە شەرئى قانۇنىغا بويسۇنۇپ مېڭىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ئۆزىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.

غەرب مەدەنىيىتىدىكى جاپا – مۇشەققەتنىڭ سىرى

بۇ مەدەنىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراشتىكى بىردىن بىر سىرى؛ بۇ مەدەنىيەت ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغان، روھسىز بەدەن بولۇپ ياشىغان ياكى چۈمۈلىنىڭ روھى بىلەن پىلنىڭ بەدىنى بولۇپ ياشىغان.

ھىندىستاننىڭ چوڭ شائىرى «تاگور» غەرب پەيلاسوپىنىڭ بېرسىگە: «توغرا، سىلەر قۇشلارغا ئوخشاش ھاۋادا ئەركىن ئۇچالىدىڭلار، بېلىققا ئوخشاش دېڭىزغا چۆكەلىدىڭلار، بىراق سىلەر زېمىندا ئىنسانغا ئوخشاش ياخشى ياشىيالمىدىڭلار» دېگەن.

غەرب مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ بۇ مەدەنىيەتتىكى، مەنىۋى بوشلۇقتىن شىكايەت قىلۋاتقانلىقىنى بەلكى تېخى، ئىنساننى ئىككىلىنىشتىن ئارام تاپتۇرالمايدىغان، قورقۇنچىدىن خاتىرجەم قىلالمايدىغان مەنپەئەتپەرەس ئۇ ماددى مەدەنىيەتتە ئۇزۇن داۋاملىشىشتىن ئاگاڭلاندۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرقىنى چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرەۋاتىمىز.

ئىلىم – پەن، پىكر ۋە ئەدەبىيات يېتەكچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى

ئالىملار، پەيلاسوپلار، ئۇستازلار، ئەدىپلەر ۋە سىياسىيۇنلارنىڭ غەربنىڭ ماددى مەدەنىيەت ۋە سانائەت سايمانلىرىغا غەرىق بولۇپ كېتىشنىڭ ئاقىۋېتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى ئارقىمۇ – ئارقا بولماقتا .

بۇلارنىڭ قاتارىدىن «نوبىل» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەبئى – پەن ئالىملىرى «ئالكىس كارىل ۋە رىينى دوبو» لارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى، بىر ئازدىن كېيىن بۇلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقلى قىلىپ كەلتۈرىمىز .

ئامېرىكىلىق مەشھۇر پەيلاسوپ «جون دىيۇ» شۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم – پەننىڭ بىرلىككە كەلگەن ئەخلاقى قىممەتلىرىنى پارچىلاپ تاشلاشقا رۇخسەت قىلىدىغان ۋە ئىلىم -پەننىڭ ئەخلاقى قىممىتىگە ئىشەنمەيدىغان مەدەنىيەت ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغان مەدەنىيەتتۇر» [ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى نامىلىق كىتابىغا قاراڭ!]

ئەنگىلىيەلىك ھازىرقى زامان مەشھۇر تارىخشۇناس پەيلاسوپ «تويىنبى» مۇنداق دېگەن، ئۇنى ئامېرىكىلىق يازغۇچى «كولى ۋولسۇن» نەقلى كەلتۈرگەن: «سانائەت پەنلىرى قۇربان بولغۇچىلارنى ئالداپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلىشتىن چىقىرىپ تاشلىدى. سانائەتنىڭ ئالدىشىغا ئەگىشىپ، روھلىرىنى سېتۋىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا» كنو، رادىيولار» نى ئالماشتۇردى. بۇ «يېڭى سودا» كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ نەتىجىسىدە روھى نامراتلىق پەيدا بولىدى. «ئاپلاتۇن» روھى نامراتلىقنى «چوشقىلار جەمئىيىتى» دەپ سۈپەتلىگەن بولسا، «دوس ھىكسىلى»، «يېڭى پاقىراق ئالەم» دەپ سۈپەتلىگەن.

