چىكىنىڭ
ۋەتەنپەرۋەرلىك

ۋەتەنپەرۋەرلىك

شېھىد ئىمام ھەسەن ئەلبەننا

كىشىلەر، بولۇپمۇ شەرقلىقلەر گاھ ۋەتەنپەرۋەرلىك، گاھ مىللەتچىلىك چاقىرىقلىرىغا مەپتۇن بولۇپ كەتتى. چۈنكى شەرقلىقلەر: «غەربلىكلەرنىڭ ناھەقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، غۇرۇر ۋە شان-شەرەپلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنىنى، ئۇلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مال-بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىپ، قېنىنى تۆكۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى.» ئۇلار غەربلىكلەر ئۆزلىرىگە مەجبۇرلاۋاتقان بويۇنتۇرۇقلاردىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت، غەيرەت-شىجائىتىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ؛ رەھبەرلەرنىڭ نۇتۇقلىرى، گېزىتلەر، يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى، خاتىبلارنىڭ خۇتبىلىرى ۋە بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك شۇئارلىرى بىلەن تولۇپ تاشماقتا.

بۇ تولىمۇ ياخشى ئەھۋال. بېراق بۇ شەرقلىقلەرگە ئىسلامىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ غەربلىكلەرنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ يازغانلىرىدىنمۇ مۇكەممەل، يۈكسەك، ئالىيجاناب تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۇلار سىزگە ئىشەنمەي، ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىگە قارىغۇلارچە ئېسىلىۋالىدۇ. ۋەتەنپەرۋەلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك باشقا نەرسە ئىسلام باشقا نەرسە دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى تېخى ۋەتەنپەرۋەلىك بىلەن مىللەتپەرۋەرلىكنى ئىسلامغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش مىللىي بىرلىكنى پارچىلىۋىتىدۇ ۋە ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇ تازا قاملاشمىغان بىر گەپ.

بۇ خاتا چۈشەنچە مەيلى قايسىلا جەھەتتىن بولمىسۇن، شەرق خەلقلىرى ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك بىر قاراش. بۇ سەۋەبتىن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» ۋە ئۇلارنىڭ دەۋىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى كۆز قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. مانا بۇ، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»نىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە تاللىغان مەيدانى. ئۇلار بۇ مەيدانىدا باشقا قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىششنى خالايدۇ.

ۋەتەن سۆيگۈسى

ۋەتەنپەرۋەرلىك پىكرىنى ياقلايدىغانلار ئەگەر بۇ پىكرى ئارقىلىق ۋەتىنىنى سۆيۈش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا مېھرى-مۇھەببەت باغلاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ ئىنساننىڭ ئەسلىي تەبىئىتىدە بار بولغان، يەنە كېلىپ ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان بىر ئەھۋالدۇر. دەرۋەقە، دىنى ۋە ئېتىقادى ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلغان ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەت يۇرتى مەدىنەدە تۇرۇپ مەككىگە بولغان مۇھەببىتىنى، سېغىنىشىنى ئىپادىلەپ مۇنۇ تەسىرلىك مىسرالارنى دېكلاماتسىيە قىلغان:

چۈجگۈنئوتلۇق، چىغ قاپلىغان جىلغىلاردا،

ئاھ نېتەيكى، بىرەر كېچە قونارمەنمۇ،

قېنىپ ئېچىپ مەجەننە[1]نىڭ سۇلىرىدىن،

شامە، تەپىيل[2] تاغلىرىنى كۆرەرمەنمۇ؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسەيلنىڭ مەككىنى مەدھىيلىگەن بۇ ئوتلۇق مىسرالىرىنى ئاڭلاپ، مەككىنى سېغىنىپ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى ۋە مۇنداق دېدى: ئى ئۇسەيل، كۆڭۈللەرنى بىر ئارامىدا قويساڭچۇ! دېگەنىدى.

