چىكىنىڭ
ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ‐‐ ھەقىقەت بىلەن تۆھمەت ئارىسىدا

ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ‐‐ ھەقىقەت بىلەن تۆھمەت ئارىسىدا

مەنتىق (لوگىكا) ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: بىر شەيئىگە ھۆكۈم قىلىش، ئۇ شەيئىنى بىلىشنىڭ بىر پارچىسى. چۈنكى، نامەلۇم شەيئىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنىڭ «قانداق نەرسە» ئىكەنلىك ماھىيىتىنى بەلگىلەش ۋە ھەقىقىتىنى تەسۋىرلەشتە ئىختىلاپ قىلىنغان شەيئىگە ھۆكۈم قىلىش ھەم مۇمكىن بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ باشتا بىزگە «دىنىي جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش»نىڭ مەنىسىنى، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالامەتلىرىنى ئېچىپ بېرىش لازىم بولدى.

«ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش»نىڭ مەنىسى: ئوتتۇراھاللىقتىن يىراق ھالدا بىر تەرەپتىلا ھەددىدىن ئارتۇق چىڭ تۇرۇۋېلىشتۇر. ئۇ ئەسلى، ئولتۇرۇپ-قوپۇش ياكى مېڭىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش كونكىرت ئىشلاردا بولىدۇ. كېيىن ئۇ دىندا ياكى پىكىر، چۈشەنچىدە بىر تەرەپتە ھەددىدىن زىيادە چىڭ تۇرۇۋېلىشقا ئوخشاش مەنىۋى ئىشلارغا يۆتكەلگەن.

ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئۇ ئىنساننى ھالاكەت ۋە خەتەرگە بەكرەك يېقىنلاشتۇرۇپ، قۇتۇلۇش ۋە ئامانلىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىققا چاقىرىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن توسۇشى

ئىسلام ھەممە جەھەتتە ئوتتۇراھال يولدۇر. ئىسلام تەسەۋۋۇر، ئېتىقاد، ئىبادەت، دىنىي پائالىيەتلەر، ئەخلاق، يۈرۈش-تۇرۇش، مۇئامىلە ۋە قانۇن بەلگىلەش قاتارلىقلاردا ئوتتۇراھال يول تۇتىدۇ.

مانا بۇ يولنى ئاللاھ تائالا «توغرا يول» دەپ ئاتىدى. بۇ يول ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە ئېزىپ كەتكەن دىن ۋە باشقا پەلسەپە ئىگىلىرىنىڭ يوللىرىدىن ئالاھىدە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ يوللىرى ھېچقاچان تەرسالىق ۋە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن خالىي بولغان ئەمەس.

«ئوتتۇراھاللىق» ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى باشقا ئۈممەتلەردىن ئالاھىدە ئايرىشى جەھەتتىكى ئاساسىي كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَكَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِّتَكُونُواْ شُهَدَاء عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا﴾ «شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە شاھىد بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۈممەت قىلدۇق» (بەقەرە سۈرىسى 143- ئايەت). ئىسلام ئۈممىتى ئادىل ۋە ئوتتۇراھال ئۈممەت بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئوتتۇراھال، توغرا يولدىن ئوڭغا ياكى سولغا قېيىپ كەتكەنلەرگە گۇۋاھچى بولىدۇ.

شەرىئەت ئاساسلىرى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنى «رادىكاللىق» دەپ تەرىپلەيدۇ

ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇراھاللىققا چاقىرىدۇ ۋە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن توسىدۇ. ئۇ «ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش» دېگەن چۈشەنچىنى بىر قانچە سۆزلەر ئارقىلىق ئىزاھلايدۇ، ئۇلار «رادىكاللىق»، «چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىش» ۋە «چىڭىتىۋېلىش» قاتارلىقلار.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاساسلارغا قارىغان كىشىگە شۇ ئايان بولىدۇكى، ئىسلام دىنى بۇنداق تەرسالىقتىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق چەكلەيدۇ.