تويىنبى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «غەرب ئەللىرى ماددى بايلىقتىن دىنغا يۆتكەلمىگىچە ياخشى نەتىجە تاپالمايدۇ» دېگەن. [لىكولىن ۋولسۇننىڭ «مەدەنىيەتنىڭ زاۋال تېپىشى» نامىلىق كىتابىغا قاراڭ!]

ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدىپ «جون شىتاينىك» دوستى «ئىدلاي ئىستىفىنۇن» غا يازغان خېتىدە: «ئامېرىكىنىڭ مۈشكۈلىسى(قىيىنچىلىقى) بايلىقتۇر. ئامېرىكىدا كۆپ نەرسىلەر بار، بىراق يېتەرلىك روھى مەسئۇلىيەت يوق. بىز ئەقلى- ھۇششىمىزنى تاپقىدەك دەرجىدە سىلكىنىشكە موھتاج، بىز تەبىئەت ئۈستىدىن غەلبە قىلالىدۇق، بىراق نەپسىمىز ئۈستىدىن غەلبە قىلالمىدۇق» دېگەن .

گىرمانىيە شائىرى «بىروشىرت» غەرب مەدەنىيتنىڭ سايىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭى ئەۋلادنىڭ تىراگىدىسىنى بۇ سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن: «بىز ئۆزئارا ھېچقانداق ئالاقىسى، مۇناسىۋىتى يوق ئەۋلادلار. بىز دىنسىز ۋە راھەتسىز تۇرمۇشتا؛ قوياشىمىز تار، مۇھەببىتىمىز ۋەھشىي، ياشلىرىمىز ئىرادىسىز بولغان ئەۋلادلار، بىز بەلگىلىمىسىز، چەكلىمىسىز ۋە ھىمايىسىز ئەۋلادلاردۇرمىز».

فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ «جارۇدى» غەرب مەدەنىيتىنى تەنقىد قىلىپ، «ئۇنى پىرئەۋىن مەدەنىيىتى دەپ ئاتىدى. غەرب مەدەنىيتىدە ئىلىم – پەن بار، ھىكمەت يوق، ئۇ مەدەنىيەت ئۈسكۈنە – سايمانغا ئەھمىيەت بەردى، ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلمىدى. بولۇپمۇ ئاللاھىنىڭ بىرلىكى نىڭ ئورنىغا «بازارنىڭ بىرلىكىنى» ئاساس قىلىدىغان، دوللارنى ئىلاھ دەپ قارايدىغان ئامېرىكا مەدەنىيىتى شۇنداق» [ئامېرىكا چۈشكۈنلۈشۈشنىڭ ئاۋانگارتىدۇر] نامىلىق كىتابقا قاراڭ!

بۇ تەرەپكە كۆڭۈل بۆلگەن سىياسىيۇنلارنىڭ قاتارىدىن، «ئىيزىنھاۋىر» دەۋىرىدىكى ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى «دالاس» دۇر.

ئۇ كىتابىنىڭ «روھى ھاجىتىمىز» نامىلىق بابىدا ئامېرىكا موھتاج بولۇۋاتقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلە ماددى نەرسىلەرگە تاقالمايدۇ، بىزدە ئالەم بويىچە ماددى ئەشيالاردىن ئەڭ كۆپ مەھسۇلات بار، بىزگە كەمچىل بولۇۋاتقان نەرسە كۈچلۈك ۋە توغرا ئەقىدىدۇر، ئەقىدە بولمىسا بىزدە بار نەرسىلەر ئاز بولۇپ قالىدۇ. بۇ كەمچىللىكنى يۇقىرى ماھارەتلىك سىياسىيۇنلار، زىرەك دىپلۇمات خادىملىرى، ئىجادىيەتلىك ئالىملار ياكى باشقۇرۇلدىغان ئاتۇم بومبىلار تولۇقلاپ بېرەلمەيدۇ».

زۇڭتۇڭ «ۋولسۇن» ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى مۇنداق دەپ يازغان: «بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز روھانىيتىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىسە، ماددى تەرەپتىن ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ».