ۋەتەنگە ھۆرلۈك ۋە شەرەپ كەلتۈرمەكچى بولغانلار

ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ياقلايدىغانلار ئەگەر بۇ پىكىر ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنى ئىشغالچىلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش؛ خەلقنىڭ قەلبىدە ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق روھى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى كۈچلۈك، غۇرۇرلۇق ۋە ئالىيجاناب كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بارلىقى بىلەن خىزمەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە بۇرچ دەپ قارىغان بولسا، بىز ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. چۈنكى ئىسلام دىنى بۇنىڭغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ»[3].

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۇئمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ»[4].

بىرلىكنى نىشان قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك

ۋەتەنپەرۋەرلىكنى قوللايدىغانلار ئەگەر بۇ پىكرى ئارقىلىق بىر دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنى خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەشنى مەقسەت قىلسا، بىز ئۇلار بىلەنمۇ بىر سەپتە تۇرىمىز. بۇنى ئىسلام دىنى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، قېرىنداش بولۇڭلار!»[5] دېگەن بولسا، ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى) سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق»[6].

فەتىھنى نىشان قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك

ناۋادا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ياقلايدىغانلار ئەللەرنى فەتىھ قىلىپ، يەر يۈزىدە ئىسلامىي ھاكىمىيەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئىسلام بىزنى بۇنىڭغا بۇيرىغان، فەتىھ قىلغۇچىلارنى ئەڭ بەرىكەتلىك فەتىھكە ۋە ئەڭ پەزىلەتلىك ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار (مۇشرىكلار) بىلەن ئۇرۇشۇڭلار»[7].

گورۇھۋازلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكى

ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ياقلايدىغانلار ئەگەر بۇ پىكرى ئارقىلىق خەلقنى ئۆز ئارا جېدەللىشىدىغان، بىر-بىرى بىلەن بوغۇشىدىغان، ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، بىر-بىرىنى قارىلايدىغان ۋە بىر-بىرىگە توزاق قۇرىدىغان گۇرۇھلارغا بۆلۈشنى؛ ئۇلارنى نەپسانىي ئارزۇلار ئۈچۈنلا چاپىدىغان، ئۆزگىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلىپ پارچىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بىلسۇنكى، بۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت دۈشمەننىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ پىكىر خەلقنى ھەق ئۈستىدە بىرلىشىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ، باتىل ئۈستىدە بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇلارنى ئۆز ئارا مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. ئارىدىكى رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، زىيارەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر يەرگە جەم بولمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ يالغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بولۇپ، نە تەشەببۇسچىلىرىغا، نە خەلق ئاممىسىغا ھېچبىر پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.

سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەك، بىزمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ياقلايمىز. ھەتتا دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق ھەرقانداق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھەممىدىن كۈچەپ تەرغىب قىلىمىز. ئەمما بىز ياقلاۋاتقان بۇ كەڭ ۋە تىرەن مەنىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىسى ئەڭ ساغلام ئىسلامىي تەلىماتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان.

ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ دائىرىسى

 بىزنىڭ باشقا ۋەتەنپەرۋەرلەردىن پەرقىمىز شۇكى، بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزگە ئېتىقاد دائىرە بەلگىلەپ بېرىدۇ. باشقىلار بولسا زېمىن ۋە جۇغراپىيىلىك زونىلارغا باغلاپ چۈشىنىدۇ. مۇسۇلمان ياشايدىغان ھەرقانداق تۇپراق بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ھېسابلىنىدۇ ۋە بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلۇغ، مۇقەددەس بىلىنىدۇ. بىز ئۇ تۇپراقلارنىمۇ سۆيىمىز، ھۆرمەتلەيمىز؛ ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار بىزنىڭ ئائىلىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز. شۇڭا ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە كۆڭۈل بۆلىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئورتاقلىشىمىز.