ئىسلامنىڭ تەرسالىقتىن قانچىلىك چەكلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قانچىلىك ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرىنى ئوقۇساقلا كۇپايە قىلىدۇ:

  1. ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ «مۇسنەد» دېگەن كىتابىدا، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجەلەر ئۆزلىرىنىڭ «سۇنەن» دېگەن كىتابلىرىدا ۋە ھاكىم ئۆزىنىڭ «مۇستەدرەك» دېگەن كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «دىندا تەرسالىق قىلىپ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر دىندا تەرسالىق قىلىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەچكە ھالاك بولۇپ كەتتى».

بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئىلگىرىكىلەر،بىزدىن ئىلگىرىكى دىن ئىگىلىرى، خۇسۇسەن ئەھلى كىتابتىن بولغان ناسارا (خرىستىئان)لارنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىم ئۇلارغا مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ: ﴿ قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لاَ تَغْلُواْ فِي دِينِكُمْ غَيْرَ الْحَقِّ وَلاَ تَتَّبِعُواْ أَهْوَاء قَوْمٍ قَدْ ضَلُّواْ مِن قَبْلُ وَأَضَلُّواْ كَثِيراً وَضَلُّواْ عَن سَوَاء السَّبِيلِ﴾«(ئى مۇھەممەد!) ‹ئى ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىي ۋە نەسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار› دېگىن» (مائىدە سۈرىسى 77- ئايەت). ئاللاھ تائالا بىزنى ئۇلار ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەندەك ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن چەكلىدى. باشقىلاردىن ئىبرەت ئالغان كىشى بەختلىك كىشىدۇر.

بۇ ھەدىسنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبى بىزنى مۇھىم بىر ئىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دەسلەپ كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىپ،ئاندىن دائىرىسى كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى تارقىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەججەتۇلۋىدادا مۇزدەلىپىگە كەلگەندە سۆزلىگەن. ئۇ ئىبنى ئابباسقا مۇنداق دېگەنىدى: «تېز بولغىن، ماڭا تاش تېرىپ بەرگىن» (يەنى مىنادا ئاتىدىغان ئۇششاق تاشلارنى دېمەكچى). ئىبنى ئابباس ئېيتىدۇكى، مەن ئۇنىڭغا ئۇششاق تاشلاردىن تېرىپ بەردىم، ئۇ تاشلارنى قولىغا ئېلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: «ھەئە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلارنى تېرىپ ئاتساڭلار بولىدۇ، دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار!». چوڭ تاشلارنى ئاتساق كىچىكىگە قارىغاندا ياخشىراق ئەمەسمۇ؟ دەپ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئېڭى كىرىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبىرىمىزنىڭ «دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار!» دېگەن سۆزى مەيلى ئېتىقادت ، ئەمەل-ئىبادەتلەردە بولسۇن ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناسارالار باشقا تائىپىلەرگە قارىغاندا ئېتىقاد ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەردە بەكرەك ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ﴿ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لاَ تَغْلُواْ فِي دِينِكُمْ﴾«دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار!» (نىسا سۈرىسى 171- ئايەت) دېگەن.

  1. ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ «سەھىھۇل مۇسلىم» دېگەن كىتابىدا ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەددىدىن ئېشىپ چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتكەنلەر ھالەك بولۇپ كەتتى» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان (بۇنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار سۆزلىرىدە ۋە ئەمەللىرىدە چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن كىشىلەردۇر.

بىز شۇنى مۇلاھىزە قىلىمىزكى، يۇقىرىدا دىيىلگەن بۇ ئىككى ھەدىستە تەرسالىق ۋە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ھالاكەت دىن ۋە دۇنيا ھالاكىتىنى تەڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھالاكەتتىنمۇ ئارتۇق زىيان تارتىش بارمۇ؟ بۇ ئاگاھلاندۇرۇش كۇپايە قىلمامدۇ؟