بۈگۈنكى مەدەنىيەتتە ئىلىم – پەننىڭ ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىشتىن ئاجىزلىقى

ئىلىم-پەننىڭ ئەھمىيىتىگە، ئەقىل ۋە ئۇنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئىشەنسەكمۇ، ئەقىل ئىنسان ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا ئىلىم – پەن ھاياتتىكى ھەممە نەرسە ئەمەس دەيمىز.

ئەقىلنىڭ ئېشىپ كېتەلمەيدىغان چەكلىمىسى بار، ئىلىم – پەننىڭمۇ ئېشىپ كېتەلمەيدىغان چەكلىمىسى بار. ۋۇجۇدىيەتنى چۈشەندۈرۈش (دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى)، ھاياتنىڭ غايىسى، كائىناتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاياغىلىشىشى، ئۆلۈم ۋە ھايات مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار چوڭ ۋۇجۇدىيەت مەسىللىرىنى ئەقىل ئۆزى يالغۇز ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئىلىممۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى سوزالمايدۇ. چۈنكى ئىلمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ماددى ۋە تەجىربىگە بويسۇنىدىغان نەرسىلەرگە خاس.

ئىنساننىڭ دۇنياغا كىلىشى، بۇ دۇنيادىكى غايىسى، زېمىندىكى ۋەزىپىسى، كائىنات ۋە ھايات بىلەن، كائىنات ۋە ھاياتلىقنى ياراتقۇچى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئەقىل ۋە ئىلىمدىن باشقا مەرىپەت مەنبەسى لازىم. بۇ مەرىپەت مەنبەسى ئىلاھىي ۋەھيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنى ئىمان كەلتۈرۈشتىن باشقا يول بىلەن ئالغىلى بولمايدۇ. خىلمۇ -خىل دەۋرىلەردە ئىنسانلار بۇنىڭغا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ ساغلام نەتىجىگە يىتەلمىگەن. ساغلام ۋەھيىگە تايانغان ئىماننىڭ ئۆزى بىردىن بىر ئىشەنچىلىك.

ئىمان چوڭ ۋۇجۇدىيەت مەسىللىرىنى شەرھىلەپ بىرەلەيدۇ، ئىنساننى ئەزەلى بولغان چوڭ ۋۇجۇدىيەتكە باغلىيالايدۇ، ئىمان ئىنساننىڭ ھاياتىغا تەبىئەت، غايە ۋە ۋەزىپە بەلگىلەپ بىرىدۇ.

ئىمان شۇنداقلا ئىلىمنى بۇرۇلۇپ كىتىشتىن ساقلايدۇ، ئۇنى يامان يوللارغا ئىشلىتىشتىن توساپ قالىدۇ.

ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ سايىسى ئاستىدا ئىماننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن تۇرغان ئىلىم -پەن پارلاق مەدەنىيەت تىكلىيەلەيدۇ ۋە گۈللەندۈرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ خىزمىتى ۋە ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.

ياۋرۇپادىكى ئىلىم – چىركاۋ بىلەن بولغان ئۇزۇن تارىخى زىددىيىتىنىڭ شارائىتى تۈپەيلىدىن-ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن يىراق، ئىمان بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈك تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نەتىجىسدە ھەر ۋاقت ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان خىمىيلىك، بىئولوگىيلىك قۇراللار، قىرغۇچى ۋە ۋەيران قىلغۇچى قۇراللار پەيدا بولدى.

ئىسلامنىڭ ئاچقۇچى ئىلىم ۋە چۈشەنچە بولغان بولسا، ئىسلامنىڭ جەۋھىرى ئىماندۇر، ئىماننىڭ جەۋھەرى تەۋھىددۇر.