ئەمما باشقا ۋەتەنپەرۋەرلەر بۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىنغا ۋە شۇ زېمىننىڭ ئىچىدىكى رايونلىرىنىڭلا ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئارىمىزدىكى بۇ ئەمەلىي پەرق مۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ: قايسىدۇر بىر خەلق باشقا بىر خەلققە تاينىپ ئۆزىنى كۈچەيتمەكچى بولسا، بىز ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئەللەرگە تايىنىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە يول قويالمايمىز. بەلكى بىز ئورتاق كۈچىيىشنى ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى ئىستەيمىز. نوقۇل ۋەتەنپەرۋەلىك داۋاسى قىلىۋاتقانلار باشقىلارغا تاينىۋېلىشتىن قىلچە تەپ تارتمايدۇ. مانا مۇشۇ نۇقتىدا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ، كۈچى ئاجىزلىشىدۇ، دۈشمەنلەر ئۇلارغا بىر-بىرىنى قىردۇرىدۇ.

ۋەتەنپەرۋەلىكىمىزنىڭ مەقسىتى

مانا بۇ باشقا ۋەتەنپەرۋەرلەر بىلەن ئارىمىزدىكى بىرىنچى پەرق. ئىككىنچى پەرقكە كەلسەك، باشقا ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى پەقەت ئۆز دۆلىتىنىلا قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ھازىرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئۆز دۆلىتىنىڭ ماددىي مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، بىز بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەربىر مۇسۇلمانغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ۋە ۋەزىپە ئىكەنلىكىگە، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن جېنى ۋە مېلى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئىنسانىيەت ئىسلام نۇرى ئاستىدا توغرا يولنى تاپالايدۇ ۋە ئىسلام بايرىقى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە لەپىلدەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلار بۇ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نە مال ۋە شۆھرەت قازىنىپ، باشقىلارنىڭ ھۆرلۈكىنى تارتىۋېلىشنى؛ نە باشقىلارنى ئۆزىگە قۇل قىلىۋېلىشنى كۆزلىمەيدۇ. بەلكى پەقەت رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، دۇنيانى ئۇنىڭ دىنى بىلەن بەختكە چۆمدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ كالامىنى ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنى پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئەڭ تېز، ئەڭ ئادىل، ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ پەزىلەتلىك فەتىھلەرگە مۇيەسسەر قىلغىنى دەل مۇشۇ مەقسەت ئىدى.

بىرلىك

شۇنى سەمىڭلەرگە سېلىپ قويايكى، دائىرە ھالقىغان چوڭ مەنىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشەببۇسى ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر مىللەتنى بۆلۈۋېتىدۇ، مىللەت ئىچىدە تەپرىق ۋە نىزا پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىغۇچىلارنىڭ بۇ قارىشى پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام دىنى بىرلىك، تەڭلىك، باراۋەرلىك دىنى بولۇپ، كىشىلەر ياخشىلىق ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ ئۆتسىلا، (ئىسلام دىنى) جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئارىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ»[8].

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، بۆلگۈنچىلىك نەدىن كېلىدۇ؟ يۇقىرىقىلاردىن بىزنىڭ دۆلىتىنى سۆيىدىغان، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئالغا باستۇرۇش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ يەتتىڭلارمۇ؟ بىز بۇ يولدا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلارنى قوللايمىز ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. ھەتتا شۇنىمۇ بىلىپ قېلىڭلاركى، ئەگەر ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ۋەتىنىنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» ئۈچۈن بۇ پەقەت نىشاننىڭ بىر قىسمى ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بىر باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» ئۇلۇغ قۇرئان بايرىقىنىڭ ھەر يەردە لەپىلدىشى ئۈچۈن تىنماي خىزمەت قىلىدۇ.

 

 مەجەننە – مەككىدىكى بىر بۇلاقنىڭ ئىسمى.[1]

 مەككىدىكى ئىككى تاغنىڭ ئىسمى.

 سۈرە مۇنافىقۇن، 8 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[3]

 سۈرە نىسا، 141 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[4]

 بۇخارى (نىكاھ بۆلۈمى): 45؛ (ئەدەب بۆلۈمى): 57، 58؛ (پەرز بۆلۈمى): 2؛ مۇسلىم (ئەدەب بۆلۈمى): 28 – 34.[5]

 سۈرە ئال ئىمران، 118 – ئايەت.[6]

 سۈرە بەقەرە، 193 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[7]

 سۈرە مۇمتەھىنە، 8 – ئايەت.[8]

بۇ تېما 317قېتىم كۆرۈلدى