  1. ئىمام ئەبۇ يەئلا «مۇسنەد» دېگەن كىتابىدا ئەنەس ئىبنى مالىكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆزەڭلارگە ئۆزەڭلار چىڭىتىۋالماڭلار، سىلەرگە ئېغىر كېلىپ قالىدۇ، ئىلگىرى بىر قەۋم ئۆزىگە ئۆزى چىڭىتىۋالغانىدى، ئۇلارغا ئېغىر كەپقالدى، مانا بۇ تاغ چوققىلىرىدا ۋە راھىبلارنىڭ ئۆيلىرى ئىچىدە ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بار». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَرَهْبَانِيَّةً ابْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَاهَا عَلَيْهِمْ﴾«راھىبلىقنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالدى، بىز ئۇلارغا ئۇنداق قىلىشنى پەرىز قىلمىغانىدۇق». (بۇنى ئىبنى كەسىر سۈرە ھەدىدتە زىكرى قىلىدۇ).

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق قاراشلارغا قارشى تۇرغانىدى. شۇنداقلا ئىبادەت قىلىشتا، ئىقتىسادچانلىق قىلىشتا ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ئوتتۇراھاللىقتىن ئاشۇرۇۋەتكەن ساھابىلەرنى چەكلىگەنىدى. ئۇ روھانىيلىق بىلەن ماددىچىلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرغانىدى. ئۆزىنىڭ پەزىلىتى ئارقىلىق دىن ۋە دۇنيانىڭ، نەپسىنىڭ ھاياتلىقتىن ئالىدىغان نېسىۋىسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىبادەت قىلىنىشتىكى ھەققىنى مۇۋاپىقلاشتۇرغانىدى. ئەسلىدە ئىنسان شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان.

ئىسلام دىنى ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدىن ئىنسان نەپسىنى پاكلايدىغان، ئۇنى روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، جامائەتنى پۈتۈنلەي يۈكسەلدۈرىدىغان، جامائەتنى ئىنساننىڭ زېمىننى ئاۋات قىلىشتىكى ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىۋەتمەستىن، قېرىنداشلىق، بىر-بىرىگە كېپىل بولۇش ئاساسى ئۈستىگە تۇرغۇزىدىغان ئىبادەتلەرنى بەلگىلىدى. ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىقلار شەخسىي ئىبادەتلەردۇر. لېكىن، ئۇلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىجتىمائىي ئىبادەتتۇر. ئۇلار مۇسۇلماننى ھاياتتىن، جەمئىيەتتىن ئايرىۋەتمەيدۇ. بەلكى، ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە جەمئىيەتكە تېخىمۇ باغلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئىنسانغا ھاياتلىق ۋە ئۇنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن، ھاياتلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئايرىلىشنى پەرز قىلىدىغان (راھىبلىق)نى بەلگىلىمىدى. بەلكى، زېمىننىڭ ھەممىسى مۇئمىن ئۈچۈن بۈيۈك مېھراپتۇر. ئەگەر نىيەت توغرا بولسا، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئىجرا قىلىنسا، يەر يۈزىدە ئىشلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى ھەم ئىبادەت ۋە جىھاد ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام دىنى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە پەيلاسوپلار چاقىرغان روھانىي ھايات ئۈچۈن ماددىي ھاياتنى بىكار قىلىش، روھىنى ساپلاشتۇرىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەپ بەدەننى مەھرۇم قىلىش ۋە ئازابلاش، ئاخىرەت ئۈچۈن دۇنيانى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت خاتا قاراشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە تەڭپۇڭلۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان: ﴿ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾«ئى ئاللاھ، بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن!» (بەقەرە سۈرىسى 201- ئايەت)؛ «ئى ئاللاھ، مېنىڭ ئىشىمنىڭ ساقلىغۇچىسى بولغان دىنىمنى ئىسلاھ قىلغىن، مېنىڭ مەئىشىتىم ئۇنىڭدا بولغان دۇنيايىمنى ئىسلاھ قىلغىن، مېنىڭ قايتىپ بارىدىغان ئورنۇم بولغان ئاخىرىتىمنى ئىسلاھ قىلغىن!» (ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان). «ئەلۋەتتە سېنىڭ بەدىنىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار» (بۇ مەسىلىدە بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن).