بۇ ئەسىردە ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن بەختسىزلىكىدىن شىكايەت قىلىپ، ھاياتنىڭ ھېچقانداق قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ داۋراڭ قىلىشىدۇ؟ كائىنات ئىلمى، تەبئى پەنلەر، ماتىماتكا ۋە تۇرمۇشنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكەن، يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، تۆمۈرنى سۆزلەتكەن، قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن پەن تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىنسانلار دۈچ كېلىۋاتقان بەختسىزلىك كىرزىسى، گاڭگىراش ھادىسلىرىنى يوقۇتۇپ ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلالماسمۇ؟

ئەمەلىيەتتە مەشھۇر ئالىملار ئىلىم -پەننىڭ ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش رولىنى ئېلىپ مېڭىشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

مەشھۇر ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى

بۇ ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئىلىم – پەن ساھەسىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە «ئىنسان نامەلۇم نەرسە» نامىلىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى «ئالكىس كارىل»، بۇ ئالىم ئۇ كىتابىدا غەرب مەدەنىيتىنى ئىلىم -پەن ۋە لوگىكا ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان ئىلمى تەنقىد ئاساسىدا تەنقىد قىلغان.

«ئالىكس كارىل» كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى مەدەنىيەت ئۆزىنى قىيىن شارائىتتا ھېس قىلماقتا. چۈنكى بۇ مەدەنىيەت بىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ مەدەنىيەت بىزنىڭ ھەقىقى تەبئىتىمىزگە قىلچە رىئايە قىلىنماستىن تۈزۈلگەن. ئۇ ئىلمى كەشپىيات خىياللىرى، ئىنسانلارنىڭ خىياللىرى، نەزەريەلىرى ۋە قىزقىشلىرى بويىچە تۈزۈلگەن. گەرچە ئۇ مەدەنىيەت بىزنىڭ كۈچىمىز ئارقىلىق پەيدا بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەدەنىيەت بىزنىڭ ھەجمىمىز ۋە شەكلىمىزگە ماس كەلمەيدۇ». [ئىنسان نامەلۇم نەرسە] نامىلىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىنساننى تەبىئەت ۋە ئاستىرونومىيە ئالىملىرى يارتىپ چىققان شەكىلدىن ئازاد قىلشىمىز لازىم. ئىنسان بۇ شەكىلدە گەرچە ئۇنىڭ قەدىر قىممىتى شۇنچە چوڭ بولسىمۇ ئويغىنىش دەۋرىدىن تارتىپ تار دائىرىگە كىرىپ قالدى».

بۇ مەدەنىيەتنىڭ ماددىۋى دۇنياسى ئىنسانغا نىسبەتەن تاردۇر، ماددى دۇنياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى مۇھىت شەكلى بىلەن ئىنسانغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

«ئالىكس كارىل» ئوتتۇرغا قويغان بۇ مەسىلىنى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرسى بولغان «رىيىنبى دوبو» تەكىتلەپ ئۆتتى. بۇ ئالىم «ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر ئىلىم – پەن دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز دەپ دەۋا قىلىمىز. بىراق ئىلمى مەيداندا ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا ئەسلەپ ئۆتكىدەك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تەڭپۇڭلۇق يوق. بىز ماددا ھەققىدە ۋە سىرىتقى دۇنيادىن پايدىلنىشتا نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلارنى توپلىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنىڭ بۇ ماھارىتىمىز بىلەن ئوينىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان تەسىرنى بىلمەيۋاتىمىز. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز بۇ يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادلاردەك ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز».

ھازىر ئىنسانلار ياشاۋاتقان غەلىتە ھايات، ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ ساغلام بولۇشى، ئىنسانيەت ئىمكانىيتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان جانلىق بىرىكمىلەرنى بېكار قىلىپ تاشلايدۇ.

پەيلاسوپلار، بۇزۇق ئىجتىمائى مۇھىتلاردا ھاياتىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ئوغلانلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئىككىلەنمەكتە. بۇ مۇھىتنى بىز ئۇ ياشلارغا ئويلانماستىن يارتىپ بېرۋاتىمىز. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى؛ بۈگۈن ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلىش ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى بۇلغانغان مۇھىتلار ۋە ماددى نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىنسانلارغا سەل قارايدىغان ئىجتىمائى ئادەتلەرنى پىلانلانماقتا.

ئىككى ئەسىردىن بۇيان، غەرب ئەللىرى؛ ھەقىقىي نىجاتلىق، بەخت ـ سائادەت پەن – تېخنىكا كەشپىياتى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ دەپ قاراپ كەلمەكتە. تېخنىكا ئىجادىيىتى ئىنساننىڭ ماددى بايلىقىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلىغانلىقىدا شەك يوق. بىراق تېخنىكا كەشپىياتى ئىنسانغا بەخت – سائادەتنى پەيدا قىلىپ بېرەلەيدىغان بايلىق ۋە ساغلاملىقنى بېرەلمىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار، ئىلىم -پەن ۋە تېخنىكىنى ئەخلاقى يوق ۋاستىلار دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئىنسانيەتنىڭ مەنپەئەتى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ۋەيران بولىشى ئۈچۈن ئىشلىتىش مۈمكىن. ئىلىم -پەن ئىلمى قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىشقا قادىر بولالايدۇ دېگەن كۆز قاراشنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاڭ – تەسەۋۋۇر يالغانغا چىقىرىدۇ. چۈنكى ئىلىم -پەن تېخنىكىسى كونا قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا بولغان كۆرشىدە يېڭى قىيىنچىلىقلارنى قوزغاپ چىقماقتا».

ئۇ «ئامېرىكا تەرەققى قىلىش خۇراپاتلىقىدىن غەلىبە قىلالامدۇ؟» دېگەن ماۋزۇ توغرسىدا سۆز قىلىپ، ئىچكى ئىشلار سىكىرتارى «ئىسىيورات ئوۋرال» نىڭ سۆزىنى نەقلى كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان ياساپ چىققان ئامېرىكىنى، قىتئەلەر بويىچە چوڭ كىرزىس دەپ قاراش ئاسان. ئەگەر بىز ئاڭلىق بولمايدىكەنمىز تارىخ بىزنى- ئىنساننى ئاي شارىغا ئېلىپ چىققان ئەۋلادلار دېگەن ئاساس بىلەن تىلغا ئالىدۇ، بىراق بىز تىزىمىزغىچە پاسكىنا ئىشلارغا چۆكۈپ كەتتۇق».

ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر پىسخولۇگىيە ئالىمى پىروفىسسور: «ھىنرى لىنك غەيىب، ئىلىم- پەن ۋە پىكرنى ھۆرمەتلەش دېگەن بانا بىلەن ئىماننى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى پىكرىنى بايان قىلىپ، يالغۇز ئىلىم – پەننىڭ ئۆزىلا ئىنسانغا ھەقىقى بەخت- سائادەت سەۋەپلىرىنى يارىتىپ بېرەلمەيدۇ» دېگەن.

«ئەمەلىيەتتە ھازىر ئىلىم – پەن مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە پىكر مەسىلىنى ئۇلۇغلايدىغان كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولماقتا. شۇنداق بولسىمۇ پىسخولوگىيە ئالىملىرى يالغۇزلا پىكر قىلىش ( يەنى مەنىۋى ھاياتتىن يىراق تەپەككۈر قىلىش) قا تايىنىش، ئىنساننىڭ بەخت سائادىتىنى ۋەيران قىلىشقا يېتەرلىكتۇر» دىمەكتە.

«بىز قىيىن ھايات مۈشكۈللىرىمىزنى ئىلىم – مەرىپەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ھەل قىلىپ بولالمايمىز، بەخت – سائادەتنى يالغۇزلا ئىلىم – مەرىپەت يولى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلمەيمىز. ئىلىم – پەننىڭ تەرەققى قىلشىنىڭ مەنىسى ئىشلارنىڭ قالايمىقانلىشىشنىڭ كۆپىيىشىدۇر، بۇ ئىلىملار ھاياتنىڭ ئوچۇق ھەقىقەتلىرى بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈلمىسە، ئۇ چاغدا بۇ ئىلىملار، ئۇنى ئىجات قىلىپ چىققان ئەقىللەرنى ئازات قىلالمايدۇ. بەلكى ئەقىللارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا باشلاپ بارىدۇ. بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى چوقۇم ئىمان يولى ئارقىلىق بولۇشى لازىم» دېگەن. [«ئىمانغا قايتىش» نامىلىق كىتاب- 81 – بەت]