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە يارىتىپ بەرگەن ھالال نەرسىلەرنى ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ھارام قىلىش تەرەپدارى بولغان كىشىلەرگە قاتتىق رەت قىلىپ، مەككىدە چۈشكەن بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ وكُلُواْ وَاشْرَبُواْ وَلاَ تُسْرِفُواْ إِنَّهُ لاَ يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ○قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللّهِ الَّتِيَ أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالْطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ﴾ «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ. ئېيتقىنكى، ‹ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟›» (ئەئراف سۈرىسى 31 ‐‐ 32- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مەدىنە مۇنەۋۋەردە چۈشۈرگەن بىر ئايەتتە مۇئمىنلەر جامائىتىگە مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ: ﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تُحَرِّمُواْ طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللّهُ لَكُمْ وَلاَ تَعْتَدُواْ إِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ○وَكُلُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ اللّهُ حَلاَلاً طَيِّبًا وَاتَّقُواْ اللّهَ الَّذِيَ أَنتُم بِهِ مُؤْمِنُونَ﴾ «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلەرغا) ھارام قىلماڭلار! (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار! ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەرنى يەڭلار! سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!» (مائىدە سۈرىسى 87 ‐‐ 88- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەت كەرىمىدە مۇئمىنلەر جامائىتىگە ئىسلامنىڭ پاك نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولۇشتىكى ۋە بەزى دىنلاردىكى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە قارشى تۇرۇشتىكى يولىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ چۈشۈشى سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:

ساھابىلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر «بىز ئەرلىكىمىزنى كېسىپ تاشلاپ، دۇنيالىق شەھۋىتىمىزنى تەرك قىلىمىز، راھىبلارغا ئوخشاش زېمىندا كېزىپ يۈرىمىز» دېيىشكەن. يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر مۇنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنى پىچتۇرۇۋېتىپ، راھىبلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋېلىشنى ئويلاشقان چاغدا بۇ ئايەت چۈشكەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بۇ گۆشتىن يېسەم ئاياللارغا قىزىقىپ قالىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەمگە گۆش يېيىشنى ھارام قىلدىم» دېدى. ئاندىن كېيىن بۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ ھالال قىلغاننى سىلەر ھارام قىلماڭلار …!» دېگەن ئايەت چۈشتى (بۇنى ئىبنى كەسىر ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىدۇ).

«سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «سەھىھۇل مۇسلىم»دا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ مەخپىي قىلىدىغان ئىبادەتلىرى ھەققىدە سورىغانىدى. گوياكى، ئۇلار ئۇنى ئاز ھېسابلاپ، بەزىلىرى: «مەن گۆش يېمەيمەن» دېدى. يەنە بەزىلىرى: «مەن ئۆيلەنمەيمەن» دېدى. يەنە بەزىلىرى: «مەن كۆرپىدە ياتمايمەن» دېدى. بۇ گەپلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇنداق-مۇنداق دېيىشىپ يۈرۈشۈپتۇ. بىراق، مەن روزىمۇ تۇتىمەن، ئىپتارمۇ قىلىمەن، بەزىدە ئۇخلايمەن، بەزىدە تۇرىمەن، گۆشمۇ يەيمەن ھەم ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرىسە، ئۇ مەندىن ئەمەس».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى دېمەك ئۇنىڭ دىنىنى چۈشىنىش ۋە تەتبىق قىلىشتىكى يولى دېمەكتۇر. ھەر كىمگە ھەققىنى بەرگەن ئاساستا، تەڭپۇڭلۇق، ئوتتۇراھاللىق بىلەن ئاللاھ تائالاغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش لازىم؟ ئۆزىگە، ئەھلىگە ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش لازىم؟ ئۇ مانا بۇلارنى چۈشىنىشتىكى پارلاق يولدۇر.

يازغۇچى: يۈسۈپ قەرداۋىي

تەرجىمە قىلغۇچى بەختىيار

بۇ تېما 108قېتىم كۆرۈلدى