غەرب ئىلمى دىندىن يىراق

غەربتىكى ئىلىم -پەن – ئېنىق بولغان تارىخى شارائىتلار تۈپەيلىدىن- دىندىن خالى ئۆسۈپ چىققان. بەلكى دىنغا قارشى پەيدا بولغان. چۈنكى چىركاۋلار ئىلىم – پەن ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە قارشى پوزىتسىيدە تۇرغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم – پەن دىننى تاشلاپ، يالغۇز قەدەم باستى. ئالىملار دىننىڭ تەبئىتى ئىلىم – مەرىپەتكە قارشى تۇرىدۇ دەپ ئويلاپ، دىننىڭ مەنبەسى بولغان – ئاللاھتىن يۈز ئۆرىدى، تەتقىقاتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپمۇ قويمىدى.

مانا بۇ غەرب مەدەنىيتىدىكى ئىلىم – پەن ۋە ئىلىم – پەن ئەربابلىرىنى ئىگەللىگەن يۇقىرى روھ (كۆز قاراش) ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەتنىڭ قانۇنلىرى (ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنى) دېگەن ئاساس بويىچە ئۈگتىلمەي، تەبىئەتنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتى دېگەن ئاڭ بويىچە ئۆگتىلدى. ئالىملار ئوقۇغۇچىلارغا: مانا بۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى دېگەننى ئۈگەتمەي، تەبىئەتنىڭ قۇدرتى دېگەننى تەلىم بەردى. تەبىئەت بولسا بىر نەرسىنى ياساش ياكى ئىشلەپچىقىرشتىن ئاجىز مەخلۇقتۇر.

ئاسمان- زېمىندا كۆرۈلىۋاتقان بۇ ئىجادىيەتلەر، ھەممە نەرسىنى پۇختا قىلغان ئاللاھنىڭ يارتىشىدىن كەلگەن. ئاللاھ قۇرئاندا: ]پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسەتتى[ دەيدۇ. [سۈرە تاھا 50 – ئايەت]

بىز مۆمىنلەر مۇشۇنداق ئىشىنىمىز.

غەرب ئەللىرى ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ياخشىلىق- يامانلىق، پايدىلىق – زىيانلىق ۋە ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتتى.

 ئىلىم – پەن مەھسۇلاتلىرىنى ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئۈسكۈنلەر سۈپتىدە ئىشلتىشكە پىسەنت قىلىپ قويمىدى. 20 – ئەسىردىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەن مىليۇنلىغان ئىنسانلار ۋە ياپۇنيەنىڭ خىروشىما، ناگاساكى رايۇنىغا ھېسابسىز ھاياتلىقنى ۋەيران قىلغۇچى ئاتۇم يادرو بومبىلارنىڭ ئىشىلتىلگەنلىكىگە قارىمامسىز؟!

پەيدا بولۇشى، ئۇسۇلى، ئىجادىيىتى مانا مۇشۇنداق بولغان ئىلىم – پەننىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن سەۋەپ بولۇشى ۋە ئىنسانىيەت دۈچ كېلىۋاتقان بەختسىزلىكتىن ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزغۇچى رولىنى ئېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

بەلكى بۇ ئىلىم-پەن – ئۇلارنىڭ پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئېيىتقاندەك- ئۇلارنىڭ بەختسىز بولۇپ قىلىش ۋە مەنىۋېيتىنىڭ قۇرۇق بولۇشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

يازغۇچى: دكتور يۈسۈپ قەرداۋى

                                                                                                                  ترجمە قىلغۇچى: سيف ﷲ

 

بۇ تېما 100قېتىم كۆرۈلدى